- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8169
- نادىر
- 11
- يازما
- 294
ئۆسۈش
100%
|
atom يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 01:29
مۇندىن 5 يىل ئالدىدا تاشپولات ئاكىمىزنىڭ ئىنىسى قۇربان ...
سالام ئاتوم ئۇكام، سىننى كۆرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بىلەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش ئىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇمكىن بولسا بۇ سەپەر توغرىلىق بىر تەپسىلىيرەك يازما تەييارلاپ ئوز قېرىنداشلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇش ئىدى. سەپەرگە چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن سىنمۇ ئىشلەمدۇق دەپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇ قىسقا سىننى ئىشلىدۇق. بىزنىڭ سىنغا ئالغىنىمىز پەقەت شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئاددىي بىر تۇرمۇش كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. سىننى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كەتكەن ئەمەسمىز. سۆھبەتتە گىرىم قىلماي نىمىنى دېگەن بولساق تەبىئىي شۇنى چىقىرىپ قويدۇق. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كەسپى توغرىلىق تۇرسۇنجان ئۇكام كوپ ماقالىلەرنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنى ئاللىقاچان خەۋەرلەندۈرگەن. شۇڭا كەسپى جەھەتتىكى چۈشەنچىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇسىڭىز بىلىسىز.
بۇ قېتىمقى سەپەردە، بىز ئوزار كۆرۈشۈپ ئۇرۇق تۇغقاندەك بولۇپ كەتتۇق. ماشىنا ئىچىدە، ئوي ئىچىدە، مەكتەپ ئىشخانىلىرىدا، ئاشخانىلاردا كۈلكە چاقچاقلار بىلەن ئۆتتۇق. چاقچاقلىرىمىز ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى. شۆھرەت مۇتەللىپ ھەم تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ چاقچاققا بولغان ئىنكاسى بەكمۇ تېز ئىكەن. شۇڭا چاقچاقلىرىمىز قىزىپ كېتىپ، كۈلكىلەردە تېلىقىپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى. بىزنىڭ بۇ سىندا كۈلگەن كۈلكىلىرىمىز ھەقىقىي يۈرەكتىن چىققان بولۇپ ئۇنۇڭدا ساختىلىق ھەرگىز ئارىلاشمىغان!
ئاتوم ئۇكام، قارىغاندا سىز مېنى خېلى ياخشى بىلىدىكەنسىز. مېنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنىم مېنى ھەم شۆھرەت مۇتەللىپنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسىڭىز بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان ئۇكامنى شۇنداق ھۆرمەتلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. راست گەپنى دېسەم، سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى ئاخىرقى گەپلىرىڭىزنى پەقەت ياقتۇرمىدىم. ئۇنداق گەپ قىلىشنىڭ ئەسلى ئورنى يوق ئىدى.
تۇرسۇنجان ئۇكام، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىدا بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىلىق بىر يازما تەييارلاۋاتىدۇ. مەن تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ بۇ خالىسانە ئەمگىكىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى |
|