- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16411
- نادىر
- 2
- يازما
- 1496
ئۆسۈش
  16.03%
|
ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنى ئۈگىنىۋىلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھازىر قوللىنىۋاتقان يىزىقنى ئىسلاھ قىلايلى،تاشلايلى،يىزىق ئۆزگەرتەيلى دىمەكچى ئەمەسمەن.نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە بۇنداق دىيىشكە ھچىكىمنىڭمۇ ھەددى ئەمەس دەپ ئويلايمەن.چۈنكى نۆۋەتتىكىدەك تىل مۇئەييەن خىرىسلارغا ئۇچراۋاتقان ۋاقىتتا مومكىنقەدەر يىزىقىنى قوغداش لازىم...
خوش،گەپنى يىغىپ ئىيتقاندا بىزنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان،ئۇيغۇر كونا يىزىقى دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزكۇر يىزىقىمىزنى كومپىيوتىردىن تارتىپ ھەتتا يانفۇنلىرىمىزغا قەدەر تونىدى.لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇ يىزىقىمىزنى مۇئەييەن شارائىت ياكى ۋاقىتتا قوللاش ئىمكانىيتى بولمىغان ئەلۋال ئاستىدا قوللىنىش ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىغا ئۇيغۇنلىشىۋىلىش(گەرچە نۆۋەتتە شۇنداق زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ ) ۋە ھەر خىل ماركا ئىسىملىرىنىڭ پىينىنچە،قالايمىقان بولوپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەرگە كۆرە بۇنى بىلمەيدىغان دوسلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىۋىلىشىنى سورايمىز .
مومكىن بولسا ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئانا تىل بايرىمىغىچە خالايدىغان دوسلار بىلەن بىرلىككە مۇنبەر،چ چ ،ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر كونا يىزىقىمىزنى قوللىنىش ئىمكانىيتى بولمىغان شارائىتتا ئىشلىتىش ،ئوموملىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشچە تىرىشساق .
ئىلگىرىكى ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى ئاتىلىپ كىلىۋاتقان يىزىقىمىزنىڭ ئىلىببەسى تۆۋەندىكىدەك:
ئەمدى قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىمىزدا باشقىلارنىڭ پەرق قىلىدىشىكى ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك
چ ch
ش sh
ڭ ng
غ gh
ق q
خ x
ج،ژ j
دىممەككى بۇ ھەرپلەردىن باشقىلىرىدا ئىنگىلىزچە،ھازىرقى پىنيىنچە دەۋالغان نەرسىلەر بىلەن جىق پەرق يوق.
تۈركى مىللەتلەر ئورتاق يىزىقى تۆۋەندىكەك:
دىممەككى سىنچىلاپ قارىساق ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقى ئارىسىدا يوق دىيەرلىكلا پەرق بار.بۇ پەرقلەر ئۈستىدە بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئاللا بۇرۇن توختىلىپ بولغان ئىكەن .بۇ توغرىسىدا ئىزدەنگۈچىلىرىمىز يەنى :
ch چ ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكى ch ھەرپىنى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىنىڭ ئاددىي شەكلى دەپ ئىلىپ، ھەرپ شەكلىنى ç بويىچە ئالغان .
sh ش ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكىsh ھەرپىنى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىنىڭ ئاددىي شەكلى دەپ ئىلىپ، ھەرپ شەكلىنى ş بويىچە ئالغان .
gh غ ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكى gh ھەرپىنى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىنىڭ ئاددىي شەكلى دەپ ئىلىپ، ھەرپ شەكلىنى ğ بويىچە ئالغان .
ژ نى j بويىچە، ج نى بولسا c ھەرىپى بويىچە ئالغان .
بۇ يەردە ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكى ھەرپلەر ئۆزگەرمىگەن.پەقەت قوشما ھەرپلەرنى ئاددى شەكلى دەپ ئىلىپ ئۇنىڭ ھەرپ شەكلىنى قىتىپ قويغان خالاس.
دىمەك،بۇ ئۇيغۇر يىزىقى ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بولوپلا قالماي يەنە تۈركى مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىدۇر .
تۆۋەندىكىسى بىرلىككە كەلگەن ۋە بىز ئوموملاشتۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى ئىلىپبەسىدۇر .
ئەمدى تۆۋەندە بۇ يىزىقلار بىلەن يىزىلغان پارچىلارنىڭ كەسمە يۈزىنى بىرىپ تىمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
بۇ جەھەتتە خىلى بۇرۇن قەدەم باسقان قىرىنداشلىرىمىزغابەركەت،ئاسانلىق تىلەيمەن.يۇقارقى پارچىلارنى مەن قايسى بىر ئىلكىتاب تور بىتىدىن ساقلىۋالغان .چىقىرىپ قويدۇم.
دوسلارغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
|
|