- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2833
- نادىر
- 1
- يازما
- 210
ئۆسۈش
27.77%
|
تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇققەدەس بۇ بىپايان مونبەت تۇپرىقىدا ئورتاق بېخلىنپ ، كۆكلەپ ئالەمشۈمۈل مەدەنىيەت تارىخ سەمەرىسىنى ياراتقان ۋە پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغان . جوغراپىيىلىك جەھەتتە قەدىمدىن بويان ئۆزئارا خوشنا ئولتوراقلىشىپ ، بىر-بىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن .ئۇلار گەرچە ئوخشىمىغان تىل سېستىمىسى ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت كاتاگورىيىسى ،ئوخشىمىغان ئىرققا تەۋە خەلق بولسىمۇ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ ئۇرتاق ئانا ماكاندا ياشاش ، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت ،تارىخ ، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىغا ۋە تىل-يېزىق ، ئۆرپ-ئاددەت ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، شېئرىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاجايىپ چوڭقۇر ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ ، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ، تىل-يېزىق ۋە تارىخ بولىقىنى ئولغايتىپ ، ئولۇغ ، مۇققەەس ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ، تارىخ بۆشۈكىنى ئورتاق ياراتقان .
جۇغراپىيىلىك ئولتۇراقلىشىش جەھەتتە تاجىكلار ئولتۇراقلاشقان ئامۇ ، سىر دەريا ۋادىسى ، پامىر ، ئىندىقۇش تاغ ئېتەكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان شىنجاڭ رايۇنى ئۆز-ئارا توتاش رايۇنلار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا رايۇنى دائىرىسىگە تەۋە رايۇنلاردۇر . دېمەك ، ھازىرغىچە بايقالغان ( تېپىلغان ) تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا ، مىلادىيە 3-ئەسىردىن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى خۇتەن ( ئودۇن ) ، غەربىدىكى بارچۇق ( قەشقەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغانلېقى ئىھتىمالغا ناھايتى يېقىن ) ئەتىراپىدىكى ئاھالىلىرى ھېندى-ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى ئىران تىللېق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى شەرقىي ئىران تىلىنىڭ بىر خىل دىئالىكىتىنى قوللانغان .ھازىر تاشقۇرغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھيىسىدىكى تاجىكلار قوللانغان سەرىكۈھ تاجىك تىلى ياكى ۋاخان تىلى يەنى پامىر تىللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر سېستىمىغا تەۋە بولغان . گېرمانىيە ئالىمى كىلىنىكېت (克林凯特)نىڭ قارىشىچە مىلادىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئەسىردىن باشلاپ ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى گاندارا (建它罗)رايۇنىدا ئىشلىتىلگەن تىل خوتەن رايۇنىنىڭ بۇددا دىنىنىڭ ئاساسلىق تىلى بولغان . مىلادىيە 330-يىللىرىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا كەلگەندە ساك تىلى ( خوتەن ساك تىلى ياكى خوتەن تىلى ) يېزىقتا ئىشلىتىدىغان ( كىتابىي ) تىلغا ئايلانغان . بۇ خىل كىتابىي تىلدا ئىشلىتىلگەن يېزىق بولسا ، ھىندىستاننىڭ بىراھمى يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى بولغان . ئادەتتە « خوتەن يېزىقى » دىگەن ئوقۇم « خوتەن ساك يېزىقى » دەپ ئاتىلىپ ، ئۇ تورپان ، خوتەن ساك تىلىدا يېزىلغان ھۆججەت-ۋەسىقىلەر ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ خوتەن ، مارالبىشى ، تۇرپان ئەتىراپىدىكى جايلارغا تارقالغان . « بەزى ئالىملار ساك تىلىنى بورۇنقى (دەسلەپكى ) خوتەن ( ئودۇن ) ساك تىلى ، مورتوق ساك تىلى ( بۇ تورپان ئىدىقۇتتىكى مورتۇقنى كۆرسىتىدۇ ) ، تومشۇق ساك تىلى ، ھىندى ساك تىلى ، كېلويا (克罗拉) ساك تىلى ،قەشقەر ساك تىلى قاتارلىقلارغا ئايرىيدۇ » . ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدىن تېپىلغان خوتەن ( ئودون ) ھۆججەتلىرى ئىچىدە تومشوقتىن تېپىلغىنى ئەڭ قەدىمكى ئىكەن . ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى ، ئارىئانلار جۈملىدىن شەرقى ئىران قەبىلىلىرىدىن بولغان ساكلار ، سوغدىلار ، توخرىلار بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى شەكىللەندۇرۇشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . بۇ ھەققىدە ھازىرقى زامان تاجىك تارىخشۇناسى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت ،مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى ، ئاكادىمىكى باباجان غافوروف «تاجىكلار تارىخى » كىتابىدا : « شەرقى ئىران قەبىلىلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۇرۇشىنىڭ تەركىبى بولغان . ئۇلار يالغۇز تاجىك مىللىتىنى شەكىللەندۇرۇپلا قالماي بەلكى يەنە تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ تەركىبى قىسىمى بولغان .مۇشۇ مەنبەلەردىن قارىغاندا ، قەدىمقىي شەرقى ئىران قەبىلىلىرىنى تاجىكلارنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى دىېيىشكە ، تاجىكلارنىڭ ئۆزىنى بولسا ، سېپى ئۆزىدىن ( تەكتىدىن ) ئىران قەبىلىلىردىن دېيىشكە بولىدۇ . شەرقى ئىران قەبىلىلىرى بىلەن تۈرك قەبىلىلىرى قەدىمدىن تارتىپ يىقىن قوشنىلاردۇر . شىنجاڭنىڭ ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلىرى ھەققىدىكى تەتقىتات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى ، بۇ موقەددەس زېمىندا مىلادىيىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئارىئانلار ۋە ساكلار ، سوغدىلار ، توخىرىلار ياشىغان . بۇ قەبىلىلەر تاجىكلار بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ ئورتاقلىققا ئىگە .كېيىكى دەۋرلەردە ئەنە شۇ قەبىلىلەر تاجىك مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەككىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . ئوچوقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، ساك ، سوغدى ، توخرى قەبىلىلىرى ياكى قەۋملىرى بىرلىشىپ تاجىك مىللىتىنى شەكىللەندۇرگەن . شىنجاڭ رايۇنىدا ياشىغان ساك ، سوغدى ، توخرى قەبىلىلىرى يەنى خوتەن ، قەشقەر ، تورپان ، لوپنۇر ئەتىراپىدا ياشىغان سوغدىلار ، ساكلار ، توخرىلار تۈركلىشىپ ئەڭ ئاخىردا ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۇرۇشتا ئاساس سالغان . دىمەك ، سوغدىلار ، ساكلار ، توخرىلار بىر خىل قەبىلە ياكى قەۋم بولۇپ ، ئۇلارنى مىللەت دىيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ . بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى مىللەت دەپ تونۇپ كەلدى ، بۇ تارىخى پاكىتقا موۋاپىق كەلمەيدۇ . ساك ، سوغدىلار ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا سېڭىشىپ كەتكەن . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركىي تىلغا قارغاندا پارىس-تاجىك ئەدەبىي تىلىغا يىقىنلىغى ،قەدىمقى ساك ،سوغدىچە ئاتالغۇلارنى خىلى دەرىجىدە قۇبۇل قىلغانلىقى رىئال تارىخى پاكىتتۇر . خوتەن ،قەشقەر ، تورپان ، لوپنۇر رايۇنلاردا پارىسچە ،ساك ۋە سوغدىچە ئاتالغۇلار ئىلىھەم مەۋجۈت .مەسىلەن : خوتەن ، لوپنۇر ، لەڭگەر ، لوپ (لوپ ناھيىسى ) ، بەرقا (قوزىچاق ) ، پاسىيان (皮山) ، توققۇز ساك ، ئابدان رايۇنى ( سۈلۇق رايۇن ياكى سۇ يېغىلىپ قالغان جاي ) . يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹خوتەن› سۆزى ، قەدىمكى ساك تىلى بولۇپ ، ئۆزى يالغۇز ، ئۆز تەن ، ئۆز جېنى بىلەن دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ .‹لوپنۇر› دىگەن سۆز ئەڭ قەدىمكى ساك تىلى بولۇپ ، چوڭ كۆل دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ . لوپ- چوڭ ،لەنگەر دىگەن مەنىدە (يەنى ، يولوچىلار سەپەر ئۈستىدە قونوپ ئۆتىدىغان جاي ، ئۆتەڭ ) ، كۆچمە مەنىدە « بۈزۈركۋار ماكان » ، « خەير-ساخاۋەتخانا » ، «پاناگاھ » قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ . قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان يەر-جاي ناملىرى ( پەقەت ئاز بىر قىسىمىلا تىلغا ئىلىندى ) ھازىرقى تاشقۇرغان يەنى پامىر رايۇنىدا ياشاپ كېلىۋاتقان تاجىكلارنىڭ تىللىرىدا ئىلىھەم ئەينەن قۇللىنىلىدۇ . چۈنكى ، تاشقۇرغاندىكى تاجىكلارنىڭ يەرلىك شىۋىسى ھايات قالغان ساك تىلى ، ساك تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ «تىرىك لۇغىتى » دەپ ئاتالماقتا . (بۇ تۇغرىدا ئاخىردا توختىلىمىز ) . يوقۇرقىدەك تارىخى قانداشلىق مۇناسىۋەت تىل-يېزىق مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، مەدەنىيەت ، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىكۇلۇگىيىسىنى شەكىللەندۇرگەن . ھەمىمىزگە ئايانكى تاجىكلار ھىندى-ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە مىللەت ،دۆلىتىمىزدىكى بىردىن بىر ئاق تەنلىك . تاجىك تىلى بولسا ،ھىندى-ياۋرۇپا تىلى سېستىمىسىنىڭ ئىران تىلى ئائىلىسى پامىر تىللىرى تارمىقىغا كېرىدۇ . ئۇيغۇر تىلى بولسا ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈرك تىل گۇرۇپپىسىغا كېرىدۇ . تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان ئىرق ،ئوخشىمىغان تىل سېستىمىسىغا تەۋە بولغاچقا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ ئىككى مىللەتنى ھىچقانداق قانداشلىقى ۋە ئورتاقلىقى يوق دەپ قاراپ كەلدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانى تارىخى ئارقا كۆرۈنۇشىنى ئىنىچكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ ، ئىلمىي ئاساستا لىلا ھۆكۈم چىقىرىپ ، تارىخى ۋە ھازىرقى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلساق توغرا يەكۈن چىقىرالايمىز . دىمەك ، شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئارخىئۇلۇگىيىلىك تەكشۈرۈشىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى ، تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە قانداشلىقى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن پەۋقۇلادە يىقىن . قانداشلىقى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىل ،مەدەنىيەت ۋە بەزى ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىشى تەبئى نورمال ئەھۋاال . تارىخى پاكىتنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ، تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار ناھايتى قەدىمدىن تارتىپلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئورتاق ياشىغان يەرلىك مىللەتلەر . جۈملىدىن شىنجاڭ رايۇنىدا ئۆزئارا مەنبەداشلىقى ، قانداشلىقى ، زامانداشلىقى ، ماكانداشلىقى ، ئورتاق دىنىي ئىتىقادى قاتارلىق گىرەلەشكەن موناسىۋەتلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاقلىق ئاساسىدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئىچكى ھېسسىيات ، ئىدىيە ، پەلسەپە ، دىن-ئىتىقاد ، تىل-يېزىق ، ئەدەبىيات-سەنئەت ، ئوسسۇل-مۇزىكا ، ئەخلاق ، ۋە تورمۇش ، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى بىر-بىرىسىگە توتاشتۇرۇپ ، چىرىماس موناسىۋەتلەرنى ھاسىل قىلغان . بولۇپمۇ تىل-يېزىق ،ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى خىلمۇ-خىل تارىخىي گىرەلەشمە مۇناسىۋەتلىرى خىلى گەۋدىلىك ئورۇندا تورىدۇ . يۇقىرقىدەك گىرەلەشمە مۇناسىۋەتلەر تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئورتاق تىل ، ئورتاق مەدەنىيەت ئىكۇلۇگىيىسىگە سۆرەپ كىرىپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەنبەسىدە تاجىكلارنىڭ ئەدەبىي تىلى ، تاجىكلارنىڭ تىل مەنبەسىدە ( تاشقۇرغان تاجىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ ) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرى ئارىلىشپ قىلىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك . بۇندىن كېيىن بۇ ئىككى خىل تىلنىڭ ئورتاقلىقى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ، ھازىرقى ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش مىللەتشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق جەھەتتىمۇ ناھايتى رىئال ھەم موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىدىيىنى تېخىمۇ موكەممەل ،چوڭقۇر تورغۇزۇشتا ، مىللەتلەر مۇناسىۋېتىنى ، ئىتتىپاقلىقلقىنى كۈچەيتىش ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشورۇشتىمۇ موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇنىڭدىن باشقا ھەمىمىزگە ئايانكى ، تاجىكلار ھازىر ئوخشىمىغان سىياسىي تۈزۈم ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە ، شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ئورنى ، ئىجتىمائىي تورمۇش شارائىتى ، تىل موھىتى ۋە باشقا شارائىتقا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت تورمۇش شارائىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس ، ئەلۋەتتە . جوغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە تىل نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، تاجىكىستان تاجىكلىرى ، ئاۋغانىستان تاجىكلىرى ۋە ئۈزبىكىستان (ھازىرقى ) غا تەۋە سىدىكى تاجىكلىرى يەنى قەدىمكى سەمەرقەند ، بوخارا تاجىكلىرىنىڭ سانى كۆپ ، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان ، ئۇلارنىڭ تىلى ھازىرقى زامان تاجىك ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل بولۇپ ، يەرلىك ئالاھىدىلىگى ، بىر قىسىم تىل شىۋىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرنىڭ تەسىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، بۇ تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ،گرامماتىكىسى ھازىرقى زامان پارىس تىلىدىن ئانچە بەك پەرقلەنمەيدۇ . تىل تەتقىقاتچىلەر ۋە تارىخشۈناس ، پارىسشۈناس ئالىملار تاجىكىستان تاجىكلىرىنىڭ تىلىنى تاجىك تىلى (بوخارا ۋە سەمەرقەند تاجىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .) ؛ ئاۋغانىستان تاجىكلىرىنىڭ تىلىنى دەرى تىلى ؛ ئىرانلىقلارنىڭ تىلىنى پارىس تىلى دەپ ئاتاپ كەلمەكتە . ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل تىلنى ئۈچ خىل ئاتاشتىن ئىبارەت ( بۇ خىل تىلنىڭ يېزىقى ئوخشاش ،يېزىق توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەيمەن ) . شىنجاڭدىكى تىل تەتقىقاتچىلار بۇ تىلنى پارىس-تاجىك تىلى ياكى پارىس تىلى نامى ئاتاپ كەلگەن . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدا تاجىك تىلى تەركىبلىرى خىلى سالماقنى ئېگەللەيدۇ . چۈنكى ، تارىختا ئۆزبىك ، ئەزەربەيجان ، تۈركمەن ، ھىندى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات مەدەنىيىتى ، تاجىك-پارىسلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ، پارىس-تاجىك كلاسسىك شائېرلىرى ، يەنى ، ئەبۇ ئابدۇللا روداكى ، ئەبۇ ئەلى ئېبن سىنا ، ھافىز شىرازى ، شەيخ سەئىدى ، ئۆمەر ھەييام ، ئابدۇراخمان جامى ، جالالىدىن بەلخى ، ناسىر خىسراۋ ، مىرزا ئابدۇلقادىر بېدىل ، خىسراۋ دىھلەۋى قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شائېرلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئوچرىغان . جۈملىدىن ئازادلىقتىن ئېلگىرى شىنجاڭ رايۇنىدا دىنني مەكتەپلەردە تاجىك ئەدەبىي تىل-يېزىقى ، ئەرەب تىل-يېزىقى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىشلىتىلىپ كەلگەن . شۇڭا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسۈتۈپ ، بۆگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلى قەدىمكى زامان تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن يىراقلىشىپ ،ئۇيغۇر تىلىدا تاجىك تىلى ،تاجىك تىلىدا (پامىر رايۇنىدىكى ) ئۇيغۇر تىلى ئۆزئارا سىڭىشىپ تىل ئورتاقلىقى يەنىمۇ ئىلگېرلىگەن ھالدا كۈچەيمەكتە . ئۇيغۇر تىلىغا تاجىك ئەدەبىي تىلىدىن قۇبۇل قىلغان ۋە ئۆزلەشتۇرۋالغان سۆز –ئاتالغۇلىرىمۇ ئاز ئەمەس . مەسىلەن : نان ، ناۋايخانا ، گۇش ، ساتراشخانا ، قاسساپخانا ، ئاشخانا ، نەۋرۇز ، نەۋ جۇۋان ، نەۋ قىران ، ئابدان ، سەردار ، خۇشرۇھ ، خۇش كەيپ ، شائادەتنامە ، نىكاھنامە ، چاھار باغ ، دىلكەش ، خانەۋەيران ، لەڭگەر ، لوپ ، سەرىتان ، گۈلپەرى ، ئافتاب ، جەھۋەر ، فەرزەند ، گۈلىستان ، بوستان ، مەرىفەت ، پاك ، خاك (توپا ) ، تابان ، ماي ، ھىجران ، شاراب ، چاھارگاھ ، سەمەرى ، شان ، تاج ، چەشمە ، ئىنتىزار ، قۇتاز ، دىدار ، جامال ، بورادەر ، چىمەنزار ، ئاتەش ، شادى ، خار-زار ، دەرۋېش ، زەفەر ، پەنجىگاھ ، خىزىر ، رەباب (راۋاپ ) ، ئابكەش (ئەپكەش )، دەفتەر ، لوپنۇر ، فەيزاباد (پەيزاۋات ) ، شىفاخانە(شىپاخانا )......
ئېلىمىز تاجىكلىرى ئاساسلىقى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھيىسىدا ئولتۇراقلاشقان ، سەرىكۈھ دىئالىكىتى ۋە ۋاخان دىئالىكىتىدا سۆزلىشىدۇ . بۇ ئىككى خىل تىل شېۋىسىنى تىلشۈناسلار «ھايات قالغان ساك تىلى » ، قەدىمكى ساك ، سوغدى تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ « تىرىك لۇغىتى » دەپ ئاتىماقتا .چۈنكى ، بۇ تىل شېۋىسى تاجىكلارنىڭ ناھايتى قەدىمكى تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان . ھازىرقى ئىراننىڭ بىستۇن تاش ئابىدىسىدىمۇ مۇشۇ خىل تىلدا خەت ئويۇلغان بولۇپ ، تەتقىقاتچىلار سەرىكۈھ تىلى يەنى پامىر تىللىرىدا ئويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ،ھەتتا ، تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمۇ بۇنى موئەييەنلەشتۇردى . شۇڭا ، بۇ تىل شېۋىلىرىنىڭ «پارىس تىلىنىڭ ئانىسى » دەپ تەرىپلىنىشى ھەرگىزمۇ موبالىغە ئەمەس ، بەلكى تىل ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتتۇر . ئىلىمىز تاجىكلىرى قەدىمدىن تارتىپ تاجىك ئەدەبىي تىلىنى قۇللىنىشتىن سىرت ، يەنە ئۆزلىرى يەرلىك تىل شېۋىسىدا سۆزلىشىپ ، ئۆز مىللى مەدەنىيىتىى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى . ھازىرمۇ ئېلىمىز تاجىكلىرى ھەرخىل دىننىي موراسىملاردا ، مىللى ئۆرپ- ئادەتلەردە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تىل-يېزىقىنى قوللىنىپ كەلمەكتە . 1936- يىلدىن بويان تۈنجى مەكتەپ مائارىپى يولغا قويۇلغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويغاندىن تارتىپ بۆگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىمىز تاجىكلىرى تىلىغا بولغان تەسىرى چوڭ ،قۇبۇل قىلش دائىرىسى كەڭ ، تىلنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى ،قۇبۇل قىلىش موھىتى ئەۋزەللىكە ئىگە .
يۇقۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تاجىكلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان تاجىك ئەدەبىي تىلىدىن قۇبۇل قىلغان سۆز –ئاتالغۇلىرى ئۆستىدە توختالدىم ، ماس ھالدا ،ئېلمىز تاجىكلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن قۇبۇل قىلغان سۆز –ئاتالغۇلىرىمۇ خىلى بار . مەسىلەن : كۈرېشمىش (كۆرۈشمەك ) ، ياسەمىش (ياسىماق ) ، تاماق ، سەكسەن ، ئاتمىش ، پوتمىش (پوتمەك ) ، قىيىنچىلېق ، تورمۇش ، باشلىق ، چۈشەنمىش (چۈشەنمەك )، ساقلاش .....
تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئورتاقلىقىنى يوقىرقى مىساللاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ . يەنى ، ئۇيغۇر تىلىدا %70 دىن ئارتۇق تاجىك ئەدەبىي تىلى ( فارىس تىلى ) ، تاجىك تىلى ( جوڭگۇ تاجىكلىرى ) دا %20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىلى سىڭىشىپ ئۆز-ئارا قويۇق باغلىنش ھاسىل قىلغان .بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىل ئالاھىدىلىگى، گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى، تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىش تىلشۇناسلىق جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئورتاقلىغى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى مۇنداق بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ: بىرىنچىدىن ، تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئورتاق ياشاپ،ئورتاق تىل-مەدەنىيەت ئىكىئولوگىيەسىنى يارىتپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز-ئارا ماكانداشلىق بىللە ياشاپ كېلىش، سىڭىشىش سەۋەبىدىن تىل ئورتاقلىغىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىككىنچىدىن ، تاجىكلارنىڭ ئەجدادى بولغان ساكلار ، سوغدىلار ، توخرىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەككىللىنىشىدە پەۋقولادە مۇھىم ۋاستىلىق رۇل ئوينىغان .
ئۈچىنچىدىن ، ئۇيغۇرلار ساك ، سوغدى ، توخرىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئانا تىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان تۈركلەر كەڭ كۈلەمدە سىڭىشىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر تىلى سوغدى قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئوچراپ ئۆز-ئارا قوشنا بولغان ئاساسىدا ھېسسىيات ئالماشتورۇش ، مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت تەركىبىگە سىڭىپ كىرىپ ئورتاقلىشىش بىلەن ئەسلىدىكى قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر چاغاتاي تىلىنىڭ مەنبەسىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ئاساسىدا ھەم ئوتتۇرا ئەسىر تاجىك-پارىس سەلتەنەتىنىڭ روناق تېپىشى ، روداكى ، ئۆمەرھەييام قاتارلىق تاجىك شائىر-يازغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ،تاجىك ئەدەبىياتى (پارس ئەدەبىياتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) نىڭ گۈللىنىشى ،تاجىكلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان تۈرك تىللىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبى تىلىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن . سۇدا-سانائەت ، ئېلىم-بېرىم ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈنسايىن راۋاجلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇيغۇر تىلىغا تاجىك تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رۇل ئوينىدى . نەتىجىدە سۆز-ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ باي ۋە رەڭدارلىقىنى ئاشۈردى . تاجىكچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىش نىسبېتى پەۋقۇلادە يۇقۇرى نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىل قائىدىلىرىغا بۈيسۈنۈپ كەتكەن ، بەزىلىرى ئۆز ئالاھدىلىگىنى ساقلاپ قالغان . بەزىلىرى ئەسلىدىكى مەنىدىن چەتنەپ يېڭى مەنىلەرگە ئىگە بولغان . يەنە بىر قىسىم سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كېرگەن بولۇپ ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تاجىك تىلىدىن كىرگەنلىكنى ئاسانلىقچە پەرقلەندۇرگىلى بولمىغىدەك دەرىجىگە بارغان . مەسىلەن : نەۋرۇز ، نان ، ئاشخانا ، ئاشپەز ، گۈش ، زەمىن ، ئانار ، گۈل ، ئاسمان ، ماي ، ئاپتاب ، نەۋباھار ، نەۋقىران ، نەۋجۇۋان ، بەخت ، سائادەت ، ئاتەش ، خۇشرۇي ، گۈلدەستە ، خالى سۇپرا (سۈفرا ) ......قاتارلىق نەچچىلىغان سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كېرىپ ئۆزلەشكەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۈسۈسىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ماسلىشىپ كەتكەن . بەزى تاجىكچە سۆزلەر ئەسلى سۆز يىلتىزى بۈيىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنىپ ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىمال قىلىنىش ئارقىلىق بارا-بارا ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ ، ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ شەكىللەنگەن . بەزى سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى لوغەت فۇندىغا ئايلىنىپ ، ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن يېڭى سۆزلەر ياسالدى . ئۇيغۇر تىلىدا مەنىداش سۆزلەر ، ئېسىم-ئاتالغۇلار خىلى كۆپۈيۈپ بىر خىل مەنىنى بىر قانچە خىل سۆز ئارقىلىق بىمالال ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ياخشى ھالەت شەكىللەنگەن . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئېشىپ موكەممەل تىل بايلىقىنى ھاسىل قىلغان . يەنە بەزى ئۇيغۇرچە سۆزلەر پۈتۈنلەي ئىستىمالدىن قىلىپ ئۇرنىنى تاجىك-پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئىگەللىگەن . ھازىر بۇ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى لوغەت فۇندى قاتارىدا تۇرمۇش ئۈچۈن ئىھتىياجلىق ۋە زۆرۈر بولغان چۈشەنچىلەرنى ، جۈملىدىن كۈنكىرىت ۋە ئابىستىراكىت مەنىلەرنى ئىپادىلەپ ئەڭ نازۈك مەنىۋى تۈسلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . سىياسىي ئىلىمى ۋە پەنى ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئەمەلىيەتتە كەڭ قۇللىنىلىۋاتىدۇ .
تۆتىنچىدىن،قەدىمىقى ئىپتىدائى دىنى ئىتىقاد ۋە ئىسلام دىنى ئىتىقادى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان . ھەمىمىزگە مەلۇمكى ، تاجىكلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئاتەشپەرەسلىك دىنى ، مانى دىنى ، بودا دىنى قاتارلىق ئىپتىدائى دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان . كېيىن ئىسلام دىنى ئەرەپلەر ئارقىلىق فارىس-تاجىكلارغا كىرگەن . فارىس-تاجىكلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلغان ( تاجىك سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دىن تارقاتقانلىقى تارىخىي ماتىرياللاردا قەيت قىلىنىدۇ ) . ئىسلام دىنى ئىتىقادى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىل-يېزىق ، ئەدىبىيات-سەنئەت ، ئۆرپ-ئادىتىنى ناھايتى زۈر دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇرتاق تىل مۇھىتىنى شەكىللەندۇرۇرۇشىگە پەۋقۇلادە ۋاستىلىق رۇل ئوينىغان .
بەشىنچىدىن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ كەڭرى ماكانىدا تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتى سەلتەنەت سۈرگەن . مىلادىيىدىن بورۇنقى Ⅶ-Ⅷ ئەسىرلەردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخ سەھنىسىدە سوغدىيان دۆلىتى ، باكتىرىيە دۆلىتى ، خارەزىم دۆلىتى ، پېرىسىيە ئېمپىرىيىسى ، سېلىۋىكلەر خاندانلىقى ، كوشان خانلىقى ، ساسانىيلار خانلىقى ، تاھىرلار سولالىسى ، سافارىيلار سولالىسى ، سامانىيلار سولالىسى ، گور خاندانلىقى ، قىرپاند دۆلىتى قاتارلىق سىياسىي ھاكىميەتلەر تاجىك-پارس خەلقلىرى ھاكىمىيەتلىرى ھىساپلانسا ؛ مىلادى Ⅵ-Ⅶئەسىرلەردىن باشلاپ شەكىللەنگەن كۆك تۈرك خانلىقى ، غەزنەۋىيلەر سولالىسى ، قاراخانىيلار سولالىسى ، سالجوقىيلار ئىمپىىيىسى ، خارەزىم ئوسمان ئىمپىريىسى ، قوقان خانلىقى ، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق سىياسىي ھاكىميەتلەر تۈرك –ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئېدى . بۇ ھاكىمىيەتلەرمۇ تىل-يېزىق مەدىنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ تىلنىڭ سىڭىشىشىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرغان .
تاجىكلار خىلى ئۇزاق يىللاردىن بويان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قۇللۇنۇپ كەلگەچكە سەرىكۈھ ۋە ۋاخان تىل شىۋىسىدە خىلى زۈر دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆزلىشىپ كەتكەن . بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۇرۇپ ئوتتۇرا قۇيۇشقا بولىدۇ . بىرنىچى ، تاشقۇرغان ناھيىسىدىكى تاجىكلارنىڭ تىلى تاجىك ئەدەبى تىلىنىڭ بىر خىل شېۋىسى بولغاچقا ھەم بۇ تىل شېۋىسى ناھايىتى قەدىمىيلىكنى ساقلاپ قالغان ، ھەمىدە تاجىك ئەدەبىي تىلىدىن سەل يىراقلاپ كەتكەن . ئىككىنىچى، تاجىكلار ئۇزاق يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى تاجىك ئەدەبىي تىل تەركىپلىرىنى يەنە قايتىدىن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدىن تېپىپ ، ھازىرقى تاشقۇرغان تاجىكلىرىنىڭ تىل رەڭدارلىقى زۈر دەرىجىدە ئېشىپ ، بۇ تىللار ( تاجىك سەرىكۈھ شېۋىشى + ئۇيغۇر تىلى + تاجىك ئەدەبىي تىلى ) قۇشۇلۇپ ، تاجىك ئەل ئىغىز ئەدەبىيات سەنئىتى ئاجايىپ مۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ،ھەتتا ، تاجىك يېزىقىنى ئىشلەتمىگەن ئاساسىدا ئېغىز تىلىدە مەزمۇنى مۇل ، مىللى پورىقى كۈچلۈك ، جەزبىدار ، ناھايتى كۈچكە تولغان تاجىك ئېغىز ئەدەبىياتى بارلىققا كەلدى . ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى تاشقۇرغان تاجىكلىرىنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئۆز نۆۋىتىدە بەلگىلىك ئىجابى تەسىر كۆرسەتتى . دېمەك ، تاجىك تىلى قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىمۇ ئاز ئەمەس . ئۆزلىشپ كەتكەن سۆز-ئاتالغۇلىرىمۇ خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالەمشۈمۈل ئۆزگۈرۈشلەرنى بىشىدىن كەچۈرۈپ تەرەققى قىلىشى تاجىك تىلىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزلىشىپ كىتىشىدىن ، تاجىك (تاشقۇرغان تاجىكلىرى ) تىلىنىڭ ئېغىز تىلى تەرەققى قىلىشى بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۇرتاقلىقى ئۆز-ئارا سىڭىپ كېتىشى ، ئۆزلىشىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر خىل تىل تەرەققىيات جەريانىدۇر.
ئاپتورى : ئىسمائىل خالمۇھەممەد
|
|