قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1251|ئىنكاس: 8

شانىيازنىڭ چېنىقىش پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇيىل كىرگەندىن بۇيان شانىيازنىڭ ئۇششاق چۇششەك ئاغرىقى توللاپ قالدى . بۇ خىل ئاغرىق سىلاقلار شانىيازغا تەبئىلا چېنىقىش بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئەسلەتتى . شۇنداق ئوتتۇز ياشتىن ئاشقاندا چېنىقسا بۇنىڭ پايدىسىنى ئاللاھ خالىسا ئاتمىش ياشقا كىرگەندە كۆرىدىغان گەپ . ھازىر ئادەملەر ئاتمىش ياشقا كىرگەندە چېنىقشنى باشلايدۇ ، يەنە 20 يىلىدىن كىيىن پايدىسىنى   كۆرۇش نىسىپ بولسا كۆرىدۇ بولمىسا  شانىياز ئەنە شۇنداق  خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ بىر چېنىقىش پىلانى تۇزەپ چىقىتى .
                              شانىيازنىڭ تۆت پەسىل چېنىقىش پىلانى

1. شانىياز  بۇگۇندىن باشلاپ يۇگرەيدۇ ،
2. يۇگرۇش خوشياقمىسا ئارغامچا ئاتلاپ تاقلىسىمۇ بولىدۇ .
3. ئارغامچا تاقلىغۇسى كەلمىسە قولىنى يۇز قېتىم يۇمۇپ ئاچىسىمۇ بولىدۇ .
4. ئۇمۇ خوشياقمىسا تەكەخان  شانىيازنىڭ پۇتۇنى تۇتۇپ تۇرسا 30 قېتىم قوساق قاتلىسمۇ بولىدۇ .
5. قوساق قاتلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆزى يەتمىسە يەر بېغىرلىسىمۇ  بولىدۇ ،
6.تەكەخاننىڭ يەر بېغىرلىغاننى ساناشقا ۋاقتى يەتمىسە شانىياز  بەشىنچى ئۇچ ئۆسمۇرلەر رادىئو گىمناستىكىسى ئوينىسىمۇ بولىدۇ ،
7. ناۋادا يوقۇرقىلارنىڭ ھېچقايسىسى خوشياقمىسا شانىياز پۇتۇنى ئۇزۇن سۇنۇپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ تاغ چوققىسىغا چىقىشنى تەسەۋۋۇر قىلسىمۇ بولىدۇ .


شانىياز بۇ ئاجايىپ چېنىقىش پىلانىنى يېزىپ چىقىپ ئالامەت خوش بولۇپ كەتتى ، مانا نىمە دىگەن ئەركىن نىمە دىگەن ئىختىيارى. تەكەخان ئوغىلى ئەمەتجاننى يەسلىدىن ئېلىپ كىلىشگە شانىياز چېنقىش پىلانىنى ئالدىراپ تەكەخانغا سۇندى ،
- قارا خاتۇن ئالامەت بىر چېنىقىش پىلانى تۇزدۇم ، بۇگۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرشىمەن . تەكەخان مۇنداقلا بىرەر قۇر كۆرۇپ چىققاندىن كىيىن پوسۇققىدە :
- سىزنىڭ بۇ ئۇسرۇق پىلانلىرىڭىزنىڭ بىرسىنىمۇ داۋاملاشتۇرالمايسىز ، ھەتتا يەتتىنچى پىلاننىمۇ داۋاملاشتۇرالمايسىز ، ھەممىسى ئۇسرۇق گەپ ، سىزدە ئەڭ زور كەمچىلىك داۋاملاشتۇرالماسلىق .................. تەكەخان سۆزلەۋېتىپ توختاپ قالدى ، ئەسلىدە شانىيازنىڭ غەزەپتىن كۆزىلىرى چوڭلاپ يۇزلىرى قىزىرىپ چىشلىرى غۇچۇرلاپ بىر مەيدان دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى توساتتىن ھىس قىلىپ قالدى ،
- ئەمەتجان ئەمەتجان نىم  قىلۋاتىسىز بالام . تەكەخان بىر تەرەپتىن ئەمەتجاننى چاقارسا بىر تەرەپتىن شانىيازنىڭ ئسىىگە ئۆتكەندە تۇزگەن شانىياز ئائىلىسنىڭ ئۇرۇش جىدەل كىلىشىمنامىسىنى ئەسلىتىۋاتاتتى . شانىيازنىڭ ئاچچىقى بېسىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى . تەكەخان ئازراق ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە ئۇنى بۇنى دەپ ئەپچىل ھالدا ئاشخانىغا كىرۋالدى ، دىمىسىمۇ ئۇرۇش جىدەل كىلىشىمنامىسىدىكى تولۇقلانغان ماددا ئايال كىشى ئاشخانىغا كىرۋالسا ئۇرۇشقا بولمايدۇ دىگەن بىر ماددا كۆپەيتىلگەن ئىدى .  تەكەخان ئاشخانىغا تېنىچ ئامان كىرۋېلىپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى ،  ئۆي تۇتقىلى يەتتە سەككىز يىل بولۇپ قالغان تەكەخان شانىيازنىڭ خۇي مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتى ، شانىيازنىڭ ئوڭايلا ئاچچىقى تۇتۇپ قالغىنى بىلەن ئاسانلىقچە ئاچچىقى كەتمەيتتى ، لېكىن بۇنىڭمۇ بىر ئامالى بار شانىياز ئاچچىقى كىلىپ يېرىلىپ كىتەي دىسىمۇ  ناۋات چاي ئىچسە ئاچچىقى يېنىپ كىتەتتى . تەكەخان بۇگۇنمۇ ئاشخانىدا ئالدىراش ناۋات چاي دەملەشكە تۇتۇش قىلدى .
           تەكەخان كومپۇيوتۇرنىڭ ئالدىدا تورغا چىقىپ بوغۇلۇپ ئولتۇرغان شانىيازنىڭ ئالدىغا گەپ سۆز قىلمايلا ئسىتاكانغا قېنىق دەملەنگەن ناۋات چاينى قويدى . شانىيازنى ناۋات چايدىن ئىككى ئوتلاپ تەكەخانغا قاراپ قوشمىسىنى تۇرۇپ قويدىدە  تورغا چىقىشمۇ خوشياقماي ئوبۇرنىغا كىرىپ كەتتى .
  ۋاي بۇ ئەدەم يېرىم سائەت بولدى ئوبۇرنىدىن چىقاي دىمەيدا ، نىم قىلۋاتقاندۇ ؟ تەكەخان سەل ئەنسىرەپ قالدى ، 40 مىنۇت ئۆتتى يەنە جىم ، تەكەخان ، ئەمەتجانغا ئۆگۇتۇپ قويدى ، :-دادا ئىشكىنى ئاچ مەن سىيىمەن . ئىشىك ئېچىلدى ، تەكەخان قارىسا شانىياز پۇتىنى تەلەڭگىدىكى ئىسىسق سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۋاتقۇدەك ، دادسى نىمە ئىش قىلۋاتىسىز ، دىدى تەكەخان ئەمەتجان يېنىپ چىققاندىن كىيىن  سەن قارنى چوڭ چىقىپ كەت !كۆرمىدىڭمۇ پۇتۇمنى ئىسىسق سۇغا چىلاۋاتىمەن ،
  شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۇپ كەتتى شانىياز ھەر كۇنى كەچتە پۇتىنى ئىسسق سۇغا چىلايدىغان بولىۋالدى . قىززىق ئوغلى ئەمەتجان بىر نەچچە كۇن تازا دىققەت قىلىپ تۆنۆگۇن تۇيۇقسىزلا بىر كىچىك تەلەڭگىنى تېپىپ كىلىپ  دادسىنىڭ يېىنىدا پۇتىنى سۇغا چىلاپ تاللا بازارنىڭ رەسىملىك ئېلان قەغىزنى دادسىنىڭ كىتاپ ئوقۇشىنى دوراپ ئەستەيىدىللىق بىلەن كۆرگىلى تۇردى . تەكەخان باشتا بۇلارنىڭ نېرۋىسى قوداڭشىپ قاپتۇ دەپ كارى بولمىدى ، ئەمما ئۆيدىكى بارى يوق ئۇچ ئادەمنىڭ ئىككىسى ئوبۇرنىغا كىرىپ پۇتنى سۇغا چىلۋالسا ئوھوش سۆزلەشكۇدەك ئادەم بولمىسىمۇ بولمايدىكەن ما ئۆيدە ، بۇگۇن تەكەخان قازان بېشىدىكى ئىشلىرىنى تۇگۇتۇپ قارىسا ئاتا بالا ئىككىسلا پۇتنى سۇغا چىلۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەكەخان بۇ تايىنى يوق ئىشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ  ئاستا ئوبۇرنىغا كىرىپ تەرەت تۇڭىنىڭ ئاغىزىىنى يېپىپ ئۇسىتگە ئولتارغاچ شانىيازدىن سورىدى :
-ھەي ئەدەم  بىر ھەپتە بولدى ، توختىماي ھەر كۇنى پۇتۇڭلىنى سۇغا چىلايسىلەر، بىرەر ھېكمىتى بار ئوخشىمامدۇ بۇ ئىشنىڭ ؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق بولماي  ، بولمىسا باشلىق  دىگەنلەر  پۇت يۇغۇزۇپ كىلمىز دەپ نەمۇ نە چاپاتتىمۇ ؟
- ئەمما  باشلىقلار ئەڭ ئىسل مۇھىتتا سەتەڭ قىزلارغا يۇغۇزىدۇدە پۇتنى نەدە سىزدەك ئوبۇرنىدا يۇيغان با؟
   -مىششە دە با قانداق گەپ بامۇ ؟ ئاشۇ ساراڭ باشلىقلار بارىدىغان چىركىن يەرلەردىن بىزنىڭ ئوبۇرنى مىڭ پاكىز  ،سەن تەكەخاننىڭ تىرنىقىمۇ ئاشۇ ھۆتمە تۆشۇك بولۇپ كەتكەن سەتەڭ قىزلاردىن  مىڭ  ئەلا .........شانىياز يەنە نىمىلەرنىدۇ  دەپ قالدى ، شانىياز نىڭ ئويلىماي مۇنداقلا دە قويغان ئىككى ئېغىز سۆزىدىن ئالەمچە سۆيۇنگەن تەكەخان ياتاق ئۆيگە چىقىپ ئىشكنى چىڭ تاقاپ يوتقانغا پۇركۇنۇپ تازا شېرىن يىغلىۋالدى . بۇ ئۇنىڭ ئۆتكەن قېتىم شانىياز گۇل سوغا قىلغان چاغدىكى يېغىسىدىنمۇ ئۇزۇن بىر تاتلىق يىغا بولدى .

  - ھەي قانى چوڭ ، ھەي قانى چوڭ ، نەگە كەتتى بۇ ، ماڭا ناۋات دەملەپ چاي ئېلىپ كىر ، تەكەخان ئالمان تالمان كۆزىلىرىدىكى خوشاللىق ياشلىرىنى سۇرتۇپ  ، شانىيازغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى ، نىمە سىز ئوبۇرنىدا چاي ئىچمەكچىمۇ ؟  
- ئوبورنىدا بەڭگىلەر تاماكا چەكسە بولىدىكەنۇ مەن چاي ئىچسەم بولمامدىكەن دىدى شانىياز قەستەن قېرىشىپ ،
- ۋاي شانىياز غوجام دىسەممۇ دەي ، ساراي ئۆيگە بىر مەرھەمەت قىلىڭ ئاستىڭىزغا ئۇچ قات كۆرپە سالاي دادىسى . ھېي ئۇيات ئەمەسمۇ ئوبۇرنى ئەمەسمۇ بۇ

  مانا خاتۇن مەن ئۆزەمگە ماس كىلدىغان بىرىنچى چېنىقىش ئۇسۇلۇنى تېپىپ چىقتىم ، ئۇ بولىسمۇ پۇتنى ئىسىسىق سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۇش . مەن بۇنى ئۆزەمگە بەك ماس كىلىدۇ دەپ قارىدىم .
-پۇتۇنى سۇغا چىلاشمۇ چېنقىش بولامتىكى ؟
-چېنقىش بولماي ئەمىسە ، قاراپ تۇر مەن بىر يىل داۋاملاشتۇرىمەن ،  ھەتتا نەچچە يىل داۋاملاشتۇرىمەن ،
تەكەخان داۋاملاشتۇرالمايسىز ، بۇ مۇمكىن ئەمەس دىمەكچى بولىدىيۇ ئەمما ئۆزىنى بېسىۋالدى ، بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغىنىغا قارىغاندا بەلكىم دەپ ئويلىدى ئۇ ،

شانىياز داۋاملىق ئۆزىگە ماس كىلدىغان چېنقىش ئۇسۇللىرى ھەقىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ ، قىزىقساڭلار داۋاملىق شانىياز ھەقىدىكى ئۇچۇرلارغا قۇلاق سالغايسىلەر

0

تېما

0

دوست

3277

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 13:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4225
توردىكى ۋاقتى: 4329
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 13:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شانىياز قارىمنى تونۇپ قالدىم....

0

تېما

0

دوست

801

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10354
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 15:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ داۋاملاشتۇرۇش دېگەن گەپ بەك تەس ئوخشايدۇ. ناھايىتى قىززىق باشلايمىز،ھەپتىدىن كېيىنلا توختاپ قېلىۋاتقان...

1

تېما

4

دوست

2204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 17:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ چېنىقىش پىلانىمغا ئوخشاپ كىتىدىكەن

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 19:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شانىياز قارىم يەنە يېڭىچە بىر ئىش تېپىپتۇھە.

1

تېما

1

دوست

2004

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 13:06:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شانىياز خېلى بولدى، ھىچبىر ناۋاغا قاتنىشىشنىڭ گېپىنى قىممايدۇ- يا؟ قانچە كۈن قالدىكىنە؟ ھېساپلاپ باقسامغۇ 800كۈنچە قالدىمىكىن...

0

تېما

0

دوست

43

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24109
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )