- تىزىملاتقان
- 2014-1-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 315
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
7.5%
|
بىر ئۇيغۇرنىڭ تىلىكى
مۇشۇ يېقىنقى زاماندىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر كەمبەغەل ئادەم چاي-تۇزغا بولسىمۇ دال بولۇپ قالا دېگەن مەخسەتتە تاققا چېقىپ سېتىش ئۈچۈن ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىنى تەرگىلى چىقىپتۇ ، ئۇ توساتتىن ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاتقان يېرىدىن رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن <سېھىرلىك چىراق > <سېھىرلىك چەينەك> گە ئوخشاش ۋەھاكازالاردىن باشقىچىراق <سېھىرلىك> تاشتىن بىرنى تېپىۋاپتۇ بۇ تاشنىڭ باشقا تاشلاردىن پەرىقلىق ئۆزگىچىلىكىگە قاراپ قاشتېشىمىكىن دېگەن ئۈمۈتتە خالتىسىغا سېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ .
ئارىدىن بىرقانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ بىر كۈنى بۇ ئادەم كەچكە يېقىن ئېغىر ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ شېرىن خىياللار ئىلكىدە ھەۋەس بىلەن بۇ تاشنى سىلاپ ئولتۇرۇپتۇ ئارىدىن بىرەر سائەتچە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت تاش يېرىلىپ تاشتىن پەرىزاتتەك گۈزەل بىر قىز چىقىپ كەپتۇ ۋە ئەدەپ بىلەن ھېلىقى كەمبەغەلگە سالام قىلىپتۇ .
كەمبەغەل ئادەم دەسلەپ قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي بىر مەھەل داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ ئارقىدىن ئەس -ھوشىنى تېپىپ قىزنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ،ھەمدە قىزنىڭ گۈزەللىكىدىن مەس-خۇش بولۇشقا باشلاپتۇ . شۇ ئەسنادا قىز:
-سىز ئۇيغۇرغۇ دەيمەن ؟-دەپ سوراپتۇ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا . كەمبەغەل ئادەم :
-شۇنداق مەن ئۇيغۇر سىز كىم بولىسىز ؟ قانداق پەيدا بولدىڭىز ؟-دەپ سوراپتۇ . قىز:
-مەن بىر تەلەي يۇلتۇزى ئاسماندىن چۈشكەن نۇرغۇن يىللار بولدى تاغ باغرىدا ياتقىلى مېنىڭ خىسلىتىم كىمدە كىم مېنى قولىغا ئېلىپ سىلىسا مەن ئۇنىڭغا بەخىت ئېلىپ كېلىمەن شەرتىم مەن پەقەت بىرلا تىلىگىنى ئىگەمدىن تىلەپ ئىجابەت قىلىمەن تىلىكى نامۇۋاپىق بولماسلىقى كېرەك پەرۋەردىگارىم ماڭا مۇشۇنداق ئىمكانىيەتنى بەرگەن . سەن بۇ پۇرسەتكە نائىل بولدۇڭ ساڭا ئويلىنىدىغانغا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرەي تىلەكتىن بىرنى ئوبدان ئويلىنىپ ۋاقتى توشقاندا مۇشۇ تاشنى سىلىساڭ مەن يەنە ئالدىڭدا پەيدا بولىمەن دەپلا تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ .
كەمبەغەلنىڭ خوشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتكۈدەك بوپتۇ ۋە نېمىنى تىلەيدىغانلىقى توغۇرسىدا ئويلىنىشقا باشلاپتۇ . ئۇ دەسلەپ بايلىق تىلىشىم كېرەك چۈنكى بايلىق بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلالايمەن مەسجىد سالالايمەن مەكتەپ سالالايمەن ئاجىزلارغا ، يىتىملەرگە ، بىچارىلەرگە ،كەمبەغەللەرگە ، مۇھتاجلارغا ياردەم قىلالايمەن يىغىپ كەلگەندە نۇرغۇنلىغان خەيىر -ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلالايمەن دەپتۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.
ئارقىدىنلا بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ياق مەن دىنى ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن توشقان بىر ئەھلى ئىلىم بولۇشنى تىلەي شۇندىلا مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن ، جاھالەتتە قالغان نۇرغۇنلىغان كىشلەرگە ھەق يولنى توغرا يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇلار ھىدايەت تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ .
ئۇ يەنە تۇرۇپلا بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك قىلىپ توغرا مەن بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن مىللىتىمگە چوڭراق بىر ئىىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك ، مىللىتىمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا خوجا مىللەت بولىشىنى تىلەي مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆز مىللىتىدىن ئاغرىنىدىغان رەنجىيدىغان ھەتتا نومۇس قىلىدىغانلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قەلىب يارىلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ ، بىز مىللەت پۈتكۈل دۇنياغا رەھبەر ، داھى بولساق نېمە دېگەن ياخشى نېمە دېگەن قالتىس نېمە دېگەن پەخىرلىك ئىش -ھە! دەپ ئويلاپتۇ .
ئۇ يەنە دوختۇر بولۇپ نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىغۇسى پەننى ئالىم بولۇپ نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلىپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشقۇسى كەپتۇ ، ئىشقىلىپ يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ .
بۇ خىياللاردىن ۋاقىپ بولغان شەيتان ھەسەتتىن ئولتۇرالماي قاپتۇ بۇ كەمبەغەلنى تولۇق تەلتۆكۈس ئازدۇرۇپ نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئاتامانى ئىبلىسنىڭ مەسلەھەتىنى ئاپتۇ ئۇلار بىر مەھەل مۇزاكىرلەشكەندىن كېيىن شەيتان ئۆز تەجىربىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەمبەغەلگە :
-ھەي ئەخمەق سەن ئۇنى بۇنى خىيال قىلغاننىڭ ئورنىغا تەلىۋىڭنى ئىجابەت قىلىدىغان قىزدىن باشقا نەرسىلەرنى سورىماي ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزەڭگە خوتۇن بولىشىنى سورىغىن شۇندىلا سەن بارلىق مەخسەت -مۇرادلىرىڭغا يىتىسەن ، ئۇنىڭ ھۆسۈن جامالىغا قارا ئۇنىڭدەك ساھىپجاماللاردىن يەنە بىرسى تېپىلماس ئۇ مەڭگۈ قىز ھالاتتە تۇرۇدۇ ، قېرىمايدۇ ، ئۆلمەيدۇ سەن تېخىغىچە يوقسۇزلۇقۇڭدىن ئۆلىنەلمىگەن خوتۇن ، بالا -چاقاڭمۇ يوق بىر بويتاقسەن دەپ ئۇ قىزنىڭ پەيزىنى ھەم قىزلاردا بار لەززەتلەرنى تەپسىلى بىرمۇ -بىر سۆزلەپ ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ بايقۇشنى ماقۇلغا كەلتۇرۇپتۇ .شەيتاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان كەمبەغەلنىڭ ھاياتىدا خوتۇن ۋىسالىغا يىتىپ باقمىغاچقىمۇ كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپتۇ -دە ، قىزنىڭ نامۇۋاپىق تەلەپ بولمىسۇن دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ سالماق بولۇپ ئۈچ كۈن توشقىچە يەنىمۇ ئەتراپلىق ئويلانماي دەرھال تاشنى قولىغا ئېلىپ سىلاپتىكەن قىز ئالدىدا پەيدا بوپتۇ ھەمدە بۇ كەمبەغەل ئۇيغۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىككىلەنمەستىن كاچىتىغا كۈچەپ بىرنى ساپتۇ ۋە پەرۋەردىگارىم ماڭا بۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپنى ئىجابەت قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەن دەپلا كۆزدىن غائىب بولۇپتۇ .
بۇ بىر تەستەك بىلەن بۇ بىچارە چۈشۈدىن ئويغىنىپ كېتىپتۇ ، ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇر كەمبەغەل ئادەم قاشتېشىمىكىن دەپ گۇمەن قىلغان <سېھىرلىك> تاشنى سىلاپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىكەن. |
|