قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2342|ئىنكاس: 30

ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

2

دوست

4266

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى


      



  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
        توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيەسىنىڭ ئىشتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
        توختى باقى ئارتىشى  كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛  «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقارغانىدى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇرغانىدى.


   

10

تېما

1

دوست

1728

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھوم ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

935

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17825
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ ياراملىق تىلماچى ئىدى، كېرەملىك ئاللاھ  مەرھۇمنى   ئۆز مەرھەمىتىگە ئالغاي!

14

تېما

0

دوست

2086

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 11:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىننا لىللاھى  ۋە ئىننا ئەلەيھى راجىئون.
   ئەلۋىدا ئۇستاز! .

1

تېما

2

دوست

3372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 842
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 11:42:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىننا لىللاھى  ۋە ئىننا ئەلەيھى راجىئون   ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي  ‹‹كەتمەن چاپقان  گۇناھمۇ ››قاتارلىق تەرجىمە ئەسەر، ماقالىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ  ئوقۇيتتۇم  . چوڭ بىر يوقۇتۇش بوپتۇ

1

تېما

0

دوست

2543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ-ئائىلە-تاۋباتلىرىدىن،ئۇرۇق-تۇققان،دۇس-بۇرادەرلىرىدىن سەمىمى ھال سۇرايمىز.
ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بۇلسۇن ئۇستاز.

8

تېما

2

دوست

4620

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 1285
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىننا لىللاھى  ۋە ئىننا ئەلەيھى راجىئون   ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!!

1

تېما

4

دوست

8204

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2119
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختى باقى ئارتىشى ئەپەندى ۋە ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىلەر 1951-يىلى بېيجىڭغا مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى بىلەن بارغىنىدا،ئۇ يەردە ‹‹ئىپارخاننىڭ غەزىپى››،‹‹ئىپارخاننىڭ ئۆچ ئېلىشى››تىياتىرلىرى ئوينىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ تىياتىرلارنى قايتا-قايتا كۆرگەندىن كېيىن،ئۇيغۇر تارىخشۇناس جىيەن بوزەن بىلەن ئۈچەيلەن بىرلىكتە چىيەنلوڭ خانغا خوتۇن بولۇشنى رەت قىلىپ،ئۆلۈم يولىنى تاللىغان بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ تىياتىردىكى ‹‹شىياڭفېي››دېگەن ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قانداق ئىپادىلەش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن ۋە ‹‹ئىپارخان››دەپ ئىپادىلەش قارارىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئىسىم ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇلغان. ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى --مەمۇرە ئەزىزە خېنىم.ھەربى سەركەردە خوجا جاھانغا  ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىسمى بولسا---- نۇرئەلانۇرخېنىم.
ئىپارخاننىڭ ھەقىقى  ئوبرازىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان شۇ تىياتىرلارنىڭ كۆرۈرمىنى ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرىمۇ  دەل مۇشۇ كىشى ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )