قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2405|ئىنكاس: 19

يىڭى يىللىق تېرەن ھىسلىرىم - قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 10:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                        يىڭى يىللىق تېرەن ھىسلىرىم
                                             ( قەيسەر مىجىت)




ئېلاۋە:
      يىڭى يىلنىڭ بۇ ھارپا كۈنلىرىدە، ئاز-تولا شىئېر يازغۇم كىلىپ قالدىغۇ-تاڭ!. ، ئايتاراتى ۋە ئادىلجان تۇنىيازلار ئىسىمگە كىلىپ قالغان چېغى ! ئۇلارمۇ ئويلاپ تۇرىدىغاندۇ پىقىرنى ئەمما مەن بەك ئەسلىۋىتىمەن ئۇلارنى، كەلسە-كەلمىسە يىزىپ قويىمەن شىئىرنى!

يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، باغداش تورىنىڭ سادىق، ساغلام ئوقۇرمەلىرى! ماڭا ئىلھام بەرگەن ئاتەش يۈرەكلەر!
***********************************************************************
(1)
كالىندار ئۆرۈلگەندە دىكابىرغا،
ئۇقىمەن يەنە بىر ياش ئۆمۈر كەتتى.
بىلىمەن يىڭى يىلنىڭ كىلىشىنى،
بۇ ھىسلار ماڭا شاتلىق بەخش ئەتتى.
چىرايلىق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ،.
"نىمىشقا شاتلىنىسەن دەيدۇ" جانان.
"يىللارنىڭ بىرى كەتتى، ياش چوڭايدى،
يىتىسەن بۇ چىنلىقنى تونۇپ قاچان؟"
لاۋادەك يالقۇنلىغان قەلبىم بىلەن،
مەن دەيمەن جانانىمغا سۆيگۈ ئىچرە:
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئامالىم يوق،
بار لىكىن غايەم ئۈچۈن چاچماق قەترە.
قاقشايدۇ بولۇمسىزلار ۋاقىت ئۆتسە،
كۆرىدۇ ئۈمىتۋارلار پارلاق ئەتە.
ھەر يىلنىڭ ئۆزگىچە بار نىمەتلىرى،
شۇ ھىسلار قۇچاقلىغان ئۆسمۈرلۈكتە.
باشقىلار ئۆزگەرسىمۇ، ئۆزگەرمىدىم،
ئىتىقاد مىنىڭ ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك-تە.
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئامالىم يوق،
بار لىكىن پاك تۇيغۇنى قەدىرلەشكە،
مەن شۇنداق ئۈمىت بىلەن ياشاپ كەلدىم،
"بىر يىلى - شاتلىق نىسىپ بولار بىزگە! "
(2)
كىلىپ چىقتۇق ئوخشاش بىر يەردىن،
ئەمما قۇمدەك كەتتۇق چىچىلىپ.
تىپىلىمىز ھەممە قىتئەدىن،
چۈنكى دۇنيا كەتتى ئىچىلىپ؟
ياق، بۇ دۇنيا ئۇنچە مەرت ئەمەس،
مۇساپىرغا ئىشىك ئاچقىلى.
كۆزلىرى كور، تۇيغۇسى سەزمەس،
بولماس ئاڭا ھىچ تايانغىلى.
ھەتتىگىنەي، گىپىم بەك تولا،
قۇملار كەبى ئۇچۇپ يۈرۈشتۇق.
گاھى كۈلۈپ گاھى قايغۇرۇپ،
ئويلىمىغان قىسمەت كۆرۈشتۇق.
ھاياتلىقنىڭ سەپەرلىرىدە،
مىڭ تىرىلىپ مىڭلاپ ئۆلۈشتۇق.
بۇ قىسمەتلەر كەلسە بىراۋغا،
بۇ دۇنيادىن بولاتتى غايىپ.
لىكىن مىنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىم،
سەندە كۈچ بار، سەن-سەن ئاجايىپ.
(3)
ئەتە كىلەر يىڭى يىل خانىش،
بەلكى مەندىن تىلەر بىر نەرسە.
مەن ئۇنىڭغا ئىيتسام بۇنى،
رازى بولار،- قانداق دەيسىلە؟
ھەي يىڭى يىل، ئۆلمەس يىڭى يىل،
سەن بىزگىمۇ ئوڭ كۈلۈپ باققىن.
ياخشىلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن،
سەلەپ بولۇپ ئاققىن ۋە تاشقىن.
ئىقىتىپ كەت زالىم گۇيلارنى،   
ياخشىلارغا يارىشىپ كەلگىن.
ھەر يەردىكى قىرىنداشلارنىڭ،
دۇئاسىنى ئىجاۋەت ئەتكىن.  
ئەي سۆيۈملۈك، ئاكا -ئىنىلار،
لاتاپەتلىك ئاچا-سىڭىللار.
مۇھەببەتلىك مۇنۇ سۆزۈمنى،
قۇلاق سىلىپ ئاڭلاپ قويۇڭلار:
تىلەپ تۇرماي ياخشى كۈنلەرنى،
بىز ئۆزىمىز بولايلى ئىشچان.
توسالمايدۇ پاسىق دۈشمەنلەر،
پۇختا بولساق،- بولساق تىرىشچان.
يەنە دەيمەن ئايرىم شەخسكە،
خام خىيالغا، ئويلارغا پاتقان.
دۇنيا شۇنداق، رەزىل، نامەرت،
سەپەرلىرىڭ خەتەرگە تولغان.
ھىچكىم سەنچۈن قاتۇرمايدۇ باش،
بولدى دەس تۇر، ئۇيقۇڭدىن ئويغان.
ماڭماق بولساڭ- كۆزۈڭ ئوچۇق ماڭ،
كاللاڭ سەزگۈر بولسۇن ھەر زامان.
ئىشەنمىگىن شىكەر سۆزلەرگە،
ئۆز-ئۆزۈڭگە بولغىن پاسىبان.
قاراڭغۇدا قالساڭ مۇبادا،
يۇرۇقلۇقنى ئىزدە ئۆزۈڭدىن،
كىرسىن سوراپ بولما ئاۋارە،
ئۈمىت كۈتمە نامەرت قوشناڭدىن.  
ۋايساپ كەتمە، جاپالار چەكسەڭ.
جاپالارنى كىملەر چەكمىگەن؟.
بۇ ھاياتتا ئۇتىدۇ ئاخىر،
مۇشكۈلاتقا بويۇن ئەگمىگەن.
بىلىم، ئىمان ۋە ئەدەپ بىلەن،
كۆپ كىشىلەر مەقسەتكە يەتكەن.
قەدىرلەپ قوي مۇشۇ سۆزلەرنى،
يىراقتىكى قەيسەر ئەۋەتكەن!

0

تېما

0

دوست

1098

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 11:19:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئەپەندىمنىڭ يېڭى يللىق سوۋغىسىغا ھەشقاللا،يڭى يىلغا ئاتاپ يازغان شىئېرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ،مەزمۇنى چۇڭقۇر مەنالارغا تۇينۇپتۇ.سىزنىڭ كۇتكۇنىڭىز ھەم بىزنىڭ كۇتكىنمىز قىرىندىشىم . پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرۇمنىڭ يىڭى يلىغا مۇبارەك بولسۇن !سىلەرنىڭ ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇپ قۇلغا كەلتۇرگەن نەتىجەڭلەر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا مەلھەم ، رۇھىغا كۇچ -قۇۋۋەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

4226

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1342
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 12:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قەيسەر   ئەپەندىمنىڭ   يىڭى   يىللىق   ياخشى   تىلىكىگە   رەخمەت  ،   ۋەتەننىڭ   ئېچى ۋە سىرتىدىكى   بارىلىق   ئۇيغۇر   قىرىنداشلانىڭ   يىڭى   يىلىنى   تەبىرىكلەيمەن   شۇنداقلا   يىڭى   يىلدا    يىڭى   نەتىجىلەرنى   قولغا   كەلتۇرىشىگە   تىلەكداشمەن .

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما شىئىرنى نادىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن،شىئىرنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشىكەن...
يىڭى يىلىڭىز قۇتلۇق بولسۇن قەيسەر ئاكا،تىخمۇ قەيسەر بولىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

1

تېما

4

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:23:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدا بىز قېرىنداشلارنى ياد ئېتىپ تۇرغان قەيسەر ئاكىغا رەھمەت.سىزنى،سىزنىڭ تېرەن پىكىرلىرىڭىزنى سېغىنىپ تۇرىمىز.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 14:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
                      بۇ ھاياتلىق ئالىمى قىززىق !
                      ھايات تۇرۇپ ئۆلگەنلەر تولا .
                       ئۆزى ئۆلۈپ كەتسىمۇ لېكىن ،
                        ھايات ياشاپ يۈرگەنلەر تولا .

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 15:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   darya. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 20:08  

‏يەنە بىر يىلنى ئۇزاتقىلىۋاتىمىز ... روھىمىزنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ يىلتىز تارتىپ بىرىكىپ كەتكەندەكلا ـــ مىسكىنلىك ۋە بىچارىلىكتىن قۇتۇلالمىدۇق ...، چارچىغان تەنلىرىمىز زورۇققان مەسئۇلىيەتلىرىمىزگە ئامالسىز سوڭداشقان ...، ھەسرىتىمىز مەۋجۇتلىقىدىكى سەۋەپنى سۈرۈشتۈرۈشتىن زىرىككەندەك ساختا كۈلكىللىرىمىزدە دالدىلىنىپ قۇلاق يوپۇرىۋالغان ...،مىژژىدە ئادەملەر توپىدىمۇ يالغۇزسىراۋاتقان يۈرەكلىرىمىز لوقۇلداپ ئاغرىپ،مۇزدەك سوغوق قاراقلاردىن يىڭنىنىڭ قۇلىقىدەك يورۇقلۇق ، شام يورۇقىچىلىك ئىللىقلىق ئىزدەپ مەڭدىگەن ...، كىمنىدۇر ئىزدەۋاتقان ، نىمىنىدۇر كۈتۈۋاتقان ....، قەيەرگىدۇر جابدۇنىۋاتقان....دەك تەمەخور كۈتۈشلىرىمىز ئۈمد كۆزىدىكى ئاداققى غېرىپ مەغرۇرلۇقنى ھالسىراتقان ....
كىمنىڭدۇر مۇرىسىگە باش قويۇپ ئۆكسۈپ يىغلۇغىمىز  بار يىغلىيالمايمىز .... ئېچىلىپ- يېيىلىپ ، ئۆزىمىزنى قويىۋىتىپ قاقاقلاپ كۈلگىمىز بار كۈلەلمەيمىز ....يامان چۈشتىن قارا باسقاندەك تىپىرلاپ چۆچىيمىز-يۇ ، ئويغىنالمايمىز ..مۇڭ ....مۇڭغا چۆككە بۈگۈنىمىزدە تىرەن    چوڭقۇرلۇقلاردىن ھىكمەت ئىزدىگەن تەپەككۈرلىرىمىزنىڭ ئىلاھى نىسىۋىلەردىن تەسەەللى تېپىشلىرىلا سۇنۇق قەلبلەرنىڭ مىڭلارچە دەۋاسىنىڭ ئاداققى ھەم يىگانە ئۈمۈدى بوپ قالغاn

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 16:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېي قېرىنداشلىرىم يېڭى يىل بىزگە ماس كىلەمۇ ئۈندىداردا مۇنداق بىر سۆزلەنى كۆردۈم مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن مۇسۇلماننى كۆردۈم لىكىن قۇربان ھېيت ئۆتكۈزگەن خرىستىياننى كۆرمۈدۈم دەپتۇ قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىۋېلىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )