گۈل ۋە يۆگىمەش
قىزىل گۈل پورەكلەپ ئۆسكەن باغچىدا،
ئۇچۇشار كېپىنەك مەسىتخۇش ھىدىدىن.
ھۆسنىدىن مەست بولغان بۇلبۇلمۇ ھەتتا،
سايرىشىپ كەتمەيدۇ ئۇنىڭ قېشىدىن.
گۈلمۇ ھەم ئاشىقكەن بولبۇل كۈيىگە،
ئاشىقكەن ئۆزگىنىڭ شېرىن سۆزىگە.
كۆرەڭلەپ ھۆسنىدىن خۇشبوي ھىدىدىن،
بىلمەپتۇ كېپىنەك بۇلبۇل قەدىرىن.
شۇ كۈنلەر بۇ باغقا كەپتۇ بىر مېھمان،
بولماپتۇ كىملىكىنى سوراشقا ئىمكان.
سارغايغان ياپراق چاڭقىغان مايسا،
شۇنچىلىك ماغدۇرسىز تۇرغاچقا نىمجان.
قىزىل گۈل مايسىنى ئاپتۇ قوينىغا،
يەر بېرىپ بېغىدىن،كىچىك چېغىدىن.
مايسىمۇ باش ئىگىپ قىلغاچقا تازىم،
ياپتى ھەم گۈل يوپۇق گۈلنىڭ بەرگىدىن.
شۇ چاغلار بولبۇل بېرىپتۇ تەكلىپ،
مايسىنى قوغلىساق كەلمىسە قايتىپ،
ئالىسى سىرتىدا بولمىسىمۇ گەر،
ئىچىدە نە پىلان بار نىمە تەھتىد.
كېپىنەك قوشۇلۇپ بۇلبۇل سۆزىگە،
قونۇپتۇ شۇئانلا گۈلنىڭ بەرگىگە.
راست دەيدۇ نە ۋەجى كەلگەن مايسا بۇ،
ئوخشىماس ئۇ ھەرگىز گۈلنىڭ نەسلىگە.
گۈل شۇئان ئاچچىقلاپ بېرىپتۇ جاۋاب،
نايتى بىر مايسىغۇ كەتمەڭلەر قاۋاپ.
بىر كۈنلەر چوڭ بولۇپ تارتقاندا ئۇ شاخ،
بېرىدۇ ئوزۇق، سايە ئۇ شۇ تاپ.
مەيلىغۇ بەرمىسە قىلچىلىك سايە،
كۆكىرىپ ياشارسا شۇمۇ كۇپايە.
يۈرسە كىم مۇساپىر قىلماق ياخشىلىق،
بۇ بىزگە ئەجداتتىن قالغان ئەقلىيە.
بۇلبۇل ھەم كېپىنەك دەپتۇ جاۋابەن،
قايسى خىل جاھان بۇ يۈرسەك بىخارەن.
ھەركىملەر ھەر نېمە غېمىدە تۇرسا،
مۇمكىنمۇ ئارىلاشماي تۇرساق خىيالەن.
بولدى بەس بۇلبۇل تۇر مەندىن يىراق،
سەنمۇ ھەم كېپىنەك كەت باغدىن يىراق.
شۇنچىلىك تىكىنىم تۇرىدۇ مەزمۇت،
ھېچ كىشى قىلالماس مېنى پاتپاراق.
قوغلىدى ئۇلارنى قىزىل گۈل شۇ چاغ،
ئوخشىدى قەبرىگە خۇشپۇراق بۇ باغ.
كېپىنەك ئۇچۇپتۇ يىراق باغلارغا،
بۇلبۇلنىڭ ماكانى بولۇپتۇ بىر تاغ.
ھەر كۈنى بۇلبۇل تاغنىڭ ئۈستىدە،
قارايدۇ پەسكە گۈلنىڭ بەرگىگە.
بىچارە گۈللەر تۇرىدۇ پىنھان.
ئەمدى زار بولۇپ بولبۇل كۈيىگە.
شۇ كۈنلەر تامچىلاپ باھار يامغۇرى،
چېچىلدى بۇ باغقا قۇتۇپنىڭ نۇرى.
كىچىك مايسىمۇ ئېچىپ كۆزىنى،
بىخلىدى كۆككە ئوڭشاپ تېنىنى.
سورىدى گۈل مايسىدىن شۇنداق،
ئېيىتقىنە ئۇكام ماكانىم قانداق.
نېمە ۋەجى كەلدىڭ بېغىمغا،
ياكى ھۆسنۈمگە بولدۇڭمۇ مۇشتاق.
ئەيلىدى مايسا بايانلىرىنى،
ئوينىتىپ گۈلگە قاش-كۆزلىرىنى.
شەرىقتىن كەلدىم مەن سەپرىم ئۇزاق.
ماكان يوق باشقا قوغلىماڭ مېنى.
بىلىمەن شۇنداق كېلىدۇ كۈنلەر،
بۇ باغقا كۈن نۇرى ئۆكسىمەس تۈنلەر.
بىر كۈنلەر چوڭ بولۇپ تارتقاندا يىلتىز،
سىزگە ھەم دەخلى تۇرمايدۇ كىملەر.
تەشەككۈر گۈل ئاكا كەلتۈرەي تازىم،
ياخشىلىق قىلغانغا ئىگىلمەك لازىم.
سىز بەرگەن ماكان بۇ سىز بەرگەن ھايات،
ئۆمۈرلەپ سىز ئۈچۈن پىدا بۇ جانىم.
گۈل ئاڭلاپ مايسىدىن ئاشۇنداق جاۋاب،
قىلىپتۇ زېمىنغا توختىماي خىتاپ.
بۇلبۇل ھەم كېپىنەك بولسىدى شۇدەم،
كېتەتتى قانچىلىك كۈلىشىپ يايراپ.
باھارنىڭ ئاخىرقى كۈننىڭ بىرلىرى،
بۇ باغقا سوقتى ھەم شەرىق شامىلى.
كۆكتىكى كۆرۈمسىز قارا بۇلۇتلار،
تۆكتى ھەم بۇ باغقا يازنىڭ يامغۇرى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى مۇقەددەم،
بىلىندى گۈلگىمۇ بۇ يەر بەك بىنەم.
مايسىمۇ چوڭ بولۇپ تارتتى نەچچە شاخ،
كۆرمىدى مايسىنىڭ كۆلگىنىنى ھەم.
ئورىلىپ مايسىنىڭ شاخلىرىغا گۈل،
ئەقىدە ئارمىنى بولدى ئەمدى كۈل.
كۆرمىدى نە ئاپتاپ ياكى ياخشىلىق،
بىلىندى ئۆز بېغى ئەمدى دەشت-چۆل.
سورىدى غەزەپتىن گۈل شۇنداق سۇئال،
كەپسەندە بۇ باغقا قىلماققا قامال.
ئېيىتقىنە سەن قانداق تۇزكورنىڭ پۇشتى،
نە سەۋەب سەندەكنى قىلغايتتىم قۇبۇل.
گۈلگە ئۇ جاۋابەن دېدى پىچىرلاپ،
كەتمىسۇن بۇ ئىشقا چىشىڭ غىچىرلاپ.
مەنمۇ شۇ باغدىكى ئاددىي يۆگىمەش،
ھەر قاچان قولداشمەن سېنى چىڭ چىرماپ.
گۈل شۇئان ئاچچىقتىن شۇنداق ۋارقىراپ،
سىلكەندى نەچچە رەت ئۆزىنى ئوڭشاپ.
ۋەلېكىن يۆگىمەش تۇردى ئاجرىماي،
شۇ گۈلنىڭ تېنىنى كەتكەچكە چىرماپ.
ئۆتۈندى گۈل شۇچاغ ئىگىپ بوينىنى،
يۆگىمەش يۆگىگەن قۇرۇق بەرگىنى،
قىلمىغاچ يۆگىمەش قىلچىلىك پەرۋا،
باشلىدى شىكايەت تىللاپ ئۆزىنى.
بولغاچقا يۈزۈڭدە خوشامەت كۈلكە،
ئىشىنىپ قاپتىمەن شېرىن سۆزۈڭگە.
نە ئۈچۈن بولبۇلنىڭ كىرمەي سۆزىگە،
سەندەكنى باشلىدىم باغنىڭ تۆرىگە.
قىلمايسەن ھېچ نومۇس پارازىنت ياشاپ،
بولغاچقا شۇ كۈلكەڭ ساڭا بىر نىقاپ.
يۈرىسەن ھەر پەسىل ھەركىمنى ئالداپ.
ياشايسەن ساددىلار تېنىنى چىرماپ،
توپراقتىن سۈمۈرمەي ھېچقانداق ئوزۇق،
يۆگىشىپ تېنىمدىن سۈمۈردۈڭ ئوزۇق.
بەرمىدىڭ ئاراملىق ھەربىر كۈنۈمگە،
ھەم بولدۇڭ ھەممىگە ئاشۇنداق توسۇق.
بىچارە قىزىل گۈل سۆزىدىن توختاپ،
بوي ئەگدى مايسىغا چىقىشماي قوغلاپ.
پۇشايمان ئىلكىدە بولدى ئەمدى قۇل،
ئۆتتى ھەم ھەركۈنى يۈتۈپ قان-زەرداپ.
كەچكۈزنىڭ شامىلى تۆكتى يوپۇرماق،
گۈلدىن ھەم ئايرىلدى سارغايغان پاپراق.
يۆگىمەش يۆگىگەن گۈلنىڭ بەرگىمۇ،
ئايرىلدى ئۇ گۈلدىن بولمىغاچ پۇراق.
قىش كېتىپ نەۋ باھار تاشلىدى قەدەم،
بىخلىدى يۆگىمەش بۇ باغدا شۇ دەم.
ئۈنمىدى قىزىل گۈل بۇ باغدا قايتا،
ئۆسمىدى ھەم باشقا شۇندىن مۇقەددەم.
يۆگىمەش يىلتىزسىز تۇرغىنى بىلەن،
ئۆزگىدىن سۈمۈرەر ئوزۇقنى بەلەن.
شۇ گۈلدەك كۆرەڭلەپ مەن مەن دېگەنلەر،
قۇل بولۇپ يوقۇلۇپ كەتكىنى كەتكەن.
|