خەتتە مۇنداق يىزىلغان :
مەن ئۇچۈن ئەڭ قىممەتلىك بۇلغان مىھرىبان ئانا ، سىنى سېغىنغىنىمنى تىلغا ئالسام قېشىڭغا ھازىرلا قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ .لېكىن بىز دۇشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز ، خەلىقنىڭ دۈشمىنى يۇقىتىپ، خەلىقنى ئازات قىلماي تۇرۇپ ، ئەلۋەتتە بارالمايمىز . جىنىم ئانا ، سىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيدۇم ، كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ ، سېنىڭ ماڭا ئېسلىپ يىغلاپ ، باشلىرىمنى سىلاپ باتۇر بول قوزام ، مەن يالغۇز ئەمەس كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ، دەپ سۆيۇپ ئۇزاتقىنىڭ كۆز ئالدىمدىم نىرى كەتمەيدۇ . ئانا ، مەن بىر نەچچە سەپداشلىرىم بىلەن ئەتە دۈشمەن پوتىيىنى پارتىلتشقا بارىمەن . جىنىم ئانا ، ئۇرۇش دېگەن يا ئۆلۈم - يا كۆرۈم ، ئۇرۇش دېگەن قان تۆكۈش ، بىزنى چۈشىنىسەن . ئەگەر قايتىپ كېلەلمىسەم ، ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ، كۆكسۈڭنى چاك ئېتىپ ، چاچلىرىڭنى يۇلۇپ يىغلىما ، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال . جىنىم ئانا ، مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن ئارزۇلىغاندەك باتۇرلۇق ئۆلىمەن . كۆڭلۈڭنى بۇزما ساڭا ئاتاپ بىر نەچچە كۇپلىت شېئىر يازغانىدىم . بۇ بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدىكى يۈرەك سۆزلىرىم بۇلۇپ قالار ، بۇ شېئىرىم ساڭا تەسەللى بۇلۇپ قالار :
ئانىجان يادىمدا بار ،
تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ .
كېچىلەر ئۇخلىماي ،
ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭ .
ئون سەككىز ياشىمغىچە ،
شەربەت بىرىپ باقتىڭ مىنى.
رازى بولغىن جان ئانا ،
ئەمدى كۆرەلمەيسەن مىنى .
چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن ،
مەيدانىدا جەڭ قىلغان ئىدىم .
ئۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ،
كۆكرەككە ئوق يىگەنىدىم .
يىغلىما جانىم ئانا ،
جايدا باردۇر بىر ئۆلۈم .
چۈنكى ئېچىلماي توزىدى ،
ئون گۈلۈمدىن بىر گۈلۈم .
خەيرى خۇش ئانا ، ئۆلۈپ كەتسەم بۇ خېتىم ساڭا بىر ئۆمۈر تەسەللى . ھايات قالسام ، ساق-سالامەت كۆرۈشەرمىز .ئەمما ، مەن ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى جەزمەن ئادا قىلىمەن . ئانا ، بۈگۈن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ . چۈشۈمدە دادام چاقىرغۇدەك ، يۈگۈرۈپلا چىقسام ، قۇلۇمدىن يىتىلەپ قاراڭغۇ تار كوچىغا ئەكەتتى . ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدا خەت ئارقىلىق سېنىڭ مېھىر - شەپقەت يېغىپ تۇرغان سۆيۈپ :
خەت يازغۇچۇچى ئوغلۇڭ : ئابدۇللام 1945 - يىلى 7- ئاي
مېنىڭ بۇ خەتنى تۇتۇپ تۇرغان قۇللۇرۇم ئىختىيارسىز ھالدا تىتىرەپ كەتكەنىدى . مەن چۇڭقۇر بىر ئۇھ تارتىمدە- دە ، يانچۇقۇمدىن قول ياغلىقىمنى ئېلىپ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتتىم.......< مەن چوقۇم بۇخەتنى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىنى تىپىپ ئۆز قولىغا تاپشۇرىمەن > دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە ، ئاندىن ئولتۇرۇپ بىر ئورام موخوركىنى چەكتىم .
خىيالىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەنىدى........< مەن ئەمدى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىغا يازغان يازغان خىتىنى ئاپىرىپ بىرىمەن . ئۇ ئانا مىنىڭ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلايدۇ . بالام قىنى ، مىنىڭ قوزام قىنى، ئۇ نىمىشقا سىزبىلەن بىللە قايتىپ كەلمىدى دەيدۇ ، مۈرىلىرىمگە ئۇرۇپ ، كۆزلىرىمگە تەلمۇرۇپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ بالىىسىنى سۇرايدۇ ، بۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرىگە قانداقمۇ بەرداشلىق بەرگىلى بۇلار ؟ ئەي بىچارە ئانا ، راست ئۇ سىنىڭ باغرىڭنى يىرىپ تۇغۇلغان پەرزەنتىڭ ئەمەسمىدى....> بۇلارنى ئۇيلاپ پۈتۈن ھۇجۇدۈمنى بىر ئازاپلىق خىيال چىرمىۋالدى .
ماناس دەرياسىدىن قايتقاندىن كىيىن ......
بىر كۇنى ئابدۇللامنىڭ رۇتىسىدىن بىر كادىرنى باشلاپ ھېلىقى خەتتە يىزىلغان ئادىرىس بويىچە غۇلجا شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئايدۇڭ مەھەلىسىگە قاراپ يۇل ئالدىم . ئۇنىڭ - بۇنىڭدىن سۇرۇشتۇرۇپ ، ئابدۇللامنىڭ ئانىسى ئايىمخاننىڭ ئۆيىنى تاپتۇق . مەھەلىدىكى جامائەت بىلەن بىرلىكتە " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم " دەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدۇق . ئۆي قاراڭغۇ ئىدى . ئاتمىش بەش ياشلار چامىسىدىكى ئورۇق ، ئېگىزرەك ، بۇغداي ئۆڭلۈك كىرگەنلەرگە بىر قۇر كۆز يۇگۇرتتى-دە ، كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بۇلۇپ ، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى يۇ ، ئورنىدىن ئىتتىك تۇرالمىدى . مەن يۈگۈرۇپ كىلىپ مۇماينى يۇلەپ تۇرغۇزدۇم ......< ئەلھۆكمىدىللا ئانا > دېگەن سۆزنىڭ قانداق چىقىپ كەتتىنى سەزمەيلا قالدىم .
مۇماي ئېككى - ئۇچ سىكۇنىتقىچە جىم تۇرۇپ قالدى . ئاندىن ماڭا ئىسىلىپ :< جىنىم بالام ، كۆز نۇرۇم ئابدۇللام سەن نىمىشقا باشقا بالىلار بىلەن قايتىپ كەلمىدىڭ ؟ مىنى بۇ جۇدالىقلارغا قانداق چىدايدۇ دىدىڭ . يۈرەك پارەم باغرىم ، يالغۇز مۇساپىر ئاجىز ئاناڭنى قانداق تاشلاپ كەتتىڭ > دەپ ماڭا ئىسىلىپ ، دۇمبىلىرىمنى سىلاپ ، بويۇنلىرىمغا ئىسلىپ يىغلاپلا كەتتى . .....
مەن ئابدۇللامنىڭ ئۆز ئانىسىغا يازغان خىتىنى يانچۇقتىن ئىلىپ ھەم ئۇنىڭ بىر قۇر كىيىمىنى ئىككى قۇللاپ ئانىغا سۇنۇپ بەردىم .......
بىچارە مۇماي مىنى قۇچاغلاپ :< بالامنى كۆرگەن بالام ، بالامنىڭ پۇرقىنى پۇرۋالاي ، سىز كەتمەڭ > دەپ جانسىز قوللىرى بىلەن ئىسىلۋالدى . بۇ ئارلىقتا پۇتۈن مەھەلىدىكى ئەر - ئايال جامائەت ئانىنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ ، ئانىنڭ قولىنى مىڭ تەسلىكتە بۇشۇتۇپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى ......
ئاز كۇندىن كىيىن ئابدۇللامنىڭ خىتىدىكى ئانىسىغا ئاتاپ يازغان < يىغلىما جىنىم ئانا > دېگەن قوشاق خەلىق ناخشىچىلىىرى تەرپىدىن ئىنتايىىن مۇڭلۇق ، يىقىملىق ئاھاڭغا سىىلىنىپ ، ئىغىز دىن ئىغىزغا كۆچۈشكە باشلىدى .
ساۋدانۇف زاھىر ، < ماناس دەرياسىدىن قايتىش > ، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىر ياتى .
1996-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى نەشىردىن ئىلىندى .
ئىلى ئۆركىشى : تىمىنى تەۋسىيە قىلىپ قويشىڭلار نى ئۆمىد قىلمەن .