- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13670
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
9.18%
|
ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ مائاشى ۋە مال باھاسى قانداق كىتىۋاتىدۇ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار :
راستىمنى دىسەم ما يىقىنقى تۆت،بەش ئايدىن بۇيان ئەتراپىمدىكى ئوقوتقۇچى ،دوختور،ئىشچى-خىزمەتچى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاقشاش بىلەن.بىزدەك ياشلار ئەمەس خىزمەت قىلىۋاتقىلى 15 يىل ھەتتا 20 يىل بولغان،بىر ئائىلىدە ئىككى جان خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا پۇل يەتكۈزەلمەيۋاتىمىز دەپ قاقشاپ يۈرىشىۋاتقىلى نەچچە ئاي بولوپ قالدى...
بۇ ئەتراپىمدىكى ھەر قايسى ئوتتورا مائاشلىقلاردا ئورتاق ئەھۋال بولوپ قالغاندەك قىلىدۇ.بولوپمۇ يىقىنقى تۆت ئايدىن بۇيان.
خەلىقنىڭ قولىدا پۇل يوق بولىۋاتقىنى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بەك تىز ۋە يۇقىرى.ئەڭ ئاددىيسى تاللا بازىرىدىكى بىر ئاي ئالدىدىكى 9 سوملوق قىتىق ھازىر 12 سوم.ئۇن،ياغ،گۈرۈچ ھەممىسگە بىر سومدىن ئىككى سومغىچە،ئىككى ئاي ئەتراپىدا بىر قىتىمدىن قاتمۇ-قات قىتىلىپ ماڭدى .
دىمەك خەلىقنىڭ بولوپمۇ مائاشلىقلارنىڭ قولىدا تۈززۈك پۇل يوق ئەمما مال باھاسى ئۆسىۋەردى...
بىر خالتا ئىككىنجى دەرىجىلىك تەڭرىتاغ ئۇنى 90 سوم .
بىر خالتا پولوشاھى 10 كىلوگىراملىق گۈرۈچ 65 سوم.
زىغىر،قىچا يىغى 13 سوم،ئاپتاپپەرەس يىغى 12 سوم.چىگىت يىغى 9 سوم.
ئىشەنچىلىك گۆش 70 سوم بولىۋاتىدۇ،ئەمما ئىچكىرىدىن كەلگەن دەمدۇ يەنە بىر نىمە قويلارنىڭ گۆشلىرى بىر نەچچە سوم ئەرزانمىش.بۇ ئۆتكەن ھەپتىدىكى مەن تۇرغان جايدىكى باھا.
ئادەتتىكى ئۆي لەغمىنى 12 سوم.شورپا 18 سوم بولىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ ئورون كەسپى ئورون بولوپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئەمما 90% ئادەمنىڭ مائاشى ئاساسەن ئوخشاش، يەنى قولغا ئايدا ھەقىقىي تىگىدىغان پۇل2800سوم(مائاش1500،مال باھا ياردەم پۇلى 1300 ئەتراپىدا).ئايالىم تولوق ئوتتورنىڭ ئوقوتقۇچىسى مائاشى 2500 سوم(مائاش1400،مال باھا ياردەم پۇلى 1100 ئەتراپىدا). 15 ھەتتا 20 يىل ئىشلىگەنلەرنىڭ مائاشى ناھايتى ئارتۇق كەتسە بىزدىن بىر نەچچە يۈز سوم پەرق قىلىدۇ.
دىمەك بۇ تەرەپلەردە ئوموميۈزلۈك مائاشلىقلارنىڭ قولىدا پۇل يوق ھالەت شەكىللىنىپ،بىر ئائىلىدە ئىككى جان مائاش ئىلىپ ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا قولىغا پۇل ئىشىنمايۋاتىدۇ...
بۇ پەقەت مەن ئائىلەم ،دوسىت،خزمەتداش ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ ئۆزۈم شەخسەن ئويلىغان ۋە ھىس قىلغانلىرىم.
بۇ قەشقەر شەھرى ۋە يىنىدىكى ئىككى ناھىيەلەردىكى گەپلەر.
باشقا رايونلاردىكى دوسلار بولسا سۆزلەپ باقساڭلار .ئۇ تەرەپلەردە قانداق كىتىپ بارىدۇ ؟
|
|