قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3624|ئىنكاس: 18

شۇڭقار كەبى چاغلار -(5)-قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 16:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(ئالى مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىم ، دوست-يارەنلەر، تونۇشلىرىمغا  بىغىشلايمەن)


  مەزكۈر چاتما ئەسەرنىڭ تۆتىنجىسىدە مەن ئىنتايىن يۈكسەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇلۇرۇم بىلەن ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ چىققان ئىدىم. دەرھەقىقەت، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ئاساسەن دىگۈدەك بىر-بىرىدىن سۆيۈملۈك، ئاق-قارىنى پەرق ئىتىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قوللايدىغان، ھەققانىيەت روھىغا باي، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ياشلاردىن بولۇپ، ھەقنى كۆرەتتى، توغرىنى توغرا دەيتتى، شۇڭلاشقىمىكىن، سىنىپىمىزدا دىموگراتىك كەيپىيات ئۈستۈن ئىدى. دىموكراتىك كەيپىيات - ھەقىقى مەنىدىكى دوستلۇق ۋە ئىناقلىقنى بەرپا قىلىدىغان تۇپرقتۇر.  ئۇيغۇرلاردىكى "قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ" دىگەن سۆز ئەمىلىيەتتە -ياۋروپا كىلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ "ئادەمنىڭ ماھىيىتى-شەخسىيەتچى كىلىدۇ" دىگەن سۆزىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. خۇددى ئىستىمالچىلارنىڭ سودىدا زىيان تارتىپ قالماسلىق پىسخىكىسى - ئەركىن بازاردا ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك ئىلىم -بىرىم نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەندەك، كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەردە ئۆز خاھىشى بويىچە تاللىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆزى - نۇرغۇن مەسىلىلەرنى زىددىيەتسىز ھالەتتە كۆپچىلىك رازى بولغۇدەك ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدۇر.
كىشىلەر بەلكى سابىق ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى -چىرچىلنىڭ مۇنۇ گىپىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۈمكىن: دۇنيادا مەڭگۈلۈك دوست بولمايدۇ، مەڭگۈلۈك دۈشمەن ھەم بولمايدۇ، ئەمما مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بولىدۇ.
مەنچە بۇ مەشھۇر زات بۇ سۆزنى قىلغان چىغىدا پىرىنسىپنى، ئەخلاقنى بىر يەرگە چۆرۈۋۈەتكەن. بىز ھازىر مەنپەئەتلا قوغلىشىدىغان جەمىيەتتە ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىغىنى ھەم سەزمەكتىمىز.
دىمەك مەنپەئەتنىڭ چوڭ-كىچىكى بولىدۇ. مەسىلە ئۇنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىدە!
ھەقىقى مەنىدىكى بازار ئىگىلىگىدە- ئىشلىگەن چىشلەيدۇ. ئىشچانلار رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. خوشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىك ئاقمايدۇ. قابىلىيىتىڭ بولسا ئۆزۈڭگە ماس ئورۇننى تاپىسەن، ھورۇن بولساڭ، پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ قالىسەن. كىشىلەر جەمىيەتتە توختاۋسىز ھالدا بايلىقنىڭ، يالىڭاچ قىلىپ ئيتقاندا مەنپەئەتنىڭ تەقسىملىنىشى مەسىلىسىگە دۇچ كىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن  مەنپەئەت خىزمەتچى بولسىڭىز ئىدارىڭىزدە، ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، مەكتەپتە ئۆزىگە چۇشلۇق يوللار بىلەن ئىپادىلىنىپ مەلۇم مەقسەتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. جۈملىدىن،
  مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان  ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرى - ئۇلارنى ئاز-تولا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تارتۇقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ياخشى ئوقۇشىغا رىغبەت بىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  مەن  ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا مەكتىۋىمىزدە  ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان  ھەر خىل مۇكاپات تۈرلىرى مەسىلەن بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات - 300 يۈئەن، ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات 200 يۈئەن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 100 يۈئەن، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى 30 يۈئەن، ئۇندىن باشقا ياپونىيەلىك كارخانىچى كوجىما ياسۇنارى ئەپەندى مەكتىۋىمىزدە تەسىس قىلغان -ئوقۇش مۇكاپاتلىرى بار ئىدى. )بۇ پۇللارنىڭ قىممىتىگە بۈگۈنكى پۇلنىڭ قىممىتى بىلەن قارىماڭ، ئۇ چاغدا بۇ پۇللارنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى يۇقۇرى ئىدى(   بۇ مۇكاپاتتىن باشقا يەنە ھەر سىنىپتىن بىردىن "ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى" سايلايدىغان ئىشلار بار ئىدى.   دىمەك، بۇمۇ بىر خىل بايلىقنى،مەنپەئەتنى يەنى- ئاز-تولا پۇلنى مۇھىمى شان-شەرەپنى تەقسىم قىلىش ئىدى. بىزنىڭ سىنىپتا بۇ "تەقسىمات" ، "قارا ساندۇقنىڭ" ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئوچۇق ۋە دىموگراتىك ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىلاتتى، يەنى ھەر قايسى جەھەتتىن شارائىت ھازىرلىغان ساۋاقداشلاردىن بىر نەچچىمىزنىڭ ئىسمى دوسكىغا يىزىلاتتى، ئاندىن ساۋاقداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان نامزاتلارغا بىلەن تاشلايتى، ئاندىن سىنىپ باشلىغى -ئارسلان ئابدۇراخمان ياكى سىنىپ ئىتتىپاق سىكىرتارى ئادىل مامۇت تاشلانغان بىلەت سانىنى دوسكىغا يىزىپ نەق مەيداندا ئىلان قىلاتتى. ئاشۇ لىللا ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزغىن قوللىغىنىغا رەخمەت، بىرىنجى يىلىنى ھىساپقا ئالمىغاندا تاكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ساۋاقداشلىرىم ماڭا بىرىنجى دەرىجىلىك ۋە كوجىما ياسۇنارى مۇكاپاتىنى ھەر يىلى دىگۈدەك تارتۇق قىلدى. شۇنداقلا  تۆت قىتىم مەكتەپ بويىچە "مۇنەۋۋەر ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە بىر قىتىم" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى" بولۇپ باھالاندىم. بۇلار مىنىڭ ئۆزۈمگە تىخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. دۇنيادا يىقىن ئادەملىرىڭنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئارتۇق ئازاپلىق ئىش بولمىسا كىرەك.  شۇڭا مەن ياكى ھىسسىيات جەھەتتە چاچراپ كەتمىدىم، ياكى ئىرادە جەھەتتە بوشاپ كەتمىدىم، ۋە ياكى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇلۇرۇمنى قۇرۇق خىىياللىرىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمىدىم. ئەكسىچە ئۈگۈنۈشنى ياخشى قىلىپ ھەم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە فاكۇلتىت ئوۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپتىن كۈچۈمنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلەشكە تىرىشسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزچە كۇرسقا دەرس ئۆتتۈم ھەمدە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا جىددى تەييارلىق قىلدىم. ئاشۇنداق ئالدىراش ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كادىرلىرىغا بەرگەن ياتىغىمغا قاغىلىق ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن كىلىپ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتىتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىسىملىك ئاكا دىمەتلىك بىر كىشى بىر قۇتا ھەسەل كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. بۇ كىشى مىنى كۆرسىلا مەن بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلۈشۈپ قوياتتى. ھەسەلنىڭ چىرايلىقلىقىغا قاراپ بىر نەچچە قوشۇق يەپ ساپتىمەن، ئارىدىن يىرىم سائەت ئۆتە-ئۆتمەيلا تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتتىم-دە بولالماي ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم. تەلىيىمگە دوستۇم ئابدۇقادىر بەكرى يىنىمدا بار ئىدى، بىر نەچچەيلەن مىنى كۆتە--كۆتە قىلىپ شەھەرلىك ئۈچىنچى دوختۇرخانىغا ئىلىپ چىقىشتى. چوڭلارنىڭ "كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ" دىگىنى راست ئىكەن. ئابدۇقادىرنىڭ مىنى يۈتۈپ، يۆلەپ مىڭىشلىرىغا قاراپ
ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىغى قىش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىر ئىش يادىمدىن كەچتى. بىر كۈنى  يىرىم كىچىدە  بىرسىنىڭ  ئىڭراۋاتقانلىغى قۇلىغىمغا كىرىپ ئويغىنىپ كەتتىم، قارىسام ھىلىقى بىرىنجى يىللىقتا  ماڭا خەنزۇچە جۈملىنى خاتا تۈزۈپ بىرىدىغان ساۋاقدىشىم ئەمرۇللا ئىكەن، ئەھۋالىنى سورىسام قاتتىق ئاغرىپ كىتىۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم مامۇتنى ئويغۇتۇپ ئەمرۇللانىڭ كىيىمىنى كەيگۈزۈپ ئۇنى دەم يۈتۈپ دەم يۆلەپ 3-دوختۇرخانىغا ئىلىپ چىققان ئىدۇق. "تۆۋا مانا بۈگۈن مىنى  ئابدۇقادىر ۋە باشقىلار دەم يۈتۈپ،  دەم يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىتىۋاتىدۇ.
"ئاشۇ كۈنىدىكى جىسمانى ئازاپقا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. مىنى
بىر خىل تىز خاراكتىرلىك كىسەل قاتتىق سوققان ئىدى.  مەن ئورنۇمدىن تۇرالماي ئالاھىزەل ئىككى-ئۈچ ھەپە ئورۇن تۇتۇپ ياتتىم.
شۇ مەزگىلدە مىنى يوقلاپ كىرگەن ساۋاقداشلىرىم ماڭا "مىنىڭ مەكتەپ بويىچە مۇنەۋۋەر ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى  ۋە ئاپتونوم رايۇن بويىچى مۇنەۋۋەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالانغىنىم، باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئىلىپ قويۇشقانلىقلىرىنى خوشخەۋەر قىلىپ ئىلىپ كىرىپتۇ. "بىر يامانلىقنىڭ كەينىدىن بىر ياخشىلىق" دىگەن شۇ بولسا كىرەك.
خەۋەر يەتكۈزۈپ كىرگەنلەرنىڭ دىيىشىچە شۇ يىلى" مەكتىۋىمىزدىن  ئاپتونۇم رايونىمىز
بويىچە مۇنەۋۋەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى" بولۇپ باھالانغان ئوقۇغۇچى تۆت بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىككى ئىكەنمىز، بىرى مەن، يەنە بىرى فىزىكا فاكۇلتىتى 88-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان-ئابدۇشۈكۈر ئاابدۇرىشىت ئىكەن. ھەر ھالدا سانىمىز باراۋەر ئىكەن. ) تاشمۇ چۈشكەن يىرىدە
ئىزىز دىگەندەك بەلكىم  بۇ شەرەپلەرنىڭ يۇرتتا، ئەلنىڭ ئىچىدە قىممىتى بولسا كىرەك، شۇندىن كىيىن ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق رادئىو ئىستانسىسىدىن مۇخبىر قىزلار كىلىپ زىيارەت قىلدى. ياشلارغا،  ياش ئاتا-ئانىلارغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۈگۈنۈش ھاياتىم ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىنىم ئىسىمدە.(
  
ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە، مەن سىنىپ مۇدىرىمىز - ئابدۇللا غوپۇر مۇئەللىم، ئابلىكىم ھەسەن مۇەللىم،  مەرھۇم يازغۇچىمىز ئەخمەد زىيائى ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئارسلان مۇئەللىم، مۇختەر مۇئەللىم، ئايشەم مۇئەللىم، مۇنىرە مۇئەللىم )ھازىر كالىفورنىيەدە ياشايدۇ، تاشپۇلات روزى ئاكىنىڭ خانىمى( ، ئىبراھىم مۇئەللىم ۋە مۇرات مۇەللىم)بۇ ئىككىسىى قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايى جەننەتتىن  بولغاي، ئامىن(!،سىرغازى مۇئەللىم، تۇرسۇن، قۇربانجان،  داۋۇت، دەلىلقان ۋە باۋۇرجان  ھىمىت ۋە ئابدۇسالام مۇەللىم شۇنداقلا روشەنگۈل، رازىيە، زەپەرخان، ئىلياس، مۇئەللىملەر ھەمدە جۈرئەت، سېرىك، فاتىمە، گۈلنۈر يۈسۈپ قاتارلىق خىزمەتداشلىرىمنىڭ چىرايلىرى، گەپ-سۆزلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ.  

بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن فاكۇلتىتىمىزنىڭ غوللۇق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىسى ئابلىكىم ھەسەن مۇئەللىمنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. چۈنكى مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغاندا بولسۇن ۋە ياكى خىزمەتكە چىققاندا بولسۇن،
ئابلىكىم مۇئەللىم مەندە چوڭقۇر تەسر قالدۇردى.  ئابلىكىم ئاكا - كورلىدا بىر مەرىپەتپەرۋەر ئاىئلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئۆزى چىچەن كىشى بولۇپلا قالماي، تىرىشچان، مەسۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس، سەمىمى، تۈز كۆكۈل، ، خۇشاۋاز كىشى ئىدى.ئۇ تىرىشچان، غەيرەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرەتتى. ئويۇنچى، لىڭتاسما، مەسۇلىيەتسىز كىشىلەرگە نەپرەتلىنەتتى.  مىنىڭ ئابلىكىم مۇئەللىمنى تۇنۇغان چىغىم-
مەن ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا فاكۇلتىتىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى كەلپىندىن كەلگەن 86-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى، قابىل تەشكىلاتچى، ناتىق ئىبراھىم ئەمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن  ئۆتكۈزگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە باھالىغۇچى بولۇپ كىرگەن ۋاقىت ئىدى. مەن نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا -ئابلىكىم مۇئەللىمنىڭ بىشىغا قالپاق كىيىپ سۆزلىرىمنى زىھنى بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، شۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىسەم ، ئابلىكىم مۇئەللىم "بىز بىر ياخشى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىپتۇق" دەپ كۈلۈمسىرىگەن چىغى دىگەن ئوي خىيالىمدىن كىچىدۇ.
مەن 1993-يىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەن يىلى- مەكتەپ بويىچە ئۇيغۇرلاردىن 8 كىشى، ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىن ئاخبارات كەسپى بويىچە قۇمۇلدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى مىھراي مەمتىلى، ئەدەبىيات كەسپى بويىچە قۇمۇلدىن كەلگەن مول-ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ئابدۇرىھىم راخمان، ئالى مەكتەپ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئۆيى بار تىرىشچان ئوقۇغۇچى مۇيەسسەر پەيزۇللا، ئىقتىساد فاكۇلتىتىدىن مەن، تارىخ فاكۇلتىتىدىن، بۈگۈردىن كەلگەن ئجتىھاتلىق تارىخشۇناس  قۇربان نىياز يەنى قۇربان تۇران، ئاتۇشتىن كەلگەن مۇنەۋۋەر تارخ تەتقىقاتچىسى نۇرۇللا مۆمىن، فىزىكا فاكۇلتىتىدىن كۇچادىن كەلگەن  ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت، بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىن توقسۇدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئەنۋەر تۆمۈرلەر ئىدۇق. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇزدىن ئارتۇق ئىدى. ئوقۇش باشلىنىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن مەكتەپ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى يىغىن ئىچىپ سايلام ئىلىپ باردى. سايلام نەتىجىسىدە بىزدىن 8-9 ياش چوڭ، ئىلگىرى ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەپ ئۇنىۋىرسىتىت تارخ فاكۇلتىتىغا ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەن جاڭ فامىلىلىك بىرسى رەئىس، مەن مۇئاۋىن رەئىس، يەنە ئىككى خەنزۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئابدۇرىھىم راخمان قاتارلىقلار ئوقۇغۇچى كادىر بولۇپ سايلاندۇق.
مەكتەپ -ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا 108 يۈئەندىن تەمىنات مۇئاشى بىكىتىپ 3 ياكى تۆت ئوقۇغۇچىغا مۇھىتى ياخشى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىن كىتاپ جاھازىلىرى بار ياتاقتىن بىردىن بىرىشتى، ۋە چوڭ رەڭلىك تىلىۋىزورى ھەم كالانچۇر، تىك-تاك توپى بار ئۆيدىن بىرنى ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار پاائلىيەت مەرگىزى قىلىپ بىرىشتى. مەن قىلغان ئىشلىرىمنىڭ تايىنى يوقلىقىغا باقماي دائىملا ئالدىراش يۈرەتتىم، يەنى بىر يەردە ئۇزاقراق ئولتۇرالمايتتىم. )ئامىرىكىدا بولغان بولسام دوختۇرلار hyperattention deficit disorder -  دىققەتنى يىغالماسلىق كىسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇپ تولا دورا بىرىپ ساراڭ قىلىپ قويۇشى مۈمكىن ئىدى( شۇڭا بۇ پائالىيەت مەرگىزىنىڭ بارلىقىغا، كىملەرنىڭ كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن. بىر كۈنى ئاسپىرانتلاردىن بىرسى ئاچچىق بىلەن سۆزلەپ كىتىۋاتىدۇ:
-بىز سىلىنى قۇرۇق جازا بولسۇن دەپ سايلىمىغان بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ۋەكىللىك قىلامدىكىن دەپ سايلىغان، قەيسەر، قەيسەر دىسە سىلىمۇ تايىنلىق ئىكەنسىلەر.
-ئۇنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ سورىدىم.
-نىمە ئىش بولدى، نىمىگە بۇنچە كايىش.؟
-ماۋۇ پائالىيەت ئۆيىدە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بارمۇ؟ يا بۇنىمۇ باشقىلار مونوپول قىلامدۇ؟
مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم.
-ئەلۋەتتە ھەققمىمىز بار. ئۇ كۆپچىلىككە تەۋە، ھىچكىمگە ئەمەس.
ئۇنداقتا ئاچقۇچ بارمۇ سىلىدە؟ بىز قاچان ئىشلىتىمىز؟ قاچان قارىسام باشقىلار پايدىلىنىۋاتقان.
شۇنىڭ بىلەن جاڭ فامىلىلىك ئۇيۇشما رەئىسىنىڭ پائالىيەت  ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئىچىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
بۇ ساۋاقداشنىڭ دىگىنى توغرا. مەن مۇشۇلار بولغاچقا مۇشۇلار قوللىغاچقا مۇشۇ ۋەزىپىگە سايلاندىم. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىشىم، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىشىم، مەنپەئەتىنى قوغدىشىم كىرەك. چۈنكى مەن ياكى ھەيكەل ئەمەس، ياكى قارانچۇق، بەلكى نورمال تەپەككۈرگە، پاكىز ھىس-تۇيغۇغا ئىگە ئىنسان. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا دىدىم:  
-يۈرۈڭلار، جاڭنىڭ يىنىغا چىقىمىز.
كەچ سائەت 10 دىن ئاشقان چاغ ئىدى. باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن،جاڭنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇنى سىرتقا چاقىرىپ چىقتىم.
-بۇرادەر قەيسەر ، نىمە ئىش دىدى، جاڭ، قوشۇمۇمنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ.
-ماۋۇ پائالىيەت ئۆيى سىنىڭ شەخسى مۈلكۈڭ ئەمەستۇ؟
-چۈشەنمىدىم.
-ماۋۇ پائالىيەت ئۆيىدىن بىر قىسىم ئادەملەر پايدىلىنىپ بىر قىسىملار پايدىلانمىسۇن دەيدىغان مەكتەپنىڭ سىياسىتى يوققۇ دەيمەن؟ -
-ياق، يوق.
-ئەمىسە نىمە دەپ سەن ئاچقۇچنى ئۆزۈڭلا تۇتۇۋالىسەن. مەنمۇ ساڭا ئوخشاش رەئىس شۇنداققۇ؟
-شۇنداق.
-سىنى ئارمىيەدە تۇرغان، ئىنتىزامچانلىغى، سىياسى ئېڭى يۇقۇرى دەپ ئويلىسام نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟ مەن سەل ئاۋازىمنى يۇقۇرى چىقاردىم. ئاممىدىن پىكىر چۈشتى. بىلەمسەن، بۇ قىلىمىشلىرىڭ، باش-باشتاقلىق، ئىتتىپاقلىققا تەسر يەتكۈزگەنلىك، ئايرىمچىلىق، بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىق.
)چاچراپ چىققان ھىسلىرىمدىن ئايرىم پارچە- سەنمۇ خەققە قالپاق كەيگۈزسەڭ، ئۇنىڭ توغرا بولسا  نارازى بولۇپ قارشىلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ خاتا بولسا چۆچۈپ ھۇشىنى تاپىدۇ. گەپ سىنىڭ ئۆز مەۋجۈت قاىئىدە - تۈزۈملەرگە رۇئايە قىلغان ئاساستا مەيدانىڭدا چىڭ تۇرۇش-تۇرالماسلىقتا. خەقنىڭ كاللىسى ئىشلىسە سىنىڭمۇ ئىشلەيدۇ. خەقنىڭ مەنپەئەتى بولسا سىنىڭمۇ مەنپەئەتىڭ بولىدۇ. "خوش سىكىرتار غوجام ئۆزلىرىدىن كەلسۇن" ، "نىمە دىسىلى ماقۇل، شىڭ، شىڭ، ۋاي شىڭ" دەپ ئىگىلىپ تۇرساڭ، سەنغۇ ھازىر چاپان كۆتۈرۈپ، خەققە باش ئىگىپ، مۇئاۋىنلىغىڭنى بىچارە سايىت بىلەن سارىخانغا كۆرسىتىپ ياشارسەن،  سەنمۇ قىرىيسەن، ئۆگۈنلۈككىلا خەق قىز نەۋرەڭنى ئىچكىرىگە ئىشچىلىققا، ئوغۇل نەۋرەڭنى ئۆز يۇرتۇڭدا ئىشسىزلىققا مەجبۇرلايدۇ(.
دىققەت قىلسام جەمىيەتتە مۇنداق بىر خىل پۇرسەتپەرەس، مۇناپىق كىشىلەر بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىساڭ، ئۇنىڭدەك غۇرۇرلۇق ئادەم يوق، مەكتەپتە ئوقۇغىنى چاغلىق. مۇناسىۋەتكە، چاپان كۆتۈرۈشكە تايىنىپ ئازراق ئەمەل تۇتۇپ قالغان. ئەمىلى ئۆسكەنسىرى - شۇنچە يەرگە ئىگىلىدىغان، خەقنىڭ ماشىنىسغا قاراپ چاس بىرىدىغان، ئەمما ھامما - تاغىغىسىغا سالام بىرىشكىمۇ يارىمايدىغان. مەن بۇنداق ئادەملەرنى بىرىنچىدىن كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايمەن، ئىككىنچىدىن
ئۇلاردىن ئىنساپ ۋە  غۇرۇر تەلەپمۇ قىلىپ كەتمەيمەن. ئەگەر شۇنداقلار مۇشۇ يازغىنىمنى چىكىلىرى تەرلەپ تۇرۇپ ئوقۇسا ئۇلاردىن مۇنداق بىرلا نەرسىنى سورايمەن. ئەمدى ھەقىقەتكە قايتىپ خەلقىڭگە زىيانلىق ئىش قىلما.
ئەلنىڭ كۆزى ئوچۇق. تارخنى، سىنىڭ تەرجىمھالىڭنى خەلق، سىنى  بىلىدىغانلار يازىدۇ.(  
   
جاڭ فامىلىكنىڭ چىرايى تاتىرىپ جىددىلىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
-قەيسەر ئىنى، خاتالىق مەندە. كەچۈرگىن، بولىدۇ، مەن ئەتىلا ئاچقۇچتىن بىرنى ياسىتىپ چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ياتىقىڭغا ئەكىرىپ بىرەي.
-ئۇنداقتا ئەتە چۈشتە ياتىغىمدا ساقلايمەن. لىكىن بۇندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتى بولسا مىنىڭ مەسلىھەتىمسىز ئىلىپ بارساڭ، ئايرىمىچىلىق قىلغان بولىسەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، بۇنى سەن بىزگە قارىغاندا ياخشى بىلىشڭ كىرەك.
-مەن  قورچاق ئەمەس، مەنمۇ تەشكىلى تۈزۈم بويىچە سايلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى.
ئەتىسى جاڭ دەل چۈش مەزگىلىدە ئاچقۇچنى ئىلىپ كىرىپ بەردى. مىنىڭ ئۇنىڭغا دىگەن گىپىم ئۇنىڭ قۇلىغىدا چىڭ تۇرغان چىغى مەن بىر يىل شاڭخەيگە كەتكەن ۋاقىتنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەيلى ئۇلار ھەپتە ئاخىرلىرى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزسۇن ۋە ياكى يىڭى يىللىق، چاغانلىق پائالىيەت ئۆتكۈزسۇن، پائالىيەتتىن بۇرۇن مىنى ياكى ئۆزى ياكى يەنە باشقا ئىككى ئوقۇغۇچى كادىرنى كەينىگە سىلىپ ياكى ياتىغىمدىن، ياكى فاكۇلتىتىمدىن ئىزدەپ كىڭىشىدىغان بولدى. ئۇ شۇنداق باشلايتتى:
بۇرادەر قەيسەر، بىز پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى، مىللى ساۋاقداشلار قاتناشسا تىخى ياخشى.  ھەممەيلەننى قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلىمىز.  سەن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشۈمىزگە  قوشۇلامسەن؟
مەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىىنى چەكلەيدىغان، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان خۇدۇكى بار بىرسى ۋە ياكى كۆزى كىچىك، قوسىغى تار مەتۇ ، نامەرت ۋە ياكى ئالا-جوقا ساراڭ ئەمەس -دە!
مەن شۇنداق دەيتتىم:
ماۋۇ ئىشىڭ ئەمدى توغرا بولۇۋاتىدۇ. ئىشلار مۇشۇنداق مەسلىھەتلىشىپ، كىڭەش بىلەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت بىلەن بولسا چاتاق چىقمايدۇ. تەكلىۋىڭنى بالىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي، ئەمما ۋاقتىم يوق بولغانلىقتىن مەن قاتنىشالمايمەن.

مەن ئاسپىرانتلىقنىڭ ئىككىنجى يىللىغىدا فاكۇلتىت - لى شئىۇ خۇي، ۋاڭ جىخەي ئىسىملىك ئىككى خەنزۇ ئوقۇغۇچى بىلەن مىنى شاڭخەي مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئاسپىراتورىيە بۆلۈمىگە بىر يىللىق پۇل -مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ كىلىشكە ئەۋەتتى.
ئۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم يۇرتتىن ئايرىلىشىم ئىدى.  پويىزدا سەپەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن 1994-يىلى شاڭخەي مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىگە قوبۇل قىلىنغان گۈلبوستان ) ئىنىق ئىىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ( ئىسىملىك بىر سىڭىلچاق ھەمرا بولدى. شۇنداق بىر جاپادا شاڭخەيگە يىتىپ باردۇق. گەرچە ئوخشاش مەكتەپ بولسىمۇ مىنىڭ ئوقۇيدىغان يىرىم جوڭشەن شىمالى يولى 369-قوروغا جايلاشقان ئاسپراتورىيە بۆلۈمىدە ئىكەن. ئەپلەپ ياتىدىغان جاينى تىپىپ ئورۇنلىشىپ "ئۇھ" دىدىم ھەمدە مەكتەپ دائىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ رەسمىيەت ئۆتەپ، قايسى پەنلەرنى ئوقۇشنى بىلدىم.
مەن پويىزدىن چۈشكەندە شاڭخەينىڭ ھاۋاسىدىن بىر سىسق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلغان ئىدى. كىيىن ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن دىققەت قىلسام، ئۇ سۇنىڭ پۇرىغى ئىكەن. دەسلەپتە بىر ئاز كۆڭلۈم ئايلاندى، چوڭلارنىڭ سۆزى توغرا ئىكەن: ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ، دوزاققىمۇ 3 كۈندە كۆنىدۇ. ھەم كۆنمەيمۇ ئامال يوق.  مىنىڭ بىشىمنى قاتۇرغىنى تاماق مەسىلىسى بولدى. بۇ يەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا يوق ئىكەن. مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسانتلىرى ئوقۇيدىغان يەردە بىزنىڭ ۋەتەندىن كەلگەن 20 گە يىقىن ئوقۇغۇچىغا ئىچىپ بەرگەن ئاشخانا بار ئىكەنۇ ئەمما ئۇ يەر ماڭا زور قولايسىز بولغانلىقتىن بىشىمغا غەم چۈشتى. دەسلەپ بىر نەچچە كۈن ئۆزۈم ئەكەلگەن نەرسىلەر بىلەن جان باقتىم. ئاخىرى بولماي بىر كۈنى مەكتەپ مەسۇللىرىنى ئىزدەپ چىقتم: ئىشخانىدا ئىككى ئايال، بىر ئەر بار ئىكەن.
-قاراڭلار، مەن بۇ يەرگە ئوقۇغىلى كەلگەن، ئەمما مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان، كۆرگەنلا يەردىن تاماق يىمەيمەن. بۇ يەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا يوق ئىكەن. بىر ئامال قىلىپ بەرمىسەڭلار بولمايدۇ، ماشىنىغا ماي بەرمىسە ماڭامدۇ؟ دىدىم چاقچاق ئارىلاش.
مەن بۇ يەرگە مەكتەپ تارىخىدا ئاسپىراتورىيە بۆلىمىگە كەلگەن تۇنجى مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر بولسام كىرەك، ئۇلار ئۆز ئارا شاڭخەي دئىالىكتىكىسىدا بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ كىتىشتى. ئاندىن ئۇلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىزىقىپ ئۇنى بۇنى سوراشتى، لايىغىدا جاۋاپ بەردىم. بىرسى - مەركەزدە ئۇيغۇرلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى بارغۇ دەپ سالدى، مەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە چاقچاق ئارىلاش دىدىم:
- ئەگەر مۇشۇ مەسىلەمنى ھەل قىلمىساڭلار، سەيپىدىن ئەزىزىگە خەت يازىمەن.
ئۇلار كۈلۈپ كىتىشتى، ۋە شۇ ھامانلا تىلىفۇن بىلەن مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ باشلىغىنى چاقىرتىپ كىردى ۋە ئۇنىڭغا تاپىلىدى.
- بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىرىڭلار. "راستنى راست  دىمىسەڭ، قىيامەتتە سورىغى بار" دىيىشىدۇ كونىلار. مەن ئۇلار كۆرسەتكەن سەمىمىيەتتىن خۇرسەن بولۇپ رەھمەت ئىيتتىم.
ئاشخانا باشلىغى مىنى ئىلىپ چىقىپ رەڭگى پاكىز بىر تەتەي ئاشپەزنى ماڭا تـونۇشتۇردى. "نىمە يىمەكچى بولساڭ، مۇشۇ ئايالغا دىگىن."    تۇخۇم، كۆكتات، مۈمكىن بولسا بىلىق ئىستىمال قىلىمەن" ئەمما ئايرىم قازان - قومۇچ بولمىسا بولمايدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئەتىسى چۈشلۈككە گۈرۈچ تامىغى بىلەن تۇخۇم بولسا بولىدىغانلىغىنى ئىيتتىم.
بۇ ئاشپەز ئايال ئوچۇق-چىراي ۋە پاكىز كۆرۈندى. ئەتىسى دىگەن ۋاقىتتا ئىزدەپ كىرسەم، تاماقنى پۈشۇرۇپ، تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىر يۈرۈش پۈتۈن يىڭى قازان قومۇچ ئىشلەتكىنىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدۇم، ھەمدە رەخمەت ئىيتتىم.  ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت كۆرىسەن، ئەلۋەتتە.
ئەمما ياتاققا قايتىپ كىلىپ ھىلىقى تاماقنى ئۇ ياق ماتىلاپ، بۇ ياق ماتىلاپ، كانىيىمنى بىرسى بوغۇۋالغاندەك بولۇپ ئاران تەستە يىرىمىنى يىدىم، ئەمما ھىلىقى سىسىق سۇنىڭ پۇرىغىدەك پۇراق بۇرنۇمغا كىرىۋىلىپ، كۆكلۈم يەنە ئاينىدى.
ئەتىسى چۈشلۈك تاماققا كىرسەم، ھىلىقى ئايال تاماقنى سەل بۇرۇن ئىتىپ قويۇپتۇ. مىنى كۆرۈپ ئۇ بىر ئىشكاپتەك نەرسىنى ئاچتى ۋە تاماقنى ئىلىپ ماڭا سۇندى. كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىشكاپقا ئىسىقلىق ئاپپاق تۇرغان گۆشكە چۈشتى، كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشۈپ سورىدىم: نىمىنىڭ گۆشى ئاۋۇ؟
-چوشقىنىڭ گۆشى.
دەرھاللا قولۇمغا ئىلىپ بولغان تاماقنى ئۇنىڭغا سۇندۇم: "كەچۈر مەن بۇ تامىقىڭنى يىيەلمەيمەن ئەمدى بۇ يەردىن تاماق يىمەيمەن. مانا ماۋۇ بۈگۈنكى تاماقنىڭ ھەققى، ئىككى كۈندىن بۇيان مەن ئۈچۈن ئاۋارە بولغىنىڭغا رەھمەت."
. ئاشپەز ئايال چىرايىمدىكى پاراكەندىچىلىكنى ھىس قىلدى بولغاي دىدى: بۇ سىنىڭ تامىقىڭ گۈرۈچ بىلەن بىلىق تۇرسا، مەن ئۇ گۆشنى ئىشلەتمىگەن تۇرسام.
مەن دەرھاللا سىرتقا ماڭدىم. چۈنكى شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئىنستىتوتىنىڭ مەن تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا قوشنا ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. "ھىچ بولمىدى دىگەندە ئەرەپچە ئوقۇيدىغان تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارغا ئىچىپ بەرگەن ئاشخانىسى باردۇر. شۇنداق خىيال بىلەن ئۇ مەكتەپنىڭ قورۇسىغا كىرىپ سورىسام راست دىگەندەك شۇنداق ئاشخانا بار ئىكەن. مەن دەل ئاشپەز ئۇستام چۇشلۈك تاماقنى تەييار قىلىپ تۇرغان پەيتكە ئۈلگۈرۈپ كىرىپتىمەن. ئاشخانىدا شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان شاڭخەيلىك تۇڭگان قىز بىلەن ئۇستام پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىكەن. كالا گۆشى بىلەن تەرخەمەكنى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇغان سەي، تۇخۇم سەي دىگەندەك تاماقلارنى تەخسىگە تىزىپ قويۇپتۇ. مەن كىرىپلا مۇسۇلمانچە سالام بىرىپ كۆرۈشتۈم ۋە ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ سىز دەپ سورىدى ئاشپەز ئۇستام. نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن؟ ياق، دەي دىسەم تاماقنى سىتىپ بەرمەسلىگىدىن ئەنسىرىدىم. ھە ئە دەي دىسەم، يالغان سۆزلىگەن بولىمەن.
ئادەم ھاياتتا - قىستالغاندا، مەجبۇرلانغاندا سەمىمىيەتسىزلىك قلىشقا مەجبۇر بوپ قالىدىكەن. باشقىلارغا قىلچە زىيان يەتكۈزمىگەن ھالدا ئىلاجىسىزلىقتىن قىلىنغان سەمىمىيەتسىزلىكنى مەن -ئەپۇ قىلىشقا، چۈشۈنۈشكە بولىدىغان سەمىمىيەتسىزلىك دەپ قارىساممۇ  "ھە ئە" دەپ ئاۋازلىق جاۋاپ بىرىشكە يەنە يۈزۈم چىدىماي، بىشىمنى لىڭشىتتىم. شۇندىن كىيىن ھەپتىدە ئىككى ۋاق تاماقنى تاكى يۇرتقا قايتىپ كەتكۈچە ئاشۇ يەردە يىدىم.  نىڭشىيادىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن ئىنگلىزچە بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن 4-5 تۇڭگان ئوقۇتقۇچى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇڭگان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان شۇ مەكتەپنىڭ بۇ يەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن خەنزۇ ئايال ۋە يەنە شۇ مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى بويىچە ئاسپىرانتلىغىدا ئوقۇۋاتقان ئەينى چاغدا قىزىلسۇ ئوبلاستىغا ئوبلاست باشلىغى بولغان تاھىر مامبەت ئالى دىگەن كىشىنىڭ ئادىل دىگەن ئوغلى بىلەن تونۇشتۇم. ئۆزۈم پاراڭخۇمار بالا بولغىنىم ئۇچۇن بۇلار بىلەن ئاسانلا ئىلىقىپ كەتتىم. ، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىمنى ئىيتتىم، ئەمما بىرسىمۇ ئاشپەز ئۇستامغا چېقىپ قويمىدى، دىمەك ھالال تاماق يىگەنگە چۇشلۇق ئىش قىلىشتى. شۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم، ھىلىقى نىڭشىيادىن كەلگەنلەرنىڭ "مو سىېر - ھىچقىسى يوق" دەپ سۆزلەشلىرى، ئۇرۇمچىدىن كەلگەن خەنزۇ ئايالنىڭ ئۇيغۇرچە ئاھاڭى سىڭگەن "" جې ياڭما؟، نېياڭما " دەپ سۆزلەپ كىتىشلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ.
يىل ئالمىشىپ مەن كىتىشكە بىر كۈن قالغاندا قولۇمغا بىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن ئىلىپ ماڭا ئون ئاي تاماق ئىتىپ ۋە سىتىپ بەرگەن تۇڭگان ئۇستامغا ھەم رەھمەت ئىيتىش ھەم خوش دىيىش ئۈچۈن، ئاشخانىغا بىر ئاز بۇرۇن باردىم.
ئاشپەز ئۇستام ھەقىقى ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەسلەپ "ماڭا دەسلىۋىدە راست گەپنى ئىيتقان بولساڭ، سەن مەكتىۋىڭدىن تونۇشتۇرۇش ئىلىپ كەلگەن بولساڭ مەن مەكتىۋىمدىكىلەرگە مەن مانچە ئادەمگە تاماق ئىتىۋاتىمەن دەيتتىم، ماڭا پايدىسى تىگەتتى ئەمەسمۇ؟". دەپ كايىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ تۇرۇپ رەھمەت ئىيتتىم ۋە سوۋغاتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: بىر ھاجەتمەنگە، بىر مۇسۇلمانغا قىلغان ياردىمىڭنى مەكتەپ بىلمىگەن بىلەن ئاللاھ بىلىدۇ ئەمەسمۇ دىدىم. ئىپادەمدىكى سەمىمىلىكنى كۆرۈپ ئۇستام ئۆزىنىڭ دىگەن گىپىگە خىجىل بولۇپ قالدى بولغاي، مىنىڭ شاڭخەيگە كەلسەم ئۆزىنى ئىزدەپ كىلىشىمنى جىكىلەپ كەتتى. مەن شۇ كۈنى تاماق ئىتىپ بەرگەن ۋە سىتىپ بەرگەن ئۇستام بىلەن خوشلىشىپ ۋە ئۇنىڭ تامىغى بىلەن ئاخىرقى قىتىم غىزالىنىپ  قايتىپ كەتتم.     
  بۇ يەردە شۇنى ئاشكارىلىماي تۇرالمايمەن. مەن دۇنيادىكى تاماقلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرىغا بەكلا ئامراق، شۇنداق بولغانلىقتىن شاڭخەيدە كىلىپلا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى ئىزدەپ  شاڭخەينىڭ جېجىياڭ يولىدا بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ھەمدە ئاپتونۇم رايوننىڭ شاڭخەيدىكى ئىش باشۇرۇش ئورنىنىڭ يىنىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ بارلىغىنى بىلدىم. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەر ئىككىسىگە لەغمەن يىگىلى بىرىپ كۆڭلۈم پەرىشان بولۇپ قايتىپ كەلدىم. مەن مەكتەپكە كىلىپ بىرەر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن 50 يۈئەنگە ئىككىنچى قول ۋەلسىپىت سىتىۋالغان ئىدىم، مەن ئاشۇ ھەر 15 مىنۇتتا بىر زەنجىر  تاشلايدىغان ۋەلسىپىتنى تاراقشىتىپ مىنىپ لەغمەن يەپ كەلگىلى ئىش باشقۇرۇش ئورنىغا ماڭدىم. مەن ئاشخانىغا يىتىپ كەلگەندە چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن ئەمما ئۆزى قاۋۇل 28-29 ياشلاردا بار بەدىنىنىڭ ئۈستى يىرىمى يالىڭاچ قولىدا پىچاق تۇتقان سۆرۈن تەلەت بىرەيلەنگە كۆزۈم چۈشۈپ "ئاشخانا بولغاندىن كىيىن قوي سويۇدىغان قاسساپ ئوخشايدۇ" دەپ ئويلاپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم.
بۇ يەردىكى ئاشخانىنى ئاتۇشتىن كەلگەن "غېنى ئاتۇش" دىگەن 30 نەچچە ياشلاردىكى كىشى ئاچقان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئەمدى ئاشخانىدا ئولتۇرۇشۇمغا سىرتتىن جىدەل ئاۋازى ئاڭلاندى، يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىۋىدىم، ھىلىقى پىچاق كۆتۈرۈۋالغان  مەلئۇن بىر كاۋاپچى بالىنى ئۇرۇپ كىتىۋىتىپتۇ. "بۇ نىمە ئىش ئەمدى، خەقنىڭ يۇرتىدا بىر-بىرىگە ھامى بولماي، بىر-بىرىنى ئۇرۇشۇپ، ھەي". تۇيۇقسىز، ھىلىقى لۈكچەكنىڭ كۆزى ماڭا چۈشتى،"قارايسەنغۇ؟" بەلكىم ئۇ مىنىڭ ئاچچىق چاچراپ تۇرغان كۆزلىرىمگە دىققەت قىلغان چىغى. ئەمدى ئۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ جاۋاپ بەرمىدىم. يوقىلە ماڭە دەپ  ۋاقىرىدى ئۇ ماڭا ۋە قىمىرلىماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ پىچاقنى ماڭا قارىتىپ ئاتتى. كۆردۈڭلارمۇ خالايىق، ئاۋۇ نامەرتلىكنى، تەلۋىلىكنى؟ )ئۇيغۇرنىڭ نوچىلىرى ئەلمىساقتىن ئاجىزنى، بىگۇناھنى بوزەك قىلمىغان. بىزدە نوچىلار مەرت كىلىدۇ، بىگۇناھ، ئاجىزلار تەرەپتە تۇرۇپ ئىش تۇتىدۇ. لۈكچەكلەر ئاجىزنى بوزەك قىلىپ كۈچلۈكتىن زىل سىيىدۇ.( ،  مەن ئۆزۈمنى دەرھال يانغا ئالدىم. مۇبادا ئۇ ئاتقان پىچاق ماڭا تەككەن بولسا، ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىغىر ناكا بولغان بولاتتىم. مىنىڭمۇ قىنىم قىزىدى. قولۇمدا قورال بولغان بولسا "تاڭڭىدە" ئىتىۋىتەتتىم ئۇ خۇمسىنى. زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلىۋەرسەڭ، ئاخىر جىنىڭنىمۇ ساقلىيالمايسەن. شۇ ئارىدا غېنى ئاتۇش ئارىغا كىردى. ئىككى پۇزۇر كىيىنگەن ئايالنىڭ ئاشخانىغا پەيدا بولۇشى بىلەن ئۇ خۇمپەر شۇلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.  مەنمۇ ئولتۇرۇپ لەغمەن يىدىم-يۇ ئەمما ناھايىتى كەيپسىزلىك ئىچىدە يىدىم. قىسقىسى، شۇ كۈنى تاس قالدى لەغمەن يەيمەن دەپ بىرىپ پىچاق يەپ كەتكىلى.
جېجىياڭ يولىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى ئىزدەپ بىرىپمۇ كۆڭلۈم يىرىم بولدى. ئۇ يەرگە بىرىپ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ قىزغىن سالام بەردىم، ئەمما ئۇلاردىن يانغىنى سوغۇق، ئىرەڭسىزلىك بولدى. مەن تاماق يىگەچ ئۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۈزەتتىم. ئايرىم كىشىلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بىر خىل قانداقتۇر چۈشەنگىلى بولمايدىغان خۇنۇكلۈك ۋە روھى زەئىپلىك چىقىپ تۇراتتى. "ئىسىت ئۇيغۇرلۇرۇم" دەپ مەيۈسلەندىم ئۇلارغا قاراپ، بۇلارنىڭمۇ ئىللىق ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى باردۇر، جان بىقىش ئۈچۈن مۇشۇ خەقنىڭ يۇرتىدا سەرسان بولۇپ دۈم يىتىپ دۈم قوپۇپ روھى جەھەتتىن ئىزىلگەن گەپ". تۇرۇپلا ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلغۇم كەلدى، چۈنكى ئاشۇ خۇنۈك كۆزلەردىن نۇرغۇن ھىكايىلەر تۆكۈلەتتى. بۇ ھەقتە ئازراق ئىزدەنمەكچى بولۇپ شۇ چاغدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇدىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم. بۇ ئەپەندىم، كاللىسى ئوچۇق، زىيالى سۈپەت كىشى ئىكەن، خەلقىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، بىر قىسىم راست بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىۋىدى، بۇ مەسىىلىلەرنىڭ يۈز بىرىشىدە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بارلىغىنى ھىس قىلدىم. كىيىن مەن ئۈرۈمچىگە يىنىپ كەلگەندىن كىيىن شاڭخەي تەسىراتلىرىنى "ئەدەبى خاتىرە" شەكلىدە يىزىپ "تەڭرىتاغ" جورنىلىدا ئىلان قىلدۇردۇم.

ئىسىمدە قىلىشىچە -ساڭخەي مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ تولۇق كۇرسلىرىدا ھەر قايسى كەسپلەر بويىچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تاتار قاتارلىق قان-قىرىنداش تۈركى مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن 20 دەك ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ كۆپى قىز ئوقۇغۇچىلار ئىدى، ئوغۇللاردىن غۇلجىدىن كەلگەن ئۈمىت، مەمەت، ۋە يەنە بىر ئاق-سىرىق كەلگەن تاتار يىگىت بار ئىدى، بۇ يىگىتنىڭ سىڭلىسى مىنىڭ ئىنگلىزچە كۇرسىمدا ئوقۇغان ئىكەن. بۇ يىگىتلەر مىنى ئاكىسىدەك كۆرۈپ ياخشى ھۆرمەتلىدى. قىزلاردىن چۆچەكتىن كەلگەن خالىدە ئابدۇللا، ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنى 1991-يىلى پۈتتۈرگەن مۈنىرە، ۋە يەنە مېھرئىاي، ئاقسۇدىن كەلگەن گۈلبوستان، ئالتايدىن كەلگەن  قازاق قىزى جانار قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. ئۇندىن باشقا كادىرلار ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتوتىدىن "بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ئابدۇۋەلى ۋە گۇەن فامىلىلىك شىۋە ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. مەن ئۇلار بىلەن ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۈپ كىلەتتىم، ئۈمىت، مەمەت، خالىدە، ۋە جانار قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار مىنى ھەم ئىزدەپ كىلىشەتتى. مەن 1998 -يىلى توي قىلغىلى ئۈرۈمچىگە قايتقاندا جانار بىلەن كوچىدا ئۇچرىشىپ قىلىپ قىزغىن سالاملاشتۇق، مەن ئۇنىڭدىن تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئىز-دىرىگىنى قىلدىم  شۇندىن كىيىن ئۇ بالىلار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدىن خالىدە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقتى، ئۇ 2005 يىللىرىغۇ دەيمەن بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا قىسقا مۇددەتلىك مۇپەتتىش خىزمىتىگە كەلگەندە ئىز-دىرىگىمنى قىلدى. مەن ئۇنى نېۋ يوركتا ئايالىمنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆيىمىزگە ئىلىپ باردىم. شۇ چاغدا مەن خالىدەدىن شاڭخەيدىكى بىللە ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ئىدىم.
شۇ چاغلاردا شاڭخەيدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتۇشتىن كىلىپ شاڭخەي تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، قابىل تەشكىلاتچى - ناسىرھاجى مەمەتېلى قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقى جوڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدا پائالىيەت ئىلىپ بارماقچى بولۇپ ھەر قايسى ئالى مەكتەپتىكى بالىلارغا نومۇر تەييارلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.    مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن  ئابدۇۋەلى مۇەللىم، ئۇمىت، مەن ۋە باشقىلار بولۇپ بىر ئىتوت ئويناپ چىقتۇق، مەن يەنە سىرتتىكىلەرنىڭ يۇرتقا بولغان سۆيگۈ ۋە سىغىنىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆزۈمچە تەسرلىك دەپ ئويلاپ يازغان بىر نەسىرىمنى خۇددى ئابدۇقىيۇم ئىمىن پەدىسىدە ئوقۇپ بەردىم. )بۇنىڭ سىن ئالغۇسىنى ھازىر ياپونىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ناسىرھاجىدا بار دەپ ئاڭلىدىم( . ئۇ پائالىيەتكە شۇ چاغدا ئۇنىۋىرسىتىت مەسۇللىرى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ بىر مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىغى تەۋەككۈل دىگەن كىشى ئالايىتەن بىيجىڭدىن ئۇچۇپ كىلىپ تەبرىكلىگەن ئىدى. دىمەك مەكتەپ دائىرلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتىن ، مىللەتپەرۋەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن  ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ، تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئىدى. مىنىڭچە شۇندىن كىيىن شاڭخەيدە  ئۇنداق چوڭ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن.
. دىمەك، سەن ئۆز مەدىنىيىتىڭنى قوغدايمەن دەپ تىرىشىدىكەنسەن، تىركىشىدىكەنسەن، ئۇنى قوغدىيالايسەن. بۇ يەردە مەن ئاشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ناسرھاجىلارغا ۋە مىللەتسۆيەر تىجارەتچىلەرگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

مىنىڭ تاكى شاڭخەيگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا سەھەر تۇرۇپ چىنىقىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. بۇ قۇرغاق رايونغا ماسلاشقان بەدەن - ھاۋاسى نەم بۇ يەرگە ماسلىشالمىدى. چىنىقىشلىرىم ئۈزۈلۈپ قالدى. روھىيىتىمدە بىر خىل ئۆز توپىدىن ئايىرىلپ  قەپەزگە سولىنىپ قالغان ياۋا كەپتەرنىڭ سەزگۈسى پەيدا بولۇپ بۇرۇختۇم بولۇشقا باشلىدىم. ياتاقداشلىرىم - ۋاڭجېخەي، لى شىۇ خۇي، ۋە ئۇرۇمچىدىكى مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدىن بىلىم ئاشاۇرۇشقا كەلگەن ۋڭ فامىلىلىك بىرسى، خېنەن لوياڭ تىراكتۇر زاۋۇدىدىن كەلگەن جۇ فامىلىلىك بىرسى ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋاڭجېخەي بەلكى بارلىق ۋاڭ فامىلىلىكلەر ئىچىدىن چىققان ئەڭ يۇۋاش، ئەڭ ئاددى-ساددىسى بولسا كىرەك. ئۇ بىچارە ئەتىگەندىن-كەچكىچە يىشىل چاينى خۇدايىم بەرگەن ئىستاكانىغا دەملىۋىلىپ ئورۇندۇقتا بىر ئولتۇرۇۋالغانچە كەچكىچە ئۈگۈنەتتى. ئۇنىڭ تاللىغىنى بوغالتىرلىق، دەرسلەر ئىنگلىزچە بولغاچقا تولا غۇدۇڭشۇيتى. ھىم، باشقىلارنىڭ تىلىدا دەرس ئوقۇسا شۇنداق قىيىن بوتتۇ، ئەينا، ماقىمما؟ مالىيە -ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدىن كەلگەن ۋاڭ فامىلىلىك - ۋاڭجېخەينىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرمەي كىيىۋالىدىغان سىرىق رەڭلىك تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىنى شۇنداق تەسۋىرلىگىنى ئىسىمدە: "مەن سىلەرگە بىر گەپنى دەپ قوياي -ھە؟ ماۋۇ ۋاڭجېخەي كىيگەن چاپاننى ھازىر شاڭخەيدە ئىككىنچى بىر ئادەم كەيمەيدۇ، بۇ مۇشۇ چاپىنى بىلەن  مەكتەپتە تونۇلۇپ كەتتى". كىشى ئۆزىنىڭكىنى كۆرمەيدۇ دىگەن شۇ. ئەزەلدىن يۇۋاشقا ھامى بولىدىغان مىجەزىم بولغىنى ئۈچۈن ئۇ گەپ بىر نەچچە قىتىم بولۇنغاندا مەن بۇ ۋاڭغا شۇنداق دىدىم: ۋاڭ مۇئەللىم سىنىڭ "غەربى شىمالنىڭ نامراتلىغى ۋە نامرات غەربى شىمال" دىىن باشقا يازغان ماقالىلىرىڭمۇ بارمۇ؟ سەنمۇ تولا دەپ كەتتىڭ ئۇنى. خەق نىمىسى بولسا شۇنى كىيىدۇ، خۇددى سەن بىر ماقالەڭنى دەلىۋەرگەندەك.  بۇ گىپىمگە لوياڭدىن كەلگەن بالا كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ۋاڭجېخەي ھىچكىشىگە ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. مەن ئۇنىڭغا " ئەڭ تىرىشىچان، ئەڭ سەمىمى ئىنقىلاۋى ساۋاقداش دىگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ چاقچاق قىلىپ قويسام بەكلا خوش بوپ كىتەتتى ھەمدە قوسىغىدىكىنى دەيتتى. لى شىۇ خۇي كىچىگىدە سىچۇەندىن كۆچمەن بوپ كەلگەن بولۇپ قويۇق سىچۇەن تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىر ئىشىغا بەك ھەيران قالغان ئىدىم. يەنى ئۇ ئۆيىدىن 7-8 بىر بىرىگە باغلانغان قىزىل قىشنى كارۋىتىنىڭ يىنىغا قويۇپ ياتاتتى. كىيىن قايتقاندا ئۇنى بىللە ئىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان قىشلار ئۇنىڭغا ئامەت ئىلىپ كىلەرمىش. ئۇنىڭ يىڭى يىل ۋە چاغان يىتىپ كىلىشى بىلەن 15-20 ئاتكىىرتكىنى تىزىۋىلىپ پۈتۈن  مەكتەپ باشلىقلىرىغا يىزىۋاتقىنىغا قاراپ ئۇنى كىچىگىدىنلا "ھوقۇقشۇناسلار دەستۇرى" دىگەن كىتاپنى كۆپ ئوقۇۋەتكەن بىرسى " ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.  بەلكىم بۇ چاققىچە ئۇ چىرىكلىشىپ كەتمىگەنلا بولسا بىرەر دىۋىزيەنى سوراۋاتسا كىرەك، كىم بىلىدۇ  بىرەر ۋىلايەتنى سواراۋاتامدۇ تېخى؟
يىقىندا ئاڭلىسام، ئىلىمگە كەلگەندە ۋاڭجېخەيچىلىك ئىجتىھات كۆرسەتمىگەن سۈن، دۇەن فامىلىلىكلەر ئۆسۈپ كىتىپتۇ-يۇ، ئەمما ماۋۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم ۋاڭجېخەي بىچارە، تىخىچە ئورۇندا تۇرۇپ مارشنى ئورۇنلاپ ئانچە-مۇنچە تەنقىت ئاڭلاپ خىزمەت قىلىۋىتىپتۇ.   ئاسپىراتورىيە بۆلۈمىدە مەملىكەتنىڭ ھەر-ھەر يىرىدىن كەلگەن ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ مەن مەكتەپتىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدىم. "مەكتەپ جامائىتى ئومۇمەن ئىيتقاندا ماڭا دوستانە ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. بىزنىڭ فاكۇلتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشۈنىدىغان باو شاۋلىن مۇئەللىم  ئالايىتەن ئىزدەپ كىرىپ تاماق مەسىلەمنى قانداق ھەل قىلىۋاتقىنىمنى سورىدى. بىزنىڭ فاكۇلتىتتا ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىغا دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا كەتكەن ئەسلى خۇنەنلىك شۈ فامىلىلىك ئوقۇغۇچىمۇ يوقلاپ كىلىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. بىللە دەرس ئاڭلايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش قىزغىنلىغى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى سورىساملا ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئىيتىپ بەردى. بولۇپمۇ ياتاق بىناسىمىزغا قارايدىغان ئەسلى كىلىپ چىقىىشى يازغۇچى لۇشۈننىڭ يۇرتى جېجئىاڭ شاۋشىڭلىق ئەمما شاڭخەيدە 60 يىل ياشىغان   - چېن گۇيمىڭ ئىسىملىك بوۋاي ماڭا نىسبەتەن تولا ئادىمىگەرچىلىك كۆرسەتتى. بۇ كىشى - زىيادە بىلىملىك، ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ قىزىقاتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھىسداشلىق قىلاتتى . ماڭا ھەر خىل ئۆتمۈشتىكى ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى. ھازىرقى مەۋجۈت ئادالەتسىزلىكتىن ئاغرىنىپ سۆزلەپ كىتەتتى. بۇ كىشى كىتاپنى كۆپ ئوقۇيدىغان كىشى بولۇپ مۇسۇلمانلار ھەققىدىمۇ كۆپ نەرسە بىلەتتى. بۇ كىشىنىڭ مىنى تەسىرلەندۈرگىنى ئۇنىڭ ماڭا يىڭى سۇ ئۆتۈك ۋە كۈنلۈك ئەكىلىپ بەرگىنىدىن تولاراق، ئۇنىڭ بىر ھىيتتا مەخسۇس يىڭى توك چەينەك ۋە نىڭشىا مۇسۇلمانلىرى ئىشلەپچىقارغان ئۆلچەملىك قاچىلانغان ھالال قوي گۆشىنى ئىلىپ كىلىپ ھىيتىمنى تەبرىكلىشى ئىدى. ئەلۋەتتە ئادىمىگەرچىلىك دىگەن يەردە قالمايدۇ، مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ گالۋاڭ ئەمەس، بەلكى ياخشى كۆڭۈلنى چۈشىنىدىغان خەلق ئىكەنلىگىنى ئەمىلىيتىم ئارقىلىق ئىسپاتلاپ تۇردۇم.   قىسقىسى بۇ بوۋاي - ھەقنى سۆزلەيدىغان،  ئۇيغۇرلارغا خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيدىغان، كۆزى كىچىكلىك، يۈزسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈكتىن نەپرەتلىنىدغان كىشى ئىدى. ئۇرۇمچىگە قايتقاندىن كىيىنمۇ خەت-ئالاقە قىلىشتۇق، مەن يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ماڭا شاڭخەيدە قىلغان غەمخورلۇقلىرى ئۇچۇن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزدىن تەييارلاپ خالتا ئەۋەتتىم. ئارىلىقتىن يىرىم يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى فاكۇلتىتىمىزنىڭ تۇرمۇش كاتىۋى - قەيسەر چېكىڭ بار ئىلىۋال دەپ چاقىرىدۇ. بۇ قايسى ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققىدۇ دىگەن ئوي بىلەن )ئۇ چاغلاردا پات-پات قەلەم ھەققى كىلىپ تۇراتتى( ئىشخانىغا كىرسەم چەك شاڭخەيدىن كەلگەن ئىكەن. ئۇنى چىن بوۋاي ھىيتىمىزنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئەۋەتكىنىگە بىر نوچى قوچقار كىلەتتى. دىمەك، ياخشى كۆڭۈل يەردە قالمايدۇ.
ئەلۋەتتە  شاڭخەيدىكى چاغلىرىمدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان چاغلىرىممۇ بولدى. مۇنداق چاغدا ئامالنىڭ بارىچە ئۆزۈمنى قوغدىدىم. بىر قىتىم فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىنڭ سەيناسىدا )چېن يىمۇ ياكى ماۋزېدوڭمۇ ئىشقىلىپ بىرسىنىڭ ھەيكىلى بار كىچىككىنە مەيدان( ئېنگلىزچە كورنېر بولدى، مەنمۇ بىرىپ قاتناشتىم. دەسلەپت ئۇلار مىنى چەتئەللىك دەپ ئويلاشقان چىغىدا بىر ئوبدان قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇشتى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىغىمنى ئىيتىۋىدىم، بىر نەچچىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ چىرايىدا مەڭسىتمەسلىك ئىپادىسى كۆرۈلدى. بولۇپمۇ فۇدەندە بىولوگىيە ئوقۇيدىغان ئۆزى سۇن ۋۇ كوڭدىنمۇ سەت كۆزەينەكلىك بىر خۇمسى ئۇيغۇرلارنىڭ قالاقلىغى ئەمما قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىغى، ئۇيغۇر يانچۇقچىلىرىنىڭ كۆپلىگىنى دەپ كىلىپ  بىزنى ئامىرىكىدىكى ئىندىيانلارغا، قارا تەنلىكلەرگە تەڭلەشتۈرۈپ گەپ قىلىۋاتىدۇ. مەن نورمال گەپ قىلىۋاتسام بۇ ھايۋان ئادەمنىڭ غۇرۇىغا تىگىدىغان گەپنى قىلىۋاتىدۇ. شۇ ھامان  نېرۋام ئۆرلەپ، قۇيقا چىچىم تىك تۇردى. بۇ ئوچۇقتىن -ئوچۇق مىللى كەمسىتىش ئىدى، ھاكىمىيەت قولۇمدا بولغان بولسا مەن بۇ مەلئۇننى نەق مەيداندا "مىللى بۆلگۈنچىلىك بىلەن " ئەيپلەپ تۈرمىگە تاشلايتتىم. جۇدۇنۇم تۇتۇپ، غەزىپىم چىرايىمغا چىقىپ كەتتى. كاللامدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى، بۇرنىغا بىرنى سالايمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلسام يامان يەنە مەن بولىمەن، ياۋايى، ياكى بۆلگۈنچى دىيىشىدۇ، بۇنىڭغا زەربە بەرمەي قايتىپ كەتسەم كەچتە ئۇخلىيالماي ئاغرىپ قىلىپ يىرىم كىچىگە بارماي ھارام بولۇپ قالىمەن. مەن يەنىلا تۆۋەن تەننەرقلىق ئۇسۇلنى يەنى گەپ بىلەن ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بىرىشنى تاللىۋالدىم-دە شۇنداق دىدىم: بەك ئۇچىغا چىققان مەدىنىيەتسىز نەرسە ئىكەنسەن، گەپلىرىڭمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش سەتكەن. تىخى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىغا زەڭ سالغۇدەك بولدۇڭما؟ سەن سەتنى ماۋۇ سورۇندىكى قىزلارمۇ ياراتمايدۇ. ، ئىسىڭدە تۇت دىدىم مەن ئۇنىڭغا مەنمۇ مۇشۇ دۆلەتنىڭ پۇخراسى، شۇڭا مەنمۇ شاڭخەيلىك، مەن ئاخىرىدىكى گەپنى شاڭخەي تەلەپپۇزىدا ئىيتتىم )ئالا ساڭخەينىن ئا( .گىپىم قىزىق چىقىپ كەتكەن چىغى - مۇنازىرىمىزگە دىققەت قىلىۋاتقان قىزلارلا ئەمەس، ئوغۇللارمۇ كۈلۈپ كىتىشتى، ھەتتا بىر نەچچە قىز چاۋاكمۇ چىلىشتى. دىمەك مەن ئۇ مىللەتچى، ئىرقچى  ئىنجىمارۇقنى ئاشۇنداق مات قىلدىم. كۆپچىلىكنىڭ مىنى قوللاپ بىلدۈرگەن ئىپادىسىگە قاراپ ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپلا قالدى خالاس.
شاڭخەي يىقىنقى زامان جوڭگۇ تارىخىدا پۇل-مۇئامىلە، سودا مەركىزى رولىنى ئۆتەپ كەلگەنلىكتىن ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ مىجەزى نىسبەتەن ئوچۇق بولۇپ مەنپەئەتكە مايىل، چەتئەلگە، چەتئەللىكلەرگە چوقۇنۇش ئىدىيىسى كۈچلۈك ئىكەن. ئۆزى ئاجىز دەپ قارىغانلارنى، ياقا يۇرتلۇقلارنى ئانچە يارىتىپ كەتمەيدىكەن. مەن بۇنى ئۆز ئەمىلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن تاماق يىگىلى كىلىدىغان شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئىنستىتوتىنىڭ ئالدى تەرىپىدە - خوڭكۇ باغچىسى - )لۇشۈن باغچىسى دەپمۇ ئاتاپ قويىدىكەن( دىگەن باغچا بار. مەن كۈندە دىگۈدەك كالتا كۇسار ۋە ئاسما مايكا بىلەن يۈگۈرۈپ چىنىقىدىغان بولدۇم. مەن ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىغىدا  تەنتەربىيە دەرسىدە تەيجىچۇەن نى تاللاپ ئۈگەنگەن بولغاچقا ھەمدە ئىگىزگە سەكرەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا بۇ ئىككىىىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەركەت قىلىسام، بىكارچى ئادەملەر كىلىپ توپلىشىدىغان بولدى. ئاسمانغا مۇش ۋە پەشۋا ئىتىپ قويسام ئەتراپتىكىلەرنىڭ "ماۋۇ چەتئەللىك گۇمپىنى ياخشى ئۈگۈنۈپتۇ-ھە دەپ سۆزلەشلىرى قۇلۇغۇمغا كىرىپ تۇرىدىغان بولدى، مەنمۇ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئىگىزرەك سەكرەپ، ھايت-ھۇيت دەپ ۋاقىراپ "تاماشىبىنلىرىمنى" "بىكارلىق "ئەييولاتقۇزۇپ" تۇردۇم، دىمەك مەن  ئاشۇنداق ھەر كۈنلۈك ھاياتىمدىن خوشاللىق ۋە قىزىقچىلىق ئىزدەپ ياشايدىغان ئۆزەمچە بىر قىزىق ئادەم!
بىر كۈبى باغچىدا قاۋۇل كەلگەن بىرسى - مىنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگىنىمنى سورىدى، مەن ئۇيغۇر دىيىشىم بىلەن، مەنسىتمىگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۇرۈۋاتىدۇ، خۇيۇم ۋەھشى تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن نىمە دەپ مىنىڭ ئارامىمنى بۇزۇسەن، مەن دىگەن فرانسىيەلىك تۇرسام دەپ كۆتىگە بىرنى تىپىشىم بىلەنلا ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ بىر تەرەپتىن "سەن فرانسىيەلىك ئەسكىكەنسەن" دەپ قاچقىلى تۇردى، شۇنىڭ بىلەن ماڭا بولۇپ بەردى، مەن ئۇنى قوغلاپ بىر ئىككىنى تەپتىم ۋە ئويلىدىم: ئۆز دۆلىتىڭدە ساڭا ئوخشاش پۇخرا  بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنى كەمسىتىپ، فرانسىيەلىكنى چوڭ بىلگىنىڭنىڭ جازاسى. ئۇيغۇرنى كەمسىتسەڭ، مانا مۇشۇنداق جاجاڭنى يەيسەن. ھۆرمەت قىلساڭ ھەسسىلەپ ھۆرمەت كۆرىسەن، غۇرۇرۇمغا تەگسەڭ، زەربىگە ئۇچرايسەن. بۇ  كىشلىك دۇنيادىكى ئەڭ ئەقەللى ساۋات!
بىر كۈنى يەنە شۇ باغچىدا بولغان مۇنداق ئىش كۆزۈمگە چىلىقتى. شۇ باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قىزىل رەڭلىك بىر قەۋەت ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كىرىپ چىقىۋاتاتتى. مەنمۇ كىرمەكچى بولۇۋىدىم، ئىشىك باقار كىرگۈزمىدى، "نىمە دەيسەن مەن چەتئەللىك ساياھەتچى دەپ ئىنگلىزچە دىۋىدىم دەرھاللا ھىجىيىپ يول بەردى. ئىچىگە كىرىپ قارىسام ھەر خىل پۇسۇندا يىزىلغان قىممەت باھالىق خۇشخەتلار ئىكەن، بىرلا ئايلىنىپ چىقىشىمغا بىر كىلىشكەن ساھىپجامال قىز بىلەن ئىككى ياش يىگىت كىرمەكچى بولۋۇىدى، ئىشىك باقار كىرگۈزمىدى. قاراپ تۇرسام ئاۋۇ سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغانلار گەپ قىلماي كىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كىملەرنىدۇر مات قىلغۇم كەلدى. دەرھال قوغلاپ بىرىپ ھىلىقى ياشلارنى توسۇپ سورۇدۇم: سىلەر جوڭگۇلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟ جوڭگۇلۇق دەپ جاۋاپ بىرىشتى ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن. ئۇنداقتا شاڭخەي بۇ دۆلەتنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەسمۇ؟، بىر قىسمى. ئۇنداقتا نىمە دەپ ئۆز دۆلىتىڭلەردە، چەتئەللىكلەر كىرەلىگەن يەرگە سىلەر كىرەلمەيسىلەر؟ بىزمۇ ئۇقمۇدۇق دىيىشتى ئۇلار. مىڭىڭلار مەن بىلەن دىدىم مەن ئۇلارغا. ئاڭغۇچە ئادەم توپلاشتى مەن سىلەرگە جاۋابىنى تىپىپ بىرىمەن، مۇشۇنداق ھاقارەتكە قانداق چىدايسىلەر؟ ئۇلار ماڭا ئەگەشتى، شۇ ئارىلىقتا ئەھۋالنى كۈزۈتۈپ تۇرغان بىرسى بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنىنى باشلاپ چىقىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن ئوخشاش سۇئالنى سورىدىم. ئۇ مەقسىدىمنى دەرھاللا چۈشۈنۈپ ئۆتۈنگەن قىياپەتتە ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.: بىز تىجارەت قىلىدغان ئورۇن، بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ياپۇن، كورىيەگە ئوخشاش چەتئەلدىن ساياھەتكە كەلگەنلەر ئالمىسا، بىزنىڭ ئادەملەر ھەرگىز ئالمايدۇ، ئەگەر بىز دۇكاننى بۇنچىۋالا ئادەمگە ئەركىن ئىچىۋەتسەك، ئىشىمىز قانداق بولىدۇ، ئويلاپ باق، بىز ئاچ قالىمىز. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىلاجىسىزلىققا قاراپ دىدىم، مەنمۇ، ماۋۇلارمۇ جاۋاپقا ئىرىشتۇق. بولدى، ئىشىڭنى قىلىۋەر.
مەن شۇ چاغلاردا ئىچكىرىدە مىھمانخانىلار ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەيدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئىشىنىپ كىتەلمىگەن ئىدىم. ئەگەر ئۇ ئىشلار راست بولسا، بۇ ئىشلار بۇ چوڭ دۆلەتكە ئۇيات ئەمەسمۇ؟ ئالدى بىلەن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئەمەلدار بولغانلارغا  ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئويلار بىلەن، ئەمىلى ئەھۋالنى ئىگەللەپ بىقىش ئۈچۈن بىر مىھمانخانىغا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر يولۇچى سۈپىتىدە باردىم. خىزمەتچى ئۇيغۇرلۇغۇمنى ئاڭلاپلا ياتاقتا يىتىش تەلىۋىمنى رەت قىلدى. شۇ چاغدىلا مەن بىر تاتلىق چۈشتىن سەسكىنىپ ئويغانغاندەك بولدۇم. مۇبادا مۇشۇ ئىش ئامىرىكىدا يۈز بىرىدىغان بولسا ئۇ مىھمانخانا نەچچە يۈز مىللىيون دوللارلىق سوتقا تارتىلىپ، خىرىدرلىرىنىڭ لەنىـتىگە ئۇچراپ ۋەيران بولىدۇ. سەن خاتالىقڭنى تۈزەتمەيدىكەنسەن، ھەقىقى باراۋەرلىكنى مىللەت، دىن ئايرىماي ئورنىتالمايدىكەنسەن، ئۇلۇغ دۆلەت بولالىشىڭمۇ مۈمكىن، ئەمما سىنىڭ ئۇلۇغلۇغۇڭ مەڭگۈ قەغەز يۈزىدىلا.   
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈمكى،
مەن   شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا، بۇ يەردىكى ياشلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش قىزغىنلىغىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ چىققۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ئادرىسىنى تىپىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ خەت يازدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئەركىن ئاكىدىن بىر پارچە  خەت كەلدى. ئۇنىڭدىن ئۆز يۇرتىغا سېغىنىش ، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت، ئۆز ياشلىرىغا بولغان ئۈمىت جۇلالايتتى. خىتىدە ئەركىن ئاكا مىنى ئامىرىكىغا كىلىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. مەن ھىلىھەم مۇشۇ چاققۇچە ئەركىن ئاكىنىڭ كىچىك پىئىللىق بىلەن ماڭا يازغان جاۋاپ خىتىدىن مىننەتدارمەن. ياخشى ئىشنى ئەسلەش، تەرىپلەش مىنىڭچە ئەڭ ئەقەللى ئادىمىلىك مىزانىدۇر. راستنى راست دىيىش، ياخشىىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئىستەش - بىر مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتتۇر.
شۇ ۋاقىتلاردا گېرمانلار سىلىپ بەرگەن توڭجى ئۇنىۋىرسىتىتىگە گىرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن نىمىس تىلى ئۈگەنگىلى كەلگەن ئۇنىۋىرسىتىت ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غالىپ مۇھەممەد، ئابدۇراخمان ۋەكىلىنىڭ ئوغلى، جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇمىت خالق )ھازىر مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئىكەن( ، ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچۇسى ئابدۇسالام مۇەللىم ۋە ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستوتىدىن فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن خۇرشىدە خانىملار بىلەن ئىزدىشىپ ئىناق ۋە ئىجىل ئۆتتۈم ۋە يازلىق تەتىل بولۇشى بىلەنلا ئۆز دىيارىمىزغا ساق-سالامەت كىلىۋالدىم. مەن شاڭخەيگە ماڭغاندا خىلى ئىغىر كەتكەن، كەلگەندە راۋۇرۇس ياداپ كەلدىم.  يۇرت دىگەن، ۋەتەن دىگەن باشقا. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە شۇ قايناق ۋە قىزغىن ھاياتنىڭ قاينىمىغا چۆكتۈم. كىلىپلا ياپون ساساكاۋا تېنچلىق فوندىنىڭ مۇكاپاتىغا ئىرىشتىم. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن تارخ فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ فۇ خەن )بۇ كىشى كىيىن ئىجتىماى پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە باش بولدىغۇ دەيمەن(، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مەن سۆزلىدۇق، سۆزلىرىمىزنى ياپونىيەدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ماتىماتىك- ئابدۇرىشىت مۇەللىم ساساكاۋا جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى ياوۇنلۇق خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. مىنىڭ شۇ چاغدا خەنزۇچە سۆزلىگەن نۇتۇغۇم ھىلىقى ئاتكىرىتكىنى باشلىقلارغا تولا ئەۋەتدىغان لى شىۇخۇينىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن كۆپ ئۆلچەملىك ۋە مەزمۇنلۇق بولدى جۇمۇ بالىلار!.:(  
شۇنداق قىلىپ مەن  ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى بىر يىلىنى دىسسىرتاتسىيە يىزىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم ھەمدە "رايونىمىزدىكى يەككە ۋە خۇسۇسى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش" ناملىق خەنزۇ تىلىدا يىزىلغان دىسسىرتاتسىيەنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياقىلاپ، 1996-يىلى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىغا لىكتۇرلۇققا ئىلىپ قىلىندىم.
بىز ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى تاماملىغاندا مەكتەپ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى بىز ئۈچۈن  ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىم شۇ چاغدىكى كىنوخانىنىڭ يىنىدىكى پاالىيەت مەرگىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا مەكتەپ مۇدىرلىرى، يىتكچى ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇيۇشما رەئىسى جاڭ ئەمەس، بەلكى مەن شۇ يىللىق ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلدىم ۋە سۆزۈمنى تۈگۈتۈپلا پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن باشلايدىغىنىمنى ئىلان قىلىۋەتتىم ۋە ئاتۇش ئۇسۇلىغا ئۆزەم باشلاپ بەردىم. شۇنداق قىلىپ سورۇنغا دەسلىۋىدىلا 8 ئۇيغۇر  ئاسپىرانت چۈشۈۋىلىپ  باشقىلارنى ھاڭ-تاڭ قالغۇزۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىلىمنى سۆيىدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان جانلىق، ۋە تىتىك، ئۆزىگە ئىشىىدىغان ئۈمىدۋار بىر خەلقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىگىمىزنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە نامايەن قىلدۇق، شۇ مەنزىرىنى ئەسلىسەم، قۇربان تۇراننىڭ دىياگنال كىسىپ ئۇسۇل ئويناشلىرى، مېھرئىاي مەمتىلىنىڭ خۇشاللىققا تولغان چىرايى، نۇرۇللانىڭ دەسلەپ ھىتىقاپ كىيىن ئۆزىنى قويۇۋىتىپ ئۇسۇل ئويناشلىرى، سېرق بۇرۇتلۇق ئابدۇرىھىم راخماننىڭ خوشاللىقتىن پارقىراپ چىرايلىرى، ئەنۋەر تۆمۇر ۋە ئابدۇشۈكۈرلەرنىڭ تەبىئى پەنچىلەرگە خاس سالماق قەدەم ئىلىشلىرى، مۇيەسسەر پەيزۇللانىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ بولۇپلا كۆزەينىكىنىڭ  پۇختا ياكى ئەمەسلىگىنى تەكشۈرۈپ بىقىشلىرى ھەرگىز ئىسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ!
ئاھ، سۆيۈملۈك ياشلىق، ناۋاتتەك تاتلىق چاغلار!
   

16

تېما

0

دوست

1548

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 18:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن سەمىمىي قۇرلار،ئوقۇپ نەچچە يەردە قەيسەر مۇئەللىمىنڭ دېگەن سۆز،
ھەرىكەتلىرىدىن كۈلۈپ كەتتى.
يېزىڭ قەيسەرمۇئەللىم بولسا شۇڭقار كەبى چاغلار 6،7،8،9.......نىمۇ كۆرۈشكە تەشن بىز.
بولسا ئامىرىكىدىكى ئۆزئارا ئالاقە ،بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش،......جەھەتلەردىكى
ئىشلار نى تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

16

تېما

0

دوست

1548

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 18:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار  قايسىڭلار قەيسەر مىجىت مۇئەللىمنىڭ تەرجىمالىنى بىلىسىلەر؟ئۇ دوكتۇرلۇقنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟ھازىر قايسى مەكتەپتە ئوقۇتققۇچىلىق
قىلىۋاتىدۇ؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 19:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئۇستاز يازمسىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن.

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4211
توردىكى ۋاقتى: 4324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 21:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت، سىزدەك ئوقۇيمەن دەيدىغان ئارمىنىم بار ئىدى. شۇ پېتى قالدى.

0

تېما

0

دوست

1932

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 21:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھ ياشلىق ! ئسىل ياشلىق !
ئاخىرىغا تەشنامىز!

2

تېما

8

دوست

4371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1268
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 22:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىمنى كۆتۈرمەي تولۇق ئوقىۋەتتىم ، مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلار ئانچە -مۇنچە چىقىپ تۇرسا باغداشنىڭ بۇرۇنقى جەزبىدارلىقى ئەسلىگە كېلەتتى .
مەندىمۇ شۇنداق ئوقۇيدىغان ئارزۇلار بارئىدى ، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىقىپ توي قىلىش ، ئۆي ئېلىش ۋە باشقا ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئۆگەنگەن كەسىپنى ئېنگىلىز تىلىنى يەپ بولايلا دەپ قالدىم .   

0

تېما

0

دوست

4220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1340
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 23:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھارمىغايسىز   قەيسەر   ئەپەندىم  ،   ئەسىرىڭىزنى   ئوقۇپ    شۇ   كۇنلەرنى خۇددى  سىز   بىلەن   بىرگە   ئۆتكەزگەندەك   ھىسىياتقا   كىلىپ   قالدىم  .   داۋامىغا   تەشنا   بىز  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )