يوقالغان پېلانت
(مىكرو رومان)
بۇ ئەلۋەتتە بىر ئىلاھى قانۇنىيەتنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن ئىسپات سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى ئىدى...بۇنىڭدىن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدىكى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىدا غايەت زور بىر مۇز شارى بار ئىدى.قوياش بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق پىلانت دىيىشكە بولاتتى. بۇ غايەت زور مۇز شارى ئۆزىدىن كىچىك بولغان نۇرغۇنلىغان مۇز پارچىللىرىنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.ئالەم ۋاقىت يولىنىڭ ھادىسە يۈز بېرىش بۆلىگىگە كەلگەندە پىلانىتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن سان ئۆزگىرىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ مۇز شارىنىڭ بوشلۇقتىكى ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ،قوياشقا يېقىنلاپ قالغاندى.شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ھارارەتتىن بىر قەۋەت مۇز ئېرىدى.سۇغا ئايلانغان مۇزلار ئاتموسىفىرا تەسىرىدىن سۇ شارىنىڭ بەدىنىدىن ئاجراپ كېتەلمەيتتى.قوياشنىڭ تەپتى بۇ مۇز پارچىسىنى ئېرىتىۋىرىپ، ئاخىرى غايەت زور سۇ شارىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى...
ئارىدىن يەنە نۇرغۇن مىليۇن يىللار ئۆتتى.قوياش نۇرى سۇغا چۈشۈۋەردى،ھاۋادىكى چاڭ-توزانلارمۇ سۇ بىلەن ئۇچراشتى. تۈنجى تۇپراق زەررىچى ئاشۇنداق پەيدا بولدى...شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل لىشاينىكلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى... ئارىدىن يەنە نۇرغۇن- نۇرغۇن مىليۇن يىللار ئۆتتى.سۇ شارىنىڭ يۈزىدە ئۆسۈملۈكسىمان نەرسىلەر پەيدا بولۇشقا ،بۇلار كۆپەيگەنسىرى چۆكمە ھاسىل قىلىشقا باشلىدى... نەچچە مىليۇن يىللاردىن كېيىن دەسلەپكى ئىپتىدائى قۇرۇقلۇق شەكلىدە بىر پارچە ئىپتىدائى «ئورمان»لىق مەيدانغا كەلدى.بۇ ھال تىروپىك بەلۋاغ رايۇنلىرىدا دەسلەپ يۈز بەردى.بارا-بارا ئەتراپقا قاراپ كېڭەيدى. ئىپتىدائى قۇرۇقلۇقنىڭ تارىخنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ،ھەر خىل جانلىقلار قانۇنىيەتنىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلدى.ھاۋا ناھايىتىمۇ ئىسسىق بىر كۈنى شەكىلى نامەلۇم بىر جانلىق تۈنجى بولۇپ،سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى.مانا بۇ ھايۋانلارنىڭ«قوش ماكان»لىشىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.قۇرۇقلۇقمۇ تەدىرىجى كېڭىيىشكە باشلىدى... يەنە نەچچە مىليۇن يىللار ئۆتتى.قانۇنىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئاشۇ تۇپراقتىن ھەممىدىن ئەقىللىق ۋە ئەزىز بولغان جانلىق بارلىققا كەلتۈرۈلدى.ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇلارنىڭ سانى ۋە ساپاسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.بۇ چاغدا سۇ شارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاللىبۇرۇن زىمىنغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.... يەنە نەچچە مىليۇن يىللار ئۆتتى. سۇ شارىنىڭ يەر شارىغا ئايلىنىش قەدىمى ئاستىلاپ،توختاپ،ھەتتا چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى.سۇ شاردىن ئۆزگەرگەن بۇ پىلانتنىڭ دۈشمنى دەل ئۆز جىسمىدىن تۆرەلگەن جانلىقلار ئىدى.ئۇلار ئۆزىنى بېقىۋاتقان تۇپراققا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان بولۇۋېلىشتى... قانۇنىيەت تەرىپىدىن ئەڭ ئەزىز يارىتىلغان ئىنسان ئاتلىق جانلىقلار بەس-بەستە تۇپراقنى كۆيدۈرۈپ جان باقىدىغان بولىۋېلىشقاندى.ئۇلار كەلگۈسىنى ئۇنتۇپ،ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەخىتنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيتتى.ئۇلار ھەممە نەرسىنى يەيتتى.ھەر قانداق سۈيۈقلۇقنى ئىچەتتى.ئۇلار ئاشۇنداق ئىسراپچىلقلار بەدىلىگە ھوزۇر سۈرۈشەتتى.خۇشاللىقتىن مەست بولۇپ يۈرۈپ نەچچە مىليۇن يىلىنى ئۆتكۈزۈشتى.ئۇلار قىلمىغان ئەسكى ئىشمۇ قالمىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوخشاش جىنىسلىقلار نىكاھلىنىدىغان ئىشلارمۇ تۈرلەرمۇ شەكىللەندى.سۇ ئىچىدىكى بۇ بىر پارچە قۇرۇقلۇق بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئازابقا چىدىماستىن سىلكىندى،كۆز يېشى قىلدى. غەزەپتىن تىترىدى،كۆزلىرىگە ئوت بولۇپ ياندى...ئەمما ئىنسانلار پەيلىدىن ھازىرچە يانىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇلار يوق بىر سەۋەبلەر بىلەن ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشاتتى.ھەر خىل خمىيىلىك قۇراللارنى بەس-بەس بىلەن ياسىشىپ،سىناق قىلىشاتتى.ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاڭ بىلەن ياشاۋاتىمىز دەپ قاراشاتتىيۇ، رەزىل پىلانلارنى تۈزۈشەتتى.ھەممىسى ئاغزىدا ياخشى،ئەمەلىيەتتە ئەسكى ئىدى.بۇزغۇنچىلىق خاراكتىردىكى ئىشلارنى كۆپ قىلاتتى.ھەقنىڭ قانۇنىيىتى تەرىپىدىن بارچە جانلىقلارنىڭ ئورتاق بەھرلىنىش ئۈچۈن ياراتقان زىمىنغا سىزىقلارنى سىزىپ،قاشالارنى بىكىتىپ،بىرىگە چوڭ،بىرىگە كىچىك تەقسىملىشىۋېلىپ،بىر-بىرىدىن نەپ ئۈندۈرۈش كويىدىلا يۈرىشەتتى.ئۇلار ئالىجاناپلىقتىن سۆز ئېچىشاتتىيۇ، رەھىم-شەپقەتنى بىلىشمەيتتى. بىرى يەنە بىرى ماكان تۇتقان ئورۇنغا مەجبۇرىي باستۇرۇپ كىرەتتى.ئانىي تاپاتتى.بىرى يەنە بىرىنى يوق قىلىۋەتمەكچى،ياكى ئۆزگەرتىۋەتمەكچى بولاتتى. ئۇلار ھەر قانداق نەرسىنى يەيتتى.ئۇچىدىغان،ماڭىدىغان، ئۈزىدىغان، ئۆمىلەيدىغان... ھەممە نەرسىنى ئوزۇق قىلاتتى. يەنە نەچچە مىليۇن يىللار ئۆتتى.تۈرلەر شەكىللىنىپ،يوقۇلۇپ تۇردى... سۇ شارى ئىچىدىكى «يەر شارى»دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇقلۇق پارچىسى كۆيۈپ تۈگەپ،سۇ شارى يەنە بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتتى... جاھان شۇنداق ئىدى.بارچە شەئىلەر ئەسلىگە قايتىش قانۇنىيىتى ئىچىدە ھامان ئۆزگىرىپ تۇراتتى.ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاق سانسىز سىرلارغا تولغان ئىدى.تەكرارلىنىش قانۇنىيتى ئۆز ھۆكۈمىنى سۈرەتتى. (تۈگىدى) |