- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62986
- نادىر
- 6
- يازما
- 2739
ئۆسۈش
  0%
|

1.بۇگۇن بالامنى ئوينۇتۇپ كىلىش ئۇچۇن دەۋىر مەيدانىنىڭ ئوتتۇرا غەرىپ بۆلكىدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتسام كۆزۇمگە داتلاشماس پولاتتىن پارقىراپ تۇرغان بىر ئىككى سۇ جۇمۇكنى كۆرۇپ قالدىم . ئەسلىدە بۇ سۇجۇمەكلىرى دەل قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئاممىۋى سۇ ئىچىش ئۇچۇن ھەقىسز ئورناتقان جۇمەكلىرى ئىكەن .
2.تور ئەھلىنىڭ ئىسىدە شابان رول ئالغان تۆت ئاكا ئۇكىنىڭ ئىېتىزلىقتا يەر ئاغدۇرۋېتىپ بىر كومزەك تىللا تېپىۋالىدۇ .ئۇلار بۇ تىللالارنى ئىستامبولغا ئاپىرىپ ئەلى ئىسىملىك زەرگەر يۇرتىدىشىغا ساتماقچى بولۇدۇ . ئىستانبولغا بېرىپ ئۇچ كۇن سۇدىن باشقا نەرسە يىمەي ئىچمەي ئەلى زەرگەرنى ساقلايدۇ ، مەن ئاشۇ كىنونى كۆرگەندە ئىستانبول شەھرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىشى ئۇچۇن ھەقىسز ئامىۋى سۇ ئىچىش جۇمۇكى ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۇپ تولىمۇ ھەۋەسلەنگەن ئىدىم ،
3 .گەپنى قومۇلىمىزغا يۆتكىسەك قومۇلدا مەن مېنىڭ دادام دادامنىڭ دادىسى قاتارلىق نەچچە يۇز ئەجدادىم قومۇل شەھەر بازىرىغا كىرگۇچە ۋە قايتقۇچە ئۆتەر يولدىكى دۆشتۇر بۇلاقنىڭ سۇيىنى ئىچىپ ماڭغان ، ئەلھەمدۇلىللا شۇكىرى ، ئەپسۇس بۇ دۆشتۇر بۇلاقنىڭ سۇيىنى باللاممۇ ئىچەر دەپ خام خىيال ئەيلەپتىمەن ، ئەمما بالامغا كەلگەندە دۆشتۇر بۇلاقنىڭ سۇيى تامامەن قۇرۇپ كەتتى . بۇ تەبىئەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىر مۇقەررەر نەتىجىسى .راھەتباغلىقلار بۇنداق بۇزغۇنچىلىقنىڭ دەردىنى ئاستا ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىدى ، بىزنىڭ گۇزەل بۇلاقلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى ، راھەتباغلىقلار ئەمدى ئەتىيازنىڭ كۇنى بۇلاق چېپىشقا چىقماس بولدى ، شەرچى دىخانلىرىنىڭ غەزىپى قايناپ تېشىپ قومۇل خەلق باغچىىسىدىكى كۆلنىڭ تومۇسىنى چېپىپمۇ باقتى ، ئەمما قومۇلنىڭ غولى قۇرۇشتىن ئىبارەت رەھىمىسىز رىئاللىققا ھەممىمىز ئامالىسز يۇزلىنىۋاتىمىز ،
4.مانا موشۇنداق قاغىجىراۋاتقان كۇنلەردە مەن دەۋىر مەيدانىنىڭ ئوتتۇرا غەرپ بولىكىدە پەيدا بولغان ئامىۋى سۇ ئىچىش جۇمەكلىرىنى كۆرۇپ نۇرغۇن نۇرغۇن چىگىش خىياللارغا پاتتىم ، ئەجىبا باشتا ھەممىنى ئىنكار قىلىپ تەلتۆكۇس يوقۇتۇپ ئاندىن بىزە بىزە مۇشۇككە پىشەنبىلىك بەرگەندەك خەلىققە قايتۇرۇپ بىرىش جۇڭگوچە شەھەر مەدىنيتىىمىدۇ؟
5.مەيلى نىمىلا بولمىسۇن قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئامما ئۇچۇن قىلغان بۇ ياخشى ئىشىغا تەشەككۇلەر ئىيتماي بولمايدۇ ، ئاللاھ خالىسا ھۆكۆمەت چوڭ باغچىلارغا ھەقىسز ۋايفاي تەمىنلەپمۇ قويار ، مانا شۇنداق ھۆكۆمەتنىڭ مەرتلىكى كۇنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ قومۇللۇقلارنىڭ ساپاسى بارغانسىېرى ئۆرلەپ ئۆسۇملۇك سۇيىنىڭ جۇمۇكىنى بىر ئامال قىلىپ ئېىچىپ سۇ ئىچىدىغان ياكى ماشىنا يۇيىدىغان ئىشلىرى ئازلاپمۇ قالار ، بولسا ئاشۇنداق بىرەر كۆلچەك ھەقسىز سۇ بىلەن تەمىنلەپ ھەقسىز ماشىنا يۇيۇش قاتارلىق ئجىتىمائى پاراۋانلىقلارنى ئويلۇشۇپ باقار .
6.ئەمدى گەپ بەڭگىلەرنى نىمىشقا تىللايسەن دىگەندە بۇ نومۇسسىز بەڭگىلەرنىڭ بىرى دەل ئاشۇ دەۋىر مەيدانىدىكى ئامىۋى سۇ ئىچىش جۇمەكنىڭ كۆلچىكىگە تاماكا قالدۇقىنى تاشلاپ قويۇپتۇ ،
راھەتباغلىقلار ھېچقاچان دۆشتۇر بۇلاققا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ ئىچەتتى ، ھېچكىم بۇلاققا قەستەن ئەخلەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى تاشلاشتەك نومۇسسىزلىقنى قىلىپ باقمىغان .
|
|