قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1053|ئىنكاس: 3

«غەرىبى» تەخەللۇسلۇق شائىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 13:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                «غەرىبى» تەخەللۇسلۇق شائىرلار
                                                               غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر                        




         ئادەمنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە باشقا ھېچقانداق ئابىستراكىت نەرسە بولماستىن، بەلكى بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت. رېئال تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەت ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيەسى، ھېسسىياتى، خاراكتېرى، ئادىتى قاتارلىجلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇئەييەن ئىجتىمائىي ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، بىر ئەدىب ياكى شائىرنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ سىنىپىي ئورنى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر، كونكرېت چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بەلگىلىگەن كونكرېت مۇھىتنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەگەر مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، مۇئەييەن مۇھىتتىن ئايرىلغان ھالدا يازغۇچىنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي ۋە سىنىپىي مەنبەنى ئېچىپ كۆرسەتمىگەندە، يازغۇچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى بولمايدۇ. مۇبادا جۇڭغار توپىلاڭچىلىرىنىڭ ۋە چوڭ – كىچىك خوجىلار، يەتتە خوجا قاتارلىقلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تەپرىقىچىلىك ھەرىكەتلىرى بولمىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مۇقىملىق، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە، ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمىگەن، ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئارزۇلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئاياغ – ئاستى قىلمىغان بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىرمۇنچە خەلقپەرۋەر ئەدىبلەر يېتىشىپ چىقمىغان، ئۆتكۈر تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەسەر يارىتىلمىغان، بىرمۇنچە شائىرلار ئۆزلىرىگە ئارقا – ئارقىدىن «غەرىبى» تەخەللۇسىنى قويمىغان بولاتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بېشىغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان جۇڭغارلار، خوجىلار ۋە فېئودال ھاكىمبەگلەرنىڭ رەزىل قىلمىش – ئەتمىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا «غەرىبى» تەخەللۇسلۇق شائىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاراكتېرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى بولمىغان بولاتتى. مۇئەييەن مۇھىت يازغۇچى، شائىر خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تۇردۇش ئاخۇن غەربىگە ئوخشاش داڭلىق شائىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى 18 – ئەسىردىكى قاتتىق ۋە دەھشەتلىك داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىردەم تىنجىپ، بىردەم داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى. مۇبادا ئاشۇنداق ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ بىر دەۋر بولمىغان بولسا بىر تۈركۈم شائىرلار ئۆزلىرىگە «غەرىبى» تەخەللۇسلىرىنى قويمىغان بولاتتى.
«غەرىب» (gharb). بۇ سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك»تە مۇنداق دېيىلگەن:
«غەرىب (1) (غريب) ئەرەبچە مۇساپىر، باشقا جايدىن كەلگەن، يات».
«غەرىب (2) (غريب) ئەرەبچە ئاجايىپ، قىزىق، غەرب – ئىش — ئەجەبلىنەرلىك ئىش؛ غەرب مەنىلىك — ئاجايىپ مەنىلىك؛ غەرب ئاسار — ئاجايىپ نىشانىلەر؛ غەرىب ئۆمۈر — قىزىق ئىشلار، ئاجايىپ ۋەقەلەر» .
دېمەك، «غەرىب» سۆزى تۈپ جەھەتتىن يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل مەنىدە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرقانچە ئاپتور «غەرىب» سۆزىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان.

بىرىنچى، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى
      بۇ شائىر 1802 — 1862 – يىللىرى) ياشىغان. قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى قوغان (ئىلگىرىكى بەشكېرەم بەگلىكىگە تەۋە) يېزىسىغا تەۋە تىلسۇراق كەنتىدە تۇغۇلغان. قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ماھىر خەتتات ۋە تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە ئەل ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، بىر مەزگىل قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى مەدرىسلەردە مۇددەرس بولغان. 1835 – يىلى قەشقەر ھاكىمبېگى زوھورىددىننىڭ ھۇزۇرىدا ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب بىلەن بىرلىكتە دىۋانخانا (ئىشخانا)نىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسىي ۋە كوللېكتىپ بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 1841 — 1842 – يىللىرى تۈرلۈك ماۋزۇ ۋە ھەجىمدىكى 39 پارچە ئەسەرنى جەمئىي قىلىپ، ئۇلارنى «ھېكايەتى غەرىب» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كوللېكتىپ «مەجمۇئات»، «ھېكايەتى ئۇششاق» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان. زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرى بىر مەزگىل «مۇھەببەت داستانلىرى» دەپمۇ ئاتاپ كېلىشتى. غەربنىڭ مۇشۇ توپلامغا كىرگەن ۋە كىرمىگەن ئەسەرلىرىدىن «كىتابى غەرىب»، «بەھرام گور»، «غەزەللەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
     «كىتابى غەرىب» (1841 – يىلى) 36 ماۋزۇ، 58 سوئال – جاۋاب بىلەن 33 خىل كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەرلا ئەمەس، بەلكى 18 -، 19 – ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئۆگىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
     «بەھرام گور» نەۋائىنىڭ «سەبئى سەييارە» داستانى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ باي تەسەۋۋۇرى ۋەچېۋەر تىل ماھارىتىئىپادىلەنگەن.

ئىككىنچى، خۇشھال غەرىبى
        خۇشھال غەرىبى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرىدا قەشقەردە تۇغۇلغان. قەشقەر شەھىرىدىكى مەدرىستە كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئالغان ۋە ئىستېداتلىق شائىر بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن باشلاپ قەشقەر تەرەپتە يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ئىچكى نىزا ۋە قالايمىقانچىلىقتا شائىر قەشقەردە تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى تاپالماي، پەرغانە بوستانلىقىغا چىقىپ كەتكەن. بۇ توغرۇلۇق شائىر مۇنداق يازغان:

ئۇچرادىم ئول دەردگە كىم بىدەۋا،
قىلدى مېنى ئۆز ۋەتەنىمدىن جۇدا.
يەنى ئېرۇر ئۆز ۋەتىنىم كاشغەر،
يىللار ئىدى ئول ماڭا جايىم بەقەر.

       خۇشھال غەرىبى مىلادى 1845 – يىلى «كۇللىيات غەربى» ناملىق توپلامنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا غەزەل، مۇخەممەس، مەسنەۋى، روبائى، ساقىنامە، مۇستەھزات، قىتئە قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلار بار بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ بەدىئىي ئەينىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇھەممەد غەرىب شەھيارى
بۇ 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيەسىدە ياشىغان شائىر.
       شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد دۆلەت خوجەيار ئوغلى بولۇپ، ياشلىق دەۋرىدە بىر مەزگىل ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ھەج – تاۋاپ ئىشى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئاقسۇغا كەلگەندە ۋەزىيەتتە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، پۇل – بىساتى تۈگەپ، يولىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. ئۇ «ئىشتىياقنامە»دە دەۋرنىڭ رېئال مەسىلىلىرىنى ئوبرازلىق رەۋىشتە، تۇرمۇشقا سادىق بولغان ئاساستا چىن قىلىپ يارىتىپ، ئەسىرىنى بەلگىلىك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلغان.
شائىر «غەرىبى» ۋە «شەھيارى» دېگەن ئىككى تەخەللۇس قوللانغان.

تۆتىنچى، موللا سۈپۈرگى سەنجەرى (غەرىبى)
        بۇ شائىر 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەنگە تەۋە گۇمان ناھىيەسىنىڭ نىشاندار يېزىسى سانجار كەنتىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر، تەرجىمان ھەم خەتتات. ئۇ «دىۋانى غىياس»، «دىۋانى سۈپۈرگى»، «غەرىبى سەنجەرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ دىۋانلارنىڭ ھەربىرى 400 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر بېتىگە 14 تىن 16 مىسراغىچە شېئىر يېزىلغان. بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق، مەرىپەتچىلىك، ئىجتىمائىي ئەخلاق قاراشلىرى تەرغىب قىلىنغان ھەمدە بەزى ناچار قىلىقلار قامچىلانغان.
       شائىر «نەفھاتۇل ئۇنىس» (ئۇلۇغلار تەزكىرىسى) ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ يەنە ئون نەچچە پارچە كىتابنى كۆچۈرۈپ چىققان.

بەشىنچى، غەرىب خەستە
      بۇ شائىر تەخمىنەن 19 – ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھىجرىيە 1299 – (مىلادى 1881 — 1882) يىلى كۆچۈرۈلگەن «ھەمزەنامە» ناملىق چوڭ بىر داستانى بار. داستاندا ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەخس ئەمىر ھەمزە ساھىبقىراننىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى، ئاجايىپ - غارايىپ سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن. داستاندا نۇشىرۋان ئادىل، ئىسكەندەر قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. بۇلار گەرچە تارىخىي شەخسلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شائىرنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ئاساسىدا بەدىئىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلغان.
ئالتىنچى، ئاشۇراخۇن غەرىبى
     بۇ شائىر 1833 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوتەندە ياشىغان. ئۇنىڭ «ئەمىر ئەلى» ناملىق بىر داستانى بار بولۇپ، داستاندا فېئودال مۇستەبىت ياقۇپبەگنىڭ مىلادى 1870 – يىلى «يەتتە شەھەر» لەشكەرلىرىنى باشلاپ تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىھۇدە ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن. شائىر بۇ ئەسىرىدە 1864 — 1867 – يىللىرى بولۇپ ئۆتكەن ئېزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكەتلىرى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ئۇ مېھنەتكەشلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق يوسۇندا ئىپادىلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئارزۇ قىلغان. شائىرنىڭ خىيانەتچى ۋە مۇناپىقلارنى قارىلاپ يازغان ئوتلۇق شېئىرلىرى ھېكمەتلىك سۆزلەردەك چىققان. شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى ئاشۇر (ئوشۇر) ئاخۇن ئىبن ئىسمايىل ئىبنى مۇھەممەد (غەرىبى).

ئالتىنجى يۈسۈپ غەرىبى
        يۈسۈپ غەرىبى (1864 — 1940) نىڭ تولۇق ئىسمى ئىبنى جۇبەيرى ئىبنى پەتەنۇش غەرىبى بولۇپ، قۇمۇلدا ياشاپ ئۆتكەن. شائىر قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا بىر مەزگىل مەنسەپدار بولغان، يەنە ئەمچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بەزى شېئىرلاردا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، ھىجران، پىراق ۋە سېغىنىش كەپىياتىنى ئىپادىلىگەن.
يۈسۈپ غەرىبى شېئىرلىرى قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تۇتاشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

يەتتىنجى موللا توختى غەرىبى
       موللا توختى غەرىبى (1861 — 1951) خوتەن لوپ ناھىيەسىنىڭ جىيا يېزىسىدا ياشىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان ئەسىرى «تۇھفەتۇل ئۇششاق سانى» (ئاشىقلار تۆھپىسىنىڭ ئىككىنچىسى) ناملىق كىتابى بولۇپ، لىرىك غەزەللەردىن تەركىب تاپقان. توپلامنىڭ باش قىسمى مۇخەممەس بولۇپ، 30 كۇپلېت (مۇقەددىمە سۈپىتىدە بىر كۇپلېت يازغان بولۇپ، جەمئىي 31 كۇپلېت) مۇخەممەسنىڭ ھەر كۇپلېت باش ھەرپىنى «ھۇرۇفى ھىجا» (ھىجا ھەرپلىك) شەكلىدە يازغان. قالغانلىرى مۇناجاد (مۇستەھزاد، مۇرەببەر)، نەدامەت ئۇمر مازى، سەرگۈزەشت، نەسىھەت، ئىشىق مەجاز، مۇخەممەس نەدامەت، ھەسرەت قاتارلىق ماۋزۇلاردا يېزىلغان. شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى تاۋلانغان، مەزمۇنى تىرەن بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. شېئىرلىرى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي 20 – سانىدا ئېلان قىلىندى.

سەككىزىنجى، موللا ھالاۋۇدۇن غەرىبى
         موللا ھالاۋۇدۇن تەخمىنەن 1880 – يىللىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى قارا باش كەنتىدە تۇغۇلغان. ئوپال كۆكچى لايپەشتاق مەدرىسەسى ۋە قەشقە خانلىق مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. شۇ يەردە شائىر مۇددەرىسلەر ۋە شائىر تەلەبەلەرنىڭ تەسىرىدە شېئىرىيەت مۇخلىسى موللا ھالاۋۇدۇن «غەرىبى» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ۋە شېئىرلىرىنى توپلاپ «كىتابى غەرب» ناملىق كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا جاھالەت، ئادالەتسىزلىك، ئاچ كۆزلۈك، ئالدامچىلىق، ياۋۇزلۇق، رىياكارلىقلار قاتتىق پاش قىلىنغان. شائىر ئۆز شېئىرلىرىنى «جاھالەتكە چىراغ يېقىلسا، شېئىرلىرىم ياغ بولۇر» دەپ ئاتىغان. شائىر شېئىرلىرىنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدىن مەسخىرە ۋە ساتىرىك پۇراق گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. شائىر 1931 – يىلى ۋاپات بولغان.

توققۇزىنجى ، مۇھەممەد ۋەلەد مىر ئەھمەد شەيخ غەرىبى
       بۇ 19 – ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن شائىر ۋە تارىخچى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مىر ئەھمەد دېگەن كىشى بولغان. ئاپتورنىڭ «تارىخنامەئى يەئقۇبخان» ناملىق بىر كىتابى بار بولۇپ، بۇ ئەسەر 1911 – يىلى پېتىربورگدا ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا مۇزېيىدىكى مۇسۇلمانچە قوليازمىلار (590) 8772» ناملىق كاتولوكنىڭ 14 – بېتىدە تونۇشتۇرۇلغان ئەسلىي قوليازما لېنىنگىرات (پېتىربورگ) ئىرمىتاژ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
      سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى م. ف. گاۋرىلوۋ 1927 – يىلى ئېلان قىلغان «قەشقەر ھۆكۈمرانى ياقۇپبەگ – دۆلەت تارىخى» (رۇسچە) ناملىق ئەسىرىنىڭ 125 – بېتىدە بۇ كىتاب ھەققىدە توختىلىپ ئاپتورنىڭ قەشقەرلىك مىر ئەھمەد دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئاپتور بۇ كىتابنى 1898 – يىلى يازغان.

ئوننچى، موللا ئەيت ئىبىن موللا غەرىب
      بۇ ئاپتورنىڭ «جامىئۇل ھېكمەت» ناملىق كىتابى بار. بۇ كىتاب ھازىر رۇسىيەنىڭ پېتىربورگ ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق ئا. م. موگىنوۋنىڭ «ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قوليازمىلار» ناملىق كىتابىدا مەلۇمات ئېلان قىلىنغان. ئەمما، بۇ ئاپتورنىڭ ياشىغان زامانى، ئەسىرىنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن، بۇ ئەسەر 1910 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر تەرەپتىن يىغىۋېلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن.
يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتكەن شائىرلار ۋە باشقا ئاپتورلارنىڭ «غەرىب» تەخەللۇسىنى قويۇپ ئەسەر يېزىشى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئالاھىدە بىر ھادىسە بولۇپ، مۇھىم بىر تەتقىقات ساھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم شائىرلار نېمە ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن ئۆزىگە «غەرىبى» تەخەللۇسىنى قويۇپ شېئىر يازىدۇ؟ بۇنىڭ تارىخىي ئىجتىمائىي ئاساسى، مەنىۋى ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى بار.
شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىدا 17 – ئەسىردىن باشلاپ كەينى – كەينىدىن چوڭقۇر ئۆزگىرىش، داۋالغۇشلار يۈز بەردى. بۇنىڭ قىسقىچە تەپسىلاتى مۇنداق:
      يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي مەزھەپ كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ھەتتا تەرەققىي قىلىپ بىر – بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان سىياسىي رەقىبلەرگە ئايلاندى. يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمائىل خان (1670 — 1678 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قارا تاغلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپاق خوجىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن ھەيدەپ چىقاردى. 1678  - يىلى ئاپاق خوجا جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقاتتى. جۇڭغارلار ئاپاق خوجىنى يۆلەپ قورچاق خان قىلىپ تىكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تا 1759 – يىلىغىچە بولغان 50 يىل ئىچىدە شىنجاڭدا گاھى جۇڭغار فېئودال مۇستەبىتلىرى، گاھىدا ئاق تاغلىقلار، گاھىدا قارا تاغلىقلار غوۋغا – چۇقان سېلىپ، ئىچكى نىزا پەيدا قىلىپ، ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، قىلمىغان شۇملۇقى ۋە ئەسكىلىكى قالمىدى. جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت چېكىنىپ، خەلق ئاممىسى ھالىدىن كەتتى. 1759 – يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا جۇڭغارلار ۋە چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىنى تىنچىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئەمىن تاپقۇزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ جۇڭگو چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى تارىخنىڭ چوڭ ئېقىمىغا ماسلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.
      ئەمما، چىڭ سۇلالىسى فېئودال ئەزگۈچى سىنىپىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەم مۇستەبىت قارا گۇرۇھلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغاچقا، ئۇلار يۈرگۈزگەن سىياسەت شىنجاڭدىكى تۆۋەن قاتلام ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئارزۇ ۋە تەلىپىگە ئەمەس، بەلكى روھانىيلار ۋە فېئودال ھاكىمبەگلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭدا ئاساسىي ئاھالە بولغان مېھنەتكەشلەر بىلەن ئاز ساندىكى ھۆكۈمران كۈچلەر ۋە يۇقىرى قاتلام روھانىيلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئۆتكۈر زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. نەتىجىدە دەھشەتلىك مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىملىق خەلق قوزغىلاڭلىرى يۈز بېرىپ، ھۆرلۈك ۋە ئادالەت، باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى گاھى ئاز – تولا غەلىبىگىمۇ ئېرىشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۈرىشىگە ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە بىر ئىنقىلابىي گۇرۇھ ۋە داھىي يېتەكچىلىك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، زور داغدۇغا بىلەن باشلانغان خەلق ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. خەلقنىڭ ھەققانىي پائالىيەتلىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆپ ھاللاردا توپىلاڭچى خوجىلار ياكى روھانىي كۈچلەر ئىگىلىۋالغان. كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان. خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. بىر قىسىم كىشىلەر يۇرتىنى تاشلاپ، چەت، يىراق يەرلەرگە، جاڭگاللارغا، بەزىلىرى چەت ئاللەرگە سەرسان – سەرگەردان بولۇپ كېتىپ قالغان. بەزىلىرى ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆزىنى ئەركىن، ھۆر ئادەم دەپ ھېسابلىماي، دەككە – دۈككىدە قالغان قېقىندا – سۇقۇندا ئادەم دەپ قارىغان، غېرىب، مىسكىن، بىچارە ھېسابلىغان. بۇ خىل ئىجتىمائىي كەيپىياتنى دەۋرنىڭ كۈيچىسى ۋە ئىپادە قىلغۇچىسى بولغان شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوچۇق چۈشىنىمىز. مەسىلەن، تۇردۇش ئاخۇن شېئىرلىرىدا:

جاھان ئىچرە غۇربەتتە ھالىم تەئەب،
ئىدى تۇردى ئىسمىم، «غەرىبى» لەقەب.

دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۆزىگە نېمە ئۈچۈن «غەرىبى» دەپ تەخەللۇسنى قويغانلىقىنى ئېيتقان بولسا،

«بار ئەردىم مەن چۇغزە ۋەيرانە نېشىن،
.........
جەھان ئىچرە غۇربەتتە ھالىم تەئەب».

(مېنىڭ تۇرمۇشۇم ۋەيرانىلىلەردە ماكان تۇتقان ھوقۇشقا ئوخشايتتى. ھاياتىم بۇ دۇنيادا ھەمىشە غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەچكە ھالىم خاراب ئىدى) دېگەن مىسرالارنى يېزىپ، ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋرنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يىغىنچاق ۋە روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇھەممەد غەرىب شەھيارى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە ئۆتكۈر مىسرالار بىلەن «غەرىب»لىقنى زامان ۋە ماكان بىلەن باغلاپ مۇنداق نىدا قىلغان:

ئەي غەرىب، بولغىل بۇ ئالەمدە غەرىب،
غەم بىلەن بولغىل خەزاندەك سارغارىب.
ھەر كىشى بولسا بۇ ئالەمدە غەرىب،
بولغۇسىدۇر ھەق تەئالاغا قەرىب.
.........
ئى قەرى، بىلگىل غەرىبلىق رەسىمىنى،
ھەم مۇساپىر ھەم غەرىبلىق ۋەسىفىنى.
ھەر كىشىكىم بۇ جەھان ئەرمەس غەرىب،
تەڭرىگە ئىككى جەھان ئەرمەس قەرىب.
يوق غەرىبكە بۇ جەھاندا ئاشنا،
نە ئۈچۈنكىم ھەستىلىك قىلمىش پانا.
شەھرۇ سەھرادا يۈرۈپ بولماس مۇقىم،
بىۋەتەن، بىخانۇمان ئەرمەس مۇقىم.
كىم غەرىب بولسا ھەلاۋەت ئاندا يوق،
ھەم يەنە ئەيشى فەراغەت ئاندا يوق.
........

      دېمەك، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى ۋە مۇھەممەد غەرىب شەھيارلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن بۇ شائىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە «غەرىب» تەخەللۇسىنى قويۇشى ئۆز زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتتىن رازى ئەمەسلىكى، روھىي قارشىلىقنىڭ بارلىقىنى، ئۆز يۇرتى، ئۆز خەلقى ئارىسىدا تۇرۇپ، مۇساپىر، بىچارە، دىلى سۇنۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
      يۈسۈپ غەرىبى بولسا «غەرىبى» تەخەللۇسىنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكەن ئۆمۈر سەرگۈزەشتىسىگە ئاساسەن قويغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

بۇ غەرىبلىق شەھىرىنىڭ جەننەت مىساللىق باغىدا،
يۈرسە گەر بۇلبۇلغا ئوخشاش بەرگى گۈل ياپراقىدا.
ئوخشىماس ئۆز يۇرتىغا كەتمەس خەيالدىن ئۆز ۋەتەن،
ئۆز دىيارىدا ئەگەر بولسا قەدەم تۇپراغىدا.
يەتسە بىر كۈن بۇ غەرىبنىڭ دوستى – يارىدىن بېرى،
ياد قىلسۇن بۇ غەرىب كەلمىش كىچىكلىك چاغىدا.

..........
غەرىبلىق شەھىرىگە كەلدىم، تۆكۈلدى بۇ مېنىڭ ياشىم،
ئۆزۈم مۇندا تۇرۇپدۇرمەن قايان قالدى قېرىنداشىم.
ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەلدىم، ئانامدىن ئايرىلىپ كەلدىم،
ئۆزۈمنىڭ تەقدىرى شۇنداق غەرىبلىق شەھىرىدە قالدىم.

شائىر كېيىنكى بۇ شېئىرىنى ھەج سەپىرىدە دەمەشىقتە يازغان.
         ئۆز زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي تارىخىي ئەھۋاللار بىلەن بەزى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا «غەرىب» سۆزىنى ئەينى چاغدىكى ئەدىبلەر «مۇساپىر، باشقا جايدىن كەلگەن، يات» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن ھەم بىرى ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ، ياتسىراپ قالغانلىقى، بولۇۋاتقان ئاجايىپ – غارايىپ ئىشلاردىن نارازىلىقى، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قىلىپ قويغان؛ يەنە بىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىپ سەرسان – سەرگەردانلىقتا يۈرگەن چاغلىرىدا ئۆزىنى مۇساپىر ھېسابلاپ «غەرىب» تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، «خۇشھال غەرىبى»گە ئوخشاش؛ يۈسۈپ غەرىبى بولسا ھەج ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ياقا يۇرتلارغا بارغىنىدا ئۆز يۇرتىنى سېغىنىپ، مۇساپىرچىلىقنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ «غەرىبى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يازغان. موللا ھالاۋۇدۇن غەرىبى بولسا تۇردۇش ئاخۇن غەرىبىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، شۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، شېئىرىيەت بەيگىسىدە مۇسابىقىلەشمەك بولۇپ ئوخشاش تەخەللۇس ئىشلەتكەن.
يەنە بىر خىل كىشىلەر بولسا «غەرىب» سۆزىنىڭ ئىككىنچى مەنىسى ئاجايىپ، قىزىق، ئەجەبلىنەرلىك ئىش، ئاجايىپ مەنىلىك ئىش، قىزىق ئىش، ئاجايىپ ۋەقەلەر مەنىسىنى ئاساس قىلىپ، بىرى ئەينى شارائىتتىكى بەزى ۋەقەلەرنى قىزىق، ئاجايىپ ئىشلار دەپ ئويلاپ، شۇنىڭدىن ئاجايىپ مەنىلىك، ئاجايىپ نىشانىلەرنى قالدۇرۇش مەقسىتىدە مەسخىرە ۋە كىنايە پوزىتسىيەسى بىلەن «غەرىب» تەخەللۇسى بىلەن ئەسەر يېزىشقان بولۇشى مۇمكىن.
ئومۇمەن، بىز «غەرىبى» تەخەللۇسى ئارقىلىق بىرى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي ئەھۋالىنى، سىياسىي كەيپىياتىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئاساسقا ئىگە بولساق؛ يەنە بىرى، شائىر – يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتى، روھىي كەيپىياتى، ئىجتىمائىي مەۋقەسى، دۇنيا قارىشى، ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى ئۆگىنىشىمىزگە پايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى تاپالايمىز.
         «غەرىب» تەخەللۇسلۇق بۇ شائىرلارنىڭ ئىسمى، تەخەللۇسى، ھاياتى، ئەسەرلىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئالدىمىزدىكى مۇھىم بىر خىزمەت. ئۇ ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ، ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئەدەبىي ئېقىمنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى، ئۇسلۇبىنىڭ رەڭدارلىقىغا بولغان تونۇشىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ئاپتورلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك مۈجىمەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاساسلانمىلار

△ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 2 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى.
△ «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 — 1998 – يىللىرىغىچە نەشرى.
△ غ. ئوسمان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى»، 1996 – يىلى مىخ مەتبەئە نۇسخا.
△ تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى «كىتابى غەرىب»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، ئومۇمىي 16 – سان.
△ ئا. جەلىلوب (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) «خۇشھال غەرىبى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1989 – يىلى 1 – سان.
△ «ئىشتىياقنامە»، «شايار تارىخ ماتېرىياللىرى» 4 – توپلام، 1998 – يىلى مىخ مەتبەئە نۇسخا، شايار سىياسىي كېڭەش تۈزگەن.
△ م. خالى، ھ. مەتسىيىت «شائىر موللا سۈپۈرگى سەنجەرىنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرى تېپىلدى»، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر سانى.
△ م. مىرزا ئەھمەد «ھەمزەنامە» گە كىرىش سۆز، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1994 – يىلى 3 – سان.
△ «يۈسۈپ غەرىبى شېئىرلىرىدىن» (ئا. تۆمۈر تەييارلىغان)، «بۇلاق» ژۇرنىلى 1993 – يىلى 1 – سان.
△ «غەرىبى» (موللا توختى غەرىبى) «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان، 1990 – يىللار.
△ ئى. ئۇرايىم «موللا ھالاۋۇدۇن غەرىبى»، قەشقەر «كوناشەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى»، 1 – توپلام، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تۈزگەن، مىخ مەتبەئە نۇسخا، 1995 – يىلى.
△ پ.ھامۇد. ئا. ئورخون «ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قوليازمىلار»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، 1997 – يىلى 2 – سان.
△ «غەربىي غەزەللىرىدىن» (ئا. خوجا نەشرگە تەييارلىغان)، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1994 – يىللىق 2 – سان.


مەنبە: بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان

0

تېما

0

دوست

3277

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 13:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە رەھمەت . تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6605
توردىكى ۋاقتى: 1556
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 15:38:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىڭىزغا رەھمەت! بۇمۇ ھېساپتا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى بوشلۇقتى.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )