بۇركۈت قونچىغى(مىكرو ھىكايە)
نۇر [align=justify][align=justify]
بىزنىڭ ئالىمجانمۇ قىززىق، خوشنىمىزنىڭ توخوباز ئوغلىنى دوراپ، خوراز بېقىش دەۋاسىنى قىلغىلى تۇردى. ئۇنىڭ زارىسىغا چىدىماي،_ باقسا-باقار يامان بولىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن-دەپ، چۈجە بازىرىدىن بىر خوراز چۈجىسىنى ئېلىپ قەغەز ساندۇققا سېلىپ، ھويلىغا جايلاشتۇرۇپ بەردىم.
شۇ كۈنىدىن باشلاپ بۇ بالىغا كۈندە 18 سائەتلىك ئىش چىقتى. ئالتە ياشلىق بۇ بالىنىڭ چۈجىسىىگە بولغان مۇھەببىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. ئۈچ ئاي تۈجپىلەپ بېقىلغان بۇ چۈجە رەسمى خوراز شەكلىگە كىرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلۇمنىڭ كۆز ئالدىدىلا ،ئاسماندىن ئوقتەك شۇڭغۇپ چۈشكەن بىر بۈركۈت قاماللىغان پېتى بۇ بىچارە خورازنى نەلەرگىدۇ ئېلىپ كەتتى. بىچارە ئوغلۇم شۇ سائەتتىن باشلاپ قويغان- تۇتقىنىنى بىلمەسلا بولدى. بۈركۈت دىگەن بۇ جانىۋار ئوغلۇمنىڭ نەزىرىدە ئەشەددى دۈشمەنگە ئايلاندى .ئەر-ئايال ئىككىمىز ئەندىشىدە قالدۇق. شۇ كۈنلەردە ئالىمجانىڭ خورىزىنى ئۇنتۇلدۇرغىدەك ، بىرە ئويۇنچۇق ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن ، شەھەرگە كىرىپ، بازار ئارىلىغاچ ،بىر ئويۇنچۇق دۇكىنىغا كىردۇق.
_ ئوغلۇم قايسى ئويۇنچۇقنى ياقتۇرىسەن خالىغىنىڭدىن بىرنى ئالە. _ دىدى ئاپىسى. يائاللا! ئوغلۇم تاللىغان ئويۇچۇقنى كۆرۈپ ھەيرالىقتىن تۇرغان يىرىمدە تۇرۇپلا قاپتىمەن. ئۇنۇڭ قولىدا تۇچتىن قۇيۇلغان ئالتۇن رەڭلىك چىرايلىق بىر بۈركۈت تۇراتتى.... [align=justify] |