شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر:
يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! 2013-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېيىدا بىز ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن ئۈزۈلدۈرمەي خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق. ئالدى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئۇنىۋىرسال ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «دەۋىر» ژورنىلى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى «2013-يىللىق مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى دەپ ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق تەبىئي پەن ئىلمىي ژورنىلى «تەبىئەت» دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللپنى «بۇ يىللىق تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى، دەپ باھالىدى. شۇندىن كىيىن يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىدىن چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنال «ئىلىم-پەن» ژورنىلى، داڭلىق ئۇنىۋىرسال ژورنال «بايقاش» ۋە «دۆلەت جۇغراپىيىسى» قاتارلىقلار بەس-بەستە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى بۇ يىللىق «ئىلىم-پەندىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى. مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق مېنۇتلاردا، بىز ئالىمىمىزنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدۇق، ئەلۋەتتە. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنى بىز ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئالىمغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىلەن بىر دىدارلىشىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
http://v.youku.com/v_show/id_XNjU1Nzg4NTg4.html
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرىنى مەن يازغان تۆۋەندىكى تېمىدىن چۈشىنەلەيسىز:
ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇكى، جامائەتكە تونۇش بولغان ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى دوكتۇر تاشپولات روزى ئاكام 8-ئايدىلا ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يوقلاپ كىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى ۋە بىز 10-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق 12-ئايدىكى بايرام مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارىدىغانغا پۈتۈشكەن ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەن تېكساس شىتاتىدىن، تاشپولاتكام كالىفورنىيە شىتاتىدىن يولغا چىقىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شۆھرەتكام تۇرۋاتقان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق ۋە 3 كۈنلۈك كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك سەپىرىمىزنى باشلىدۇق. مۇشۇ يەردە مېنى بۇ سەپەرگە تەكلىپ قىلغان تاشپولاتكامغا ۋە بىزنى قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئاجىرىتىپ كۈتۈۋالغان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ جەرياندا تاشپولاتكام ئىككىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئىلىپ باردۇق. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىز ۋە ئۇ توغۇرلۇق بىلگەن ناھايتى قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى مەن پات ئارىدا بىر خاتىرە سۈپىتىدە يېزىپ چىقىپ تورداشلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ۋاقىت ئىتبارى بىلەن سۆھبىتىمىزنىڭ بىر كىچىككىنە كارتىنىسىنى سېنغا ئىلىپ تور يۈزىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە بارچە تور جامائىتىنىڭ قىزغىن سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپمۇ ئۆزى توغۇرلۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بارچە تورداشلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. تۆۋەندە زىيارەت جەريانىدىكى بىر نەچچە سۈرەت ھوزۇرۇڭلاردا:
1. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ (ئوتتۇرىدا) پورتلاند ئايرودۇرۇمىدا بىزنى ناھايتى قىزغىن كۈتۈۋالىدى. (ئوڭدا: دوكتۇر تاشپولات روزى؛ سولدا: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (مەن)
2. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىدە
3. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىشخانىسىدا
4. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يەنە بىر ئىشخانىسىدا
5. گۈزەل پورتلاند شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئەمدى ھوزۇرۇڭلارغا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز. بۇ فىلىم تاشپولاتكام ۋە مېنىڭ تورداشلارغا يېڭى يىللىق سوۋغىتى بولۇپ، بىز بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
فىلىم ئىشلىگۈچىلەر: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان) ۋە تاشپولات روزى
تېخنىكىلىق ياردەم: مۇختار ماخمۇت
ئەسكەرتىش: بۇ فىلىمنى تارقىتىش ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى پەقەت بىلگەجان ۋە تاشپولات روزىغا مەنسۇپ. بۇ فىلىمنى خالىغانچە تارقىتىشقا ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە، خالىغانچە كېسىشكە بولمايدۇ.
بىلگەجان
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
|