فىزىكىلىق ئالەم
قاسىم سىدىق
كىلاسسىك ئىدىيىلەر «ئالەم»نى «بارلىق»، «ھەممە» دەپ چۇشۇنۇدۇ ۋە ئونى «ماددا»، شۇنداقلا «ماكان»دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقىلىنىدىغان ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلىگى دەپ قارايدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئالەم» قارىشىمۇ ئېينشتيىندىن ئىلگرىكى (ئارستوتىلدىن باشقا) يۇقۇرقىچە ئالەم قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
«ماددا» ۋە «ماكان»دىن ئىبارەت بۇ خىل ئىككى مەنبەنىڭ خۇسۇسيەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەسۋىرلىسەك، «ماددا» ئۆزى چەكلىك، ھەجىمى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىق، ماكان بولسا ئومومىلىقتا چەكسىز، ھەربىر كونكىرتلىقتا چەكلىك، جىملىغى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت. يۇقۇرقى تەشەببۇستىن شۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇكى؛ بىز «ئالەم»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەندە نوقول «ماددا»دىن ئىبارەت بىر قاتلام (مەنبەنى)كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق ياكى ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت بىر پۇتۇن ئالەمنى كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق؟- بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. بۇ يەردە شۇنداق ئىتىشقا بولىدۇكى؛ ماددا ۋە ماكاندىن تۈزۈلگەن بىر پۇتۇن ئالەم چەكسىز ئالەم بولۇپ ئۇنى پەلسەپەۋى ئالەم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۇنكى پەلسەپەنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى «ھەممە» بولۇپ كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى «ھەممە»نى تەتقىق قىلىپ ئولتورمايدۇ. ماكاننىڭ ئومومىيلىقتا (بىر پۈتۈنلۈكتە) چەكسىزلىگى بۇنداق پەلسەپەۋى ئالەمنىڭ چەكسىزلىگىنى بەلگىلىگەن.
كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى، جۇملىدىن فىزىكا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئۇچۇن ماددا بولمىغان ۋە ماددا ھەركىتىنىڭ يىتەرلىك ئىھتىياجدىن ھالقىغان «نوقۇل ماكان»نى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتى قىلمايدۇ. شۇڭا تەبىئەت پەنلىرى جۇملىدىن فىزىكا نەزىرىدىكى «ئالەم» ھامان چەكلىك بولىدۇ. ماددىنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارىنىڭ چەكلىكلىگى بىلەن بۇ ماددىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكاننىڭ ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگى «فىزىكىلىق ئالەم» (تەبىئەت ئالىمى) نىڭ چەكلىكلىگىنى بەلگىلىگەن. «فىزىكىلىق ئالەم» ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئاساسى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە.
بىزگە مەلۇمكى كىۋانتلىق فىزىكىلىق ئالەمنىڭمۇ ئىككى مەنبەلىك بولىشىنى شەرىت قىلىدۇ. يەنى «كىۋانىت» پەقەت فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى مەنىسىدىكى «ماكان» (يوقلۇق-ھەققىي بوشلۇق) شەرتى ئاستىدىلا ئاندىن رىئاللىققا ئاينىلالايدۇ.
فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھامان چەكلىك بولىدۇ دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، خالىغانچە يىراقلىقتا، قارمۇ-قارشى يونولۇشتە غايەت زور تىزلىكتە بىر –بىرىدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئىككى ماددى نوقتا بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلارنىڭ ئارلىغى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىككى ماددى نوقتىنىڭ ئارلىغىنى فىزىكىلىق ئالەمنىڭ رادىئوسى ۋە ياكى دىئامىتىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئوخشاشلا فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىدىكى ئاق قەغەز مودىلى2-ۋە 3-رەسىمگە ئىرىشىمىز.
فىزىكىلىق ئالەم كىڭەيگەنچە زىچلىقنىڭ كىمىيىپ باردىغانلىقى، تارايغانچە زىچلىقنىڭ ئارتىپ باردىغانلىقى- فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيىتتە كىۋانتلىغى ۋە ئىككى مەنبەلىكلىگىنىڭ يىتەرلىك دەلىلى. دىمەك، چەكلىك فىزىكىلىق ئالەم ئوخشاشلا ئىككى مەنبەلىك ئالەمدۇر. فىزىكىلىق ئالەم ئۈقۇمى تۇرغۇزۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيلاسۇپ بىلەن فىزىك ئوتتورىسىدىكى مۇنازىرە ئاياغلاشمايدۇ. بۇ ئۇقۇم تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ھەر ئىككەيلەن قانائەتلىنىدۇ.
ئەمدى قەپقالغىنى: ئالەمدىكى ماددىنىڭ (ماسسا –ئىنىرگىيە) مۇتلەق ھەجىمىنى نىمىلەرگە ئاساسەن بىكىتىش مەسىلىسى.
قارائۆڭكۇرنىڭ كىرتىك زىچلىغى ئاساسىدىكى مۇتلەق ھەجىم ئۇستىدە بىز دەسلەپكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچلىغى ئاساس قىلىنغان غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيمۇ ھىساپقا كىرگۇزۇلگەن (ئو مەۋجۇت دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا) ئالەمدىكى ماددىنىڭ مۇتلەق ھەجىمى ئۇستىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىز.
شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۇركى؛ فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ مىقداىنى ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇپ ئويلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بۇ نەزىرىيە «غەيرى نوقتا» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق غەلىتە بىر رىئاللىقنىڭ ئىھتىماللىغىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئونى ساقلىنىش قانونلىرى يەنىلا ئورۇنلۇق بولۇش شەرتى ئاستىدا بىر خىل مۇمكىنلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق ھەجىمنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىدىلا ئۆزگىرىش بولىدۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىگە پىرنسىپال قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. يۇقارقى ئاساسلارنى كۆزدە تۇتۇپ «فىزىكىلىق ئالەم» گە تۆۋەندىكىچە ئىنىقلىما بىرىشكە بولىدۇ:
فىزىكىلىق ئالەم ـــ چەكسىز ماكان (يوقلۇق) نى تاشقى چىگرا شەرتى قىلغان، ماددا (ماسسا- ئىنىرگىيە) ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۆلچەملىك، ئىككى مەنبەلىك چەكلىك مەۋجۇتلۇك.
فىزىكىلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسيەتلىرى:
1. گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمى ئۆزگۇرۇشچان بولىدۇ.
2. ئۆزگۇرۇشى دەۋرى بولىدۇ.
3. ھەرقانداق پەيىتتە ئىككى مەنبەلىك (قاتلاملىق) ھالتىدىن ئايرىلمايدۇ.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۇنى. |