- تىزىملاتقان
- 2013-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 518
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
3.6%
|
ئۆز ئارا تەكلىپ ــ پىكىر بېرىش ، مەلۇم يازما ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىش بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش . چۈنكى ، << ئىلىم ــ پەن ـــ بەس ــ مۇنازىرىسىز تەرەققى قىلالمايدۇ >> دېگەن گەپ بار . بۇ ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ شۇ بىر ئىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ ئەمەسمۇ .
مەنمۇ بىر ــ ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ قوياي . مەنمۇ بۇ پروگراممىنىڭ بىرىنچى سانىنى كۆرۈپلا يازما ئىگىسىگە ئوخشاش ئويلىغان ( قىسمەن جايلىرىمىز ئوخشايدىكەن ) ، كېيىن ئويلىنىپ بېقىپ بۇ تەكلىپلەرنى يېزىشتىن توختاپ قالدىم . مېنىڭ كېيىنكى تەھلىللىرىم تۆۋەندىكىچە :
1 . مۇشۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىلا شىركەت دېگەن خېلى كۆپ ، لېكىن، ئۇلار قاتنىشىمەن دەپلا قاتنىشىۋالالمايدۇ . ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلار مۇشۇ پروگراممىنى، يەنى مۇشۇ خىل ئادەم تاللاش شەكلىنى مۇۋاپىق دەپ قارامدۇ ــ يوق ؟ گەپ مۇشۇنىڭدا . يەنە بىرىسى ئۇلار قاتنىشىمەن دەيدىكەن چوقۇم مۇئەييەن دەرىجىدە بىر ئىقتىسادىي تۆلەم ئاجرىتالىشى كېرەك . يەنى شۇ پروگراممىنى ئىشلەشكە مۇئەييەن ھەق تاپشۇرىدۇ ياكى مەبلەغ سالىدۇ دېگەن گەپ . بولمىسا ئادەتتىكى بىردۇكان(ماگېزىن) ئىگىلىرىمۇ بېرىپ قاتنىشىۋالمامدۇ .
2. ئككىنچى تەكلىپىڭىزگە مەن قوشۇلالمايمەن . ھەم بۇنداق قىلسا بۇ پروگراممىمىزغىمۇ ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن . چۈنكى ، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئىمتىھان ياكى باشقا شەكىلدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئادەم قوبۇل قىلىدىغان تۇرسا ۋە ياكىە ئىشتىن قالدۇرىدىغان تۇرسا . يەنە بىرىسىگە <<گۇاڭخۇي >> قاتارلىقلارنى تىلغا ئاپسىز ، مەن باشتا دېگىنىمدەك ئۇلارنى مۇنىرە ھەدىمىز<< كېلىپ قاتنىشىڭلار >> دېسىلا ئۇلار كېلىپ قاتنىشىۋالمايدۇ ، مۇھىمى ، ئۇلار مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق ئادەم ئېلىشقا ( يەنى ، بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئادەم ئېلىپ ئىشلىتىشكە ) قىزىقامدۇ ــ يوق ؟! مېنىڭچە ، ئۇلار قىزىقمايدۇ .
3. << ۋاقت سەل ئۇزارتىلسا >> دەپسىز ، ھېلىمۇ 90مىنۇت ئاز ئەمەس . مېنىڭچە بۇنچىلىك ۋاقتتا قويۇلىدىغان پروگراممىلار ۋاقتى(ئاران تۆت ئادەم قاتنىشىۋاتسا ) بىر قەدەر ئۇزۇن پروگراممىلار ھېسابلىنىدۇ . بىز بەك قىزىقىپ كۆرگەچكە بۇنچىلىك ۋاقت ئىنتايىن قىسقا تۇيۇلغان گەپ . مەسىلەن : بىز ئادەتتە ئۆزىمىز بەك ياقتۇرىدىغان پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى بەك قىزىپ كەتسە شۇنداق بىر ھېسياتتا بولىمىزغۇ .
4. مېنىڭچە، بەلكىم بارلىق شىركەتلەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى چوقۇم پىكىر قاتناشتۇرىدۇ . ۋاقت چەكلىمىسى مۇناسىۋىتى بىلەن گەپنى قاملاشتۇرۇپ ،ماسلاشتۇرۇپ،باغلاشتۇرۇپ ،جايىدا ئىشلىتەلگەنلەرنىڭ گەپ ــ سۆزلىرىنى تاللاپ كىرىشتۈرگەن گەپ . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناتىق بولىشى بۇ مۇمكىن ئەمەس .
يەنە بىر گەپ بىز ئۆز ئارا تالاش ــ تارتىش قىلىشساق بولىدۇ . ئەمما لېكىن ، گەپ شۇ يـــازمــــا ( تېما ، پروگرامما ) ئۈستىدىلا بولسۇن . ھەرگىزمۇ ئۇنى بۇراپ شەخسىي زىددىيەتكە ، ئۆچمەنلىككە ئايلاندۇرىۋالمايلى . بەلكىم، مەن ئۆزەممۇ قان قىززىقلىقىدا بۇ سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن . ئەگەر شۇنداق بولسا كەچۈرگەيسىلەر .
|
|