بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Alchvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 14:05
ئالى مەكتەپ مائارىپى-ئالدى بىلەن سۇئالمۇ ياكى جاۋابمۇ ؟
ئەلچۈن 2013-يىلى-12-ئاينىڭ -20كۈنى
كىرىش سۆز : مائارىبقا كۆڭۈل بۆلۈش ھەربىىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ،بولۇپمۇ ھازىرقىدەك دۆلىتىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن مائارىب ئىسلاھ قىلىۋاتقان ،ئۇيغۇر مائارىبى يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيىتتە مائارىبقا كۆڭۈل بۆلۈش تولىمۇ مۇھىمدۇر. مائارىب گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ.
قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرگۈلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغۇلى بولىدۇ ؟بۇ بەلكىم نۇرغۇن مائئارىب شۇناسلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسلە بولىشى مۇمكىن .(Pasadena City College)
پاسادىنا شەھەرلىك ئىنىستىتۇت دوتسىنتى ۋالېرا فوستېر بەلكىم سىزگە بىر قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشى مۇمكىن . فوستىرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى ناھايىتى ئاددى: مۇئەييەن مودىل ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ،ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى قىزىقىدىغان تەرەپتىن مودىلغا سۇئال قويغۇزۇش ۋە ئۇلارغا مۇستەققىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ،ئاخىرىدا گۇرۇب ئەزالىرى ئورتاق ھەل قىلىش لاھىيەسى تۈزۈب چىقىش .
ئىلىم-پەن ژۇرنىلى مۇھەررىرى مەكارتىن بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان مېتوت مەسسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك دېدى .
ھازىرىقى جۇڭگو مائارىپى مۇئەييەن بىر ئىنتاھان ئۈچۈنلا بولىنىۋاتقان مائارىب بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشىگە مۇستەققىل ئەركىن پىكىر يۈرگۈزىشى ۋە تەپەككۇر قىلىنىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ بۇنىڭلىق بىلەن ھەتتا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ كەسبى قىزىقىشىنى ئېيتىب بېرەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد .
مېنىڭچە مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى دوتسېنت فوستېر ئېيتقاندەك :
.ئەگەر بىر سائەتلىك دەرسنى بىر كىچىك تەتقىقات دەپ بىلسەك ،ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزى قىزىقىدىغان تەرەپتىن تەتقىقات ئۈستىدە ھەرخىل سۇئاللارنى قويغۇزۇش ،ئاندىن ئۇلارغا قىسقا ۋاقىت بېرىب كىتاب ئىزدەش ئىنتىرنىت قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان سۇئال ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بېرىش .ئاخىردا بارلىق گۇرۇپ ئەزالىرىننىڭ سۇئاللىرىنى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرگە ئېلىب كەلگەندە شۇنىڭ ئۇزى بىز ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان نىشان بولىدۇ .
مەسلىنىڭ جاۋابى بىر ئەمەس ،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپتىن ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا تەپەككۇر قىلىش ئوخشىمىغان سۇئاللارنى شۇنداقلا ئوخشىمىغان جاۋابلارنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش :نۇرغۇن ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ قوتۇلۇب كەتى ،خاتا جايلىرى بولسا تۈزۈتۈب بەرگەيسىلەر .يۇقىرىقىسى دوتسېنىت فوستىرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىدۇر.
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
|