- تىزىملاتقان
- 2013-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1905
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
90.5%
|
ئىسلام دىنىمىز بۇيرىغانلىرى پايدىلىق، توسقانلىرى زىيانلىق بولغان ئىلمى دىن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز بۇيرىغانلىرى پايدىلىق بولغان، توسقانلىرى زىيانلىق بولغان، بارلىق ئەقىدە كۆزقاراش قائىدە قانۇنلىرى ھىكمەتلەر بىلەن تولغان، ئۇلۇغ ئىلمى دىن! بىلىمخۇمارلارغا ئايانكى؛ بىرقىسىم خىرىستىئان چەتئەل ئالىملىرى، ئىسلام دىننى تەتقىق قىلىپ، ئىسلام دىننىڭ ئىلىم پەنگە زىت يەرلىرى بولسا، خەلقىئاراغا جاكالاپ، ئىسلام دىننى مات قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغان.بىراق بۇ ئىسلامنى تەتقىق قىلغان ئالىملار ئىسلامدىن، ئىلىم پەنگە زىت ھېچقانداق نەرسە تاپالماي رەسۋا بولۇپ، ئىسلام دىننىڭ ئىلمى بايانلىرىنى كۆرۈپ، قايىل بولۇپ، ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ تەتقىقاتى نۇرغۇن كاپىرلانىڭ مۇسۇلمان بولۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن ئايىتى (ئوقۇ!) دىگەن ئايەت ئىدى. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇيرىغانلىرى پايدىلىق توسقانلىرى زىيانلىق ئىدى. ئەمىلىيەتتە قاراپ باقىدىغان بولساقمۇ ئىسلام دىنىمىز چەكلىگەن ھاراق، چىكىملىك چىكىش، قىمار، زىنا، پارىخورلۇق، جازانىخورلۇق .........قاتارلىق تۈرلۈك تۈمەن ئىسلام دىنى توسقان قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلارغا زىيانلىق قىلمىشلاردۇر. بۇيرىغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ھىكمەتلەر بىلەن تويۇنغان ئاجايىپ پايدىلىق ئىشلاردۇر. مەسىلەن؛
ناماز ئوقۇشنى ئالساق ئۇنىڭ بارلىق پائالىتى سالامەتلىككە پايدىلىقتۇر.(1)تاھارەتتە ئالدىبىلەن قول يۇيۇلۇپ مىكروپ تەرەققى قىلىدىغان ئەزالاردىن ئىككى جىنسى ئەزا يۇيىلىدۇ، ئېغىز ئۈچ قېتىم غار-غار قىلىنىدۇ. بۇرۇن ئۈچ قېتىم سۇئېلىپ چايقىلىدۇ. پۇت بارماقلىرى ئۇۋلاپ يۇيىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ ئىلىم پەن بىلەن تەتقىق قىلىپ بېقىڭ! سالامەتلىك ئۈچۈن نىمىدىگەن پايدىلىق ئىشلار بۇ ھە؟!!! .....
(2)نامازنىڭ بارلىق ھەركەتلىرى يەنىلا بەدەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق! رۇكۇ قىلىش، بولسا تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ھىكمەتكە ئىگە! سەجدىگە بېرىش بولسا، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ! ، ئىككى تەرەپكە قاراپ بويۇننى تولغاپ سالام بىرىش بولسا، بۇيۇن ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق. ئىشقىلىپ نامازنىڭ بارلىق ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا بەدەن سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ھەركەتلەردۇر.
(3)ئىسلام دىنىمىزدا جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن دەرھال يۇيۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئەكسىچە يۇيۇنماسلىقنى قاتتىق گۇنا ھىساپلايدۇ.ھازىرقى ئىلىم پەن تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەم جىنسى مۇناسىۋەتتە ھاياجانلانغانلىقتىن بەدەندىكى قانلار توختاپ قېلىش ئەھۋالى بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئادەم جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنۇپ پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈپ پاكلانغاندا، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
(4)ئىسلام دىنى يىلدا بىرئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭمۇ نۇرغۇن پايدىللىرى ھازىرقى ئىلىم پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلانماقتا! يېقىندا چەتئەللەردە روزا تۇتۇشنىڭ ئاشقازان كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىپ ساقايتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاشقازان كىسەللىكلىرىنى بىركۈندىن ئاچ قويۇش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايىتقان. روزا تۇتۇشنىڭ يەنە ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىپ ئاچ نامراتلارنىڭ ھالىغا يىتىشتىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.
قۇرئان كەرىم، ئىلىم پەن ئەمدىلاتىن بىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى ئاللىبۇرۇن خەۋەر قىلىپ بولغان. ئالىملار قۇرئان كەرىمنى كومپىيوتېرغا سېلىپ تەتقىق قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ يېزىشى قولدىن كەلمەيدىغان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
دىمەك ئىسلام دىنىمىزنىڭ يەنە زاكات بىرىش بولامدۇ، خەتنە قىلىش بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئىسلام دىنىمىزنىڭ بارلىق بۇيرىغان ئىشلىرى بىز ئىنسانلارغا پايدىلىق ھىكمەتلەر بىلەن تويۇنغان. بۇلارنى مەن ئەمەس ھەممىز تەڭ سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ قېرىنداشلار!
ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش پەخىرلىنىپ، ئىسلام ھەقىقىتى ئۈچۈن ئىككى ئېغىزدىن لىللا گەپ قىلىشنى بۇرچى ھىساپلايدىغانلار قېنى كىلىڭلار! ھەممىز تەڭ ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنىڭ پايدىلىق، توسقان ئىشلىرىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنكاسىمىز ئارقىلىق، ئەمىلى پاكىتلار ئارقىلىق، ياش ئەۋلاتلىرىمىزغا بىلدۈرۈپ، تىلىمىز ۋە دىنىمىز نىڭ خىرىسلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىشى، ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىمان ئىتىقادىنىڭ كۈچىيىپ، ئۆزلىكىنى قوغداپ، ئۆزبەختىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن تەڭ ھەسسە قوشايلى! .!!!...
مەنبەسى :ئەلتۈرك تۇران
|
|