مەن ساتقۇن
مەن ساتقۇن كىچىككىنە بىر ئىلغارلىقنى ، ئەمەلنى دەپ ،،ئىشقىلىپ كىچىككىنىە بىر مەنپەت ئىشقىدا ساداقىتىمنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن يىيىش ۋە ئىچىشلەردە بىللە يۇردۇم . ۋىۋىسكىدا مەسچىتنىڭ رەسىمى ،( ئاللا مۇھەممەد ) دىگەن خەت بار ئىكەنغۇ دەپ ئۆزەمنى بەزلىدىم ، ئۇلارنى خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن دەپ يىگىننى يەپ " چىڭجىن" دىگەن بەلگىدە ئۆزۇمنى بەزلىدىم . ۋاقىت ئۇزاردى ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىزنىڭ ئېتقادىمىزنىڭ ، قانۇن بەرگەن "ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ " دىگەن مۇقەددەس ھۇقۇقىمىزنىڭ كۇرسى چۇشتى. بۇنى باشقىلار چۇشۇرمىدى بەلكى ئۆزىمىز چۈشۈردۇق . بۇنىڭغا پارتىيە ھۆكۈمەت ياكى بىرەر كىشى ئەمەس بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزى سەۋەپچىدۇر . كىچىك چاغلىرىمىزدا ئىشلەمچىلەر ئۆيلەردە تام قۇپتۇرۇش ، ئۆي سىلىش دىگەندەك قاتتىق-قۇرۇق ئىشلارنى قىلغاندا ئۆيىمىز دە ئىش تۇگىگەنلىكىنى تەبىرىكلەپ غىزالىنىپ قالسا ئىشلەتكەن چۇكا تەخسىلەرنى تاماقتىن كىيىن تاشلاپ توخۇ ۋە ئىتلارغا يەپ قاچىسى قىلاتتۇق .بىر دىننىڭ ئادەملىرى ئەمەس ،ئىشىلتىشكە ھەرگىز بۇلمايدۇ دىگەن ئوي كاللىمىزغا قۇيۇلغان ئىدى . ھازىرچۇسىزنىڭ ، مىنىڭ ئۇنىڭ ساتقىنلىقلىرىمىز تۇپەيلى " چىڭجىن " دىمەك چوشقا گۇشى بۇلمىغانلىقتۇر دىگەنگە ئۆزگەردى . مۇسۇلمان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، تۇرقىدىن نا مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ خۇددى ئىتنىڭ يۇندە پۇراپ سۆڭەك ئىزدىگەنلىكى بىچارىلىكىگە ئوخشاش لامزاللىلىمىكىز بىلەن "چىڭجىن " دىگەن تاختىنى ئىزلىدۇق . ئاشخانىلاردا بىرەر ئۇيغۇر ياكى قازاق ، قىرغىز ھەتتا مۇڭغۇل ( بەزەن يۇلداشلار ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ئوخشاش دەپ ئويلىساكېرەك ) بىرەر قورۇما ئۇستىسى ياكى قاچا يۇيغۇچىنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ئىشىك باقار بىرەر ئۇيغۇرنىڭ بۇلغىنى بىزنىڭ خاتىرجەم يىيىشىمىز نىڭ ، ئىچىشىمىزنىڭ باخانەيۇ سەۋەبى بۇلدى ، مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسمەن ، ئەڭ بۇلمىغاندا 60 نۇمۇرلۇق مۇسۇلمان ئەمەسمەن . مىنىڭ ئىسلامغا بولغان تۇنۇشۇم يەنىلا ئاتا مىراس ئۆرپ-ئادەت باسقۇچىدا . شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى بىز ياق مەن ھارام نەرسىلەر بىلەن كۆپ ئىغىزلاندىم . چۇشقا گۇشىنى قۇي گۇشى يېگەندەك بەھۇزۇر تۇتۇپ يەپ باقمىغان بىلەن چۇشقا گۇشى بىلەن بىر توڭلاتقۇدا ھاۋانى تەڭ سۈمۇرگەن ياكى بىر قازاندىن چىققان باشقا گۇشلەردىن ئېنىق يىدىم . چۇشقىنىڭ ئېككىلەمچى مەھسۇلاتلىرى بىلەن چوقۇم بۇلغغاندىم ، بۇ شەكسىز ! شۇنىسى ئېنىقكى مەۋقەسىزلىگىم تۇپەيلى چوقۇم بۇلغىنىپ بۇلغان ئىنسانمەن . مەندە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىزناسى بار دىيىلسە پەقەت مىھرىبانلىق ، باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىقتەك بىر نەچچە ئېلىمىىتلا تىپىلىدۇ . خەنزۇ خىزمەتداشلىرىمدىن بەزەنلىرى ھەيرانلىق ئىلكىدە " مۇشۇنداق بەلەن گۇشنى نىمىشقىمۇ يىمەيدىغانسىلەر ؟ رىۋايەت قىلغاندەك چۇشقا سىلەرنى قۇتقۇزغانمۇ ؟ شۇڭا ھۇرمەت يۇزىسىدىن باشقىلار كۆرمىگەندە بىر يەپ باق كۆنۇپ قالىسە دىيىشىدۇ .......مانا مىنىڭ ھالىم " ھەرقانداق سىىسق ئوبۇرنى بۇلسىمۇ بۇرنىڭىزنى ئېتىپ ھۆ دەپ كىرگەن بىلەن قوڭ ئىشتاندىن چىققاندىن كىيىن ئىككى مىنۇتلا كۆنۇپ قالىسىز . شۇ پۇراققا تېخى ئارىلاپ تاۋۇز ئۇرۇقى چىقسىمۇ يا ئۈزۇم ئۇرۇقىمۇ دەپ لابىراتورلاردەك قاراپ قويىسىز چىقارغان نەرسىڭىزگە . چوڭلار شۇڭا كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەن يامانمۇ دەپ ئېتقان ئىكەن ! بىز ئۇيغۇرلار ئاجايىپ ئىكەنمىز ، مەندەپ سۆزلەي بولدى . مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا ئۆزۇم ئۈچۇن بىرەر باھانە سەۋەپ-پەتىۋا تاپالايدىكەنمەن ، يەنى پەتىۋا باھانەم تەييار ئىكەن ! يەھۇدى ناسارىلار مۇقەددەس كىتاپلارغا ئۆز خاھىشى بويىچە پەتىۋا بەرگەن ، ئۆزگەرتىۋەتكەن دەپ ھەپتىلىك جۇمە دوئالىرىممنى شۇلارنى قارغاش ، تىللاش ، چۈشۇرۇش بىلەن دۇئانى ئاخىرلاشتۇرۇپتىمەنۇ ئۆزۇم ھەققىدە گۇنايىم ھەققىدە ئويلانماپتىمەن . قارىكامنىڭ ئاۋازىنى جاراڭلىتىپ بارغان ياڭراتقۇنى شۇ ئەھلى كىتاپنىڭ ياسىغانلىقىنى ، ئەدناسى بىز يۇزىمىزنى ياققان ئەھلى كىتاپ ياكى كىتاپسىزلارنىڭ تەييار قىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى ئويلىماپتىمەن . بىز نىمە ئىش قىلدىغان ئادەم ؟ مۇقەددەس كىتاپتا بىزنىڭ ئۆسۇپ ئۆتىشىمىز ، دۇنيادىن ئادا جۇدا بۇلىشىمىز بەلگىلەنمىگەن لىكىن ..............؟ مەن شۇلاردىن پەرىق سىز ھالدا ئىكەنمەن . پەرىق باردىيىلسە ئەھلى كىتاپ ( يەھۇدى ناسارالار ) جان جەھلى بىلەن ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن . مەن بۇلسام ئۆزۇمنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەنمەن . مەن ئۇلاردىن ئۆتە دۇشمەن ئىكەنمەن بۇ دىنغا ! قۇرۇق دۇئاغا كۇلمەيدۇ تىلەك . جقىم تۇرما يۇرۇكۇم ، جىم تۇرما يۇرەك ! گۇناھ كىمدە ؟ گۇناھنى باشقىلارغا قۇيغانلارنىڭ ئاغزىنى گۇناھ ئۆزۇمدە ھىچكىم سىنىڭ ئاغزىڭغا تىقمىدى شۇنداقتۇ ؟ بىز ئىسلامنى ساتتۇق ، بىلىشىمچە ھەق يۇلىدا يۇرگەنلەر مۇقەددەس كىتاپتا دىيىلگەندەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەۋكەت شان-شەرەپ تاپسا بۇلاتتى . لىكىن ئوبراز ئەلچىلىرى ئۆزىمىزنىڭ قابىليەتسىزلىق ، ئاڭسىزلىق ، نادانلىقىمىز بىلەن لاياقەتلىك ئوبراز ئەلچىلىرىدىن بۇلالمىدۇق . بىزدىن بىزدەك تۇترۇقسىز مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەسلەردىن ئەكىس ئەتكەن دىن تۇيغۇسى ، بۇ رىياللىق باشقىلارنىمۇ بۇ دىندىم تەزدۇردى .باشقىلار بۇ دىندىن شەكلىنىشىگە ، يەكلىشىگە سەۋەپ بۇلدى . بىر ئۇيغۇر قاسساپ ھارام بۇلۇپ قالغان گۇش بۇلسا ئىككىلەنمەستىن بۇنى دىنسىزلارغا ساتىمەن دەيدۇ . قارشى تەرەپ گۇشنىڭ قانداقلىقىغا بىرنىمە دەپمۇ كەتمەيدۇ ، بەلكى باھاسىنىڭ تۇۋەن بۇلۇشىغا ئۈمۇد قىلار ناۋادا بىرىپ قالسا . لىكىن قاسساپ بۇلغۇچى ئۆزنۇۋىتىدە شەخسى پەتىۋا بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ ۋە مۇقەددەس كىتاپ ھۇكۇملىرىنى ساتىدۇ ! بىز ھەممىز ساتقۇن . ئاجايىپ ئوغۇل بالا ، مەرت ، قارشى تەرەپكە ھۇرمەتنى ھەقدادىغا يەتكۇزىۋىتىدىغان ئادىتىمىز بار. تۇققۇز ئۇيغۇ ئارىسىدا بىر يات بۇلسا تۇققۇزكى ئۇيغۇرنىڭ بىرەرىمۇ تۇختا دىيىش يۇق ، ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى تۇختىتىمىز.ئۇيغۇرچە سۆزلىشىىشىمىزنى قارشى تەرەپكە بىئاراملىق تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ دەپ قارامدۇق ياكى كۇڭلىنى ئايامدۇق ۋەياكى ئەنسىرەمدۇق ئىشقىلىپ شۇ بىر كىشىنىڭ تىلىدە ياكى ئورتاق ئىشلىتەلەيدىغان بىر تىلدا كوسۇلدىيىشىپ كىتىمىز . مانا يەنە بىز ساتقۇن ! ئۇف ... كۆپ سۆزلەپ كىتپتىمەن . شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورنىلنىڭ مەلۇم سانىنىڭ قىسقا ھىممەت يىزىلغان سەھىيىپىسىدە بىرىنىڭ " بىز ھەممىز ساتقۇن ، بەزىمىز ئۆزىمىزنى ساتىمىز ، بەزىمىز باشقىلارنى ساتىدۇ " دەپ يازغىنى ئىسىمدە . بۇگەپ ماڭا تۇلىمۇ تەسىر قىلغان ئىدى . مەن ساتقۇن ، مەن باشقىلارنى ساتمىدىم لىكىن ئۆزۇمنى ئاللىقاچان سىتىۋەتتىم .............................!
20 \12\ 2013 ۋاپادار 912 قەلىمى
|