قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1707|ئىنكاس: 3

ھەرەمگە بارماقچى بولغان ئىككى بالا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 12:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئاۋۋال بىر يۇمۇر سوزلىۋىتەيلۇق

مۇشۇ غۇلجىدا ئىككى نەشىكەش نەشە چىكىپ تازا پاڭ بولۇپ سوزلىشىپ قاپتۇدە ، ئاداش گۇنا مەسىيەتنى كۆپ قىلىدۇق ،بولسا ھەرەمگە بېرىپ ئاللادىن گۇناھلىرىمىزنى تىلىسەك بولاتتى ، دىيشىگە يەنە بىرى ئۇنداق بواسا ھازىرلاماڭايلى  مۇشۇ كۇنلەردە مېنىڭمۇ گۇناھىم بەك تولا بولۇپ كەتتى ھەرەمگە بېرىپ  ئاللاھغا يالۋۇرساق گۇناھلىرىمىزنى كەچۇرىدۇ ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى پاڭ كىچىچە غۇلجا شەھرىدىن ئوتۇپ جىلىليۇزىگە يېقىن كىلىپ قالغاندا بىرى يەنە بىرىگە  ئادىشۇي كىچىچە ماڭدۇق ھەرەمگە ئاز قالغاندىمىز ھە ،دىيشىگە يەنە بىرى ئاداش بىز بەك جىق مېڭىۋەتتۇق ،مېڭىۋىرىپ ھەرەمدىن ئوتۇپ كەتمىگەندىمىز ھە دىگۇدەك .

ئەمدى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىدىن ئازراق ئەسلەيلى

ئاخىرقى يىلىلىىرى پەيغەمبىرىمىز ھەجگە ماڭغاندا  جەمەتىدىن بىر توپ باللارنى بىر گە ئېلىپ ماڭىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدە  كاتتا ئالىم ئىبنى ئابباسمۇ بار ئىدى. ئون ياش ۋاقىتلىرى ئوخشايدۇ، بۇ كاتتا بالا شۇ قېىتملىق سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن ئىلىم ئىگەللەيدۇ،

ئەمدى ھەرەمگە بارماقچى بولغان ئامرىكىلىق ئون ياشلىق چارلىز  بىلەن قومۇللۇق ئون ياشلىق شا نىيازنىڭ ھىكايىسىنى باشلايلى

ئامرىكىلىق چارلىز نىڭ ئاتا ئانىسى يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئىدى ، چارلىزنىڭ ئۆزىمۇ ئىسلام دىنىغا بەك قىزىقىپ قالدى ، شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە چارلىز  نىڭ ھەرەمگە بارغۇسى كىلىپ قالدى، ئاتا   بىىلەن ئوغۇل زادى قانداق قىلسا ھەرەمگە بارغىلى بولىدىغانلىىغى توغۇرلۇق قىزغىن سوزلەشتى ،
ئۇلار بىرلىكتە بازارغا بېرىپ دۇنيا خەرىتىسىدىن بىرنى سېتىۋالدى ، شۇنۇڭ بىلەن ئۇلار ھەرەمنىڭ دۇنيانىڭ قەيەرىدە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى ، كيىنىكى بىر ئاي ھەرەمدىكى نۇقتىلىق تاۋاپ ئورۇنلىرى ھەم چوقۇم كۆرمىسە بولمايدىغان جايلارنى ئىزلەش بىلەن ئوتتى ، مۇز دەلفە ئاراپات ، زەمزەم رايونى بەيتۇلھەرەم  ............. ئەمدى ھەرەمگە بېرىپ ئوقۇيدىغان دۇئالارنى ياتلاش ئۇچۇن يەنە بىر نەچچە ئاي كەتتى ،  چارلىزغا ھەج قائىدىسى يات بولۇپ كەتتى ،  كۇنلەر ئۆتىۋاتاتتى . ئەمدى ھەرەمگە بېرىپ كىلىش ئۇچۇن زورۇر بولغان پاسپوت  ئامرىكىدا بۇ دىگەن ئاسان گەپقۇ  ، بۇيەردىمۇ تەس بولسىمۇ ئىشقىلىپ قىلىغىلى بولىدىغۇ ،   كىتىدىغان ۋاقىت ۋە يەنە ئىقتىسات دىگەندەك ئەمەلى مەسەللەرگە يۇزلەندى،  ئەلۋەتتە ئاتا ئانىسى چارلىز بىلەن بارىدىغان بولدى، ئىككى يىل قاتتىق تىرىشىپ پۇل يىغىدىغان بولدى ، چارلىزمۇ  قاتتىق ھەمكارلىشىدىغان ،  قالايماقان پۇل خەجلىمەيدىغان بولۇپ كىلىشتى ،  ئون يېشىدىكى پادىچىلار شىىمى ئون ئىككى ياشقىچە كۇساركۇ بولۇپ قالسىمۇ كىيىۋەردى ،    ئاساسەن مۇشۇ ئىككى يىلدا ئاتا ئانا ۋە بالا  تۇرلۇك تۇمەن ئارۇزۇلىرىدىن ۋازكەچتى .  ئىككى يىلدىن كىيىن چارلىز بال ھاجى بولۇپ قالدى، بىزدىمۇ بارغۇ ھەسەن بالا ھاجى دىگەندەك، ئاڭلىساق چارلىز نىڭ دىنى بىلىملىرى تېخىمۇ تېرەنلىشىپ كىتاپ يازغىلى قوپۇپتۇ، ھەم ئىمام بۇخارىنىڭ يۇرتى بولغان بۇخاراغا بىر بېرىپ كىلىشنى كۆڭلىگە پۇكۇپتۇ ،

ئەمدى قومۇللۇق شانىيازغا كەلسەك بۇ بالىنىڭمۇ ئوتتەك ھەرەمگە بارغۇسى بار ئىدى، شانىياز ئاۋۋال ھەرەمنىڭ نەدىلىكىنى بىلىش ئۇچۇن بىر خەرىتە سېتىۋېلىشنى دادىسغا مەسلىھەت سالغىنىغا تويدى. دادىسى بىرمۇنچە قايناپ  بۇنداق خىيالى ئىشلارنى قويۇپ مەكتەپتە تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەپ تېخىمۇ كۆپ تىللىق بولۇپ كەلگۇسىىدە ئامرىكىغا بېىرىپ يۇزىنى يورۇق قلىشى كېرەكلىكىنى ئزىپ ئچىۇردى، شانىياز جاسارەتلىك ئىكەن ئۇ ھېيىتلىق پۇلىغا توت كوچىدىكى كىتاپخانىدىن بىر دۇنيا خەرىتىسى ئېلىپ كىلىپ ئويىگە چاپلاپ كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاپماقچى بولغان ئىدى . كەچتە خەرىتە ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق ئىدى . مودا ئانا يېڭىدىن بىزەلگەن ئويىدە بۇنداق ئومۇچۇك تورىنىڭ چاپلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالامايتتى ،
شانىياز بۇۋىسى بىلەن ھەرەمگە بارماقچى بولغان بولسىمۇ ئېرىشكىنى بالام سەنمۇ مەندەك قېرىغاندا بارىسەن دىگەندىن ئىبارەت بولدى،  ئاھ  بىچارە شانىياز نىڭ بۇ بىېسىلغان ئارزۇسى نەچچە ياشقا كىرگەندە ئشقا ئاشار .ئەلۋەتتە شانىياز  چارلىزدەك بىر ئىشتاننى كۇساركۇ بولغۇچە كىيىپ باقمىدى .

1

تېما

0

دوست

2164

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 22:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ بالىسىنى ﻧﻪﮔﻪ بارىتىڭ ؟ دەپ ئېسىدىن كۆتۈرۈۋەتكىدەك ئۇرماپتۇ ـ ئامېرىكان دادا...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 22:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان باشقا ئىدىيە بارمۇ ياكى :  بالىلارنى كىچىك چېغىدىلا ھەرەمگە ئاپىرىپ ھاجى قىلىۋىتىش دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرمەكچىغۇ !

مېنىڭچىغۇ بىزنىڭ بالىلار ئىچىدە دادا ھەرەمگە بارىمەن دەيدىغاندىن 1000 نى ئىچىدىن بىرى چىقارمىكىن  ،
خېلى چوڭلار چېغىدا پىنسىيەگە چىققاندا بارارمىز دەيدىغان تۇرسا

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4211
توردىكى ۋاقتى: 4324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 23:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بالىلار ھەر قانداق ئارزۇسى بولسىمۇ ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇش كىرەك دىگەن مەنىدىمىكىن دىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )