- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14163
- نادىر
- 1
- يازما
- 285
ئۆسۈش
  10.41%
|
1. پۇرسەت كۈتۈش . بۆرە ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .
2. ئۆملۈك . بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ .
3. ئۆزىنى بىلىش . بۆرىنىڭ ھايۋانلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە ، لىكىن بۆرە ئۆزىنىڭ شىر ، يولۋاس ئەمەس ، بۆرە ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلايدۇ .
4. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش . بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئىرىشىشنى بىلىدۇ .
5. تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چىكىنىش . بۆرە گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ ، لىكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق ، بۆرە يارىلانغان سەپدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چىكىنمەيدۇ
6. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش . بۆرە ھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، رەقىبىنى ياخشى چۈشۈنىدۇ ، رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ ، شۇڭا بۆرە ئاسان غەلبە قىلىدۇ .
7. كۆيۈمچانلىق . ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە ھامىلدار بولغاندىن تارتىپ بۆرە كۈچۈكى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئانا - بالىنى قوغدايدۇ .
8. مۇستەقىل ياشاش . بۆرە بالىسى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ ، چۈنكى بۆرىنىڭ پەلسەپىسى « بۆرە بول ، بولمىسا قوي بول »دىگەنلىك تۇر .
9. ئەركىنلىكىنى سۆيۈش . بۆرە ئەركىن ، تەنھا يۈرۈپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى ، بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشىقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ . |
|