يېڭى يىلنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنىسى
تاھىر ئىمىن
يېڭى يىل ياراتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.ۋاقىت-پۈتۈن مەۋجۇتلۇقنىڭ خۇسۇسيتى. كائىنات ئۈچۈن بىر يىل ھېچنىمە ئەمەس،بىر مىللەت ئۈچۈن يېڭى يىل –ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق بېشى ۋە داۋامەت يېشى.
يېڭى يىل-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خوشاللىقتۇر!
ئازاپ مۇئەككەللىرى بىلىپ قالسۇنكى،خۇشال ياشاشنى ئۆزىگە ئادەت ۋە خاراكتېر قىلغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنى مەقسىدىگە يەتكۈزمەيدۇ.ئۇلار سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك چۈشكۈنلىشپ روھىنى خاراپ قىلمايدۇ.
بىز ئەمدى ئازاپلانمايمىز! ئازاپنى كۆپ كۆرۈپ يۈرەكلەر سەزمەس بولدى -ئەمەس،ئازاپقا ئىچ پۇشۇرۇش،چۈشكۈنلىشش ئورنىغا خۇشاللىق ۋە ھەرىكەتنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
ئازاپلار ياغسمۇ بىز ئۇنىڭدىن خوشاللىق ئىزدەشنى بىلىمىز.چۈنكى ئنسانغا ئازاپنىڭ مەنبەسى –ئۇنىڭ روھىنىڭ پاكىز بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ .خوشاللىققا ئېرىششنىڭ ئۇسۇللىرى بولسا-ئاشۇ پاكىز روھتىن ئۇرغۇپ چىققان تەبئىي كۈيلەر،ئۆز-ئارا مېھرى-مۇھەببەت،قىينچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئۈمىد،ئۆزىدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەرنىڭ رىئاللىقىدىن ئۆگىنىش ۋە خۇرسەن بولۇش،ھاياتقا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىش.بولمىسا بىزنىڭ دەردلىرىمىز ئۈچۈن بەلكىم باشقىلار كوللىكتىپ ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن،ئەمما بىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشنى تاللىدۇق.
يېڭى يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئنسانپەرۋەرلىكتۇر.
ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنى ،ئۆز قەۋمىنى سۆيۇش ۋە قوغداشنى ھەم باشقا قەۋم-قەبىلە بىلەن قانداق چىقىششنى ،تار مىللەتچىلىكتىن خالى بولۇشنى ئۇزۇندىن بىرى ئۆز ھاياتىدا يەرلەشتۈرۈپ ئنسانچىللىق،زىمىن ۋە تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى قوشنا قەۋملەرگە يەتكۈزگەن.
بىز ئۆزىمىزنى كۆپ تاشلىۋەتكەن، دۇنيادىكى ئنسانلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل، ساددا، سەمىمى دەپ ئويلىۋالغان،ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ،ئنسانلارنىڭ تەبئىيتى بۇنداق ئەمەسلىكى بىزگە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز،ئائىلىمىز ۋە ئىجتىمائى توپىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگەتتى.شۇڭا بىز ئەمدى بولسمۇ ئۆزىمىزگە تۈرلۈك شەكىلدە رەھمىسزلىك قىلىشنى توختىتىشىمىز،بالىلارنى ،ئاياللارنى،چوڭلارنى ۋە باشقا ئاجىزلار توپىنى ئۆزىمىز بىلەن بىر قاتاردا ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشمىز.
بىز بەلكىم بىر ئاز قۇۋۋەتسزدۇرمىز،ئەمما ئنسانلىقىمىزنى يوقاتقىنىمىز يوق،زەھەرخەندىلەرگە ئايلانغىنىمىز يوق،
ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن بىزگە قالغان ئەنئەنە:بىز ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ غورۇرى ۋە مەنپەئىتىگە تەگمەيمىز،ئەكسچە بىزدىكى خۇشاللىق ۋە پاراۋانلىق مەنبەلىرىنى ئورتاقلىشىمىز،ئەگەر زۇلۇمغا ئۇچىرساق،ئىقتىدارىمىز يەتكەنچە ئنسانلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىمىز.
يېڭى يىل-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەرەققىيات ۋە غەلبە دېمەكتۇر!
بىز ھازىرقى ئىچكى ئىنىرگىيىمىز،روھى بايلىقىمىز،پسخىك ئەۋزەللىكىمىزدە تۇرۇپ روھى ۋە ماددى قىممەتلەرنىڭ بىز ئېرشكىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسگە ئېرىشش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
بىز ئاخىرقى غورۇرىمىز ئۈچۈن ئەمگەك قىلىمىز!
بىز شۇ كۈنلەردە ساناپ ئۈلگۈرۈپ بولغۇسىز مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز ھەم بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.بىز باشقىلارغا بۇنىڭدىن كېلىدىغان تەشۋىش ۋە ئەلەملەر بېغىشلايدىغان قاخشاش ئورنىغا –ئۆز خۇشاللىقىمىزنى،ئۈمىدىمىزنى تەنتەنە قىلىشنى لايىق تاپىمىزكى،دۇنيا بىز ھەققىدە خالىغاننى دېگەچ تۇرسۇن!
ھازىرچە بىزنىڭ چىدىغانلىقىمىز غەلبە.ھازىرچە بىزنىڭ يىغلاپ ،قاخشاپ بەرمەي،ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇشال تۇتقىنىمىز غەلبە.ھازىرچە بىزنىڭ باشقىلار تەسەۋۇرىغىمۇ سىغدۇرالمايدىغان،ھەتتا بىز چۈشەندۇرۇپمۇ بولالمايدىغان ھەسرەت-پىغانلارنى ئۆز ئۇسۇلىمىز بولغان-مەسخىرە قىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىش ۋە خۇشاللىق بىلەن كۆزگە ئىلماسلىق،نەتىجىمىز بىلەن خوشلىشش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىمىز.
بىز ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى كۇچلۇك ھس قىلىۋاتىمىز،يۈرۈش قىلىۋاتىمىز، ئىقتسادى ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىۋاتىمىز، جاپالىق ئشلەشنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەم نامايەن قىلىۋاتىمىز.شۇڭا بىزنىڭ كۆزىمىز توق.سانلىق مەلۇماتلارغىلا قارىماڭ.بۇ يەردە يوشۇرۇن كۈچلىرىمىزمۇ بار.توغرا،رىئاللىق شۇ.ئاجىزلىق ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممە ئالامىتى بار،مۈشكۈللەرگە،ئۇنىڭغا چىداش كىرەك.ئىشنىش كېرەككى،بىز غەلبە قىلغۇچىلارمىز.بىز مەغلۇب بولساق،بۇ پەقەت بىزنىڭلا مەغلۇبىيتىمىز ئەمەس،ئۇ پۈتۈن ئنسانلارنىڭ ئورتاق مەغلۇبىيتى.چۈنكى بىز ياشاشنىڭ ئۆزگىچە كەشپياتلىرىنى ياراتتۇق،ئورتاق ئەزا سۈپەتتە قىممەتلەرنى روياپقا چىقاردۇق.بىز مەۋجۇت،باشقىلارمۇ مەۋجۇت.بىز يوق،ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ قىممىتى تايىنلىق.
باشقىلاردىن بىز نېمە كۈتىمىز؟
شۇ دەملەردە بىز باشقىلاردىن ياردەمنى ئەمەس بەلكى ئارتۇق كەتسە پەقەت بىزنى چۇشىنىشنىلا ئۈمىد قىلىدىغاندىمىز.ئۇلارنىڭ بىزنى باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى،باشقىلارنىڭ تەرجىمانلىقى ياكى ۋاستىسى بىلەن ئەمەس ئۆز كۆزى،ئەمەلىيتى ئارقىلىق بايقىشنى،شۇ چاغدا بىزگە قانداق ئسىم ياكى نام بىرىشكە تۇتۇنسىمۇ ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى تەۋسيە قىلىمىز.
بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش،ئۆچمەنلىك قىلىش،ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياخشى كىشلەرنى سىلىشتۇرمىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى ئۈچۈنلا زورلاش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش-مەدەنىيەتسزلىكتۇر.
بىز ئۆزىمىزگە ۋە بىزنى تونۇمايدىغانلارغا ،ھەتتا بىز كۈشەندە سانايدىغان ياكى كۈشەندىلىك قىلىدىغانلارغىچە خاتىرجەملىك،ئاسايىشلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋەھىمە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئۇيغۇرلار سلەرگە بىللە ياشاشنىڭ لەززىتىدىن ھوزۇرلىنىشنى تەۋسيە قىلىدۇ.
يېڭى يىلدا دۇنيا گۈلگە پۈركەنسۇن.قەلبىمىز گۈزەللىككە تولسۇن!جىنايەتلەر ئازايسۇن! مېھرى-مۇھەببەت ھەممە يەرنى قاپلىسۇن ! ئۇيغۇرچە ياشاش،ئۇيغۇرچە زوقلىنىش دۇنياغا تارالسۇن!
خۇلاسە:بىز ۋە كيېنكىلەر داۋاملىق يېڭى يىللارنى كۈتۈۋىلىشىمىز ئۈچۈن ئىككى نەرسە لازىم دەپ ئويلايمەن:بىرى :داۋاملىق بەرداشلىق بىرىش. يەنە بىرى:ھەر ئشىمىزدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېرشچانلىق كۆرسىتىش.
(بىر ئاز ھاياجاندا يازدىم ،قوبۇل كۆرگەيسلەر!)
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كىين سائەت 5:00 |