- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7462
- نادىر
- 0
- يازما
- 417
ئۆسۈش
49.24%
|
تۇرمۇش يولىنى تاللاش
ئۈچ ئادەم ئۈچ يىللىق كېسىلىپ تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ. تۈرمە باشلىقى، ھەرقايسىسىنىڭ بىردىن تەلىپىنى قاندۇرماقچى بولۇپ نىمە تەلىپى بارلىقىنى سورىسا، تاماكا چېكىشكە ئامراق ئامېرىكىلىق ئۈچ يەششىك سىگارت بەرسەڭ، دەپتۇ. فىرانسىيىلىك بەكلا رومانتىك بولغاچقا، چىرايلىق بىر ئايال بولسا، ھەمرا قىلسام، دەپتۇ. يەھۇدى ماڭا بىر تېلفون بەرگەن بولساڭ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرسام، دەپتۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپى قاندۇرۇلۇپتۇ.
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار قويۇپ بېرىلىپتۇ. تۇنجى بولۇپ تۈرمە ئىشىكىدىن چىققىنى ئامېرىكىلىق ئىكەن. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپلا ئاغزى-بۇرنىغا سىگارت قىستۇرۇلغان ھالەتتە، ماڭا چاقماق بەر، چاقماق بەر، دەپ ۋاقىراپ-جاقىراپتۇ. ئەسلىدە ئۇ چاقماق سوراشنى ئۇنتۇپ قالغانىكەن. ئارقىدىنلا بوۋاق كۆتۈرىۋالغان بىر ئەر بىلەن قورسىقى تومپايغان، بىر بالىنى يېتىلىۋالغان بىر گۈزەل ئايال تۈرمە ئىشىكىدىن چىقىپتۇ. ئۇ فىرانسىيىلىك ئىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا چىققىنى يەھۇدى بولۇپ، ئۇ تۈرمە باشلىقىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مەن بۇ ئۈچ يىلدا ھەركۈنى سىرت بىلەن ئالاقە قىلدىم، تىجارىتىم زادىلا توختاپ قالمىدى، ئەكسىچە % 200 ئاشتى. رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن سىزگە بىر ماشىنا سوغا قىلماقچىمەن، دەپتۇ.
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، تاللاشنىڭ قانداق بولۇشى تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزنى ئۈچ يىل بۇرۇنقى تاللىشىمىز بەلگىلىگەندەك ، بۈگۈنكى تاللىشىمىز ئۈچ يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بىز ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ۋە ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشكە ئاساسلىنىپ تاللاش ئېلىپ بارساق، ئەڭ ياخشى كەلگۈسىمىزنى يارىتالايمىز.
مەنبە : 励志一生 哲学故事
|
|