قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 4

يېلىتسىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

413

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 23:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


       بورىس نېكولايۋىچ يېلىتسىن(
(Борис Николаевич Ельцин1931- يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان .ھازىرقى روسيە فېدراتسىيسىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى ، ئىلگېرى سابىق  سوۋىت ئىتتىپاقى مەركىزى كومتىتنىڭ ئەزاسى ، موسكىۋا شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى روسيە فېدراتسىيسىنىڭ باش شۇجىسى بولغان . سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بولشىۋىكلار پارتىيسىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، سوۋىت ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ ، سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا خاتىمە بىرىپ ، كېرمىل ساريىدا 70يىل لەپىلدىگەن ئورغاق-بولقا سۆرەتلىك بايراقىنى چار پادشاھنڭ ئۈچ رەڭلىك بايرىقىغا ئالماشتۇرغان . گېرمانىينىڭ بىرلىككە كىلىشى ۋە شەرقى ياۋروپانىڭ جىددى ئۆزگىرىشىنى بەرپا قىلغۇچى .1990-يىلدىن 1999-يىلغىچە روسيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندا روسيەنىڭ دېمۇكراتيىسنى ئىلگىرى سۈرگەن ، ئىقتىسادقا قارىتا <<شۈك قىلىپ داۋالاش>> سىياسىتىنى قوللانغان . بازارنى ئېچىۋىتىش تەدبىرىنى قوللانغان . 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈرەك كىسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .
       بورىس نېكولايۋىچ يېلىتسىن((Борис Николаевич Ельцин1931- يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى روسيىنىڭ سېردېروۋىسكى ئوبلاستىنىڭ دالىسكا رايوننىڭ بوتكا كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .ئۇنىڭ دادىسى نېكولاس 1934-يىلى سوۋىت ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن 3يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن . كىيىن قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولغان . ئاپىسى كىرافۇدىيا ۋاسلىيۋىنا بولسا تىككۈچى ئىدى .يېلىتسىننىڭ ئائىلە  تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق بولغان بۇلۇپ ،بۇ ئۇنىڭ كەسكىن خارەكتىرىنى يىتىلدۈرگەن . يېلىتسىن كىچىكىدە ناھايتى قارام بۇلۇپ ، قىزىل ئارمىينىڭ گازارمىسىغا كىرىپ ، ئامباردىن بومبا ئوغىرلىغاندا ، گىرانات پارتىلاپ كىتىپ يارلانغان . 1955-يىلى  يېلىتسىن ئۇلار سۇچىلىق ئىنستۇتىنى پۈتتۈرگەن ،  1961-يىلى سوۋىت كومپارتىيسىگە كىرگەن ، 1976-ىلدىن1981-يىلغىچە سېردېروۋىسكى ئوبلاستىنىڭ باش شۇجىسى بولغان ، 1981-يىلدىن1985-يىلغىچە سابىق  سوۋىت ئىتتىپاقى مەركىزى كومتىتنىڭ ئەزاسى بولغان ،1985-يىلى گورباچېف تەرپىدىن موسكىۋا شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن . 1989-يىلى 3- ئايدا 89.4% لىك بىلەت  بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى پارلامىنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ ، سىياسى جەھەتتىكى ئۆكتىچى بولغان ۋە دېمۇكراتىك ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان . 1990-يىلى 5-ئايدا روسيە فېدراتسىيسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان . 2ئايدىن كىيىن سوۋىت كومپارتىيسىنىڭ 28 قۇرۇلتىيدا ، يېلىتسىن ۋەكىللىكىدىكى <<ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى>> سوۋىت جەمئىيتىنى ئۆزگەرتىشكە ئائىت بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان . لىكىن يىغىندا ماقۇللانمىغان ، شۇنىڭ بىلەن يېلىتسىن ئۆزنىڭ بولشىۋىكلار پارتىيسىدىن چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان . 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى گورباچېف ئۆزنىڭ رەھبەرلىك ھوقوقىنى روسيە فېدراتسىيسىنىڭ زۇڭتۇڭى يېلىتسىنگە تاپشۇرغانلىقىنى جاكارلىغان .شۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئاغدۇرۇلغان .
يېلىتسىن 1987-يىلى 10-ئايدىكى سوۋىت كومپارتىيسى قۇرۇلتىيدا رەئىس سەھنىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ ، گورباچېفنىڭ سىياسى ئىسلاھاتىدىكى ئاجىزىلىق ،  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ،  پارتىينىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى قاتارلىقلارنى تەنقىد قىلغان . بۇلۇپمۇ گورباچېفنىمۇ ئەيىپلىگەن . بۇ سوۋىت تارخىدا بۇلۇپ باقىمىغان بۇلۇپ ،20دىن ئارتۇق ۋەكىل ئونى تۇشمۇ-تۇش ئەيىپلىگەن . 1987-يىلى 11-ئايدا گورباچېف ئونى ۋەزپىسىدىن قالدۇرۇپ ، ئىسلاھات كومتىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى قىلغان . بۇ چاغدا گورباچېف  ئۇنىڭغا <<سەن بۇندىن كىيىن سىياسى بىلەن شۇغۇللىنالمايسەن>> دىگەن .  ئەمەليەتتە بۇ  خاتا بولغان . يېلىتسىننىڭ گېپى ئەمەليەتتە بىر قىسىم سوۋىتلىكلەرنىڭ قەلبىدىكى سۆز  بولغان . يېلىتسىن بۇ نۇقتىنى بىلگەچكە پەيىت كۈتكەن .1989-يىلى ئۇ 89.4%لىك بىلەت بىلەن خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلانغان .ئۇ بۇنى 3-قېتىملىق تۇغۇلۇشۇم دىگەن . 1990-يىلى 1-ئايدا ئۇ بولشىۋىكلار پارتىيسى ئارسىدا ئۆزنىڭ  ۋەكىللىكىدىكى <<دېمۇكىراتىك ئىسلاھاتچىلار>>نى بارلىققا كەلتۈرگەن .  شۇ يىلى 7-ئايدا سوۋىت كومپارتىيسىنىڭ 28-قۇرۇلتىيدا <<ماركىسىزىم-لېنىنزىم>>نى سوۋىت كومپارتيسىنىڭ سىياسى تەشەببۇسى قىلىتىن ۋاز كىچىش ، كوممۇنىزىمدىن ۋاز كىچىش ، ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ۋاز كىچىش ، سوۋىت كومپارتىيسىنى ئۆزگەرتىش ، ئارمىيە ، سىياسى ئورگان ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئورۇنلىرىنى توختىتىش  قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان . بىراق تەشەببۇسلىرى قوبۇل قىلىنماي ، پارتىيدىن چىكىنىپ چىققان . ئۇنىڭ خارەكتىرى ھاكاۋۇر ، ئۇرۇشقاق ، مەنمەنچى، لېبرالىسىت  ، گەپدان  بولغانلىقتىن  ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ، ھوقوقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ، كارخانىلارنى ئۆزگە ئۆزى خوجا قىلىش ، يېزلاردا ھەر خىل ئىگلىكلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ،شەخلەرنىڭ ئىگدارچىلىق ھوقوقىنى ئىتراپ قىلىش ، بازار ئىگىلىكىنى يولغا قۇيۇش  قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويغان .3تەرەپلىمە  تىرشىش ئارقىلىق 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 57.4%لىك بىلەت بىلەن روسيە فېدراتسىيسىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان . بۇ قېتملىق سايلام ئارقىلىق گورباچېف ئۆزنىڭ  سىياسىيسىغا قارشى ،  ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك بىر رەقىپنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
             1991 -يىلى 1-ئايدا يېلىتسىن تېلۋىزيە نۇتقى سۆزلەپ ،گورباچېفنىڭ ئىسلاھاتنىڭ ناچارلىقىنى تەنقىد قىلىپ ،ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان .بىراق بۇ شۇنىڭ بىلەن ،گورباچېف بىلەن يېلىتسىننىڭ ئۇرۇش دەۋرىگە كىرگەن . پۈتۈن سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقىدىن 76.4%كىشى سوۋىت ئىتتىپاقىنى قوغداشقا ئاۋاز بەرگەن ، ئۇلار موسكىۋاغا يىغىلىپ ، نامايىش قىلغان .بىراق 69.85% روسيىلىك يېلىتسىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .1991-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى يېلىتسىن روسيە فېدراتسىيسىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇلۇپ سايلانغان . شۇنىڭ بىلەن يېلىتسىن غەلبە قىلغان (ئاساسلىقى ئارمىيە ئۇنى قوللىغان ، ئامېرىكىمۇ ئۇنى قوللىغان، چۈنكى بۇ چاغدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى ).1991-يىلى 8-ئاينىڭ19-كۈنى سوۋىت مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ياينېيېف ئۆزگىرىش قوزغاپ ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، جىددى ئەھۋال كومتىتى قۇرۇپ ، يېلىتسىنگە قارشى تۇردى . بىراق ئارمىيە ئۇنى قوللىمىدى ،خەلىقىمۇ ئۇنى قوللىمىدى . ئامىركىمۇ ئۇنى قوللىمىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەركەت مەغلۇپ بولدى .يېلىتسىن تۇللۇق غەلبە قىلدى . 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يېلىتسىن 11تۈرلۈك زۇڭتۇڭ پەرماننى چۈشۈرۈپ ، فېدراتسىيە تەۋەلىكىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكىنىڭ روسيە فېدراتسىيسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان . شۇ كۈنى ئۇيەنە روسيە فېدراتسىيسى تەۋەسىدىكى كوممىنىسىتلارنىڭ بارلىق ئۇرۇنلىرىنى ، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ، ئارمىيە ئىچىدىكى پائاليەتلىرىنى توختاتقان . سوۋىت ئىتتىپاقى تېلۋىزيە ئىستانسىسىنى روسيە فېدراتسىيسىگە قوشۇۋالغان .تا س س ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى تېلۋىزيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرىنى خىزمەتتىن توختاتقان . ئارقىدىن سوۋىت كومپارتىيسى مەركىزى كومتىت ئىشخانا بىناسىنى پېچەتلەپ ،پارتىيە بايرىقىنى چۈشۈرگەن .1991-يىلى12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېلروسيە ،ئوكرائىنا بىلەن مۇستاقىل دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغان . ئارمىينى زۆرۈر بولغان تەمناتتىن بەھرىمان قىلىپ ،ئارمىينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن .ھەمدە قازاقسىتاننىمۇ چىكىپ باققان ، بىراق قازاقىستان سوۋىت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1991-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى<<ئالمۇتا خىتابنامىسى>> ئارقلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەسمى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىغان . روجىستىۋا كېچىسى  گورباچېفتىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھوقوقى يادرو تىزگىنلەش ھوقوقىنى تاپشۇرۋالغان .
            روسيە فېدراتسىيسى مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى جەھەتتىن  ، خەلىق يېلىتسىن تەختىكە چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋەدىسىگە ئېرشەلمەي ، نامايىش قىلغان . بىراق يەنلا ياخشىلىنىش بولمىغان . بۇ چاغدا يېلىتسىن بىلەن ھۆمەت ۋە پارلامىنىت ئوتتۇرسىدا كۆرەش بولغاچقا ، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدىغانغا ۋاقىت چىقىمىغان . يېلىتسىن غەرىپكە تاينىپ تەختكە چىققاچقا ، غەرپكە مايىل سىياسەت يۈرگۈزگەن .شۇڭا غەرپپەرەس سىياسى تۈزۈلمە ۋە ئىقتىسادى  تۈزۈلمىنى يولغا قويغان .بىراق روسيىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە تاقشىدىغان مەسللەردە يەنلا ئۆزگە ئۆزى خوجا بۇلۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن .شۇندىن باشلاپ روسيە دۆلەت دۇماسى(پارلامىنت)ىدا دائىم يېلىتسىن بىلەن پارلامىنت قارشلىشىدىغان ئەھۋال باشلانغان . ئىقتىسادى سەۋەپ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى .شۇنىڭ بىلەن يېلىتسىن كۆپ قېتىم باش مىنىستىرنى ئالماشتۇرۇپ ، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن بولسىمۇ يەنلا ئۈمۈد بولمىغان . كىيىن يېلىتسىن ھازىرقى روسيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەپ ، ھۆكۈمەت قۇرغان ۋە ئۇنى ئۆزنىڭ ئىز باسارلىقىغا كۆرسەتكەن . 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يېلىتسىن سالامەتلىك تۈپەيلىدىن ئىستپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ ، كۆپ يىللىق سىياسىنىڭ ئۆزنى ھاردۇرغانلىقىنى ، روسيە جەمئىيتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرگە موھتاجلىقىنى ئېيتىقان  .كىيىن پېنسىيگە چىققان . ھۆكۈمەت داچىسىدا تۇرغان . ناھايتى كەڭتاشا ، ئېسىل ياشىغان . پىنسىيە دەۋىردىمۇ سىياسىغا ئازراق ئارلاشقان . ئۆلگەندىن كىيىن مەملىكەت بۇيچە ماتەم تۇتۇلغان .
         ئۇنىڭ ئۆزگە بولغان باھاسىدا مىنىڭ خاتالىقىم ئىنقىلاپ باشلانغاندا مەن 3-4يىل ئىچىدە يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،ئەمەليەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ بەك قىسقا ۋاقىت ئىكەن ، ھەم بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش  مۇمكىن ئەمەسكەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن 20-30يىل ۋاقىتمۇ ئازلىق قىلغۇدەك دىيىلگەن .
          يېلىتسىن بازار ئىقتىسادىنى خەلىقئارا بازار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ، بىراق زۇڭتۇڭلۇق ھوقوقىنى ئىشلىتىشىنى سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن . قىسقا مۇددەتلىك دۆلەت قەرزى زايۇمنى تارقىتىپ ، روسيە ئىقتىسادىغا بوھران ئەپكەلگەن ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرغان ئىش بولسا چېچىنيە ئۇرۇشى بولغان .ئۇ ئىلگىرى روسيەنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئامىركا دەپ قارغان .بىراق1996-يىلدىن باشلاپ ئامىركىنىڭ ئەندىزىسى روسيىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان . يېلىتسىن دەۋرى روسيىنىڭ يېقىنقى 300يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋىردىن بىرى . يېلىتسىن ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنى مۇستەقىل قىلىشقا ياردەم بەردى . ئەركىن بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇپ ،خۇسۇسى ئىگىلىكىنى بەرپا قىلدى . ئۇنىڭ دەۋىردە روسينىڭ ئومومى ھالىتى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ناچار ھالتىدىنمۇ ناچار بولدى .ئۇنىڭ تۆھپىسىمۇ ۋە كەمچىلىكىمۇ بار .بىراق ئۇنىڭ تۆھپە ۋە خاتالىقىنى تارىخ بەتلىرى ئىسپاتلايدۇ.

ھاياتنىڭ قىممىت

2

تېما

1

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 445
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 02:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يىلىتسىننى بىر دەۋىر بۆلگۈچ ئۇلۇغ رەھبەر دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى تارىخى تۆھپىسىنىڭ بىرى، روسىيىنىڭ مۇستەقىللىگى ۋە سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە گەرچە ئىقتىسادى كىرىزىس ئېغىر بولغان بولسىمۇ لىكىن دۆلەت ۋەزىيىتى ئاساسەن مۇقىم بولدى. بۇدەۋىر روسىيىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئىككىنچىسى، دادىللىق ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىزباسار تاللاپ ۋە تەربىيىلەپ، روسىيىنىڭ كىيىنكى مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

9

تېما

4

دوست

4600

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 11:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېلتىسىننىڭ بىردىنبىر خاتالىقى ئونىڭ دېمگۇراتىيىنى ئەمىلىيلەشتۈرگەنلىكى، ئەپسۇس رۇسىيە دېمگۇراتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئەمىلىيلەشمەيۋاتىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى يېلتىسىندەك رەھبەرگە تەخىرسىز مۇھتاج.

0

تېما

1

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 16:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ماقالىنى قايتىدىن بىر تەھرىرلىسە بوپتىكەن ئىنكاسلار كۈرنىۋاتىدۇ ماقالا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ

10

تېما

0

دوست

5476

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 1219
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 02:16:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېلىتسىنگە يۇقىرى باھا بېرىمەن. ئۇ دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ سان-ساناقسىز ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئۇچرىغان رۇسلارنىڭ ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. جاھاندىكى مۇستەبىت ئەللەردە ئۇنىڭدەك ئەزىمەتلەرنىڭ چىقىشىنى، دەھشەتلىك ئېزىلىۋاتقان ناتىۋان خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )