- تىزىملاتقان
- 2013-5-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1141
- نادىر
- 0
- يازما
- 54
ئۆسۈش
14.1%
|
مۇراجەتنامە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىكەنمىز،بۇ
قىسمەتلەرنى بەزىدە ئۆزىمىز يېڭىشقا قۇربىمىز يەتسە، بەزىدە ئامالسىز باشقىلارنىڭ مۇھتاجلىقىغا چۈشۈپ قالىدىكەنمىز.نېمە ئامال؟
تۇرمۇش ھەممىگە بىزنى مەجبور قىلىدىكەن،بەزىدە باشقىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، بەزىدە باشقىلارغا ياردەم تىلەيدىغان
قولىمىزنى سۇنىدىكەنمىز،بىزنىڭ خەلقىمىز ئەزەلدىنلا بىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە سېخىلىق بىلەن باغرىنى ئېچىپ كەلگەن خەلق
مانا بۇگۈن بۇ ئىنىمىز كېسەل ئازابى تارتىۋاتقاندىمۇ نۇرغۇن ئاقكوڭۈل كىشىلىرىمىز قاراپ تۇرمىدى، ئىقتىسادى ياردەم قىلالمىغانلار
ئۇلۇغ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بىمارنىڭ ئىسمى: يۇسۇپ ئېلى،1987-يىل 8 -ئاينىڭ10-كۈنى پىچان ناھىيەلەمجىن بازىرى چۇۋانقىر مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
2013-يىل11-ئايدا ئۇشتۇمتۇت يېقىلىپ چۈشۈپ، جىددى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئويلىمىغان يەردىن ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇلدى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇرۇمچى 2-دوختۇرخانىداداۋالىنىپ جىددى يىلىك ئالماشتۇرۇشقا توغراكەلگەن، بىراق ئەسلىدىنلا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىكى بۇ ئائىلىنىڭ داۋالىنىش چىقىمنى كوتۇرۇشكە قۇربى يەتمىگەچكە 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىشقا مەجبور بولغان ،بىراق ئائىلىدە ئاپىسى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، شۇڭا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ،ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىكەن، ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان بۇ قېرىندىشىمىزغا ئەمدى ماددى جەھەتتىنمۇ بېسىم قوشۇلدى.لېكىن شۇنداقتىمۇ يۇسۈپجان ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى زەررىچە ئۈزۈپ قويمىدى.يۇسۈپجان ئېلىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاللا رىزاسى بىلەن بىر كىشىلىك ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇشىڭىزنى،مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ،ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ،مىھرىبان قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى،بىر ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىڭىزلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۇد قىلىمىز .
كونىلار «تاما-تاما كۆل بولار » دەپتىكەن،ئەزىز قېرىنداشلارغا شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى،كۈڭۈلنىڭ كىچىك،چوڭى يوق، بىزنىڭ
بەرگەن تامچىلىك كۆڭلىمىز يىغىلىپ كۆل بولىدۇ....................
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:0995-8339314
پوچتا بانكىسى كارتا نومۇرى:邮政卡号;6221888830001737751
|
-
-
|