بۇ قېتىمقى "كىتاب ئوقۇش چېيى"دا ئورتاقلاشقان كىتابىمىز:
بۈيۈكشاھمات تاختىسى - (ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ رايونئىستىراتىگىيەسى) The Grand Chessboard –American Primacy and its Geostrategic imperatives(大棋局:美国的首要地位极其地缘战略) زبىگنىۋبىرژېنىسكى (Zbigniew Brezinski)(ئامېرىكا) ئۇيغۇرچىغاتەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن ئاپتۇر ھەققىدە:زبىگنىۋ بىرژېنىسكى (Zbigniew Brezinski) (兹比格纽·布热津斯基) ئامېرىكىنىڭ زامانىمىزدىكى داڭلىقسىياسىيونى، ئىستىراتىگىيە تەتقىقاتچىسى، رايۇن سىياسىي ئانالىزچىسى. 1928-يىلپولشادا تۇغۇلغان. 1938-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىرگە كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بارغان.1958-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئۇ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇقنىتاماملىغاندىن كېيىن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1977-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە زۇڭتۇڭ جىمى كاتېرىنىڭ دۆلەتخەۋىپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى بولغان. ئۇنىڭ يەنە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭسىياسىيسىدا ئىدېئولوگىيە ۋە ھوقۇق»، «سوۋېت گورۇھى: بىرلىك ۋە توقۇنۇش»، «چوڭمەغلۇبىيەت: 20-ئەسىردىكى كوممۇنىزىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى»،«كونترولسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىق : 21-ئەسىر ھارپىسىدىكى دۇنياۋىيپاتپاراقچىلىق»، «ئىككىنچى پۇرسەت : ئۈچ زۇڭتۇڭ ۋە دۇنياۋى زور كۈچ ئامېرىكىداكىرزىس» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. مەزكۇر كىتاب ۋە بۇ كىتابنى ئورتاقلىشىشتىكىمەقسىدىم ھەققىدە: مەزكۇر كىتاب1997-يىلى يېزىلغان بولۇپ، خەنزۇچىغا 2007-يىلى تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە نەشىرى ساق 16 يىلدىن كېيىن يەنى2013-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلغان دۇنيا سىياسىتى ھەققىدىكى ساناقلىقئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدەدۇنيا سىياسىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ كۆپ خىل پىكىرقىلىش يۆنىلىشى بىلەن تەمىنلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بەلكىمبۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا، دۇنيا سىياسىتىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، ئاكىتىپ تەدبىربەلگىلىگۈچىلەردىن بولالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئەمما ھەممىنى «جاھان شۇنداق» دېگەنكونا گەپ بويىچە ئۆتكۈزىۋىتىپ، بېشىمىزغا كەلگەن، كېلىۋاتقان، كەلگۈسى بولغانبارلىق قىسمەتلەرنى تەقدىردىن كۆرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇ ھەققىدە ئويلىنىش،كەلگۈلۈكلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىشى، شۇ ئارقىلىق مەسىلىنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىپچىقىشقا ئۇرۇنۇش ئۆزىنى «زىيالىي» چاغلايدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا بۇكىتابنى ئورتاقلاشماقچى بولدۇم. كىتابنىڭ ئىچكى مەزمۇنى:مەزكۇر كىتاب تۆۋەندىكىدەك باپ پاراگرافلاردىن تەركىب تاپقان: كىرىش سۆز – پەۋقۇلئاددە چوڭ دۆلەت سىياسىتى – بۇقىسىمدا، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى 10 يىلىدا شەكىللەنگەن دۇنيا ۋەزىيىتى -ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىكى كۈچ – ھوقۇقئۆزگىرىشىگە ئۆز ئارزۇسىغا ماس تەسىر كۆرىسىتەلەيدىغان بىر يەكتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ۋە بۇنىقوغداشنىڭ ئاچقۇچنىڭ ياۋرۇ – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئىبارەت «شاھمات تاختىسى»ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى قىسقىچە شەرىھلەپ ئۆتكەن. 1- باب، يېڭىچە زومىگەرلىك :-ئامېرىكىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىيقىممىتىنىڭ 38% نى تەشكىل قىلىپ ئەنگىلىيەدىن ھالقىپ 1-چوڭ سانائەت دۆلىتىگەئايلىنىشى، 1-دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى ھالسىرىتىشى ۋە ئامېرىكىنىڭپۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەربىي ھازىرلىقنى كۈچەيتىشى، 2-دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ياۋرۇپانىدۇنياۋىيلىقتىن تېخىمۇ يېراققا ئۇزۇتۇپ قويىشى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 50 يىللىقتىركىشىش، كوممىنىزىم لاگىرىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىنكى تەڭداشسىز ئامېرىكا ۋەئۇنىڭ «دۇنياۋى سىستېمىسى». 2- باب، ياۋرو – ئاسىيا شاھمات تاختىسى : - ياۋرۇ– ئاسىيا قۇرۇقلۇقى ئامېرىكىنىڭ رايۇن سىياسىيسىدىكى ئەڭ مۇھىم سىتراتىگىيەلىكمۇھىم نىشان. بۇ شاھمات تاختىسىدا «ئوتتۇرا قىسىم» ئامېرىكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدەغەرىب كۈچلىرىنىڭ رامكىسىغا قېتىلسا، «جەنۇبى قىسىم»نى ھەر قانداق بىر دۆلەتيالغۇز ئىگەللىۋالمىسا، «شەرق قىسىم» بىرلىشىۋىلىپ ئامېرىكىنى دېڭىزدىن يېراقلاشتۇرمىسائاندىن بۇ «شاھمات» تا ئامېرىكا ئۇتۇپ چىقىدۇ. بۇ شاھمات تاختىسىدا فىرانسىيە،گىرمانىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، ھېندىستاندىن ئىبارەت بەش شاھماتچى، ئۇكرائىنا،ئەزەربەيجان، تۈركىيە، كورىيە، ئىراندىن ئىبارەت بەش تايانچ دۆلەت، ئەنگىلىيە،ياپونيە، ھىندونېزىيەدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم دۆلەت بار. 3- باب، دېمكوراتىيە ئىستىھكامى: ـ ياۋرۇپائامېرىكىنىڭ ھەقىقى ھەقەمسايىسى بولۇپ، ئۇ ئىتقاد، قىممەت قاراش، دىموكراتىكتۈزۈلمە قاتارلىق تەرەپلەردىن ئامېرىكىغا ئەڭ يېقىن. ئۇ ئاسىياغا جۈملىدىن دۇنياغادىمكراتىيەنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاڭقىش تاختىسى. ھازىر «ياۋرۇپا ئىتتپاقى»شەكىللىنشكە باشلىدى. ئۇنى گىرمانىيە ۋە فىرانسىيەنى ئاساسلىق ماسلاشتۇرغۇچى قىلىشئاساسىدا يەنىمۇ كېڭەيتىش ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن. ئەمما ئامېرىكا بۇ«ئىتتىپاق»نى ئۆز مەنپەتىگە ئۇيغۇن تەشكىللىنىشىگە توغرا، ئاكىتىپ يېتەكلەشپوزىتسىيەسىدە بولمىسا، كەلگۈسىدە شەكىللىنىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىگە خىرسسالىدىغان ياۋرۇپا بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا فېرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بىرى كەمبولسا بولمايدىغان ھەمكار بولىشى كېرەك. 4- باب، قارا ئۆڭكۈر: ـ 1991-يىلىسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز پارچىلىنىشى ياۋرۇ – ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا بىر كەڭبوشلۇقنى يەنى «قارا ئۆڭكۈر»نى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنىڭئۈنۈملۈك يولى تىز پۇرسەتتە ئۆزىگە قارشى تۇرمايدىغان، دېمكراتىك ئىسلاھاتقايۈزلەنگەن، ياۋرۇپا – ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىك سىتېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكىمۇھىم ھەمكار بولغان رۇسىيەنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ زور يادروئامبىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ئاسىيادىكى زور تەسىر كۈچى، نۆۋەتتىكى سىياسىيسەرخىللىرىنىڭ «ئىمپىرىيە چۈشى»دىن ۋاز كەچمەسلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىدۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئۇلار ئىگەللەپ تۇرغان مولئىنىرگىيە بايلىقى، بۇ رايۇنلارغا كۆزىنى تىكىپ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكەئىنتىلىپ تۇرغان جۇڭگو، ياپۇنىيە، ئىران، تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر،شۇنداقلا بۇ رايۇنلاردا كۈچىيىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئىتىقاد ئېڭى قاتارلىقمەسىلىلەر. بۇ «قارا ئۆڭكۈر»دىكى ئەزەربەيجان، ئۆزبىكىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىقئۈچ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى. 5- باب، ياۋرۇ ئاسىيادا بالقان: -«بالقان» نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىنىرگىيە بازىسىرايۇنى بولۇپ، ئۇ شەرقى جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ بىر قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىيئاسىيانىڭ بىر قىسمى، پارس قولتۇقى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ رايۇن زور بىر ئېتىنىك داشقايناق بولۇپ، بۇ يەردە تارىخى ۋە يېڭىچە مەنپەتكۆرەشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر، مىللىي ئاڭنىڭ ئويغۇنىشى كۈچلۈك، دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىيكۈچى ئاجىز، مۇرەككەپ دىنىي توقۇنۇشلار كۆپ بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن چوڭدۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچى ۋە مەنپەت تالىشىشى بۇ يەردىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتكەن. بۇ يەردە تۈركىيە بىلەن ئىران ئېتىنىك ۋە دىنىي نۇقتىدىن،رۇسىيە سوۋېت دەۋرىدىن قالغان سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن ئۆزىنى «رايۇنچىلخوجا» قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ رايۇننى مەلۇم بىر دۆلەت يەككە تەسىر كۈچ رايۇنىغائايلاندۇرىۋالمىسىلا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك مەنپەتىگە ئېرىشەلەيدۇ. 6- باب، يېراق شەرققە لەڭگەر: -يېراق شەرقتىكى جۇڭگو، ياپۇنىيە، كورىيە يېرىم ئارىلى، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋەرايۇنلار ئامېرىكىنىڭ تىنىچ ئوكيان جۈملىدىن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى مەنپەتىگەھەتتا ئامېرىكىنىڭ زىمىن بىخەتەرلىكىگىمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ رايۇندا دۇنيانوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 25 % تىن كۆپرەكىمەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايۇندا ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولغان ياپۇنىيە ھامانئامېرىكىنىڭ «بىخەتەرلىك كۈنلۈكى» ئاستىدا بولسىمۇ، بۇ يەنىلا ۋاقىتلىق ئىش. ھامانياپۇنىيە ئۆزىنى ئۆزى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. جۇڭگۇنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىشى بۇرايۇندىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ زىللاشتۇرغان بولۇپ، ياپۇنىيە ۋە تەيۋەننىڭبىخەتەرلىك كرزىسى ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىگىمۇ خىرس ئەكەلگەن. شۇڭا جۇڭگونى تىنىچتۇتۇپ، ياپۇنىيەنى ئامېرىكا يېتكەچىلىكىدە ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە، جۇڭگو – ياپۇنىيەمۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇتۇپ تۇرغاندا، كورىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەيۋەننىڭمۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن جۇڭگونىڭ رايۇن خوجىسىبولىۋىلىشىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى،جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تېزگىنلەپ، دۇنياۋىي خوجىلىققا تەڭ شىرىك قىلماي،ئامېرىكىنىڭ يىگانە ئورنىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ رايۇندا ئەلۋەتتە رۇسىيە،ھېندىستان، پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان،مالايسىيا، بىرما، ۋىيتنام، فىللىپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىمۇ ناھايىتىمۇھىم ئىستىراتىگىيە قىممىتىگە ئىگە. 7- باب، خۇلاسە: - ئامېرىكىنىڭ«ياۋرۇ – ئاسىيا شاھمات تاختىسى»دىكى «شاھماتچىلار» ۋە تايانچلار بىلەن بولغانمۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ مېڭىشى ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، فىرانسىيە بىلەنگىرمانىيە ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم شاھماتچى. ياۋرۇ – ئاسىيانىڭ غەرىبىدىكىدىمكوراتىيە سىپىنى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەپ، رۇسىيەنى تىنىچ ھەمراھقائايلاندۇرۇش يادرۇلۇق پىلان. جۇڭگۇنىڭ بارغانسېرى مۇھىملىشىشى رېئاللىق،ياپۇنىيەنى يېقىندىن يېتەكلەش ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتىگىيە. ياۋرۇ ئاسىيانىڭئوتتۇرا قىسمىدا، ئامېرىكا، رۇسىيە، جۇڭگو، ياۋرۇپالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا «قاراڭغۇئۆڭكۈر» مەۋجۇت بولۇپ، بۇ يەردىكى ئىنىرگىيە، ئىتىقاد، مىللىي كىملىك، ھوقۇقكۆرىشى بۇ يەرنى بىر جەڭگاھقا ئايلاندۇرغان. بىر نەرسە ئېنىقكى، ئامېرىكا تۇنجى ۋەئاداققى يىگانە دۇنياۋى ھاكىممۇتلەق دۆلەت. ئۇنىڭ ئورنىنى بەلكىم كۆپ قۇتۇپلاشقاندۇنيا ئىگەللەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەسى قوش تەرەپلىك بولىشى يەنىئۆزىنىڭ ئورنىنى ئۇزاق مۇدەتكىچە ساقلاشقا تېرىشىش ۋە كەلگۈسى دۇنياغا ماسلىشىپيېڭىچە ھاياتى كۈچكە ئىگە دۇنياۋىي سىستېمىنى بەرپا قىلىش ياكى قاتنىشىشى كېرەك.
|