قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 4

ئىككنجى نۆۋتلىك تاۋباۋ مۇھاكىمە -سۆھبەت يىغىنى خۇلاسىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

612

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22308
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 17:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاۋباۋ مۇھاكىمە  يىغىنى خۇلاسسى

     جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ سودا تور بىتى بولغان تاۋباۋ تورىنىڭ خىرىدارى 500 مىليۇن ئەتىراپىدا بولۇپ غايەت زور بىر چوڭ بازارنى شەكللەندۇردى .ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇ سودا تور بىتىدىن مال  سېتىۋالىدۇ . 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سودا سوممىسى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇدى . ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ئۇزۇندىن بىرى  تاۋباۋدا دۇكان ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. تاۋباۋ تورىدا دۇككان ئېچىش ئەمەلىي دۇكان ئاچقانغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار . تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن توختىماي ئۇگىنىش كېرەك . شۇڭا 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر دۇكاندارلار ئۆز-ئارا ئۇگىنىش ،ئۆز-ئارا قوللاش مەقسىتىدە تاۋباۋ دۇكاندارلار مۇھاكىمە –سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ باردۇق . تۆۋەندە ئىككىنجى قېتىملىق تاۋباۋ مۇھاكىمە-سۆھبەت يىغىن خۇلاسىنى ھۇزۇرۇڭلار سۇندۇق.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ8-كۈنى ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىمىزدا  ئىككىنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تاۋباۋ دۇكاندارلار مۇھاكىمە-سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ بېرىلىدى.  بۇيىغىنغا تاۋباۋدا دۇككان ئاچىدىغان قېرىنداشلار  ۋە  دۇككان ئىچىشقا قېزىقىدىغان قېرىنداشلار بۇ يىغىنغا  ئېشتىراك قىلىدى،  بۇ قېتىملىق  يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى . بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىق
تۆۋەندىكى تۆت نۇقىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە-ۋە سۆھبەت ئىلىپ باردۇق .  
1.تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشنى ئويلىشۋاتقانلار قانداق تەييارلىقىلارنى قىلىش كېرەك ؟
2.تاۋباۋدا دۇككان ئاچقۇچىلار قانداق قىلىپ سودا  ساننى ئاشۇرۇش كېرەك ؟
3.تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار قانداق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىلىپ بارىمىز؟
4. توردىن مال سېتىۋالغاندا قايسى نۇقىتىلارغا  دىققەت قىلىمىز ؟
دىگەن نۇقتىلار ئۈسىتىدە  مۇھاكىمە-سۆھبەت ئىلىپ باردۇق .
يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقىتى سائەت 7 دە باشلاندى . ئالدى بىلەن ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدىن ئەلگىيار ( بۇ قېتىمىقى يىغىنىڭ تەشكللىگۈچىسى ) يىغىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە يىغىن مەقستى  قاتارلىقىلارنى سۆزلەپ ئۆتتى .  بۇ قېتىملىق يىغىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى  : ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تاۋباۋدا دۇككان ئېچشىنى ئويلىشۋاتقان قېرىنداشلارغا تۈرتىكىلىك رول ئويناش .
ئاندىن كىيىن  بەرىكەت ، ئەلسۆيەر ، ئىلتايان قاتارلىق(بۇلار دۇكاندارئەمەس ) قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ تاۋباۋدا دۇكان ئېچىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئۆزلىرىنىڭ  توردىن مال سېتۋىلىش جەريانىدىكى تەجىرىبلەرنى ۋە دۇكاندارلارغا بولغان تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا سۆزلىدى .  ئىلتايان قېرىندىشىمىز ئالتە يىللىق تاۋباۋدىن مال سېتۋىلىش تارىخىغا ئىگە بولۇپ ئۆزىنىڭ  توپىلىغان بىلىملىرىنى قىسقا ، ئىخچام ، چۈشىنشىلىك قىلىپ 6 نۇقتىغا بۆلۈپ سۆزلەپ بەردى .  بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت  ئېيتىمىز .(ئىلتايان قېرىندشىمىز ئۆزىنىڭ  كۆز-قاراشلىرىنى  مۇنبەرگە يوللاپ قويدى )  تىمىسى :تاۋباۋ ئانالىرى
ئىككىنجى باسقۇچتا  دۇككان ئاچماقچى بولغانلار قانداق  تەييارلىقىلارنى قىلىش كېرەك ؟ دىگەن تىمىدا  مۇھاكىمە ئىلىپ باردۇق .  بۇ ھەقتە  يىغنچاقلانغان نۇقتىلار تۆۋەنىدىكىچە :
1. تاۋباۋ نۇمۇر ئىلتىماس قىلىش .
تاۋباۋ نۇمۇر ئىلتىماس قىلغاندا  ھىسابات ئىسمىنى ئويلىشىپ قويۇش . چۈنكى ئىككىنجى قېتىم ئۆزگەرتىكىلى بولمايدۇ . بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە  دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
يەنە  تاۋباۋ ھىسابات نۇمۇرى بىلەن تېلفونىڭىزنى ئۇلىغاندا  ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىگە بىجىرىگەن تېلفۇن نۇمۇرىنى ئىشلتىڭ .  
2.پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىلتىماس قىلىش .
تاۋباۋدىن ھىساب نۇمۇرى ئاچقاندا  تەڭ پۇل تۆلەش  گۆھىرىنى ئىلتماس قىلىدۇ ، بۇ چاغدا پۇل تۆلەش ھىساباتىنى ئاچقاندا  تېلفۇن بىلەن  ئىلكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنى  تاللايدىغان يەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .   ئالاھىدە تەۋسيە  ئېلكتىرونلۇق خەت ساندۇقى  ئىلتىماس  قىلىپ  ، شۇنى ھىسابات  نۇمۇرى قىلىپ ئىشلتىڭ . چۈنكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قېلىش  ئېھتىمالىڭىز چوڭ بولىدۇ .
3.دۇكان ئىلتىماس قىلىش .
دۇككان ئىلتىماس  قىلغاندا تاۋباۋدا بىرىدىغان ئىمتىھانلار بولىدۇ . شۇ ئىمتىھانلارغا ئوبدان تەييارلىق قىلىش . بەيدۇ تورىدا ئىمتىھاننىڭ جاۋابى بولىدۇ، كۆپىنچە كىشلەر شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ .  بىز دۇكاندارلارنىڭ ئالاھىدە تەۋسىيەسى  تاۋباۋنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى ئۆزىڭىز ئۇگىنىپ ئاندىن ئىمتىھان بىرىڭ . چۈنكى  دۇككان ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن مەسللەرنى ۋاقىتىدا بىرتەرەپ  قىلشقا زور پايدىسى بولىدۇ .
4.مال مەنبەسى .
مال مەنبەگە نىسبەتەن تەييارلىق ھەممىدىن مۇھىم .  ئىشەنچىلىك ۋە ئۇزۇن مەزگىلىك مال مەنبەسى مۇھىم . تاۋباۋدا  ئىككى خىل شەكلىدىكى مال بار . بىرى مەۋھۇم مال . مەسلەن تېلفون پۇلى ، تور ئويۇن پۇللىرى قاتارلىق  ، يەنە بىرى ھەققى مال مەسلەن : كىيىم –كىچەك  قاتارلىق ماللار
5. دۇككان بىزەش، مال چىقىرىش ۋە ئېلان ئىشلەش .
دۇككان بىزەش جەريانى ۋە مال چىقىرىش جەريانى  دۇكانداردىن  تور بىلىمى ۋە كومپىيوتىر بىلىمى  تەلەپ قىلىدۇ.  .  دۇكان ئاچقاندىن كېيىن توختىماي ئېلان بىرشىكە توغرا  كىلىدۇ .
6. سېتىش
تاۋباۋدا  دۇكان ئىچىپ مال سېتىش جەريانى ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ مال ساتقانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا   سېتىش بىلىملىرىنىمۇ ئۇگىنىش مۇھىم .
يۇقارىقى تەييارلقىلارنى ياخشى قىلغاندا  ئىشىنىمىزكى  تاۋباۋ دۇكاننى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ .
3. باسقۇچ تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار  قانداق قىلىپ ياخشى ھەمكارلىق ئورنتالايمىز ؟
  دۇكاندارلار ھەممسى ئۆزىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغان قويغاندىن كىيىن   بىز ‹روناق تاۋباۋ دۇكاندارلار ئىتىپاقى› نى قۇرۇپ چىقىتۇق .  بۇ ئىتىپاقىنىڭ  ئاساسىي مەقسىدى ۋە رولى تاۋباۋدا دۇككان ئاچقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنتىشنى ئىلگىلىرى سۈرۈش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش. ئۆز-ئارا تەربىيلەش ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بايراملىرىدا ھەرخىل ئىتىبارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە  ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىىش. .
‹روناق› دۇكاندارلار  ئىتىپاقىنىڭ باش يىتەكچىلكىگە شىنجاڭ يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتىدىن شىرئەلى ئەپەندىم . نازارەتچىلكىگە ئويغۇر تور سودا مۇنبىرىدىن تۇرسۇنجان ئەپەندىم . ئىتىپاقىنىڭ كاتىپىلقىغا  ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدىن غوجىقارى (ئەلگىيار ) تەينىلىنىپ  ئىتىپاقىنىڭ   خىزمەتلىرى تەرتىپىلك  ئىلىپ بېرىلىدۇ .ئىتىپاققا  كىرىشىنى خالايدىغان قېرىنداشلار  ئىتىپاق كاتىپى ئەلگىيار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
4.تاۋباۋدىن مال ئالغاندا دىققەت  قىلىدىغان نۇقىتىلار :
1. مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلۇشنى  تەپسىلىي كۆرۈش كېرەك.
2.دۇككان دەرىجىسگە قاراش .
3. خىرىدارلارنىڭ بەرگەن باھاسى .
4. دۇكاننىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتىغا قاراش كېرەك.
5.  دۇكاندارنىىڭ مۇلازىمەت سۇپىتىگە قاراش .
توردىن مال سېتۋالغاندا  مۇشۇ نۇقىتىلارغا دىققەت قىلغاندا  ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىغىلى بولىدۇ .
بۇ قېتىمقى يىغىن 2سائەت ئېلىپ بېرىلىدى ، يىغن ئىشتىراكىچلىرى بۇ يىغىندىن خۇش بولدى .
ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ بەرگەن قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يىغىن خۇلاسسى كىچىكىپ يوللاندى . ھەرقايسىڭىلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن.
روناق تاۋباۋ دۇكاندارلار ئىتىپاقنى چۇشەنمەكچى بولسىڭىز!
روناق تاۋباۋدۇكاندالار ئىتىپاقىنىڭ كاتىپى ئەلگيار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ . ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئۈندىدار نۇمۇرى:musuma
ئەلى ۋاڭ ۋاڭ نۇمۇر:huojie8349
ئۈچىنجى نۆۋەتىلىك مۇھاكىمە يىغىنىڭ تىمىسى :  شىنجاڭدىكى تىز يەتكۈزۈش تەننەرخى ئۈسىتىدە  بولىدۇ .  قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايىمىز .

2

تېما

0

دوست

612

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22308
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 15:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت  تىمىنى قوللاپ  تەستىقلاپ بەرگەن  باشقۇرغۇچىلارغا  !    قوللاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12063
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 208
تۆھپە : 457
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 22:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەت بوپتۇ،مەنمۇ 5يىل بولدى نەرسە ئېلىۋاتقىلى...
نەچچە قۇيۇلۇپ ،پىشىپ قالدىم.

1

تېما

3

دوست

653

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22461
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 17:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاقىلىشايلى.

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 22:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاۋباۋدا مال ئىلىۋاتقىلى ئۇزاق بولدى .تىمىڭىز پايدىلنىشقا ئەرزىيدىكەن رەخمەت!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )