بۇ يازمىنى ئاخىرىدا batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-19 22:02
يازغۇچىلقىڭغا تەتۈر تەستەك
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
(ھېكايە)
دىلناز بۇ كىچىدە نىمىشقىكىن ئۇخلىيالمايۋاتاتتى ، يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقارماي بىر نىمىلەرنى جۆيلىگەندەك سۆزلەيىتتى ،ئۇ ئۆزىنىڭ بەكمۇ نورماللىقىنى بىلىدۇ لىكىن ئەتىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى ئۆرتەندۈرەتتى ، ئۇ بىرەر ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن ئۇچراشمايدۇ ، بىرەر كاتتا مۇكاپاتمۇ ئالمايدۇ ، ياكى بىرەر كاتتا سورۇنغىمۇ كىرمەيدۇ ،پەقەت بىر قېتىم ئادەتتىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەيدۇ ، تاماق يەيدىغان كىشى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمايدۇ ، ئۇ ئاشۇ يوتقاننىڭ ئىچىدە بىر نىمىنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى ، ئۇ ئاستاغىنە قۇچىقىىدىن بىر كىتابنى ئالدى -دە ، ئۈستەل چىرىغىنى يېقىپ كىتابنى ئۈستەلگە قويۇپ بەزى قۇرلارنى قايتا -قايتا كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن قەلىمى بىلەن سىزىپ قويدى ،يەنە بىر قېتىم ئوقىۋەتكەندىن كىيىن ،ياستۇققا بېشىنى قويۇپ تورۇسقا قاراپ خىيالغا كەتتى ، ئۇبەزىدە كىتابنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ قوياتتى .
ئۇنىڭ خىيالى دەل شۇ كىتابنىڭ ئاپتورىدا ئىدى ، بۇ كىتاب ياش بالىلارنىڭ ئارىسىدا بەكمۇ قارشى ئېلىنغان كىتاب ئىدى ،ئۇ بىرىنجى بېسىلىشدا بۇ كىتابنى ئالالمىدى ،كىتاب قېرىشقاندەك كىتابخانىلاردىن شۇنچىلىك تىز تۈگەپ كەتكەن ئىدى ، بۇ كىتابتا ئوتتۇرغا قويغان قاراشلارنىڭ يېڭىلىقى، كاللىنى سەگەكلەشتۈرۈپ كىشىنى ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كەلتۈرىدىغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ستيۇدىنت باللار قايتا -قايتا كۆرۈپ چىقىپمۇ قولىدىن تاشلىغۇسى كەلمەيتتى . ئۇ بۇ كىتابنى تاپالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىنجى قول كىتاب بازىرىدىن بىرمۇنچە كىتابنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى قولىغا چۈشكەن بۇ كىتابنىڭ خۇشاللىقىدا ۋارقىرىۋەتكەن ئىدى .ئۇ تېخى شۇ ئوقۇشىدا ئاپتۇبۇسنىڭ ئاللىبۇرۇن بىكەتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىماي ، ئاپتۇبۇس ئاخىرقى بىكەتكە كىلىپ شوپۇر ئۇنىڭغا " ئاپتۇبۇستىن چۈشۈڭ " دىگەندە ئۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ " ئاپا ، يەنە بىردەمدىن كىيىن تاماق يەي چۇ " دەپ سالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈردى -دە ئىزا تارتقىنىدىن شۇ ماشىنىنىڭ نۇمۇرىنى يادىلۋېلىپ ئۇ ماشىنىغا ئىككىنجى چىقمىدى .بۇنداق ئىشلارنى ئاز بولدىمۇ دەمسىز ، ئۇ تېخى بىر كۈن تاماققا چىقىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ كىتابنى ئوقۇپ تۈگتىپ قورسىقى ئېچىپ يىغلاپمۇ كەتكەن ئىدى . "ھەممىنى قىلغان مۇشۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ،كىم ئۇنى بۇنچىلىك ياخشى يازسۇن دەپتىكەن ، ئۇنى ئەتە بېرىپ بىرنى ئۇرىۋالمىسام "، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە قىلغان بۇ چاقچىقىدىن ئۆزى كۈلۈپ تاشلىدى .
كىتابى مۇشۇنداق قارشى ئېلىنغان ئىكەن ، ئاپتورىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىدۇ -ئەلۋەتتە . بۇ ئاپتور ياشمۇ ئەمەس .ئوتتۇرا ياش دىگىنىمۇ بولمايدىغان يۈزلىرى قارامتۇل كىشى ئىدى ، ئۇ ھەر ھەپتىسى دىگۈدەك ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ ساۋاقداشلانىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى . ئۇنى ھازىر ستيۇدىنت ، ياشلار ،داڭلىق كىشىلەر ، ئىشقىلىپ بىرمۇنچە كىشىلەر ھەركۈنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاشلاپ مەخسۇس يازغۇچىلىققا قەدەم قويۇشنى پىلانلاپ يۈرگەن ئىدى . ئۇنىڭ بۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نۇتۇقلىرى بىلەن قازانغان نام -شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ يازغۇچىلارغا خاس تالانتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى .
ئۇ كۆزىنى ئېچىپ كىتابنىڭ بىرىنجى بېتىدىكى يازغۇچىنىڭ رەسىمىگە قارىدى ، چىراقنىڭ نۇرىغا سىڭايان تۇتۇپ قاراپ ئىچىدە ،" ماۋۇ قارىۋاي ئاكام دادامغا ئوخشامدۇ نىمە ؟ " دەپ كۈلۈۋەتتى ، لىكىن ئەتە ئۇنىڭ بىلەن تاماق يىسە مۇشۇنداق دىيەلەمدۇ ؟ -- ياق ، مومكىن ئەمەس ، بۇ قىز شۇنچىكلىك دۆت ،ھەم شۇنچىلىك ئەقىللىق . ئۇ بەزىدە ھەممە كىشى ئىشىلتىشنى بىلگەن تىلىفۇن ئويۇنلىرى، ۋېلسىپىت مىنىش دىگەندەكلەرنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ ، ئۇنى ھەممەيلەن دۆت دەيدۇ ، لىكىن ئۇنىڭدىن دەرىس سورىسىڭىز ،تارىخ ،جۇراپىيە ،ماتىماتىكا دىگەندەك پەنلەرنى شۇنداقلا بىرمۇنچە رومان ئەسەرلەرنى قايناقسۇ دەكلا ئىچىۋەتكەن ، نەدىن سورىسىڭىز شۇ يەردىن جاۋاب بېرىپ ئىنتاھاندىمۇ بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەيدۇ ، ئۇ ئوغۇللار بىلەن تۈزۈك پاراڭمۇ قىلمايدۇ ، ئوغۇللار ئۇنىڭغا گەپ ئارىسىغا گەپ قىستۇرۇپ يېقنلاشسا ئۇ تۈز ھالدىلا گەپ قىلىپ باشقىلارنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدۇ ، ئۇنى باشقىلار دۆت دەيدۇ ،لىكىن راست دۆتمۇ ؟ بۇنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ .
بىر كۈنى ئۇنىڭ كۆزىگە كىتابتا كۆرگەن ھېلىقى يازغۇچىنىڭ سىماسى كۆرۈندى ، ئۇ بۇ كوچىدا ئۆزىنىڭ ئاياق ئالغان يەردە بۇ كىشىنى ئۇچىرتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان-دە ،ئۇ ئۆزىنى سالماق تۇتۇشقا تېرىشىپ گەپ قىلاي دىدى -يۇ ، نىمىشقىكىن توختاپ قالدى ، بىر قىزبالىنىڭ ئۆزى يۈگۈرۈپ بېرىپ نايناقلاپ بىر ئەر كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سىزنىڭ كىتابىڭىز ئانداق ياخشى يەي ،مانداق ياخشى يەي دىيىشنى ئۇيات دەپ بىلەتتى ، لىكىن ئۇنىڭ قىزقىشىنى قوزغىغان بۇ كىشىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى بار ، ئۇ ئويلاۋاتاتتى ،ئۇ كىشى تۇيۇقسىز ئۇ تەرەپكە بۇرۇلدى ، ئۇنىڭ ھاياجانلىق بىلەن تولغان كۆزلىرى توككىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ كىشىنى شۇنچىلىك كۆرگۈسى ،بۇ كىشىدىن ئوچۇق پىكىرلىرىنى ئاڭلىغۇسى بار ئىدى . لىكىن .....
تۈنۈگۈن ئۇنىڭ مەكتىپىگە بارىدىغان يولدا ئۇ قولىدا بىر سۇلياۋ خالتىغا قاچلانغان بايا سويۇلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان توخۇنى ساڭگىلىتىپ ئويناپ كىتىپ باراتتى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدا توختىغان تاكسى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، تاكسىدىن باشقا كىشى ئەمەس دەل شۇ ئاپتور ، تەخەللۇسىنى گاچا دەپ قويۇۋالغان ھېلىقى "قارىۋاي" چۈشتى . ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولغان بۇ "گاچا" ئاپتورنىڭ سىماسى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى . ئۇ تۇرۇپلا قېلىپ ئېغزىدىن "گاچا " دەپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ قولىدىكى توخۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ھېلىقى كىشى ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى بولغاي ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا توخۇنى ئېلىپ تۇتقۇزۇپ قويدى -دە ، ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ، "ئۆگۈلۈككە ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ " ئۇ بۇ گەپتىن سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ ،بۇ پۇرسەتنىڭ ئۇچۇپ كەلگەن ئامەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ، " بار " دېدى ئۇ تىزلا ، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا بىر ئىسىم كارتىسىنى تۇتقۇزدى- دە ،"تۇلپاردا سىزنى ساقلايمەن ،كەچ سائەت بەشتە " دەپ قويۇپ ،بىر دەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى . ئۇ قاراپ تۇرۇپ قالغان ئىدى .ئۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرى قىززىق ئىدى ، ئۇنىڭ قولىدا ئۇچقاندەك پەيدا بولغان بۇ كارتا قىززىق ئىش -دە ، ئۇنىڭ قەلبى بۇ ئىشلارنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىراشلىقى ،ئوقۇرمەنلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى دەپ چۈشەندۈرۈشكە تېرىشىپ كاللىسىنىڭ بۇلارغا ھەيران قېلىشىغا يول قويمايتتى .
ئاھ... سىھىرلىك كىچە ....،ئاستا كىچە ، ئەسكى كىچە ........
ئەتىسى ئۇنىڭ ئىشلىرى يەنە شۇ مەكتەپكە بېرىش ، دەرىس ئوقۇش بولدى -يۇ، كاللىسىدا بولسا نىمە كىيىش ، نىمە دىيىش ،ئاشخانىدا نىمە يىيىش ئىدى ، نىمە يىيىش بىلەن كىيىش چوڭ گەپ ئەمەس ، موھىمى بۇ داڭلىق شەخىسكە نىمە دىيىش ئىدى . ئۇ كتابنى يادلىۋالغىنى ئاز قالغان ئىدى .
سائەت بىر ،ئىككى ،ئۈچ ...........
تۆت بولغاندا ئۇ ئاستا دەرىستىن قېچىپ چىقتى ، ئۇنىڭ ئۆمرىدىمۇ تۇنجى دەرىستىن قېچىشى ئىدى .بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ ئۇچراۋەمەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . ئۇ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىردى ، گەرچە ئۆيى مەكتەپنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ ،شۇنچە تىز يۈگۈرۈپ ھاسىراپ كەتكەن ئىدى . تەييارلىق قىلىپ تاكسى توسۇپ ماڭدى .
ئاشخانىغا كىرىپ بىر ئايرىم كىچىك ئۆيىدە ئولتۇرغان ھېلىقى كىشىنى غىل-پال كۆردى -دە ، ئاستاغىنە ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدى . ئۇنىڭ ناتونۇش ئەر بىلەن بىرىنجى قېتىم تاماق يىيىشى ئىدى.
__ ئولتۇرۇڭ ، __ دېدى ئۇ ئەركىن قىياپەتتە .
__ رەھمەت
__ بەك چىرايلىقكەنسىز جۇمۇ .__دېدى ھېىقى "گاچا".
__ رەھمەت ،__ دېدى دىلناز يەرگە قاراپ قىزارغان پېتى،ئۇ ئۆيىدە ئاپىسى ئېلىپ بەرگەن ئەڭ چىرايلىق كىيىمنى بۈگۈن كىيدى -دە .
__ نىمە تاماق يەيسىز ؟
__ خالىغانچە بولسۇن . __ دېدى دىلناز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ .
__ سېمىز گۆش بولسۇنمۇ ئورۇقمۇ ؟__
__ سېمىز بولسۇن ، __ دېدى دىلناز ھەيران قېلىپ .
__ ھە ، ئۇنداقتا بۇ كىچىنى نەدە ئۆتكۈزىمىز ؟ __ دېدى ئۇ تىزلا .
__ ھە ؟ __ ئۇ قۇلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى .
__ گاسمۇ سەن ، تەلەپلەرنى ئاڭلىدىڭ ھەقىچان ، بۈگۈن ساڭا كۆزۈم چۈشتى ، پۇلنىمۇ كۆپىرەك بېرىمەن .
__ نىمە دىمەكچى ؟ ! __ دېدى ئۇ قولىدىكى كىتابتىكى رەسىمگە قاراپ ، ئالدىدا ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشاش ئىدى . لىكىن يەنە بۇ ئىشلارغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .
__ قارا ئومىقىم ،مەن دىگەن بىر مەشھۇر كىشى ، بۇندىن كىيىنمۇ ساڭا ئىگە بولىمەن ، كىيىنكى بىر رومانىمغىمۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئىشىلتىمەن . بۇنى چوقۇم ياشلار ياخشى كۆرىدۇ ،سېنىڭمۇ يۈزۈڭ كۆتۈرلىدۇ .كىيىنچە تېخى تويمۇ قىلىمىز ، مەندەك كىشى بىلەن توي قىلىمەن دەپ يۈرگەنلەر نۇرغۇن ،مىنىڭ ساڭىلا كۆزۈم چۈشتى .
" توۋا " دىلناز كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئاشۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . ئۇنىڭ ئاشۇ ئىلغار ئىددىيسى قېنى ؟ ئۇنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي قالايمىغان بولۇپ مۇشۇ تاپتا ئۆزىنى بىر ھايۋاننىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلدى ، يۈزلىرى ئاچچىقتىن قىزاردى ، كۆزلىرىدە غەزەپ ئوتلىرى كۆيۈشكە باشلىدى .بايقى گەپلەردىن ئىچكىرلەپ كاللىسىنى قاپلىۋالغان قايمۇقۇشلار ئەمدى غەزەپكە ئايلىنىپ ئۇنىڭ چىشىنى چىشىغا تاشنى ئىزىۋەتكۈدەك چىشلەتتى .
"چاس" قىلىپ تەگكەن شۇ تەستەك يازغۇچىنى ئورنىدا توختىتىپ قويدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەزەپ ئوتلىرى گۈلخاندەك كىشىنى قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى .
"مانا يازغۇچىلىقىڭغا " دەپ تەگكەن بۇ تەستەك شۇنچىلىك تەگدىكى ، ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .
__ ھۇ ھايۋان ، سېنىڭ ئەتتىبەشىرەڭ مۇشۇمىدى ؟ ئالە كىتاۋىڭنى ، ئىسىت كىتابنى ئوقۇپ سېنى ئويلاپ يۈرگىنىم ،—دىلناز بۇ گەپلەرنى دېدى -دە يىغلىغان پېتى چىقىپ كەتتى .
ئۇ تېلفۇننى ئالدى -دە ، سۆزلىشىشكە باشلىدى .
__ ۋەي ،داۋۇت ،بۈگۈن ئورۇنلاشتۇرغان قىز مىنى ئۇردى ، سېنىڭ پۇلۇڭ يوق ئەمدى ، نىمە ؟ بۈگۈن ئورۇنلاشتۇرمىغانما ؟ ئۇ سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بەردىغۇ ؟ ھە،ھە،توغرا كەپقەپتۇ دە ، ھە ،ھە ، بوپتۇ ،سەن يەنە ئىزدە ،كىيىن ماڭا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىۋەت جۇمۇ،چىرايلىق قىز بولسۇن .
دىلنازنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئىدى ، خىيال -ئويلىرى ئۆزىنى تۇتالماي نەلەرگىدۇر سەرگەردانلىققا كىتىپ باراتتى ،ئۇ ئەمدى بۇيازغۇچىغا ئىشەنمەيدۇ ، ئىشەنمىسە مەيلى ، بىر قىز ئىشەنمەيدۇ ، لىكىن ئۇ ھامان بىر كۈنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇلىدۇ ،شۇ چاغدا خەلقنى ئالدىغان ، نوپۇزى بىلەن نام چىقىرىۋېلىپ پۇرسەتتىن پايدىلنىدىغان بۇنىڭدەك شۆھرەتپەرەس مۇناپىق ئۈچۈن زامان ئاخىرى بولىدۇ ،ئالدىرىما "گاچا" تېخىمۇ چوڭ تەستەك تېخى ئالدىڭدا . دىلناز بۇ سۆزلەرنى ئىچىدىن چىقىرىپ بىرسىىگە دىگۈسى كەلدى-يۇ،بۇ ئىشلار ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان تەتۈر تەستەكتەك كۆڭلى شۇررىدە بولۇپ قالدى ، مۇشتلىرىنى تۈگۈپ تىترەپ تۇرۇپ بىر تاكسى توسۇپ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى .
ئۇ ئويلىنىپ قالدى ،كۆڭلىدە " ياق ،مەن ئۇنىڭغا بۇنداق يول قويسام بولمايدۇ ،بولمىسا ئۇ چوقۇم بولدى قىلمايدۇ، يەنە قىزلار ئۇنىڭغا ئالدىنىدۇ ، بۇنىڭغا مەن يول قويمىسام باشقىلارمۇ يول قويمىسا ئاندىن ئاشۇنداق ۋىژدانسىز،ھارام تاماق يازغۇچىلار يوقىلىدۇ " دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ،"توغرا ،ئۇنىڭغا ئوڭ تەستەكنى ئۇرغانكەنمەن قەلەم بىلەن تەتۈر تەستەكنى ئۇراي "، شۇڭا قەلەمنى ئېلىپ خاتىرىسىگە بىرىنجى ھېكايىسىنى يېزىشقا باشلىدى.
" يازغۇچىلقىڭغا تەتۈر تەستەك "
...........................................
( ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئويغىىنشىغا ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئويلىنىشىغا سۇندۇم)
2013-12-19
تىيەنجىن
|