- تىزىملاتقان
- 2011-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1744
- نادىر
- 0
- يازما
- 64
ئۆسۈش
74.4%
|
naprat0995 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 23:12
نەچچە ۋاقىتتىن مۇشۇنداق سۇرېيەگە ياردەم قىلىش ، ئىئان ...
《ئەركىن بەس-مۇنازىرە مۇھىتىدا، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە نىسبەتەن، مۇتلەق بىر پىكىرگە كەلگىلى بولمىغانىكەن، ئۇنداقتا، تۈپ ئېتىقاد ۋە يادرولۇق قىممەت قاراشلاردىن چەتنىمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئۆز-ئارا يول قۇيۇشۇش، بولۇپمۇ كۆپ سانلىقنىڭ تاللىشى ئاساسىدا قارار چىقىرىش، ئاز سانلىقلار ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، شۇ قارارغا بويسۇنۇش ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەخىسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر. مەيلى كىم بولمىسۇن، بىراۋنىڭ ئۆز پىكرىنى گۇيا ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلىشى كېرەكتەك، گۇيا ھەقىقەتنىڭ يىگانە ئۆلچىمىدەك شەكىلدە ئوتتۇرغا تاشلاپ، قارشى پىكىرنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان قاخشاپ قۇپۇشى ياكى سورۇننى تاشلاپ مېڭىشى مۇۋاپىق ئەمەس. گەپ-سۆزى ئاقمىغان ئەھۋالدا، ھەركىم ئۆز سۆزىنى يورغىلىتىپ، ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئۆز يولىغا ماڭسا بولمايدۇ. ئۇمۇمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن، شەخسىي مەنپەئەتتىن كېچىش ساداقەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدۇر، ھەقىقي ئالىيجانابلىقتۇر.》
يازما مەزمۇنىدىكى يوقۇرقى بىر ئابزاس سۆزدىكى مازمۇنلار مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى. بىر توپ قەۋم تالاش -تارتىش مەسىلىسىدە يوقۇرقىدەك مۇئامىلە قىلالىسا ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىق، بۆلگۈنچىلىك، تەپرىقسىزلىقتىن ئىبارەت رەزگى ئىللەتلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ئازراق بولسىمۇ يىراقلىشىشغا پايدىسى كۆپ بولغىدەك، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. |
|