قوش تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستىمىسى
双星系统
قوش تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستىمىسى
تونۇشتۇرۇلىشىچە:قوش تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستىمىسى ئىككى تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تەشكىل تاپىدۇ.باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئارىلىغى ئىنتايىن يېقىن ھېساپلىنىدۇ.ھەرقايسىسى ئۇز ئوربىتىسىدا ئورتاق بىر ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.
سامان يولى سېستىمىسىدا قوش تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،تاق تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن قىلىشمايدۇ.قوش تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىش تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىۋولىتسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلغاندىن باشقا،سامان يۇلتۇزى سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىۋولىتسىيەسى(تەرەققىياتى)قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى چۈشۈنۈشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇلار ئۇز ئارا بىر بىرىنى تارتىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئۇلارنىڭ مەركەزگە ئىنتىلگەن تىزلىنىشى ئۇلارنىڭ ماسسىسى بىلەن تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ.
قوش يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتا دەۋرىلىك بىر كۆندىن قىسقا بولىدىغانلىرىمۇ،بىر نەچچە كۆن بولىدىغانلىرىمۇ ،ھەتتا بىر نەچچە يۇزمىڭ يىل بولىدىغانلىرىمۇ بار.
تونۇشتۇرۇلىشىچە:قوش يۇلتۇزلار فىزىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە بولىشىمۇ ،ئىگە بولماسلىغىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
بۇنداق يۇلتۇزلارنىڭ بىر قانچە خىل تۆرلىرى بولۇپ،ئۇلار:
1.فىزىكىلىق قوش يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدىغانلىرى _بىر تۇرغۇن يۇلتۇز يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىرى،ئۇز ئارا تارتىش كۈچى ئۇزۇتۇشۇدىغانلىرى ئادەتتە قوش يۇلتۇزلار ،دەپلا ئاتىلىدىكەن.ئادەتتە پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىسا بۇنداق قوش يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى فىزىكىلىق قوش يۇلتۇزلارھىساپلىنىدىكەن.
2.ئوپتىك قوش يۇلتۇزلار _ قارىماققا ئىككى تۇرغۇن يۇلتۇز ناھايتى يىقىن كۇرۇنىدىغان،ئەمەليەتتە ئارىلىغى ئىنتايىن يىراق بولغانلىرى.
3.كۇز كۇرەر قوش يۇلتۇزلار _ كۇزىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا ئاساسەن،ئاستىرونومىيىلىك تىلسىكۇپتا كۇزۇتۇشكە بولىدىغان قوش يۇلتۇزلار شۇنداق ئاتىلىدىكەن.
4.سىپىكتىر ئانالىزى ئارقىلىق بايقىلىدىغان قوش يۇلتۇزلار _ پەقەت سىپىكتىرىنى ئانالىز قىلىشلا ئارقىلىقلا بايقالغان قوش يۇلتۇزلار.
5.لىپ -لىپ قوش يۇلتۇزلار _ ئوز ئارا بىر -بىرىنى ئايلانغاندا بىر -بىرىنى نۇۋەتلىشىپ تۇساپ دەۋرى "كۆن تۇتۇلۇش"ھادىسىسى پەيدا بولىدىغان يۇلتۇزلار.بۇنداق يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى سىپىكتىر ئانالىزى ئارقىلىق بايقىلىدىغان قوش يۇلتۇزلار غا تەۋە.
6.يېقىن قوش يۇلتۇزلار _ ئۇز ئارا يېقىن بولۇپلا قالماي،ئۇزئارا ماددا ئالماشتۇرۇدىغان قوش يۇلتۇزلار.
7.Xنۇرلۇق قوش يۇلتۇزلار . بەزى ماددا ئېقىمى قويۇپ بەرگەندە Xنۇرىنىمۇ بىرگەقويۇپ بىرىدىغان يۇلتۇزلار شۇنداق ئاتىلىدۇ.
تېخىمۇ كۇپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەنبەدىن كۇرۇڭ:
http://baike.baidu.com/view/77550.htm?fromTaglist
تېما يوللىغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:
1.قوش يۇلتۇزلار ئالەم بوشلىغىدا سانى ئاز بولمىغىنىغا قارىماي،جامائەتچىلىككە ئانچە تونۇش بولمىغان ساھە.مەن بۇ تېمىنى يوللاشتا ئىككى مەقسەتنى كۇزدە تۇتتۇم.بىرى ،بۇنداق يۇلتۇزلاردىن بېخەۋەر تورداشلارنى بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش.يەنە بىرى بۇ يۇلتۇزلارنى ئالەملىك تارتىش كۈچى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىپ كۇرۇش.مەن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئۇقۇمىنى بۇنداق يۇلتۇزلارغا تەدبىقلاشنىڭ ئاساسلىرى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.بۇ نۇقتىدىكى ۋە باشقا ئالاقىدارنۇقتىلاردىكى قاراشلىرىمنى تېما تەستىقلانغاندىن كىيىن ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇمەن.
2.تەرجىمىدە خاتالىق بايقىساڭلار ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى،يۇلتۇزلار تۆرلىرىنىڭ نامى ھەققىدە مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
|