قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 4

2013-يىلى ئىلىم-پەندىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

6

دوست

6674

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1968
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 23:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                   2013-يىلى ئىلىم-پەندىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىقلار




         سامانيۇلى شامىلىدىن (solar wind) تارتىپ قەدىمقى ئىنسانلار DNAغىسىچە بۇلۇپ، ئېلىم-پەن 2013 يىلدا زور بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۇردى. 2013-يىلى ئىلىم-پەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلدى. كىلىمات ، ئارخىلوگىيە ۋە باشقا ساھەلەردە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۇنلەي ئىلىم-پەن نوختىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇتەخخەسسىلەر نۇرغۇن بايقاشلارنى روياپقا چىقاردى، تۆۋەندە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى 5 ئىلىم-پەندىكى بۆسۈش.
1. ئالەم بوشلۇقى. تەتقىقاتلارنىڭ دىيىشىچە ئاز دىگەندە 100 مىليارد ئوربىتىلىق يۇلتۇزلار بىزنىڭ تۇرىۋاتقان سامانيۇلىدا بار. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ياشىغالى بولمايدۇ. NASAدىكى كېك(keck) كۆزىتىش گورۇپپىسىنىڭ دىيىشىچە، مۇشۇنداق ھەر 5 ئوربىتىلىق يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدە "ياشاشقا مۇۋاپىق رايۇن"بۇلىشى مۇمكىن.
2. ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كىلونلاندى (شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى).  بىر تەتقىقاتچى ئىنسان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن يادرۇسىنى ئايرىپ چىقاردى. بۇ خاسلىققا ئىگە ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. 10 يىلدىن ئارتۇق خاتالىشىشلاردىن كىيىن، ئورىگان سالامەتلىك ۋە ئىلىم-پەن ئۇنۋېرسىتى تەتقىقاتچىلىرى ئىنسان تۆرەلمە ھۈقەيرىسىنى كىلونلىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن غول ھۈجەيرە يىغقانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلار ھەتتە بۇ ھۈجەيرىلەرنى تېرە ۋە يۈرەك تۇقۇلمىلىرىغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ، بۇ ئىنسان ئەزالىرىنى كۆچۈرۇشنى تىببىي ئىلىمدە ئىشلىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.
3. دېڭىزچى قۇياش سېستىمىسىنىڭ چىگراسىغا يىتىپ باردى. بۇ يىلقى ئىلىم-پەن توغرىسىدكى ئەڭ چوڭ خەۋەرنىڭ بىرى ئەمەلىيەتتە 2012-يىلى يۈز بەرگەن، 2013-يىلى ئېلان قىلىندى. 1977-يىلى قۇيۇپ بەرگەن ئۇچقۇ قۇياش شامىلىنىڭ قىرغىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن قۇياش سېستىمىسىنىڭ چىگراسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كىتىپ بارماقتا. دېڭىزچى-2، ئالدىنقى ئۇچقۇنىڭ ھەمراھىمۇ پات ئارىدا قۇياش سېستىمىسىدىن ئۇچۇپ چىقىش ئالدىدا.
4. مارستىكى كۆل قارىماققا قەدىمقى ھاياتلىقلارغا ياشاش ماكانى بولغاندەك قىلىدۇ. ناسانىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، 2013-يىلى مارسىتىكى بىر قۇرۇپ كەتكەن كۆلدە 3 مىليارد يىل ئىلگىرى جانلىقلارغا ياشاش ماكانى بولغاندەك ئىزلارنى بايقىدى.
5. گىروزىيەدە قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە قالدۇقلىرى تېپىلدى. ئاڭلارشلارغا قارىغاندا بۇ تېپىلغان ئىنسان سۆڭەكلىرى ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ DNA بىلەن تەمىنلىگەن.
  
مەنبە:
http://news.nationalgeographic.com/news/2013/12/131220-year-in-review-2013-science-discoveries-fossils-space-history/#close-modal
بۇ خەۋەر ئامىرىكا"National Geographic"نىڭ تورىدىن ئېلىندى. "National Geographic" -"دۆلەتلىك گىئولوگىيە"- دۆلەتلىك گىئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي ئىلىمىي ژورنىلى بۇلۇپ، 1888-يىلىدىن تارتىپ ئايلىق ژورنال بۇلۇپ نەشىر قىلىنىپ كەلگەن. ئاساسلىقى گىئولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى باسىدۇ. ئىلىم-پەن يېڭىلىقىمۇ بىر خىل داغدۇغىلىق مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغاچ، تەسىرىگە باھا بىرىپ يۇقىرقى خەۋەرنى ئېلان قىلغان گەپ.  "National Geographic" نىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى ئىنتايىن ياخشى، بەلكىم كۆرۇپ باققانسىلەر، ھەرخىل ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى ، ئىنژىنىرلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ، قالتىس تېخنىكىلارنى تۇنۇشتۇرىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، يۇقىرقى خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشدىن ھەمدە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى 2-بۇلۇپ تىزىلىشى خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ يۇقىرى، ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنىنى چۈشەندۇرىدۇ. (ئەسلى خەۋەرنىڭ نەق يىرىنى تەرجىمە قىلدىم. يەنە بىرى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىسمى خەۋەردە تىلغا ئېلىنماي ئۇنۋېرستىت نامىلا تىلغا ئېلىنغان، لىكىن شۇ ئالىمىمىزنىڭ ئىكەنلىكىدە خاتالىق يوق. باشقا ئۇچۇرلاردىن جەزىم قىلىپ ئاندىن بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىم.)
uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6186
توردىكى ۋاقتى: 2535
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 08:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى خەۋەركەن، تىمىڭىزغا رەھمەت!...
ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كىلونلاندى (شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى).

بىز بىر يەرلەرگە بارغۇچە بۇ ئالىمىمىز كىلىپ كىلونلاش ئورنىدىن بىرنى قۇرسا ساغلام ھەم بارلىق ئەسلىمىلېرىمنى ساقلاپ قالغان ئابلىمىتنى بىرىنچى بۇلۇپ كىلونلىتىشقا تىزىملىتىمەن...

0

تېما

0

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23872
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 12:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئىنسانلارنى كىلونلاشقا ئەزەلدىن قارشى تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنى غول ھۈجەيرىلەرنى كىلونلاپ توقۇلمىلارنى ياساش،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ،كىلونلانغان توقۇلمىلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى تۈرلۈك ئەزالارنى كىلونلاش.مەن شۇنداق چۈشەندىم.

6

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 8260
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 21:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۈتۈن ئادەمنى كىلونلاشقا بولماس ! بۇ قايسىلا تەرەپتىن ئويلىسا قاملاشمايدىغان ئىش . ئەمما مەلۇم ئەزانى كىلونلاپ چىقىپ شۇ ئادەمنىڭ كىرەكتىن چىققان ئەزاسىغا ئالماشتۇرىۋەتسە مىدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بۆسۈش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن  
uyghuray

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24359
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 23:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۇتۇن ئادەمنى كىلونلاشقا  ئەلۋەتتە بولمايدۇ ! لىكىن ئادەم  بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالار كىلونلانغاندىنكىيىن كىممۇ پۇتۇن ئادەمنى كىلونلانمايدۇ  دىيەلىسۇن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )