غەرپ ئەللىرنىڭ ئىسلامنى قورشاش جەريانى
ئارقا ئىشىكتىن قورشاش(يەنى يىراق جايلارنى مۇستەملىكە قىلىش)
غەرب مۇستەملىكىسىنىڭ باشلىنىشى:
ئەندەلۇس(ئىسپانىيە) مىلادىيە 1492- يىلى مۇسۇلمانلار قولدىن كەتكەندىن كېيىن، غەربتە ئىسپانىيە ۋە پورتىگالىيەنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۇلار ئىسلام دۇنياسىنى ئارقا دەرۋازىدىن مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنى باشلىدى، چۈنكى يىراق رايۇنلار ئاجىز بولىدۇ. شۇڭىلاشقا 17- ۋە 18- ئەسىر ئارلىقىدا ھىندۇنىزىيە ئاندىن ھىندىستان ۋە مالىزيا قولدىن كەتتى. ئۇلار شىمالى ۋە غەرب ئافرىقىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دېڭىز ساھىللىرىنى، مورىتانىيە، سىنگال، سۇمال، تەنزانىيەلەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ مۇھاسىرە ۋە مۇستەملىكە ئىلمى كەشپىيات باھانىسى ئاستىدا يۈز بەردى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىلمى كەشپىيات بولماستىن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان يېڭى ئەھل سەلب ئۇرۇشى ئىدى.
بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيە كەشپىيات باھانىسى ھەقىقى پىلاننى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش ئويۇنى ئىدى. ئۇلارنىڭ پىلانى ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىش، يىراق ۋە ئاجىز رايۇنلارنى مۇستەملىكە قىلىۋىلىش ئارقىلىق قورشاش ئىدى. بۇ پىلان پورتىگالىيە پادىشاھى ھەننا ئەۋۋەلنىڭ دەۋرىدە باشلاندى، ئۇ مۇسۇلمانلار يوق ياكى بولسىمۇ بەك ئاجىز ئورۇندىن بىرنى تېپىپ، شۇ ئورۇننى بازا قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم باشلاش ئۈچۈن بالىسى ھىنرىنى ئافىرىقىنىڭ غەربى ساھىلىغا يۈرۈش قىلىشقا يولغا سالغان. ھىنرى جەنۇبقا قاراپ ئاتلاندى، قەيەرگىلا بارسا مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ جەنۇبى ئافرىقىغا قەدەر باردى.(بۇ ۋاقىتتا ئەندەلۇس ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، پورتىگالىيە ۋە ئىسپانلار ئەندەلۇستىن مۇسۇلمانلارنى چىقىرىپ تاشلىغان ئىدى.
ئۇندىن كېيىن پورتىگالىيەدىن ئۈچ كىمە ئۈمەك يولغا چىقىپ، ئۇلار ئافرىقا ئەتراپىنى ئايلاندى، مالەندى دېگەن شەھەردە“ئىبنى ماجىد“ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان مۇساپىر بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى، ئۇ پورتىگاللىقلارنى ھىندىستان(ھىندىستان بۇ چاققىچە ئوسمانلار دۆلىتىگە تەۋە ئىدى، 700- يىلغا يېقىن ئىسلام خەلىپىلىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن) يولغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار ھىندىستاننىڭ كەلكىتا شەھىرىگە كەلگەندە ئۇ يەردىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، ئۇ قايتىش يولىدا ئۇممان ئارىلىدا 100 مۇسۇلمان چىققان ھاجىلار پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن پورتىگالىيەلىكلەر ئىسلام ساھىللىرىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى.
زېمىننىڭ يومىلاقلىق ئېڭى ۋە ئىسلام پاراخوتىنىڭ غەرب يۆلۈنۈشىدە مېڭىپ، شەرققە يەتكەنلىگى ئىسپانلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى. شۇڭا ئىسپانىيەلىك دېڭىزچى“كولۇمبۇ“ ئۈچ پاراخوتنى ئەگەشتۈرۈپ غەربكە قاراپ ئاتلىنىپ، ئامېرىكىغا يېتىپ باردى. ئامېرىكىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، بۇ مەلۇماتلار ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتلار ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
”كولۇمبۇ“ دىن كېيىن ”ماجلان“ ئامېرىكىغا سەپەر قىلدى، ئۇ يەردىن فىلبېن ئارىلىغا يېتىپ باردى، ئۇ يەردىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى. ئۇ يەردە خىرىستىيان دىنىنى سۇلتانغا تېڭىشقا ئۇرۇنغان چاغدا، مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. بۇ باسقۇچ ئىسپان، پورتىگال، گوللاندىيەلىكلەر، ئىنگىلىز ۋە فىرانىسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام شەھەرلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىققان باسقۇچ ئىدى.
شەرق مۇستەملىكىسىنىڭ باشلىنىشى:
شەرق تەرەپتىن روسىيە ئىسلام شەھەرلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ، قاراقىرىم، تاتار ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋالدى، روسىيە بېسىۋالغان شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى تۆت يېرىم مىليۇن( 4:5) كىلومېتىرغا يېتىدۇ.روسىيە ئاخىرىدا قافقاسىيەنى ئىگەللىۋالدى، ئۇنى شەيخ شامىل (1855م) ئىنقىلاۋىدىن كېيىن مۇستەقىل بىر قانچە جۇمھۇرىيەتكە بۆلىۋەتتى.
مەلئۇن ئازغۇن ئاپپاق غوجىنىڭ كاساپىتىدىن بىزمۇ يوقىرىقى ھۇجۇمدىن ساقلىنىپ قالالمىدۇق…
بۇ باسقۇچ مىلادىيە 19-ئەسىرگىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتى، 19- ئەسىردە فىرانسىيە مىسىرنى مۇستەملىكە قىلىۋالدى، بەزىلەر غەربكە ھەيرانلىق ۋە ئەجەبلىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ خىرىستىيانلاشتۇرۇش مەكتىۋى ئېچىشقا ۋە باشقا ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولۇشقا رۇخسەت قىلدى。
ئالدى دەرۋازىدىن قورشاش(يەنى ئەرەب دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش)
غەربنىڭ سەلىب مۇستەملىكە ھۇجۇم پىلانى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى(ئەرەب دۆلەتلىرى) غا يېتىپ كەلدى. ئالجىريە، تۇنۇس، مىسىر، سۇدان مۇستەملىكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدا يېڭى سەلىب ھۇجۇمىغا قارىشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ قارىشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۈممەت يېتەكچىلىرى يېتەكلەيدىغان ئىدى. مەسىلەن، ئابدۇقادىر جازائىرى ۋە ئۆمەر مۇختا شىمالى ئافرىقىدا، مەھدى سۇداندا، ئەمىر رابىھ تەشاد دۆلىتىدە، ھاج ئۆمەر مالى دۆلىتىدە، شەيخ شامىل ئوتتۇرا ئاسىيادا….يېتەكچىلىك قىلغان.
غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا سوقۇنۇپ كىرىش ۋە بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلاش باسقۇچى
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانىيە خىلاپەتلىكىنىڭ ئۆرۈلىشى بىلەن لىۋىيە، ماراكەش، شام، ئىراق، مىسىر، سۇدان ۋە ئۇندىن باشقا رايۇنلار مۇستەملىكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداقلا ئىسلام بالقان شەھەرلىرىدە ئارقىغا چىكىندى، يەمەن ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن باشقا مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشمىگەن ئىسلام رايۇنى قالمىدى. ئەھل سەلىب لورد“ لىنبى“ قۇددۇس شەھىرىگە كىرگەندە پوچىلىق قىلىپ:“سالاھىدىن ئەمدى سەلىب ئۇرۇشى ئاياغلاشتى“دېدى، قوماندان“جورۇ“ دەمەشىققە كىرگەندە مەغرۇرلىنىپ:“سالاھىددىن بىز يەنە قايتا كەلدۇق“دېدى.
خىلاپەتلىكنىڭ يېقىلىشى بىلەن تەڭ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكى پارچىلاندى ۋە پارچە كىچىك دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ قالدى(ئايلاندۇرۇلدى).كولۇنىل“لورنىس“ ئەنگىلىيە ئاخبارات ئىدارىسىغا 1916- يىلى يانۋاردا يوللىغان دوكىلاتىدا مۇنداق دەيدۇ:“بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز، ئوسمانىيە ئىمپىرىسىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئىسلام بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلاش، ئەگەر بىز ئەرەبلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلسەك، ئۇلار كىچىك دۆلەتلەر ئىچىدە داۋاملىق سىياسى قالايمىقانچىلىقتا تۇرىۋىرىدۇ“.
تۆۋەندە بۇ كىچىك دۆلەتلەرنى تونۇشۇتۇرىمىز:
*ئەنگىلىيە بېسىۋالغان ئىسلامى دۆلەتلەر:
1. ئافرىقىدا: مىسىر، سۇدان، نەيجىريا، زەنجىبار، سۇمالنىڭ بىر قىسمى، تانزانىيا، توگۇ، كىنىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە غانا.
2. ئەنگىلىيەنىڭ ئاسىيادا بېسىۋالغان دۆلەتلىرى: :
ھىندىستان(پاكىستان بىلەن بىر)، بۇرما، سىيام(تايلاندىغا تەۋە)، ئىران، ئافغانىستان، خەلىج قولتۇقى ۋە پەلەستىن.
* فىرانىسيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئىسلامى دۆلەتلەر:
1. ئافرىقىدا: تۇنۇس،ئالجىريە، ماراكەش، پولسارىيۇ، ئاج ساھىلى، غىينىيا، مالى، نىيجىر، كانغۇ، جۇزۇر قەمەر، سۇمالنىڭ بىر قسىمى، مورىتانىيە، مەدەغەشقەر، كامىرۇن ۋە بەنىن。
2.ئاسىيادا: سۈرىيە، لىۋان.
* ئىتالىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى:
لىۋىيە، ئارتۇرىيە ۋە سۇمالنىڭ بىر قىسمى.
* گوللاندىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى: ھىندۇنۇزىيەدىكى جاۋا ۋە سوماترا ئارىلى.
* روسىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى:
1. غەربى تۈركستان، يەنى ھازىرقى ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجان. )(
2. سوۋېت ئىتتىپاقى رايۇنىدىكى مۇستەقىل ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى.
3. قافقاسىيا: 14 جۇمھۇرىيەت ۋە ئۆلكە، بىۋاستە موسكۇۋاغا قارايدۇ.
4. سىيبىريا، بىۋاستە موسكۇۋاغا قارايدۇ.
*ياۋرۇپادىكى كومۇنىست نوپۇزىغا بويسۇنغان ئىسلام دۆلەتلىرى:
ئالبانىيە، بۇلغارىيە.
مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بەزى ئۇسۇل- چارىلار:
1.مۇستەملىكىچى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەزھەب ئىختىلاپلىرىنى قوزغاش ئارقىلىق بۆلۈنۈش ئۇرۇغلىرىنى چاچتى، ھەم مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلام ئەللىرىدە ياشايدىغان باشقا تائىفىلەر (باشقا دىندىكىلەر)ئارىسىدا تائىفە ئىختىلاپلىرىنى ئۇلغايتتى. مەسىلەن، ھىندىستان 1947- يىلى مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ، ھىندىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن 8080 ئادەم تائىفە ئۇرۇشىدا قىرىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىق، مائارىپ ۋە يوقىرى مەنسەپلەرگە ئىگە بولۇش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان.
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئىنگىلىزلار 1890- يىلى قەبرىس (سىپرۇس)قا كىرگەن ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىيانلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ ھەسىسىگە توغرا كىلەتتى، 1960- يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىيانىڭ سانىنىڭ تۆتتە بىرگە توغرا كېلىپ قالغان.
2.مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرىدىغان خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ياكى ئۇ پەرزەنتلەرنى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ مەدەنىيتى بىلەن بويىۋىتىش(يەنى مېڭىسىنى يۇيۇۋىتىش) ۋە ئۇلارنى مۇستەملىكىنىڭ پىرنسىپى بويىچە تەربىيلەش. ئۇلارنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن تەربىيلەنگەن بالىلار كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارغا غەرب نامىدا ھاكىملىق قىلىدىغان ئىتائەت قىلغۇچى قورالغا ئايلىنىدۇ. (ھازىرىقى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھاكىملىرى دەل بۇ مىسالغا چۈشىدۇ).
1936- يىلىغچە ھىندىستانغا ئەۋەتىلگەن خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەك سانى 377 كە يېتىدۇ، بۇ ئۆمەكتە 3634 مىسئونىر(پوپ)خىزمەت قىلىدۇ، بۇلار 50 پاكولتىت، 138 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 421 باشلانغۇچ مەكتەپ، 270 تۈرلۈك مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە 170 گىزىتنىڭ ھەممىسى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئايلىنىدۇ.
3. سوۋىت مۇستەملىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، شۇنداقلا ئىسلام مەكتەپلەرنى تاقىغان، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سىبىريەدىكى خىزمەت گازارمىسىغا قوغلىۋەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1937- يىلدىن 1941- يىلغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە بىر مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلۈپ كەتكەن.
مەنبە : ساقلىۋالغانلىرىم
|