- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14622
- نادىر
- 0
- يازما
- 1535
ئۆسۈش
11.56%
|
ئۇن-ماي زاۋۇتلېرى
مەن بۇلتۇر كىچىك تىپتىكى ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان ماي چىقىرىش ماشنىسىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان ئىدىم، مايلىق دانلارنى ئۈستىدىكى ئۇقۇرىغا قاچىلاپ قويسىڭىزلا ئاستىدىكى قۇتىسىغا ماي ئايرىپ چىقىرىپ بېرىدۇ، توك سەرپىياتى 80-250 ۋاتقىچە بولغانلېرى بار ئىكەن(榨油机).
يىقىندا بەزى تورداشلارنىڭ تەلەپلېرىگە جاۋابەن، ئۇن ۋە ماي زاۋۇتلېرىنى بىر تىمىدا يىزىپ قۇياي.
ماي چىقىرىش ماشنىسى: ھەممىمىز ماي ئايرىشتا كۈچلۈك بىسىمدا مايلىق داننى پىرىسلاش ئارقىلىق ماينى سىرغىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ماي ئايرىش ماشنىلېرىمۇ باشقا اشنىلارغا ئۇخشاش چوڭ بولغانچە ئىش ئۈنىمى يۇقىرى بۇلىدۇ، يەنى قۇۋۋىتى ھەم ھەجىمى كىچىك بولغان مىكرو تىپلىق ماشنىلارنىڭ ئۈنىمى ئاران %20-%35 كىچە،چوڭلېرىنىڭ بولسا %70 تىن يۇقىرى. بۇ دىگەنلىك، چوڭلېرىدا 6 كىلو چىگىتتىن بىر كىلو ماي چىقىدۇ دىيىلسە، مىكرو تىپلىق كىچىكلېرىدە 12-20 كىلو چىگىتتىن بىر كىلو ماي چىقىدۇ دىگەن گەپ. ئەمما مەخسوس ئاز مىقتاردىكى مېغىزلاردىن ماي چىقىرىشقا تۇغرا كەلگەندە چوڭ ماشنىلارنىڭ كاۋاكلېرىمۇ تۇشماي قىلىپ، ماي چىقىرالمايسىز ھەم ئازراق ماي چىقىرىش ئۈچۈن ماي زاۋۇتىغا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇقارقى رەسىمنىڭ ئۈستى رەتتىكىلېرى مىكرو تىپلىق ماي ئايرىش ماشنىلېرى. ئاستى رەتتىكىلېرى چوڭراق ھەم زاۋۇت قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلېرى، بۇ چوڭ ماشنىلارنىڭ قالغان تۇنۇشتۇرۇشلېرىنى بۇ يەرگە يازمىساممۇ كۈپىنچىلېرىمىز بىلىمىز. باھاسى بولسا زاۋۇتلارنىڭ توپ تارقىتىش باھاسى بۇلۇپ، پارچە سېتىش باھاسى كىچىكلېرىنىڭ خېلى يۇقىرى.
ئۇن زاۋۇتلېرى: ئۇن تارتىش(面粉机) ماشنىلېرىنى يېزىلاردىكى ھەممەيلەن بىلىدىغۇ دەيمەن، ئادەتتە 5.5 كىلوۋاتلىق ئۇن تارتىش ماشنىلېرى يېزىلارغا كىرگىنىگىمۇ 30 يىللار بۇپ كەتتى، ھازىر ئۇخىل ماشنىلار كۈپىنچە جايلاردا ئىشتىنمۇ تۇختاپ قالغاندۇ. ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلىۋاتقانلېرى يەنىلە شۇ خىل ماشنىدىن تۆت ياكى بەشنى بىرلەشتۈرۈپ بىر باشتىن بۇغداينى سالسا ئاخىرىدا ئۇن ۋە كىپەك ئايرىلىپ چىقىدىغان قۇرۇلمىلارغىمۇ ئۇزۇن بولدى، ئەمما ئىنسان ھايات بۇلۇپ، قانچە تەرەققى قىلسىمۇ ئاشلىقتىن ئايرىلالمايلا قالماي يەنە بىر نورمال ئادەم كۈنىگە 150 گىرامدىن ئۇن ئىستىمال قىلمىسا جىگەر ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ.
بۇرۇن نۇرغۇن زاۋۇتلار ئۇن بازىرىنى مۇنوپول قىلىۋىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلارنى ئاچ قۇيىدىغان ئىشلار بولغان، ھەم ئاشلىققا ئاقارىتقۇچنى ھەددىدىن زىيادە قۇشۇپ، ئۇننىڭ تەمىمۇ بۇلغىنىپ بولدى. يىقىندا مۇنوپول كەسىپلەرنى بۇشىتىش سىياسىتى دېھقانلېرىمىزغا يېڭى بىيىش يۇلى ئېپ كىلىشى ئىنىق. شۇڭا بىر قىسىم ماشنىلارنى سىتىلىش توپ باھالېرىنى چىقىرىپ قۇياي. ئىزدىگەندە ئاۋۇ ئۈستىدىكى خەنزوچە خەتلەردىن پايدىلانساڭلار بۇلىدۇ.
ئۈستى رەتتىكىلېرى كىچىك تىپلىق، ئاستى رەتتىكىلېرى چوڭ تڭپلىق بۇلۇپ، ئۇن سۈپىتىمۇ ياخشى.
مال سىتىۋالغاندا خېنەن زاۋۇتلېرى بىلەن سودىلىشىپ قالساڭلار ئالاھىدە ئېھتىيات قىلارسىلەر.
|
|