- تىزىملاتقان
- 2013-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5799
- نادىر
- 0
- يازما
- 603
ئۆسۈش
  15.98%
|
مۇشۇنداق ھەق ئىلىش بارمۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار... كەمىنە قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا دۇككان ئاچىمەن.. ھەممىڭلار بىلسىلەر بۇ دۇككانلارنىڭ ئۇششاق ھەققى بەك جىق ھازىر... بولۇپمۇ مۇشۇ خوجىلىق ھەققى دىگەن نەرسىلەر....
خوجىلىق بۆلۈم بىزدىن ئەزەلدىن ئايلىقى 10 يۈەندىن تازلىق ھەققى يىغىپ كىلۋاتقان ئىدى. مەن شۇ بويىنچە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئاينىڭ تازلىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان ئىدىم .. بۈگۈن بۇ يىلنىڭ ھېساباتىنى ئۈزۋىتەي دەپ كىرسەم تۇيۇقسىزلا 15 يۈەندىن پۇل ئىلىپ تىخى ئالدىنقى مەن تاپشۇرۇپ بولغان 4 ئاينىڭكىگە 5 يۈەندىن قوشۇپ ھېسابلاپ ئىلۋاتىدۇ... يەنە تىخى تازلىق ئىدارىسىنىڭ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ھەققى دەپ ئايلىقىغا دۇككاننىڭ ھەر كىۋادىرات مىتىرىغا 28 فۇڭدىن ئالدى.... بۇ بىز تۆلەيدىغان 15 يۈەن ئەخلەت ھەققىدىن سىرىت.. ئۇلار يا دۇككانىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپمۇ قويمايدۇ بولمىسا . بەزىدە ھەپتىدە بىرە قىتىم ، بەزىدە ئايدا بىرە قىتىم سۈپۈرۈپ قويۇپ ھەقنى ئىلىۋىرىدۇ.... تازلىق ھەققىدىن باشقا خوجىلىق پۇلى ئۈچۈن ھەر ئايلىقىغا 38.23 يۈەن ئالىدۇ.....
يەنە كىلىپ باشقا ئورۇنلاردىكى دۇككانلارنىڭ توك پۇلى كىلىۋىتى 0.81 يۈەن ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى دۇككانلارنىڭ 1يۈەن....
تورداشلاردىن سورايدىغىنىم. بىز ھەر ئايدا تازلىق پۇلى دەپ 10 نەچچە يۈەندىن تۆلەيدىغان تۇرساق يەنە نىمىشقا ئەخلەت پۇلى دەپ ئايرىم پۇل ئالىدۇ... تازلىق ھەققىنى ئىلىپ تۇرۇپمۇ نىمىشقا تازلىقنى قىلمايدۇ.... بۇلار قائىدە -قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟ ئەگەر ئۇيغۇن بولمىسا قانۇن ئارقىلىق قانداق بىر تەرەپ قىلساق مۇۋاپىق بولا.....
ياردىمڭلارنى ئايمىغايسىزلەر....
|
|