قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 748|ئىنكاس: 4

شىرنىڭ قەپەسىتىن قىچىشى (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

715

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23838
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 00:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىرنىڭ قەپەسىتىن قىچىشى (ھىكايە)
تاسادىبىي يۈز بەرگەن بىر ئىش


بۈگۈن كەچ ئويۇن قۇيۇشقا كەلگەن ما تۈۋەنجاڭ ناھايتى تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،توساتتىن بىرىنىڭ قاتتىق توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ،چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.«چاتاق بولدى!شىر قېچىپ كەتتى!»دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ ماتۈۋەنجاڭنىڭ فامىلسى ياڭ بۇلۇپ،ئۆمەك باشلاپ بۇ ناھىيگە تېخى ئەتگەن كەلگەندى.ئۇ دەرھال ھويلىدىكى قەپەس تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.ھويلىدكى شىر قەپىسىنىڭ ئېشىكى ئوچۇق بۇلۇپ شىر ئاللىقاچان غايىپ بولغاندى.ئۇ دەرھال باش مۇلازىمغا ئىزدەش بۇيرىۇقى بېرىپ،ئۆزى ساقچىخانىغا دېلو مەلوم قىلغلى ماڭدى.
ساقچىخاندا،ياش بىر ساقچى نۆۋەتچىلىك قىلۋاتقان بۇلۇپ،لاۋياڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئويقۇ باسقان كۆزلىرى نۇرلىنپ كەتتى.لاۋياڭغا ھومىيىپ«نىمە دەۋاتسەن؟شىر قېچىپ كەتتى؟راستىنلا شىرما؟»دەپ سورىدى.
لاۋياڭ ئېختىيارسىز باش لېڭشىتىپ:«ھەقىيقەتەن تۇغرا،بىر شىر قېچىپ كەتتى.»
ياش ساقچى جددىيلەشكىندىن تىترەپ كەتتى.لاۋياڭغا دەرھاللا:«سەن دەرھال قايتىپ شىرنى ئىزدە،مەن دەرھال يۇقۇرىغا مەلوم قىلاي،بۇ بىر چوڭ ۋەقە !»دىدى.
قىززىق ئىش،لاۋياڭ ھويلىغا قايىتىپ كىرىپ،چۆچۈپ كەتتى.شىر قەپەسكە قايتىپ كەلگەندى.ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋلىۋىتىپ،يەنە قارىدى.تۇغرا دەل يۇقالغان شىر شۇ.ئۇ دەرھال قايتىپ كىلىش سەۋەبىنى ئويلاپمۇ ئۈلگۈردى.ئۇنىڭچە:بۇ شىر تۇغۇلۇشتىن تارتىپ،ھازىرغىچە ئادەملەر ئارسىدا،تەييار يىمەكلىك بىلەن بېقىلغاچقا،ئۇنڭىدا ياۋايلىق يوق،قارىغاندا،ئۆز «ئۆيى» ياخشى بىلىنگەن ئوخشايدۇ- دەپ ئويلىدى.
لاۋياڭ غوجدارنى تازا تىللىغاندىن كېيىن،بۇ ئىشنى ساقچىخانىغا مەلوم قىلىشنى ئويلىدى.دەل شۇ ۋاقىتتا،ساقچى ماشنىسىنىڭ غۇيۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى.ئاۋاز بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى.ئوزۇن ئۆتمەي،ھويلىغا بىر بۈلۈك ساقچىلار كىرىپ كەلدى.ئالدىدا،سىمىز،پاينەكۋاش بىرى يول باشلاپ كەلمەكتە،قارىغاندا،باشلىقىدەك قىلاتتى.دەرۋەقە،ئۇ پاينەكۋاش كىلىپلا ئۆزىنى ناھىيلىك جىددى ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې دەپ تۇنۇشتۇردى.
لاۋياڭ ئالدىراپ سۆز باشلاپ:«خې...خې مۇدىر،خىجىلمەن،سىزلەرنى ئەنسىرىتىپ قويدۇم.شىرنى ھېلراقتا قايتۇرۇپ كەلدۇق.»دىدى.
  نەق مەيداندىكى ساقچىلار غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟،خې مۇدىر بىر ئاز خاپا بولغاندەك،سىرغا بىر ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن:« بۇ نىمە قىلىق ئەمدى؟يېرىم كېچىدە ھەممىنى بىسەرەمجان قىلىپ؟».دىدى.بۇ ۋاقىتتا،ھويلىغا يەنە لىق بىر ماشنا قۇراللىق ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى ۋە ئاپراتلارنى كۆتۈرۋالغان مۇخپىرلار كەلدى دە- ھەممىسى «شىر قېنى؟ شىر قېنى؟»دەپ سورىدى.ئۇلار شىرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،لاسسىدە بۇلۇپ قىلىشتى.ئارىدىن بىر مۇخپىرنىڭ «ئادەمىنى ساراڭ كۆرگەندەك،يېرىم كىچىدە ئوقلىغىلىمۇ قويماي،نىمە ئىش بۇ »دىگەن سۆزى ئاڭلاندى.
  لاۋياڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،مۇخپىرغا كۈڭۈل ئىزھار قىلىغىلى ماڭدى.لېكىن بۇ كىشلەرگە ھەرقانچە قىلسىمۇ،زادىلا ئىشەنمدى.تەڭلىكتەقالغان لاۋياڭ،خې مۇدىرغا قارىدى.خې مۇدىرمۇ قەپەسىتىكى شىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«قانداق قىلىمىز؟» دەپ سورىدى.
لاۋياڭ كىكەچلەپ:«نې...مىنى قانداق قىلىمىز؟»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
   خې مۇدىر ئۆزىنى زورىغا بىسىپ:«ئاخپارات ۋاستىلىرىمۇ خەۋەر تېپىپ كەلدى،ھەتتا قۇتقۇزۇش ماشنىسىغىمۇ ھېلى كىلىدۇ.يەنە تېخى بۇنداق تاسادىبي ۋەقەلەرگە،بىرىنچى قول باشلىق چۇقۇم ئۆزى باش بۇلۇپ نەق مەيدانغا بېرىشى كېرەك. سەل تۇرۇپ خۇاڭ ھاكىم كېلىدۇ.ئۇ بۇ تۈردىكى ئىشلارغا مەسئول.سەن دەپپاقە،مەن قانداق قىلمەن؟»دىدى.
لاۋياڭنى تېترەك باسقىلى تۇردى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بىرلا ئۇقۇم :«شىر راستىنلا... راستىنلا قايتىپ كەلگەن تۇرسا!»دىگەن خىيال ئەگىپ يۈرەتتى.ياكى بولمىسا:« باشلىقىڭىزغا كەلمەڭ دەپ قويسىڭىزچۇ؟»دەپ سالدى.خې مۇدىر ئاچچىقىدا،قۇلىنى لاۋياڭنىڭ كۆزىگە سانچىپ تۇرۇپ:«سەن باشلىقىنى كىم دەپقالدىڭ؟ كەل دەپ كەلتۈردىغان،كەت دەپ كەتكۈزۋىتىدىغان،مېىنى ئوتقا ئېتترەي دەمسەن؟».
  لاۋياڭ:«بۇ...بۇ ...»دىگىنچە تۇرۇپلا قالدى.لاۋياڭ:«بۇ...بۇ ...»دىگىنچە تۇرۇپلا قالدى.
خې مۇدىر تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ:«ياڭ تۈۋەنجاڭ سىزنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ،چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.» لاۋياڭنىڭ بېشى چۈشۈپلا كەتتى.باشلىرى زىڭىلداپ،تىللىرى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى.يەنە نىمە«چۈشۈندۈرۈشكەن ئۇ، شىرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى راسىت تۇرسا،مىنى يەنە نىمە قىل دەيدىكەن ؟». خې مۇدىر قول بىلەن ھېلىقى شىرنى كۆرسىتىپ «قۇيۋىتىڭلار»دىگەن ئىشارەتنى قىلدى.
  لاۋياڭ بۇنى كۆرۈپ،يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.خې مۇدىر ئاچچىق قىلىپ:«بىز ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇق،يەنە نىمىدىن قورقىسەن؟بىز شۇنچە كۆپ ئادەم شۇ بىر شىرىڭدىن قورقامدۇق؟» دىدى.
   لاۋياڭ ئىككىلىنىپ قالدى.مۇبادا بىرەر پالاكەتچىلىك يۈز بېرىپ قالسا،ئاقىۋىتىگە كىم ئىگە؟ ئەگەر شىرنى مۇشۇنداقلار قۇيۇۋەتسە،ئاخىرى قانداق بۇلار.خې مۇدىر :«خۇاڭ ھاكىم كىلەيلا دەپ قالدى... سەن نىمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرسەن،مەن ئۇ شىرىڭىنى ئۆلتۈرگۈزمەيمەن، خاتىرجەم بول!».
ۋاز كېچىشكە يول يوق
  ئىش بۇدەرىجىگە يەتكەندە،ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيتى قالمىغاندى.شۇنىڭ بىلەن،غۇجىدارغا قەپەس ئېشىكىنى ئېچىش بۇيرۇقىنى بەردى.ساقچىلارسەپ بۇلۇشۇپ تەييارلىق كۆرۈشتى.مۇخپىرلارمۇ ئاپراتلىرىنى قەپەسكە تۇغۇرلاپ، خەۋەر بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.غەلىتە ئىش،ئەمدىلىكتە شىر سىرىتقا چىققىلى ئۇنمايۋاتاتتى.
لاۋياڭ ئامالسىزلىقتىن قۇلىغا كالتەك ئىلىپ،ئۇرۇنۇپ باقتى،كارغا كەلمىدى.لاۋياڭ پىشانىسىدكى تەرنى سۈرتىۋىتىپ،خې مۇدىرغا،«قانداق قىلىمز »دىگەن تەرىقىدە قارىدى.يەنە ئۇلاپلا:«مېنىڭ قارشلىشش نىيتىم ئەسلا يوق،لىكىن بۇ مەخلۇق چىققىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ-ئەمەسمۇ!» دىدى.خې مۇدىر ئېڭىكىنى سىلىۋىتىپ،«يەنە شىر بارمۇ؟»دەپ سورىدى.« ھەئە،بار بار. يەنە بىر قانچە ئانا شىر بار»دەپ جاۋاپ بەردى،لاۋياڭ.خې مۇدىر قول چىرىقى بىلەن قارىغاچ،«بەك كىچىككەن،ئىتچىلىكمۇ كەلمەيدىگەن،بۇلار كارغا كەلمەيدۇ،بولمايدۇ.»دىدى.قول چىراق يورىقىدا مۇدىرنىڭ كۆزى قەپەستىكى ئېيىققا چۈشۈپ قالدى ۋە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ:«بۇ ھەرھالدا بۇلىدۇ»دىدى.
  لاۋياڭ ئۆزىنى ناھايتى ئوسال ئەھۋالدا قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى.«بۇ ئېيىق ناھايتى ۋەھشىي...»دىدى.خې مۇدىر ئىككىلىنىپ قالدى.تۇغرا ئەمەسمۇ،ئۇ يەنە قەپەسكە قارىدى.ئۇنىڭ كۆزى ئانچە يىراق بولمىغان جايغا قۇيۇلغان قەپەستىكى يولۋاسقا چۈشتى.«يولۋاسقۇ بۇ!،بەك ياخشى بولدى،مۇ شۇ يولۋاس بولسۇن !»دېدى.
لاۋياڭ يىغلامسىراپ،قولىنى شىلتىپ،يولۋاسنى قۇيۋىتىشننى ئېيىتتى.بۇنىڭ دەرۋەقە ئۈنۈمى كۆرۈلدى،قەپەس ئېشىكى ئىچىلىش بىلەن تەڭ،يولۋاس ئېتىلىپ چىقتى.ئەمما،مۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا چۆۈپ قالدىمۇ قانداق،ھويلىدىلا ئايلىنىشقا باشلىدى.خې مۇدىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،يىراقراقتىن يولۋاسىنى قورشاپ تۇرۇش ئىشارىسى قىلدى.
يولۋاس ھويلا ئىچىدە ئايلىنىشتىن زېركىپ چوڭ كۇچا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى ئەمدى نىمە ئىش يۈز بىرەر دىگەنگە ندەك،يولۋاسقا ئەگەشتى.لىكىن بۇ ۋاقىتقىچە رەھپەرنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتى.لاۋياڭ ئەنسىزكۆزلىرىنى گاھ يولۋاسقا،گاھ چوڭ كوچا تەرەپكە قاراپ تۇراتتى.
كۈتۈلمىگەندە،كوچا دۇقمۇشى تەرەپتىن بىر توپ كىشلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى.كىيىملىرى رەتسىز،ھەتتا،ئوخلاش كىيىمى بىلەن كىلىۋاتقان كىشلەر توپى،لاۋياڭنى تېخمۇ تۈگىمەس خىياللارغا باشلىۋەتتى«نىمدىگەن كۆپ ئادەم بۇ؟يولۋاس بىرەر ئىش سادىر قىلمىغاندۇ؟ئۇلارنى يولۋاس يارلاندۇرغاندىمۇ يا؟»دەپ ئويلايىتتى. بۇ ۋاقىتتا،خې مۇدىر پەرۋاسىز قىياپەتتە،نىمىگە جىددىيلىشىسەن،رەھپەرلەر ھازىرلا كىلىدۇ!.
لاۋياڭ ئەنسىرەپ:« رەھپەرلەرمۇ نىمىشقا كەلسە كىلىپ بولمايدىغاندۇ؟مۇبادا تاڭ ئېىتپ كىتىپ قالسا، ئىش تېخىمۇ يۇغىناپ كەتمەمدۇ؟»دېدى.
خې مۇدىر،لاۋياڭنى ئالدىغا تارتىپ قۇلىقىغا:«خاتىرجەم بول! بۇ كىشلەرنىڭ ھەممىسى بۈلۈم،تەشكىلات خادىملىرى،مەن ئۇلارنى ئەتەي ئاممىغا ئوخشاش ياساندۇرغان»دەپ پىچىرلىدى.
لاۋياڭ ئىچىدە«قايسى ۋاقىت بۇ،مەن ...مەن سىلەرگە ھەقىيقەتەن قايىل بولدۇم»دەۋەتتى.
خۇداغا شۈكۈرى،كۈتكەن ۋاقىت ئاخىر كەلدى.رەھپەرلەر ئولتۇرغان ماشنا چوڭ كوچا دۇقمۇشىدىن سولغا بۇرۇلدى.ئۇزۇن ئۈتمەي،ماشنىدىن سىمىز بىرى چۈشىشى بىلەن تەڭ:«يولداشلار! ئەنسىرىمەڭلار!»دىدى.
خې مۇدىر ئالدىراپ دوكلات قىلىشقا ماڭدى.رەھپەر يولۋاسنى كۆرۈپ:«بۇ شىر ئەمەسكەنغۇ؟قانداقسىگە يولۋاس بۇلۇپ قالدى؟»دەپ سورىدى.
خې مۇدىر:«بىزنىڭ نۆۋەتچى خادىم جىددىيلىشىپ كېتىپ،يولۋاسنى شىر دەپ مەلۇم قىپتۇ ئەمەسمۇ؟»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
رەھپەر باشمالتىقىنى چىقىرىپ ياخشى دىگەچ:«يولۋاس ياكى شىر بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر،پۇقرالىرىمىزنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان سالسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە»،«نەق مەيدانغا قۇماندانلىق قىلىش شىتابى قۇرۇلدى،ئۇرنى بىز ئولتۇرغان ماشنىدا»دەپ قۇشۇپ قويدى.ئۇنىڭغىچە،ساقچىلار ئەتراپقا ئاگاھلاندۇرۇش لېنتىسىنى بېكىتىپ بولدى.
ئۇزۇن ئۈتمەي،بىر قانچە ئوت ئۈچۈرۈش،جىددىي قۇتقۇزۇش ماشنىسى كەلدى.
كىم-ئەيىبلىك
كۆز ئالدىدىكى بۇ كىچىككىنە ئىش يوغناپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە،لاۋياڭ يولۋاسنىڭ غىمىگە چۈشتى.خې مۇدىر رەھپەرگە بىردانە دۇربۇن ئەكلىپ بەردى.دۇربۇندا،يولۋاس تېخىمۇ ۋەھشىي،قۇرقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈپ كەتتى.ۋە خې مۇدىرغا:«بۇ يولۋاس ناھايتى خەتەرلىككەن!»دىدى.لاۋياڭنىڭ شۇ تاپتا،ھەممىسى قۇرۇق گەپ،سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار زادى نىمە؟دەپ سورىغۇسى كەلدى.دەل شۇ ۋاقىتتا،يولۋاش قەپەس تەرەپكە قاراپ ماڭدى.رەھپەر لاۋياڭدىن:« يولۋاش نىمە قىلماقچى؟»دەپ سورىدى.لاۋياڭمۇ جاۋابەن:«يولۋاسنى ئۇيقۇ بىسىپ قاپتۇ،قايتىپ ئارام ئالماقچىكەن»دەپ جاۋاپ بەردى.كىم بىلسۇن،رەھپەرنىڭ قوشمىلىرى تۈرۈلۈپ:«بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟»دەپ ۋارقىراپ سالدى،ۋە ماشنا تەرەپكە قاراپ،«كىتەيلى!بېىرپ ئويقۇمىزنى ئوخلايلى،مەن بۇئىشنى تەستىقلىمايمەن!»دىدى.
لاۋياڭ خۇددى بىشىدىن سۇ قۇغاندەك ،بەدىنىنى تىترەك بېسىشقا باشلىدى.ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ساقچىلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ،يولۋاسنىڭ قايتىش يۇلىنى توستى.بۇ ۋاقىتتا،قايتىشقا تەييارلىنۋاتقان رەھپەر بۇنى كۆرۈپ،لاۋياڭغا:«يولۋىسىنىڭ ئازراق ھەيۋىسىمۇ يوقمۇ؟يولۋاسقا ئوخشىمايلا قاپتۇ!»دىدى.لاۋياڭ بۇنى ئاڭلاپ:«ئا...ئامال يوق،ئېھتىمال قورقۇپ كەتكەندۇ...»دەپ قويدى.بۇنداق بۇلىشنى كۈتۈپ تۇرغان خې مۇدىر دەرھاللا:«بولمىسا،سۇ پۈركۈپ ئازراق سەگىتىپ قويمايمىزمۇ؟»دىدى. بۇ ۋاقىتتا،لاۋياڭ بۇ قىرى تۈلكىنىڭ تاپمايدىغان ئامالى يوقكەن،ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرەي دىگەن خىيالغا كەلدى.
ۇ ۋاقىتتا،لاۋياڭ بۇ قىرى تۈلكىنىڭ تاپمايدىغان ئامالى يوقكەن،ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرەي دىگەن خىيالغا كەلدى.
ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى شۇ چىچىشى بىلەن،يولۋاس تۆت ئەتراپقا سەكرەپ،مۇھاسىرىدىن چىقىپ كىتىشكە ئۇرۇندى.بىردىنلا ھويلا جانلىنىپ كەتتى.لاۋياڭ كۈڭلىدە:«ھەي،يولۋاس،سىنى نەس باستى! بۇ ئۆلگۈر شىر قويغان ئوتقا ئەمدى سەن قالدىڭ ئەمەسمۇ؟»دەپ ئويلاپ قالدى.بىر پەس «قىزىقچىلىق»يولۋاسنى تازا ھاردۇردى.ئاۋياڭنىڭ ئىچى ئاغرىپ كىتىپ رەھپەردىن :«يولۋاسنىڭ ئەمدى قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى،بۇنىڭغا رەھىم قىلسىڭىز »دەپ ئۈتۈندى.رەھپەر:«يولۋاسنىڭ مىڭىپ قەپەسكە كىرىپ كىتىشىگە بولمايدۇ!»دىدى.لاۋياڭ،«ئەمسە،قانداق قايتىدۇ؟» دەپ سالدى.
  رەھپەر:«بىزنىڭ بۇيەرنى نىمە بىلىپ قاپتۇ؟يولۋاسلار مەھەللىسى ئەمەس-بۇ،خالىغاندا قايتىپ،خالىغاندا چىقىپ كىتىدىغان!ياق،يولۋاس يىتىپ تۇرۇپ قايتىدۇ!»دىدى.
  لاۋياڭ يەرگە يىقىلىدى،رەھپەردىن:«ئۈتۈنۈپ قالاي،ئۇنىڭغا رەھىم قىلىڭ؟» دەپ يىلىندى.
«سەن خاتىرىجەم بول! مەن ئۇنىۇ جىنىنى ئالمايمەن»دىدى.خې مۇدىر تۇلۇقلاپ:«يولۋاسقا تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرساق،ئۈنۈمى قانداق بۇلار»دەپ قۇشۇمچە قىلدى.
رەھپەر كەسكىن تەلەپپۇزدا،«بىز بىلەن شەكسىز ھەمكارلىشىشىڭ كېرەك!»دىدى.لاۋياڭ،قاققان قوزۇقتەك ئورنىدىلا قالدى.يولۋاس بىرھازا تىركەشكەندىن كىيىن،ئوكۇلىنىڭ كۈچىدە ھوشسىزلىنىپ يەردە يىتىپ قالدى.مۇخپىرلارنىڭ قۇلىدىكى ئاپراتلار تارسىلدىتىپ رەسىمگە تارتىشقا باشلىدى.
تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندىلا،ئاندىن يولۋاس «ئۆيى»گە قايىتتى.ئەتىسى چۈش بىلەن تەڭ يولۋاش ئەسلىگە كەلدى.لاۋياڭ خۇشاللىقىدا،ياخشى،ياخشى،ھازىرچە ئارام ئالغىن،كەچتە ئويۇن قويغىلى بارساق قانداق دىگەنلەرنى ئويلىدى.
  كىم بىلسۇن،خې مۇدىر تىلفۇن ئۇرۇپ:«ۋاقتىنچە ئۇيۇن قۇيۇشقا بارماي تۇرۇڭلار،ئاۋۋال سەن ئىككى ئادىمىڭنى دۇختۇرخانىغا ئەۋەتىپ،يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھپەرلەرنىڭ ھال سورىشنى قۇبۇل قىلىشقا تەييار تۇرسۇن!»دىدى.لاۋياڭ،ھاڭۋىقىپلا قالدى،«خې مۇدىر،بىزنىڭ ئادەملىرىمىز يارلانمىغانغۇ؟»دەپ سورىدى.خې مۇدىر:«مەن بىلىمەن،سەن چۇقۇم مەن دىگەندەك قىل»دىدى.
  لاۋياڭ يەنە بىر نەرسە دىمەكچى بولدىيۇ،لىكىن بولدى قىلدى.خې مۇدىر لاۋياڭنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشەنگەندەكلا«بىزنىڭ بۇ تاساددىبىي ۋەقە بىر تەرەپ قلىش ئەترىتىمىز تېخى يىقىندىلا قۇرۇلغان،بىز بىرەر خىزمەت كۆرسىتىشكە مۇھتاج بۇلۇپ،يارلانغان ئادەم سانىنى كۆپرەك مەلوم قىلغان.تۈنۈگۈن،يولۋاس بىلەن ئىلىشىپ يارلانغان كادىرلىرىمىز ھازىر دۇختۇرخانىدا،سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ!».
لاۋياڭ ئەمدى،ئىشنىڭ تىگى تەكتىگە يەتكەندەك،يىنىڭ ئۇھ تارىتتى.لىكىن ئۇنى يەنە قايسى قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى تېخى نامەلوم ئىدى...





ساتتار ئىسمايىل تەرجىسىمى
2013-12-17

0

تېما

0

دوست

120

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23971
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇجاھان نېمانداق رەڭۋازلېشىپ كەتتى ھە!بولوپمۇ ئۇلار.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

4

دوست

6866

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1781
توردىكى ۋاقتى: 429
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتنىڭمۇ توققۇزى رەڭ بىلەن بىرى راست ئىش بىلەن بولامدۇ نىمە؟ يولۋاس،باشلىق...لار راست، تۇغدۇرۇلغان ۋەقەلەر رەڭ شۇنداقمۇ؟

0

تېما

0

دوست

739

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15428
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 212
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 18:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان تۈزىلەر بۇ ئالدامچىلار

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24123
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 18:05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىدىكى  قېرىنداشلار …ھەممىڭلارغا  ئەلتۈركجاندىن ئوتلۇق سالام  

ئاپتۇرغا: مەن   بۇ تىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم   شۇڭا   مۇنىرىمگە كۆچۈرۈپ يوللاپ  قويدۇم …  رەھمەت    ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن…

ئەلتۈرك مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )