كەمىنە ئەبگا قەلەم ئىگىسى كۆپ بىلىم ئالالمىغان،چەت دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى ئەسلا بىلمەيمەن ، كومپىيۇتېردىن پەقەت مىكروسوفىتنىڭ ئىشخانا دىگەن يۇمتالنىڭ سۆز دىگەن تارماقچىسىنىلا ئازراق بىلىمەن . ئۇنچە كاتتا ئىلىم ئىگىسىمۇ ئەمەس ، بۇندىن بۇرۇن توردا بىر نەچچە ئېغىزغا ئالغۇسىز ،تايىنى يوق نەرسىلەرنى سۆزلەپ باققان . ئەسلىدە بۇ يەردە ۋالاقلاش ناھايتىمۇ دىيانەتسىزلىك بولسىمۇ،لېكىن يەنلا سۆزلىمەي بولمىدى.شۇڭا ھەر قايسىڭىزلارنىڭ مۇبارەك نەزىرىنى ئاغدۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. لىكىن پېقىرنىڭ بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنى بۇ ئەمەستۇر.
ئىسلاھات-ئىشىكىنى ئېچۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بويان بۇيان جوڭگو كوممىنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، پارتىينىڭ ئېتبار بىرىشى ،يۆلىشى ئارقىسىدا شىنجاڭ دىيارىمىزدىكى مىللى كارخانىلار بەس-بەستە يامغۇردىن كىيىنكى ئوت-چۆپتەك بەرپا بولدى ، راۋاجلاندى ،تەرەققى قىلدى .
مەسلەن : ئارمان ، ئىخلاس ، جانان ،بوغدا ،قارلۇقدىگەندەك. مەن بۇشىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تاينىپ ،ئۆز قابىليىتىگە تاينىپ تەرەققى قىلۋاتقانلىقىغا تولمۇ قايىل ،ھەققى قايىل .بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخمۇ تەرەققى تېپشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.ئەلۋەتتە مىنىڭ ئۈمۈدۈم موھىم ئەمەس ،موھىمى ئەڭ موھىمى بۇ شىركەتلەرنىڭ تىرىشانچلىقىدۇر. بۇنى جىق سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئاياندۇر.
مەن ئەڭ ئاۋۋال جوڭخۇا خەلىق جومھۇريىتىنىڭ پۇقراسى،بۇنىڭ ئۈچۈن تولمۇ خوشالمەن.تولىمۇ شاتلىنىمەن ، ھەر قانچە ئىستىداتسىز بولساممۇ دۆلەت تىلىنى ئازراق بىلىمەن.نۇرغۇن مىللى كارخانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان بەزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ماركىسى ئادەمنىڭ قورققىسى كەلگۈدەك ،يەنە بەزلىرىنىڭ تىلىنى چاكىلداتقۇدەك دەرجىدە كاتتا يېزىلغان. ئىشلەپچىقارغان شىركەتمۇ دەل موشۇ شىركەتتۇر ، بىراق دۆلەت تىلىدا يېزىلغىنىدا بولسا ئىشلەپچىىقارغان زاۋۇت ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ زاۋۇت - شىركەتلىرىدۇر ،ۋاكالەتچى شىركەت بولسا مىللى كارخانىدۇر . دۆلەت قانۇندا چوقوم ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇن ، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ۋاكالەتچى ئۇرۇن دىگەندەكلەر چوقۇم
يېزىلىشى كېرەك .خىلاپلىق قىلغۇچلار قانۇن بويچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مەن موشۇ يەرلىرىنى مىللى تىلدا پەقەتلا كۆرمىدىم . مىللى كارخانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق سېتىلدىغان يېرى شىنجاڭدۇر.شىنجاڭدا مەھسۇلاتلار قوش تىلدا يېزىلغان ماركا ،ئوراش قەغزى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك . ئۇنداق بولمىسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ ، بۇنىسى ھەممىمزگە ئايان. بۇنداق خەتنى كام يازدىغان شىركەتلەر ناھايتى كۆپ،مەسلەن:جانان . ئىچىكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت جەھەتتە شىنجاڭدىكى زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارغاندا كۆپ ئىسىل ،ھەم ياخشى ئىكەنلىكى دەر ھەقىقەتتۇر . يەنە كىلىپ شىنجاڭدا بۇنداق زاۋۇتلار ناھايتى ئاز .ماركا ياراتقان مىللى
كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى سۈپەت جەھەتتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىدىن ناچار بولغاچقا،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلمايدۇ. بۇ قەتئى يالغان ئەمەس(ئەلۋەتتە ئارمان شىركىتىنىڭ ۋە ئىخلاس شىركىتى بۇ جەھەتتىن مۇستەسنا) يۇقارقى شىركەتلەردىن شۇنى بىلۋالغۇم كېلۋاتىدۇ: نىمە ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئورۇن ،ۋاكالتەن
ئىشلەپچىقارغان شىركەت دىگەنلەرنى ئۇيغۇرچە يازمايسىلەر؟ ئەجەبا ئىچكىردىكى زاۋۇتلارنى ئاشكارلاشقا قورقامسىلەر ۋە ياكى باشقا ئويلىغانلىرىڭلار بارمۇ؟ ئەگەردە قورىقساڭلار بۇ توغرا بولماپتۇ ، بۇز ھەممىمىز جوڭگولۇق ، بۇنىڭ قىلچىلىك قورقىدىغان يېرى يوق راسىت گەپ قىلىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى. قانۇن سىزنى
ئەلۋەتتە قوغدايدۇ .ئەگەردە سىز زاۋۇتنى يۇرتىمىزدا قۇرماپتۇ...... دىگەندەك پىتنە-پاسات سۆزلەردىن قورىقسىڭىز ،ئۇنداقتا ئۇلاردىن سوراپ بېقىڭ :قايسىسى زاۋۇت قۇرۇپتۇ .قايسى ئاقنانچى بۇنى شۇنداق ئاسان دەيدۇ ؟ كۆرۋېلىشقا بولدۇكى ،ناھايتى ئېنىقكى بۇنداق قىلسا شىركەتنىڭ تىجارىتى يۈرۈشمەيدۇ . چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خېردارلىرى يەنلا بىز شىنجاڭلىقلار .ئەلۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا ياردىمى ناھايتى كۆپ ، بۇنىسى دەر ھەققەتتۇر،شۇڭا ئىچىكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نامىنى ،يەر جايلارنىڭ ئورنى بىزگە خېلى تۇنۇش . يەنە كېلىپ بۇنى تونۇشتۇرۇشمۇ بىر مەسئۇليەت .دىمەكچى بولغىنىم خەلىق بۇ ئۆلكىلەرنىڭ نامىنى دۆلەت تىلىدا يېزىلغان يەرلىرىنى
ئوقۇيالايدۇ(ئەلۋەتتە مەنمۇ ئازراق ئوقۇيالايمەن) . شۇنداق بولغاندىن كىيىن مۇشۇ جەھەتتىن دېققەت قىلىشىڭلارنى ئەسكەرتمەكچىمەن .ئەگەردە مۇشونىمۇ بىلمىسەڭلار ئۇنداقتا............ شۇڭا مەن ئاخىرىدا شۇنى سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ:مەن خەت تونۇيمەن.