قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

3

دوست

1740

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21691
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 22:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                               
                                     ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە






(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم.

(4) چوڭلار كىچىكلەرنى بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم ) دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا ئالجىغان،قېرىغىنىنى تۇيمىغان ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى دادا،بوۋا موما ئانا ئاكا ، ئاچا دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ،ئەدەبسىز تەربىيە كۆرمىگەن دەپ قارىلىدۇ
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا كۆيۈمسىز ، مېھرى يوق،باغرى قاتتىق، كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەندەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى سىز،سىلى.... دەپ ئاتىشى لازىم ،سەن دېيىلسە كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىكدەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن ئۆيگە باشلاي، خىزمەتتە بولاي دېيىش لازىم . بولمىسا قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە ئەسسالام دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھۇئەكبەر دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا,قائىدىسىز; ، ھاكاۋۇر دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت دەپ ئەتىبلىنىدۇ
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم.
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان قېنى باقىلىي دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ،كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارىلىدۇ.
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.
(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.
(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان.
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ،رەھمەت دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم.
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ.
(24) غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ،ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ ، ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇدەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ ،ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت،ماختىسا كۆز تېگىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە ئاغزىڭغا تاش دەپ قارغايدۇ .
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا ئېچى كىرىپ قالىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق قىزغانچۇقلۇق ، ئاچكۆزلۈك دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(28) مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ.
(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا بەرىكەت قاچىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.
(32) يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ.
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭگە دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ
(37) تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ.
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى تۇزۇم ئۇرسۇن، تۇزكور دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ،خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور دەپ قارىلىدۇ
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانساسەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.
(40) سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش;يامان بولىدۇ ، پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ دەپ قارىلىدۇ
(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا;ئامەت كېلىدۇ دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ.
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش.
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى سۇخەنچى، تەخسىچى.... دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ..
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.
(51)چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
(52) ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى پالاكەت باسىدۇ، دەپ قارىلىدۇ
(53) ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ،كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.

(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ.
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ.
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
(61) قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا، ھاجەتغانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمىيئەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ.
مەنبە :ئابدۇكېرىم رەخماننىڭ «ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرى» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

1

تېما

1

دوست

1319

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15229
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە كۈنى يولغا چىقسا بولمايدۇ دىگىنى مەنچە جۈمە نامىزىدىن قالمىسۇن، جۈمەنى ئوقۇۋېلىپ ئاندىن سەپەر قىلسۇن دىگەن مەنىدە ئېيتىلغان بولىشى مۈمكىن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 12:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما .

3

تېما

0

دوست

3287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 12:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ساقلاش كىرەك.

0

تېما

0

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23872
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 12:47:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما يوللاپسىز.رەھمەت.

9

تېما

1

دوست

1404

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 12:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
58 -تۈرگە رىئايە قىلدىغانلار يوققۇ دەيمەن.

0

تېما

9

دوست

9254

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 809
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 2140
توردىكى ۋاقتى: 1086
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 22:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن، ئۈندېدارغىمۇ چىقىرىپ قويغۇدەك،،

1

تېما

4

دوست

3866

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 546
تۆھپە : 823
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 19:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئېسىل تېما يوللاپسىز، ئاپىرىن!
بۇ ئادەتلىرىمىزنى ھازىرقى بالىلار تۇرماق بىز چوڭلارمۇ بىلمەيمىز، بىلسەكمۇ ئەمەل قىلىپ بولالمايمىز، شۇ سەۋەبتىن باشقا ئەل- مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتىمىز، باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن مەسخىرىگە قېلىۋاتىمىز، ئىشلىرىمىز شۇ سەۋەبتىن ئىلگىرى باسمايۋاتىدۇ. باشقا مىللەت- ئەل خەلقلىرى ھە دەپ ئۆز مەدەنىيىتىنى مۇستەھكەملەش، قوغداش يولىدا تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتسا بىز ئەكسىچە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىش ھېسابىغا باشقىلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتىمىز- ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ، باشقىلارنىڭ «كۆڭلى» نى خۇش قىلىۋاتىمىز.
ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى مانا يوقۇرقى نىزاملار بويىچە ئىش كۆرسە، ئۆزى، ئائىلىسى، بالا- ۋاقىلىرىنى ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مۇشۇ ئۇلۇغ قائىدە- يوسۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا ھەقىقى كاپالەت بىلەن تەمىنلىسە ھەم شۇنداق قىلسا ئاندىن توغرا بولار ئىدى.
ھەممىمىز بىرلىكتە مۇشۇ قائىدە- نىزاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىپ بولالمىساقمۇ، تولۇق بىلىۋېلىشقا تىرىشايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )