- تىزىملاتقان
- 2013-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 245
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
81.67%
|
بارلىق نارازىلق پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىمەن . ئەسلى چىشلەپ تارتقۇم يوق ئىدى . ..
ھەي... نېمە دېسەم بولار ؟! ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا دەيمەن ،سىزمۇ ھەم شۇنداق . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم :‹‹ھەسەلنى يەۋەرسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ›› ،شۇ بويىچە داۋاملىشىۋەرسە ئاخىرىغا بېرىپ جانغا زامىن زەھەرگە ئايلىنىدۇ . بىز نېمىشقا پەقەت بىر ساھەگىلا ئېسىلىۋالىمىز . توغرا ، سەنئەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ . ئاماننىساخاندىن تارتىپ ھازىرقى ئابدۇللالارغىچە بىزنىڭ پەخرىمىز دەپ قارايمەن . بۇنىڭدىن ئەسلا تانمايمەن . لېكىن ، بۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى پەقەت شۇ ناخشا ــ ئۇسسۇل بىلەنلا تەرەققىي قىلامدۇ؟! مەن ئادەتتە ‹‹ناۋا›› كۆرمەيمەن . شۇ ،دەرسىنى پۇختا تەكرار قىلماي ، ھەپتىدە قانچە قېتىم بەرسە شۇنچە قېتىم تېلۋوزۇرغا چاپلىشىپ ئولتۇرىۋالغان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىنى ــ سىڭىللىرىمغا قاراپ ئىچىم سېيرىلىۋاتىدۇ . بالىسىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بىللە ئۆگىنىدىغاننىڭ ئورنىغا ھەپتىدە نەچچە قېتىم بەرسە شۇنچە قېتىم تېلۋۇزۇرغا چاپلىشىپ ئولتۇرغان ئاتا ــ ئانىلارنىڭ ھالىتى نېرۋامنى ئۆرلىتىۋېتىپ بارىدۇ !!! ئولتۇرغان ــ تۇرغان يېرىدە ‹‹ناۋا››نىڭ ، تاغدىكى چارۋىچىغا قوشۇپ بېرىۋەتكەن قوي ــ كالىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ ، ئارزۇلاپ تاپقان بالىسىنىڭ ئەخلاقى ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى مەۋسۇمدە بىرەر قېتىم سۈرۈشتۈرۈپ قويمايدىغان شۇ كۆپ سانلىق ئاتا ــ ئانىلارغا قاراپ ....
ھەي بولدىلا ...
ئەگەر مۇشۇنداق ئىشلاردا بەس ــ مۇنازىرە قىلشماقچى بولساڭلار ، مانا مەن تەييار . نەچچەيلەن بولسا مەيلى . مانا مەن يەككە ئۆزۈم مۇنازىرىگە چىقىمەن . قېنى مەخسۇس تېما يېزىپ ، مېنى مۇنازىرىگە چاقىرىڭلار . نەچچە ئادەم بولسا مەيلى ....... ھېچكىم مەن تەرەپ بولمىسۇن !!!! |
|