- تىزىملاتقان
- 2013-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10756
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
100%
|
ئالتۇن ۋە سەبداش
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
(مىكرو ھېكايە)
قاتتىق ئۇرۇش مەزگىلى ئىدى .ئەسكەرلەر ئۈچ كىچە -كۈندۈز جەڭ قىلىپ ھېرىپ كەتكەن بولۇپ ، ھەممىسىنىڭ كۆزىدە ئۇيقۇ ئەگىپ يۈرەتتى . لىكىن ئۇلار شۇنچىلىك جۇشقۇن ئېتىشىۋاتاتتى . چۈنكى ئۇلار تۈنۈگۈن ئۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز ، ياشىساق تەڭ ياشايمىز دەپ ۋەدە بېرىشىۋالغان ئىدى ،
ئەللىك ئەسكەر ، قىرىق ئەسكەر ، ئوتتۇز ئەسكەر ........ ئۇلارنىڭ سانى توختىماي ئازلاۋاتاتتى .
بەش ئەسكەر ، تۆت ئەسكەر ، ئۈچ ئەسكەر ....
ئاخىرى ئىككىسى قالدى ، بۇ چاغدا ئىككىسىنىڭ ئوقى تۈگەپ ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن تەرەپمۇ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەچكە ئۇرۇش مەيدانىنى ئەتىسى تازلىماقچى بولۇپ قايتىپ كىتىشتى .
ئىككىسىنىڭ يېنىدا پەقەت بىردىن تاپانچا قالغان ئىدى .
ئالدىدا ئاقساپ مېڭىۋاتقان ئەسكەر بىر ساندۇقتەك نەرسىنى كۆردى دە ، يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىغاندىن كىيىن كەينىدىكى سەپدىشىغا قاراپ ۋارقىرىدى .
__ بۇ يەردە لىق ئالتۇن بار ئىكەن ،سەن تىز بېرىپ باش شىتاپقا مەلۇم قىل ،مەن بۇلارنى بىخەتەر يەرگە ئاپىرىپ تۇراي!
__ ياق ! مۇشۇ يەرگە كۆمۈپ قويۇپ كىيىن كىلىپ خەجلەيلى ! __ دېدى يەنە بىرسى .
__ تىز بول ، بولمىسا سېنى ئېتىۋىتىمەن ! __ ئۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ سەبدىشىغا قۇرال تەڭلىدى .
ئۇ بۇنى كۆرۈپ بۇرۇلۇپ ئىككى قەدەم ماڭدى ، ئۇ كۆڭلىدە "ئۇ بۇ ساندۇقتىكى ئالتۇننى ئۆزى خەجلىمەكچى ،ياق مەن ئۇنى ئۆزۈم خەجلىشىم كىرەك" دەپ ئويلىدى -دە ،دەرھال ئۆرۈلۈپ ساندۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان سەبدىشىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى .
يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىغىنىدا ساندۇقتىكى كىرەكسىز تۆمۈر -تەسەك ئىدى . ئۇ سەبدىشىنىڭ جەسىتىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنىدا ،ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ ئوق تەرىپىدىن ئۈزۈلۈپ كىتىپ كىيىمى بىلەن بىر ياغاچقا ئوراپ تېڭىۋالغانلىقىنى كۆردى .
ئۇ بىلدى ، ئەسلىدە ھېلىقى سەبدىشى قانسىراپ كەتكەچكە ،ئۆزىنىڭ سەبدىشىغا ئېغىرچىلىقىنى سېلىپ سەبدىشىنىڭ تېز قېچىپ كىتىشىگە توسالغۇ بولماسلىق ئۈچۈن شۇنداق «ئەخمەق »چارىنى ئويلاپ چىققان ئىكەن .
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىشكە باشلىدى . تاپانچىنى ئۆزىنىڭ چىكىسىگە قاراتتى -دە ،تەپكىنى بېسىۋەتتى .
2013-12-28
تىيەنجىن
|
|