قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7620|ئىنكاس: 159

ۋاھابىيلىك سەلەفچىلىكمۇ توزاقچىلىقمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

678

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22846
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 22:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
        
                           ۋاھابىيلىك سەلەفچىلىكمۇ توزاقچىلىقمۇ؟
                                                 (تۈركچىدىن تەرجىمە)
                                    (ئىنگىلىز جاسۇسىنىڭ ئېتىراپلىرى)تور ئىلاۋىسى:



          بۇ ئەسەر مەيلى قانداقلا بولمىسۇن غەرب ئىسلام دۇنياسىغا قوراللىق ئارىلىشىپ مەغلۇپ بولىۋاتقان ئەھۋالدانەشىردىن چىقتى. بۇنىڭ مۇشۇ ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىمۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭغا دەلىل يوق، ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇگۇماننى يوق قىلىشقا بولمايدۇ. كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسىغا ئەينى ئەسەرگە يەنە ئىنگىلىزلارنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى دەيدىغان بىر ماۋزۇ ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جامالىدىن ئافغانى، جامالىدىن ئافغانىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغان ۋە ئۇنى خىزمەتكە قويغان ئەلى پاشا، مىسىردىكى مۇھەممەد ئابدۇھلارنىڭ غەرب ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى دېيىلگەن ، ئۇنىڭدا يەنە مىسىر ۋە تۈركىيەنىڭ 19 -ئەسىردىكى تانزىمات دەۋرى،ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىگە سەلبىي باھا بېرىلگەن.بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىنگلىزلار 18-ئەسىردىكى ياۋروپا ئىمپىرىيالىزىمنىڭ جىددى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرىققە قارىتىلغان ئىدىئولوگىيە جاسۇسلىقىنىڭ بىۋاستە ئىشتىراكچىسى ھېمپھېر) Hempher (نىڭ ئېتىراپلىرىنى نەشىر قىلدى. مەيلى بۇ ئەسەرنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىتاپتا سۆزلەنگەن گەپلەر ياكى ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق بىر كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئەينى دەۋر ئىسلام ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ناھايىتى مۇھىم ھادىسە بولغاچقا ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇئەييەن ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىزلەرگە بۇھەقىقەتەن ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر ئەسەر. بۇ ئەسەر 2009 -يىلىدىن بۇيان بىرمۇنچە مۇسۇلمان ئەللىرىدەنەشر قىلىندى. ئىستانبول دارۇلفۇنىنىڭ ئاقائىدى ئىسلامىييە مۇددەرىسى باغداتلىق جەمىل سىتكى زەھاۋى ئىنگلىزلار ھازىرلىغان ۋەھھابى پىرقىسىنىڭ بۇزۇق پىكىرلىرىنى مۇھەممەد « كىتابىدا » ئەل-فەجر ئۇس سادىق «بىن ئابدۇلۋەھھاب 1737 -يىلى نەجددە ئىزھار ئەتتى دەپ بۇ يولنىڭ ھەقىقەتەن ئېنگلزلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىكەنلىگىنى كۆرسەتتى. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدەبۇ يەردە ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردۇق. توغرا چۇشىنىشىڭلارنى سورايمىز.
           ئەسلى كىتاپ ئىككى قىسىم قىلىنغان. 1-قىسىمدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە ئېمپرالىزىمىنىڭ ئىسلامىيەتنىيىقىتماق ئۈچۈن ھازىرلىغان پىلانلىرى بايان قىلىنغان. 2-قىسىمدا بۇ پلانلارنى ئىجرا قىلىشقا چۈشۈپ، دۆلەت ئەرباپلىرىنى يېڭىلىشتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ خىيالىغىمۇ ، ئەقلىغىمۇكەلمەيدىغان ئىسكەنجىلەرنى قۇرغانلىقىنى ۋە ھىندى، ئوسمانلى دۆلەتلىرىنى يوقاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ بۇنىڭداۋاھابىيلىك توزىقىغا چۈشكەن زاۋاللىق مۇسۇلمانلار ۋە بۇ توزاقتىن ئويغىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار پاشبولغان.
كىتاپتا ھېمپھېر دەيدۇكى:
         دۆلىتىمىز ھىندىستان، جوڭگو ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى بايلىقلارنى ئىدارىمىز ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى قوللاندى. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئىش مۇھىم ئىدى. 1-قولىمىزغا ئۆتكەن جايلارنى مەھكەم تۇتۇش ئۈچۈن، 2-قولىمىزغا ئۆتكىلىۋاتقان جايلارنى رەسمى قولغا ئېلىشقا تىرىشىش. بايلىق مېنىستىرلىگى بۇ ئىككى ئىش مەقسىتىدە دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كومىسسىيون تەشكىل قىلدى. باشتابۇ ۋەزىپە ماڭا چۈشتى ۋە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىن بىر خىزمەت بەردى. بۇ كۆرىنىشتە تىجارەت قىلىدىغان شىركەتتەك تۇرسىمۇ ئەمىلىيەتتە ۋەزىپىسى ھىندىستان توپراقلىرىغا ھاكىم بولۇشنىڭ يولنى تېپىش ئىدى.
        ھۆكىمىتىمىزنىڭ ھىندىستان ئۈچۈن ھىچقانداق ئەندىشىسى يوق ئىدى. چۈنكى ھىندىستان بىر-بىرىگەئوخشىمايدىغان مىللەتلەرگە، تىللارغا، ئىختىلاپلىقلارغا ئىگە بىر تۇپراق ئىدى. جوڭگودىنمۇ قورقىشىمىز يوقتى.چۈنكى جوڭگودىكى بۇددىزىم ياكى كوڭزىچىلىق دىگەنلەر ھايات بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئۆلۈك نەرسىلەرئىدى. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى تۇپراقتىكى كىشىلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئويغىنىشى تېخى يىراق گەپلەر ئىدى.پەقەت ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى نەزەردىن ئۇزاق تۇتمىغان ئىدۇق. يەنە كېلىپ بۇ ئۆلكىلەردە تەپرىقە،جاھالەت، پېقىرلىق ھەتتا كېسەللىك تارقاتماق ئۈچۈن پىلان تۈزەتتۇق. بۇ ئىككى ئۆلكە خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنى تەقلىد قىلىپلا نىيەتلىرىمىزنى قىينالمايلا يوشۇرالايتۇق. ئەمما ئىسلام دۇنياسى راھىتىمىزنى بۇزاتتى. ھەر ھالدامەنپەئەتىمىزگە لايىق ھالدا كېسەل كىشى)ئوسمانلى دۆلىتىنى دىمەكچى(بىلەن بىرقانچە كېلىشىمنى تۈزدۇق.بۇ كېسەل كىشىنىڭ يۈز يىلغا يەتمىگەن زاماندا جان بېرىدىغانلىقى دېيىلەتتى. بۇندىن باشقا ئىران ھۆكىمىتى بىلەن بىرقانچە مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىدۇق ۋە بۇ ئىككى دۆلەتكە بىزگە ئىشلەيدىغان دۆلەت ئەرباپلىرىنى
جايلاشتۇردۇق. قىزغانچۇقلۇق، قالاق باشقۇرۇش ۋە دىنىي ئېڭى ناچار باشقۇرغۇچىلارنىڭ چىرايلىق خوتۇنلاربىلەن بولۇپ ۋەزىپىسىنى ئۇنتىشى بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ بېلىنى سۇندۇردى. ئەمما شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچەقولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىمىزدىن ئۆزىمىز كۈتكەن نەتىجىنىڭ چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتۇق.چۈنكى 1-مۇسۇلمانلار ئىسلامغا بەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. 2-ئىسلامىيەت بىر زامانلاردا ئىدارە ۋە ھۆكۇمدىنى ئىدى. مۇسۇلمانلارمۇ ئەزىزئىدى. بۇنداق ئىنسانلارغا ئەمدى قۇل بولۇڭ دېمەك تەس ئىدى. ئىسلام تارىخىنى يامانغا چىقىرىپ ئۇ چاغلاردىكى ئەزىزلىك ۋە ئېتىبارلىق دەۋر كەلمەسكە كەتتى. ئەمدى ئۇ زامان كەلمەيدۇ، دېيىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 3-ئوسمانلى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ پىلانلىرىمىزنى بۇزۇپ ئۇنى تەسىرسىزقىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيتۇق. 4-ئىسلام ئالىملىرىدىن غەم يەيتۇق. چۈنكى ئۇلار ئىستانبول، ئەزھەر، ئىراق،شام ئالىملىرى ئەمەللىرىمىزنىڭ قارشىسىدىكى يېمىرىلمەس توساقلار ئىدى.
        بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا كۆپ قىتىم مۇزاكىرىلەردە بولدۇق. ھەر قىتىم ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئىتىك ئىكەنلىگىنىكۆردۇق. جاسۇسلىرىمىزدىن كەلگەىن دوكلاتلار، ئىلمىي يېغىنلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرى يەنىلا سىرلىق ئىدى،لېكىن بىز ئۈمىدىمىزنى ئۈزىۋەتمىدۇق.بىر موزاكىرىمىزگە مېنىستىرنىڭ ئۆزى، بۈيۈك پاپازلار ۋە بىرقانچە مۇتەخەسىس قاتناشتى. بىز يىگىرمە كىشى ئىدۇق. ئۈچ سائەتلىك موزاكىرىدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. ئەمما بىر پاپاز مۇنۇ گەپلىرى بىلەن بىزنى غەم قىلماڭلار! چۈنكى خىرستىيانلىق 300يىللىق زۇلۇمدىن كىيىن يېيىلغان. بەختىمىز « . جاسارەتلەندۇردى شۇكى مەسىھ غايىپ ئالەمدىن بىزگە نەزىرى چۈشۈپ، 300 يىلدىن كېيىن دۈشمەنلىرىمىز بولغان مۇسۇلمانلارنى مەركەزلىرىدىن چىقىرىش نىسىپ بولىدۇ. بىز كۈچلۈك بىر ئېتىقات ۋە ئۇزۇن بىر سەۋىر تاقەت بىلەن قوراللاندۇق، ئەمىرلىكنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يوللارنى ئىگەللەيمىز.خىرستىيانلىقنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا يېيش ئۈچۈن تىرىشىمىز. ئەسىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ نەتىجىسىنى» . كۆرەلىسەك نېمىدىگەن ياخشى. چۈنكى ئاتىلار بالىلىرى ئۈچۈن كۈرىشىدۇ
بايلىق مېنىستىرلىكىدە ئەنگىلىيىلىكلەرگە يېڭىدىن فرانسىيە ۋە رۇسيىدىن كەلگە دېپلومات ۋە دىنىي كىشىلەرقوشۇلۇپ مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلدى. مېنىستىر بىلەن يېقىنچىلىقىم بولغاچقا بۇ يىغىنغا مەنمۇ قاتناشتىم. بۇيىغىندا مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، ئىسپانىيە كەبى دىنلىرىدىن چىقىرىپ، خىرستىيانلاشتۇرۇشنىڭ ھىساپلىرىقىلىندى. ئەمما نەتىجە كۈتكەندەك ئەمەس ئىدى.ئەمما مۇسۇلمانلار زەئىپلىشىپ غەرىپ دۇنياسى كۈچلىنىۋاتاتتى.مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت1710- يىلى بايلىق مېنىستىرى مېنى مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋە يېتەرلىك ئۇچۇرلارنىتوپلاش ئۈچۈن مىسىر، ئىراق. ھىجاز ۋە ئىستانبولغا ماڭغۇزدى. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭدىن باشقا توققۇز كىشى مۇشۇۋەزىپە ئۈچۈن ئاتلاندى. بىزگە لازىملىق خىراجەت، ئۇچۇر ۋە خەرىتە بىلەن قوشۇپ دۆلەت ئەرباپلىرى، ئالىمۋە قەبىلە رەئىسلىرىنىڭ ئىسىملىرى بولغان بىر تىزىملىكمۇ بېرىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكى سىلەرنىڭ غەلىبەڭلەرگە باغلىق دەپ بىزنى يولغا سالدى.
        مەن تۈركچە، ئەرەپچە، پارسچىنى چانمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆگىنىپ يولغا چىقتىم.جاپالىق سەپەردىن كىيىن ئىستانبولغا باردىم. ئىسمىمىنى مۇھەممەد دەپ ئاتىدىم ۋە مەسچىتكە كىرىشكەباشلىدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىز ۋە ئىتائەتكار بولىشى مېنى سۆيۈندۈردى، قەلبىمدە ۋەزىپەمگە ئىسيان ئويغانماي
قالمىدى. ئەمما دەرھال شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىدىن قۇتۇلۇپ ۋەزىپىگە كەلدىم.ئىستانبولدا ئەخمەت ئەپەندى دەيدىغان ياش بىر ئالىم بىلەن تونۇشتۇم. بۇ زات كېچە-كۈندۈز پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا پەيغەمبەرلەر ئەڭ كامىل، ئەڭ ئۈستۈن ئىنسان ئىدى. ھەيران قالارلىقى ئۇمەندىن بىر قېتىممۇ كىم ئىكەنلىكىمنى، نەلىك ئىكەنلىكىمنى سوراپ قويمىدى. مىنى مۇھەممەد دەپلا ئاتايتى.سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بېرەتتى. ماڭا شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. چۈنكى مىنى مۇساپىر دەپ بىلەتتى.
         بىر كۈنى ئەخمەت ئەپەندىگە ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتتى. باشقا قېرىندىشىممۇ يوق. تېرىكچىلىك قىلىپ، قۇرئانۋە دىن ئۆگىنىپ ئىككى دۇنيالىق قازىناي دەپ ئىستانبولغا كەلدىم دېدىم. ئۇ گەپلىرىمگە كۆپ سۆيۈنۈپ دېدىكى مۇنۇ ئۈچ سەۋەپتىن ساڭا ھۆرمەت كۆرسەتمەك لازىم. 1-سەن مۇسۇلمان، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىدىشى. 2-سەن مۇساپىر، رەسۇلىللاھ مۇساپىرغا ئىكرامدا بولۇڭ دەپ بۇيرىغان. 3-سەن تىرىشىشنى ئىستەپسەن، ھەدىستە تىرىشقان ئاللانىڭ دوستىدۇر دېيىلگەن.بۇ سۆزلەر ماڭا بەك خوش ياقتى. بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ نەقەدەر يۈكسەك دىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
        ئەخمەت ئەپەندىمگە قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشنى دىگەن ئىدىم ئۇ باش ئۈستىگە ساڭا ئۆگىتىمەن دېدى، پاتىمەسۈرىسىدىن باشلاپ ئۆگەتتى. ئوقۇشۇم 2 يىل داۋاملاشتى. بۇ مۇددەتتە ئازراق ئىجارە ھەققى تۆلەپ بىر مەسچىت خىزمەتچىسىنىڭ يېنىدا ياتتىم. بۇ خىزمەتچى ناھايىتى ئەسەبى ئادەم ئىدى. جۈمە كۈنى دەم ئالاتتىم. ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە خالىد ئىسىملىك بىرسىنىڭ يېنىدا چۈشكىچە ئىشلەيتىم. دىگەردىن كېيىن ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يېنىغا باراتتىم. ئۇ ماڭا قۇرئاننى ئەرەبىي ۋە تۇركىي تىلىنىڭ ئىنچىكىلىكلىرىنى ناھايىتى گۈزەل شەكىلدە ئۆگەتتى.
       ئەخمەت ئەپەندىم بويتاقلىقىمنى بىلىپ ئۆيلەپ قويماقچى بولدى. ياق دىسەم ئارىمىز بۇزۇلمىسۇن دەپ كارغايارىمايتىم دەپ يالغان سۆزلىدىم. ئىككى يىلدىن كېيىن لوندونغا بېرىپ ئىشلارنى دوكلات قىلىپ يېڭى بۇيرۇق ئېلىشىم كىرەك ئىدى.
      لوندونغا بىز توققۇز كىشىدىن ئالتىمىز كەپتىمىز. مەن تۈركچە ۋە ئەرەپچە تىلدا قۇرئان ۋە ئەھكامى شەرىئەتنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. مېنىستىرگە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاجىز نوقتىلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلاشقا ئاجىزلىق قىلدىم. ئىككى سائەتكە داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن مەسئۇلىمىز بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. مەن دەسلەپكى ۋەزىپەم تىل، قۇرئان ۋە شەرىئەتنى ياخشى ئۆگىنىش ئىدى. مۇشۇ ئىشلار بىلەن باشقىغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم پەقەت بۇ سەپىرىمدىن مەمنۇن بولدۇم دىدىم. مەسئۇلىم بۇمۇ ئۇتۇق دەپ كىلىپ،  ھەمپھېر ئەمدىكى ۋەزىپەڭ ئىككى؛ 1- مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز يېرىدىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا كىرىپ، ئايرىمچىلىق پەيدا قىلىدىغان نۇقتىلارنى تاپىسەن، دۈشمەننى يەڭمەكنىڭ يولى مۇشۇ. 2-بۇ نۇقتىلارنى تاپقاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە سالىسەن. مۇشۇ چاغدا ئەڭ ئۇتۇقلۇق جاسۇس بولۇپ مېنىستىرلىكنىڭ مېدالىنى مەيدەڭگە تاقايسەن دىدى. لوندوندا 6ئاي تۇردۇم. تاغامنىڭ قىزى مارىيە بىلەن توي قىلدىم. ئۇ چاغدا مەن 22 ياشتا، مارىيە 23 ياشتا ئىدى. مارىيە قوساق كۆتەرگەن چاغلاردا ئىراققا بېرىش بۇيرىقى چۈشتى. بالام تۇغۇلۇپ يۈز كۆرۈشۈپ مېڭىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. لېكىن ۋەتەن ئالدىدىكى بۇرۇچ ئۇنىڭدىنئۈستۈن ئىدى. ئىككىلەنمەي ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدىم. ئايالىم بىلەن كۆز ياش قىلىشىپ ئايرىلدۇق.ئالتە ئايدىن كىيىن ئىراقنىڭ بەسىرە شەھىرىگە كەلدىم. بەسىرەدە ئەرەپ، پارىس ۋە ئاز ساندا خىرستىيان بارئىدى.
        مۇسۇلمانلار ھاياتنى « . بىر كۈنى بايلىق مېنىستىرلىكىدە سۈننىي ۋە شىئە ئىختىلاپلىرى ھەققىدە سۆزلىدىم دېدىم. بىرسى دەرھال » چۈشەنسە ئىدى ئارىللىرىدىكى شىئە سۈننىي ئىختىلاپىنى قالدۇرۇپ بىرلىشەتتى سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئىختىلاپنى چوڭايتماق، مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق قىلسا « ، سۆزۈمنى بۆلۇپ
دېدى. » ئىتپاقلىشىدىغانلىقىنى بىلمەك ئەمەس مەسئۇلۇم ئىراق سەپىرىگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا دېدىكى:ھېمپھېر بۇ قىتىمقى ۋەزىپەڭ ئىختىلاپلارنى ياخشى ئىلغا
قىلىش ۋە مېنىستىرلىككە مەلۇمات بەرمەكتۇر. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ئۆتكۈرلەشتۈرەلىسەڭ ئەنگىلىيەگە زۆر خىزمەت كۆرسەتكەن بولىسەن. بىز ئېنگىلىزلار راھەت ۋە سائادەت ئىچىدە ياشىشىمىز ئۈچۈن،پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدە ۋە بايلىق مەنبەلىرىمىزدە تەپرىقچىلىق چىقارماققا مەجبۇرمىز. ئوسمانلى دۆلىتىنى پەقەت مۇشۇنداق پىتنىلەر بىلەنلا يىقىتالايمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن سانىمىز ئاز بىر مىللەت سانى كۆپ يەنە بىرمىللەتكە قانداق ھۆكۈمدارلىق قىلالايمىز؟ پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئاجىز نوقتىلارنى ئىزدە. دەرھال شۇ يەردىن ئىچىگە كىر. بىلىشىڭ كېرەككى ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئىران ئاجىزلىق دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئىدارىچىلەرگە قارشى ئىسياننى زەۋىق قىلماقتۇر. تارىخ پۈتۈن ئىنقىلاپلارنىڭ خەلقنىڭ يېغىلىقىدىن قوزغالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە بۇرادەرلىكىنىڭ كۈچى قالمىغانسېرى ئۇلارنى شۈنچەئاسان ئىسكەنجىگە ئالغىلى بولىدۇ.
       بەسرەگە بېرىپ بىر مەسچىتكە چۈشتۈم. مەسچىتنىڭ ئىمامى شەيخ ئۆمەرتاي ئىسىملىك سۈننىي مەزھىپىدىكى مەن « بىر ئەرەپ ئىدى. ئۇ مەندىن شۈبھىلىنىپ تېگىمنى سورىدى. مەن بۇ تەھلىكىلىك سۆھبەتتىن تۈركىيىلىك، ئىستانبولدىكى ئەخمەت ئەپەندىنىڭ تالىبى، خالىد ئىسملىك بىرسىنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن دەپ قۇتۇلدۇم ۋە كېرەكلىك مەلۇماتلارنى بەردىم. بىرقانچە جۈملە تۈركچە سۆزلىدىم. ئۇ يېنىدىكى بىرسىگە ئىشارەت قىلىپ مېنىڭ توغرا سۆزلىگەن سۆزلىمىگىنىمنى سورىدى. ئۇمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جاۋاپ بەردى. ئىمامنىڭ نەزىرىگەچۈشكىنىمدىن كۆپ خۈرسەن بولدۇم. ئەمما بۇ خىيالىم يوققا چىقتى. چۈنكى بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇقتۇمكى ئىمام مەندىن گۇمانلانغان ۋە تۈرك جاسۇسىمىكىن دەپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ سۇلتان ئەۋەتكەن ۋالىي بىلەن ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدىم.
        بۇ مەسچىتتىن كۆچۇپ كەتتىم بەسىرەدىكى مۇساپىرلار تۇرىدىغان بىر يەردىن ئۆي ئىجارە ئالدىم. ئۆي ئىگىسى مۇرشىد ئەپەندى بامدات نامىزىغا ئەزان چىقار-چىقماي نامازغا قوپۇرۇش ئۈچۈن ئىشىكىمنى تاراڭشىتىپ مېنى پەقەت راھەتتە قويمىدى. ئىشىك ئۇرۇلغان ئىكەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇسۇلمان كۆرۈنۈپ ناماز ئوقىمىسام بولمايتى.
       بىر كۈنى مۇرشىد ئەپەندى سەن كەلگەندىن باشلاپ بېشىم دەرتتىن بېرى كەلمىدى. مەن بۇنى سېنىڭ سۈننەتنى تۇتمىغىنىڭدىن كۆردۇم. چۈنكى سەن بويتاق. بويتاقلىق سۇننەتسىزلىكتۇر. يا ئۆيلەن ياكى بۇيەردىن كەت دېدى. ئۇنىڭغا ئۆيلەنگىدەك پۇلۇم يوق دېدىم. ئەخمەت ئەپەندىگە دىگەندەك گەپلەرنى دەپ يۈرمىدىم.چۈنكى بۇ كىشى گەپنىڭ ئېپى- سېپىنى ئاڭقارغىدەك ئادەم ئەمەس ئىدى. شۇنداق دېيىشىمگە مۇرشىد ئەپەندى ئەگەر يوقسۇل بولساڭ ئاللاھ لۇتفى بىلەن بايلاشتۇرىدۇ دېدى. گاڭگىراپ قالدىم. ئاخىرى دېدىمكى ئۇنداقتائۆيلىنەي لېكىن خىراجەت تەلەپ قىلمايدىغان بىر قىز بارلىقىنى بىلەمسەن؟ مۇرشىد ئەپەندى مەن بىلمەيمەن
      رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىغا قەدەر يا ئۆيلەن يە كەت دېدى. رەجەب ئېيىغا 92 كۈن قالغان ئىدىكېيىن بىر ياغاچچىنىڭ يېنىدىن ئىش تېپىپ شۇ يەرگە كەتتىم. ياغاچچى ئادۇررىزا دېيىلىدىغان خوراسانلىق بىر شىئە ئىدى. ئۇنىڭدىن پارسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ھەر كۈنى ئىرانلىق شىئەلەر ئۇنىڭ يېنىغا توپلىناتتى.
سىياسەتتىن ئىقتىساتقا قەدەر، ھەر تېمىدا سۆزلىشەتتى ھەم ئۆز ھۆكىمىتىگە ھەم خەلىپىگە تىل سالاتتى. ياتراق بىرسى كەلسە دەرھال گەپلىرىنى يىغىشتۇراتتى. ماڭا كۆپ ئىشىنەتتى كېيىن چۈشەندىمكى تۈركچە بىلگىنىم ئۈچۈن مىنى ئەزەربەيجانلىق دەپ پەملىگەن ئىدى.
      ياغاچچىلىق دۇكىنىغا كىلىشكەن بىر يىگىت كەلدى. ئۇ تالىب قىياپىتىدە بولۇپ، ئەرەپ، پارىس، تۈركچە بىلەتتى. ئىسمى مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋەھھاب نەجدى ئىدى. بۇ يىگىت بەك يوغان گەپلەرنى قىلىدىغان ۋەناھايىتى ئەسەبى ئىدى. ئوسمانلى ھۆكىمىتىنى بەك يامانغا چىقىراتتى. ئېران ھۆكىمىتىنى ئېغىزىغىمۇ ئالمايتى.ئۇنىڭ دۇكان ئىگىسى ئابدۇررىزا بىلەن دوستلىقىنىڭ سەۋەبى ئىككىسىلا ئىستانبولدىكى خەلىپىگە قارشىئىدى.
      نەجىدلىك ئابدۇۋاھھاب سۈننىي ئىدى. ئەمما ئۇ سۈننىيلەرنىڭ تۆت مەزھىپىنىڭ بىرىگە تەۋە بولىشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر سەۋەپنى ئېتىبار قىلمايتى ۋە قۇرئاندا بۇ مەزھەپلەر ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل يوق دەپ تۇرىۋالاتتى. بۇ خۇسۇستىكى ھەدىسلەرگە ئېتىبار قىلمايتى. نەجىدلىك بۇ مەن-مەنچى يىگىت قۇرئان ۋە سۈننەتنى شەرھىيلەش خۇسۇسىدا نەفسىنى قۇتۇپ قىلاتتى. يالغۇز ئۆز زامانىدىكى ئالىملارنىڭ ۋە تۆت ئىماملارنىڭلا ئەمەس، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر كەبى ساھابىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ھېچنىمە چاغلىمايتى. دېمەك ئىزدەۋاتقىنىم بۇ يىگىتتە ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئالىملارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكى، تۆت خەلىپىنى ھېچنىمەچاغلىماسلىقى، قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىشتە مۇستەقىل بىر قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى ئۇنى ئوۋلاپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ  تازا ياخشى پاسلىرى ئىدى. بۇ مەغرۇر يىگىت نەدە تۈركىيەدە يېنىدا ئوقىغان ئەخمەت ئەپەندى،نەدە ئۇ ئالىم، سەلەفلەرگە ئوخشاش تاغ كەبى ئىدى. ھېچ بىر كۈچ ئۇنى يېرىدىن مېدىرلىتالمايتى، ئەبۇھەنىيفەنىڭ ئىسمىنى زىكىر ئەتمەك ئۈچۈن قوپۇپ تاھارەت ئالاتتى، بۇخارى ناملىق ھەدىس كىتابىنى قولىغائالماقچى بولسىمۇ تاھارەت ئالاتتى. ئەمما بۇ نەجىدلىق يىگىت بولسا ئەبۇ ھەنىفىنى تىلنىڭ ئۇچىدالا دەپقوياتتى، مەن ئەبۇ ھەنىفىدىن تېخىمۇ ياخشى بىلىمەن دەيتى.
       مەن بۇ نەجىدلىك ياش بىلەن يېقىن دوسىتلۇق ئورناتتىم. ئۇنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلدىم. بىر كۈنى ئۇنىڭغاسەن ئۆمەر ۋە ئەلىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھازىر ھايات بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى ئەمەس سېنى خەلىپە قىلاتتى، مەن ئىسلامنىڭ سېنىڭ قولۇڭدا يېڭىلىنىشىنى ۋە يۈكسىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەنئىسلامنى جاھاندا بىرلا قىلىدىغان سەنسەن دىدىم.ئۇنىڭ بىلەن قۇرئاننى، ساھابىنىڭ، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ تەفسىرلىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە تامامەن ئۆز پىكىرلىرىمىز بويىچە تەفسىر قىلىپ بېقىشنى قارالاشتۇردۇق. قۇرئاننى ئوقۇپ بەزى ئايەتلەر ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنى توزاققا دەسسىتىش ئىدى. ئۇ بۇ تەكلىپلىرىمنى ئىچ-ئىچىدىن قوبۇل ئەتتى.
       بىر قىتىم جىھاد پەرز ئەمەس دېدىم ئېتىراز بىلدۈرىۋىدى مۇنازىرلەشتىم قوبۇل قىلدى. يەنە بىر قېتىم ۋاقىتلىق نىكاھ جايىزدۇر دېدىم، ئېتىراپ ئەتتى. ئۆمەر پەيغەمبەر زامانىدا مەۋجۈت بولغان ئىككى ۋاقىتلىق نىكاھنى توستى ۋە بۇنداق ئىشنى قايتا سادىر قىلغانلارنى جازالايدىغانلىغىنى بىلدۈردى دېدى. مەن سەن ئۆمەردىن جىق نەرسىلەرنى بىلىمەن دەيسەنۇ يەنە ئۆمەرنىڭ گىپىنى قىلىسەن. ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھۇسسالام ئۇنى ھالال قىلغان ئىدى مەن ئۇنى توسىمەن دېگەن سەن نىمىشقا قۇرئان بىلەن پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى تاشلاپ ئۆمەرنىڭ سۆزىنى تۇتماقچى بولۇپ قالدىڭ دېدىم. ئۇ جاۋاپ بەرمىدى. چۈشەندىمكى كاللىسىدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايال كىشى خالاپ تۇرىۋاتقىنىنى بىلەتتىم. ئۇمۇ بۇيەردە بويتاق ئىدى. ئۇنىڭغا قوپ ۋاقىتلىق نىكاھ بىلەن خوتۇن
ئالايلى دىدىم. بۇنى قوبۇل قىلدى. بۇ پۈرسەتنى بۈيۈك بىر غەنىيمەت بىلدىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆيلەنگىدەك ئايال تېپىشقا ۋەدە بەردىم. مېنىڭ غايەم ئۇنىڭ ئىنسانلاردىن خىجىل بولۇش تۇيغۇسىنى سۇندۇرۇش ئىدى. ئەمما ئۇبۇ ئىشنىڭ ئىككىمىز ئارىسىدىلا قېلىشىنى ھەم ئۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرمەسلىكنى شەرت قىلدى.ئوپۇر-توپۇرلا بۇ جايدىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنى بۇلغاش ئۈچۈن بايلىق مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن خىرستىيان ئاياللارنىڭ يېنىغا ماڭدىم، ئۇلارنىڭ بىرسىگە ئىشنى ئوبدان تاپىلاپ ئۇنىڭغا سافىيە دەپ ئىسىم قويدۇم. نەجىدلىك يىگىتنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم. ئۆيدە سافىيە يالغۇز ئىدى. نەجىدلىق يىگىتكە بىرھەپتىلىك نىكاھ قىلدۇق. ئۇ ئايالغا مېھرى ھەققى قىلىپ ئازراق ئالتۇن بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ ياشنى ئوۋلاشقا
باشلىدۇق.
      سافىيە ئۇنى بەھوزۇر قولىغا ئالدى. ماھىيەتتىن ئۇ ئىجتىھاد ۋە پىكىر ھۆرىيىتى باھانىسى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشى كىلىشنىڭ نەفسانى تەمىنى ھىس قىلدى.ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارىماي ھاراقنىڭ ھارام بولمايدىغانلىقىغا دائىر ئۇزۇن مۇنازىرىدە بولدۇم. نەتىجىدە مەس بولمىغىدەك ئىچىش ھارام ئەمەس دەپ ئىشەندى. ئارىمىزدا بولغان ھاراق توغرىسىدىكى مۇنازىرىدىن سافىيەنى خەۋەرلەندۇردىم ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۇك ھاراق ئىچۈرۈشنى تاپىلىدىم ئۇ دىگىنىڭنى قىلدىم ھاراقنى ئىچتى دىدى. شۇنداق قىلىپ سافىيە بىلەن بىرلىكتە ئۇنى بەھوزۇر قولغا
كەلتۇردۇق. بايلىق مېنىستىرى بىلەن خوشلاشقان چېغىمدا ئۇ بىز ئىسپانىيەنى مۇسۇلمانلاردىن ھاراق ۋە زىنابىلەن ئالدۇق. يەنە مۇشۇ ئىككى نەرسە بىلەن باشقا بارلىق تۇپراقلارنىمۇ ئالىمىز دىگەن ئىدى. بۇ سۆزنىڭ بەك توغرا ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلدىم.
      بىر كۈنى روزا تۇتۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدىم. روزا تۇتۇش سۈننەت پەرىز ئەمەس دېدىم بۇرۇنقىدەكلا ئېتىراز بىلدۇردى. مېنى دىننىڭ ئاساسىدىن چىقىراي دەمسەن دىدى. مەن ئۇنىڭغا دىن قەلىبنىڭ پاكىزلىغى، روھنىڭ ساغلاملىغى ۋە باشقىسىغا تاجاۋۇز قىلمايدۇ. پەيغەمبەر دىن سۆيگۇدۇر دىمىگەنمىدى دىدىم.ئۇنى سۇننىلىك بىلەن شىئەلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر نىجاتلىق يولى تۇتۇشقا تارتتىم. دىننى شىپى كەلتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش بولدۇم. ئۇ سەن مېنىڭ قېرىندىشىم، ئىلمىمنىڭ ۋارىسىسەن، دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىمنىڭ ۋەكىلىسەن دىدى. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ يېنىدىن پەقەت ئايرىلمىدىم. مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك
كۆچىتىم مىېۋە بېرىشكە باشلىدى. لوندوندىكى بايلىق مېنىستېرلىگىگە ئايدا بىر دوكلات يوللاپ تۇردۇم.ئۇلاردىن كەلگەن جاۋاپلار كۆپ ئىلھاملىق ۋە تەرغىپلىك ئىدى. ئەمدىكى ئىشىم ئۇنىڭغا ئۇتۇق ، غەلىبە ئىشقى سېلىش ئىدى.
        بىر كۇنى مۇنداق بىر چۇشنى ئويدۇرۇپ چىقتىم. . . . كىتاپ مۇشۇنداق سۆزلىنىپ دىققەت قىلىنسائىستانبول دارىلفۇنۇنى ئاقائىدى ئىسلامىييە مۇدەررىسى باغداتلىق جەمىل سىتكى 1737 -يىلى نەجىددە ئىزھارئېتىلدى دىيىلگەن ۋاھابىلىقنىڭ 1-ئاللاھ ماددى بىر بارلىقتۇر. قولى، يۇزى ۋە تەرەپلىرى بار. 2-تۆت
مەزھەپتىن بىرىنى تۇتقان كاپىر بولىدۇ. 3-ۋاھابى بولمىغان كاپىردۇر. 4-پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىش ھارامدۇر. 5-پەيغەمبەرنى، ئەۋلىيالارنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش كاپىر بولىدۇ. 6-ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغانلار مۇشرىك بولىدۇ. 7-ئاللاھتىن باشقىسىغا نەزىر قىلغان مۇشرىكتۇر. 8-تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەمەس نوھ. 9-قۇرئاننى بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزلا توغرا دېمەكتىن ئىبارەت تۈپ ئەقىدىلىرىنىڭ مۇشۇ مۇنازىرىدە شەكىللەنگەنلىكى بىلىنىشىدۇ.
لوندوندىن يېڭى ۋەزىپە كەلدى.
        شىئەلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىلىم ۋە روھىيەت مەركىزى بولغان كەربالا ۋە نەجەف شەھىرىگە بېرىشىم توغرۇلۇق لوندوندىن بۇيرۇق كەلدى. نەجىدلىك بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمىغان ئاساستا بەسىرەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇربولدۇم. ئەمما بۇ جاھىل ۋە ئەخلاقى بۇزۇلغان يىگىتنىڭ يېڭى بىر پىرقە قۇرىدىغىنىغا ۋە بۇنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئىچىدىن تۈگىشىشىگە سەۋەپ بولىدىغانلىغىغا، بۇ پىرقىنىڭ بۇزۇق ئېتىقادلىرىنى تۇرغۇزغۇنىمغا سۆيۈنگەن ھالدا بەسرەدىن ئايرىلدىم.
       نەجەفكە ئەزەربەيجانلىق بىر تىجارەتچى قىياپىتىدە كىردىم. شىئە موللىلار بىلەن قېرىنداشلىق ۋە سەمىمىيەت ئورناتتىم ۋە ئۇلارنى ئالداشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭ دەرس ھالقىلىرىغا قېتىلدىم. سۈننىيلەردەك پەن بىلىملىرىگەئىجتىھات قىلمايدىغانلىغىنى، ئۇلاردەك گۈزەل ئەخلاققا ئىگە ئەمەسلىگىنى كۆردۇم. ھىس قىلىشىمچە ئەھۋالمۇنداق ئىدى:
1- ئوسمانلىنى ئەڭ ئەشەددى دۈشمەن بىلەتتى. سۈننىيلەر كاپىر دەيتى.
2- شىئە ئالىملىرى بىزنىڭ جاھالەت دەۋرىدىكى پاپازلارنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي دىنى ئىلىملەرگە
بەرگەنتى. دۇنياۋى ئىلىملەر بىلەن ئاساسەن مەشغۇل بولمايتى.
3-ئىسلامىيەتنىڭ ھەقىقىتىدىن پەن ۋە تېخنىك تەرەققىياتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى.
        مەن بىرقانچە قېتىم ئۇلارنى خەلىپىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتتىم. گېپىمنى ئاڭلايدىغانلار بولمىدى.چۈنكى ئۇلار خەلىپىگە تەڭ كەلگىلى بولمايدىغاندەك ھىس قىلاتتى. ئۇلارچە بولغاندا خەلىپىدىن مەھدى كەلگەندىلا قۇتۇلغىلى بولاتتى. ئىراققا قىلغان سەپىرىمدىن ئادەمنى خوش قىلىدىغان مەنزىرىنى كۆردۈم.چۈنكى خەلىپىنىڭ بۇ يەردىكى ۋالىسى جاھىل، زالىم بىرى ئىدى. خەلق ئۇنىڭدىن رازى ئەمەس ئىدى.
        بەسرەدىن ئايرىلغاندىن كىيىن نەجىدلىك يىگىتنى باشلىغان يولۇمدىن چىقىپ كەتمىسىتى دەپ تىلەپ يۈردۈم ئۇ ئىستانبولغا بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدى. مەن ئىستانبولدا ساڭا قاتىللىق قولى تىگىپ قالمىسىتى دەپ ئەنسىرەيمەن دەپ ئۇنى بۇ سەپەردىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشتىم. ئۇ يەرگە بېرىپ تېرەن ئالىملار بىلەنئۇچرۇشۇپ، ئەگرىسىنى ئوڭشىۋالمىغىتى دەيتىم.
       ئۈچ يىلدىن كىين ئائىلەمنى كۆرۈش ئۈچۈن لوندونغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىم. لوندونغا بېرىپ مەسئۇلۇم ۋە مېنىستېردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. بەك خوشال بولۇشتى. سافىيەمۇ دوكلات يوللىغان ئىدى. مېنىستېر مەن بىلەن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۇشتى. بىلدىمكى مەن خېلى مۇھىم ئادەم بولۇپ قالغان ئىدىم. مېنىستىر نەجىدلىك ياشنى قولغا كەلتۈرگىنىمدىن بەك مەمنۇنبولدى. ئۇنىڭ ئۆزگۈرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغىنىمنى دېۋىدىم، مېنىستېر جاسۇسلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىگىنى ئۇنىڭ ئۇ يولدىن يانمىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەمما مەن بۇ گەپكە تازا ئىشەنچ قىلمىدىم لېكىن ئۇنى ئېغىزىمدىن چىقارمىدىم. مېنىستېر ماڭا سەن مېنىستىرلىكنىڭ ئەڭ بۈيۈك مېدالىغا ھەقلىق بولدۇڭ. شۇ تاپتاسەن مېنىستىرلىكىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى جاسۇسى شۇڭا ساڭا ئىشلىرىڭغا ياردەمدە بولىدىغان دۆلەت سىرلىرىنى بىلدۈرىمەن دېدى، ئاندىن ماڭا ئون كۈنلۈك رۇخسەت بەردى.
       يېڭى بۇيرۇق ئۈچۈن كەلگىنىمدە مەسئۇلۇم، ساڭا دۆلەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىككى سىرىنى ئېيتىمەن. بۇنى بىرقانچە كىشىلا بىلىدۇ دەپ قولۇمدىن يىتىلەپ مېنىستىرلىكنىڭ بىر ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. بۇ يەردەيۇمۇلاق شىرەنىڭ ئەتراپىدا ئون ئادەم ئولتۇراتتى.بىرىنچىسى ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئىككىنچىسى ئىستانبولدىكى شەيىخۇل ئىسلامنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. ئۈچىنچىسى ئىران شاھىنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. توتىنچىسى ئىران سارىيىدىكى ۋەزىرنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. بەشىنچىسى شىئەلەرگە تەۋە بولغان نەجەفتىكى ئەڭ بۈيۈك ئالىمنىڭ قىياپىتىدە ئىدى.بۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۈچى پارسچە، ئېنگلىزچە بىلەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ يېنىدا سۆزلىگىنىنى يازىدىغان بىردىن كاتىپ بار ئىدى. بۇ كاتىپلار ئۇ چاغدا بۇ ئادەملەرگە جاسۇسلارنىڭ ئىستانبول، ئىران ۋەنەجەفتىكى ئۇلارنىڭ ئەسلىسى بولغان بەش كىشى ھەققىدە توپلانغان ماتىرياللارنى بىلدۈرىۋاتاتتى. مەسئۇلۇم بۇ بەش كىشى ئەسلى جايىدىكى بەش كىشىگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇلارنىڭ نىمە ئويلايدىغانلىغىنى بىلمەك ئۈچۈن ئەسلىگە ئوخشاش قىلىپ يىتىشتۈردۇق. ئەسلىيلەر توغرىسىدىكى قولىمىزدا بار ماتىرياللارنى بۇلارغابىلدۈرىمىز. بۇلار ھەم ئۆزلىرىنى ئەسلىيلىرى كەبى تونۇيدۇ. بىز ئۇلاردىن سورايمىز ئۇلار بىزگە جاۋاپ بېرىدۇ.
تەھقىق قىلىشىمىزچە بۇلارنىڭ جاۋاپلىرى ئەسلىيلىرىنىڭ جاۋاپلىرىغا يۈزدە يەتمىش پىرسەنت توغرا كىلىدۇ.خالىساڭ سىناق قىلىپ بىرەر سۇئال سوراپ باق دېدى. مەن ماقۇل بولۇپ نەجەفتىكى شىئەلەرنىڭ ئەڭ زور ئالىمى تەقلىدى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن بەزى خۇسۇسلارنى سورىدىم، باشقىلاردىنمۇ سورىدىم ھەقىقەتەن جاۋاپئۇدۇل كەلدى مەن ھەيران قالدىم. بۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىك قارشى تەدبىر تۈزۈشكە ئەھمىيىتى بارلىغىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن ماڭا مىڭ بەتلىك بىر كىتاپ بەردى. كىتاپنى ئوقۇپ ئوسمانلىلارنى بىر ئەسىرگەيەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يوق قىلىشنىڭ پىلانىنىڭ بارلىغىنى بىلدىم مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەلۇماتىم ئاشتى.ئۇلارنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىدىغىنىنى، نەدە ئاجىز، نەدە كۈچلۈكلىكىنى، كۈچلۈك تەرەپلىرىنىئاجىزلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالدىم.
كىتاپتا كۆرسىتىلگەن ئاجىز نۇقتىلار مۇنۇلار ئىدى؛
1-سۈننى–شىئە ئىختىلاپى، پادىشاھ ۋە خەلق ئىختىلاپى، تۈرك-ئىران ئىختىلاپى، ئالىملار بىلەن دۆلەت
ئىختىلاپى.
2- مۇسۇلمانلارنىڭ جاھىللىقى.
3- مەنىۋىيسىزلىك، نادانلىق، ئاڭىسىزلىق.
4- دۇنيادىن تولۇق قول ئۈزۈپ، ئاخىرەت بىلەن مەشغۇللىقى.
5- ھۆكۈمدارلىرىنىڭ زالىم ۋە دىكتاتورچى بولىشى.
6- يوللارنىڭ راۋان بولماي ئۆز-ئارا ئالاقىنىڭ ئۈزىلىپ قېلىشى.
7- ھەر يىلى ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ بېشىغا چىقىۋاتقان ۋابا كەبى كېسەللەر بۇنىڭغا قارىتا تەدبىرسىزلىكى.
8- شەھەرلەرنىڭ ۋەيرانىلىقى ۋە سۇ تورىنىڭ بولماسلىقى.
9- باشقۇرۇشنىڭ قالاقلىقى،
10- ئىقتىسادىي قالاقلىق، پېقىرلىق.
11- نىزامى بىر قوشۇننىڭ بولماسلىقى. قوراللىرىنىڭ قالاق، كونا بولىشى.
12- ئاياللار ھوقوقىنىڭ دەپسەندە بولىشى.
13- مۇھىت پاكىزلىقى ۋە سەھىيەسىنىڭ ناچارلىقى.
كىتاپتا كۆرسىتىلگەن كۈچلۈك نوقتىلار مۇنۇلار ئىدى؛
1-ئىسلام بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئەمر قىلىپ تەپرىقچىلىقنى توسايدۇ.
2- ئىسلام ئاڭلىقلىققا، بىلىمگە چاقىرىدۇ.
3- ئىسلام ئىلىم ئۆگىنىشنى ئەمر قىلىدۇ.
4- ئىسلام دۇنيا ئۈچۈن كۈرىشىشنى ئەمر قىلىدۇ.
5- ئىسلام كېڭەشنى ئەمر قىلىدۇ.
6- ئىسلام يول ئېچىشنى ئەمر قىلىدۇ.
7- ئىسلام مۇسۇلمانلارنى مۈلۈكلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ.
8- ئىسلام مۇسۇلمانلارنى تەرەققىياتقا بۇيرۇيدۇ.
9- ئىسلام نىزامنى ئەمر قىلىدۇ.
10- ئىسلام ئىقتىساتتا كۈچلۈك بولۇشنى ئەمر قىلىدۇ.
11- ئىسلام كۈچلۈك قوراللار بىلەن يېڭىلمەس قوشۇن قۇرۇشنى ئەمر قىلىدۇ.
12- ئىسلام ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ۋە ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەمر قىلىدۇ.
13- ئىسلام پاكىزلىقنى ئەمر قىلىدۇ
ئاجىزلىتىپ يوق قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار مۇنۇلار ئىدى.
1- ئىسلام ئېرق، تىل، ئادەت، مىللىيەت مۇتەئەسسىپلىكىنى ئۆچۈرگەن.
2- توڭگۇز گۆشى، زىنا، ھاراق، ئۆسۈم، خورلۇقنى چەكلىگەن.
3-مۇسۇلمانلار ئالىملارغا يېقىن تۇرىدۇ.
4-سۈننىيلەر خەلىپىنى پەيغەمبەرنىڭ ۋەكىلى ھىساپلايدۇ. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە لايىق ھۆرمەتنى ئۇنىڭغا
كۆرسىتىشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
5-جىھادنى پەرز بىلىدۇ.
6- شىئەلەرگە كۆرە غەيرى مۇسۇلمانلار ۋە سۈننىيلەر نىجىستۇر.
7- پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىسلامنى بىردىن–بىر ھەق دىن بىلىدۇ.
8-يەھۇدى ۋە خىرستىيانلارنى ئەرەبىستاندىن چىقىرىشنى پەرىز دەپ بىلىدۇ.
9- نامازنى بىجا كەلتۈرىدۇ.
10- شىئەلەر ئىسلام ئۆلكىلىرىدە چىركاۋ قۇرۇلۇشىنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىغا ئشنىدۇ.
11-مۇسۇلمانلار ئىسلام ئەقىدىسىگە زىچ باغلانغان.
12-شىئەلەر غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ ئالىملارغا بېرىلىشىنى پەرىز بىلىدۇ.
13- مۇسۇلمانلار بالىلىرىنى ئەجداتلىرىنىڭ يولىدىن تايماس قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ.
14- مۇسۇلمان ئاياللار شۇنداق خەيرلىك ئۆرىنىدۇكى بۇ ئۇلارنى پاسادتىن نېرى تۇتىدۇ.
15-مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەتچانلىقى بەك كۈچلۈك. بەش ۋاخ يىغىلىدۇ. ئەلى ۋە سالىھلەرنىڭ قەبلىرىگىمۇ
توپلىنىدۇ.
16- پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسلىدىن بولغان سەئىدلەر پەيغەمبەرنى خاتىرلىتىدۇ.
17-ۋائىزلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانلىرىنى ياخشىلىققا ئەمر قىلىش، يامانلىقنى توساش پەرزدۇر.
18-مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىشىدا ئۆيلىنىش پەرزدۇر.
19-مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىرسىنى ئىمانغا كەلتۈرمەك ئەڭ زور ساۋاپ.
20- مۇسۇلمانلار كىم خەيرلىك بىر يول ئاچسا، بۇ يولدىن ئۆتۈپ ساۋاپ تاپقان ھەر بىر ئىنساننىڭ ساۋاپلىرىغا
ئۇمۇ نائىل بولىدۇ دەپ بىلىدۇ.
21-مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە ھەدىسنى بەك ئۇلۇغ بىلىدۇ.
كىتاپتا ئۇلارنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار مۇنداق كۆرسىتىلگەن؛
1-جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ ئۇرىقىنى چېچىپ جامائەتچىلىكىنى بۇزۇش، تەپرىقچىلىق پەيدا قىلىدىغان
كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ ئىختىلاپنى نەزىرىيەلەشتۈرۈپ ئۇنى ئەبىدىيلەشتۈرۈش.
2-مەكتەپ ئېچىش، كىتاپ نەشر قىلىشنى توساش، يوقىتىلماقچى بولغان دىن كىتاپلىرىنى يوقىتىش، دىنىي
ئەرباپلار ھەققىدە پىتنە ئويدۇرۇش. ئۇلارنى نادان قالدۇرۇش.
3 دۇنيادىن تېخىمۇ ۋاز كەچتۈرۈش، مەۋلانى، مۇھىييىدىن ئەرەبىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇشنى تەشەببۇس ،-7
قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقىلىدىن خالىي قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
4- ھۆكۈمدارلارنى زالىم ۋە دىكتاتور قىلىشقا تىرىشىش.
5- يولنى توسقۇچى ئوغرى قاراقچىلارنى جازالىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئۇلارنى قوراللاندۇرۇش.
6- ئۇلارنىڭ كېسەلمەن بولىشىنى ئىستەش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى سىرتىدا ھېچكىم شىپا بېرەلمەيدۇ دەپ
داۋالىنىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدۈرۈش.
7-ئىسلام ئىبادەت دىنىدۇر، ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ زۇلۇمنى ئۇلغايتىش.
8- ئىقتىسادنى چېكىندۈرۈش.
9- دۆلەت ئەرباپلىرىنى پۇل-مال، ئاياللار بىلەن ئېزىقتۇرۇش.
10- ئۆسۈمنىڭ ھەر شەكلىنى يايماق لازىم.
11- ئالىملارنى سېسىتىش كېرەك.
12- ئىسلامنىڭ ئاياللارغا ھاقارەت قىلىدىغانلىقىنى يايماق ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر ئايىتىنى،
ئاياللارنىڭ ھەممىسى شەررىدۇر ھەدىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىنىدۇ.
پاسكىنىچىلىق سۇسىزلىقنىڭ نەتىجىسى شۇڭا سۇسىزلىقنى تېخىمۇ پەيدا قىلىمىز.
يەنە بىر كۈنى ئىككىنچى سىرنىمۇ بىلدىم بۇ ئىسلامنى يوق قىلىشنىڭ 50 بەتلىك بىر پىلانى ئىدى.
1- بىز بۇخارا، تاجىكىستان، ئەرمەنىستان، خوراسان ۋە ئەتراپىنى يوق قىلىش ئۈچۈن روسىيە بىلەن كېلىشىم
تۈزگەن ئىدۇق.
2-ئىسلامنى ئىچى-تېىشىدىن يىقىتماق ئۈچۈن فرانسىيە ۋە رۇسيە بىلەن توختاملىشىشىمىز كېرەك ئىدى.
3-تۈرك- ئىران ئارىسىغا ناھايىتى زور پىتنىلەرنى تېرىماق لازىم.
4-ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ئارىسىغا غەيرىيلەرنى تىقىپ ئورۇنلاشتۇرماق كېرەك. . . .
            لوندوندا بىر ئاي تۇرغاندىن كىيىن بۇيرۇق بويىچە نەجىدلىك بىلەن كۆرۈشمەك ئۈچۈن يولغا چىقتىم. مېڭىش ئالدىدا مەسئۇلۇم ماڭا ئىسپىھاندا جاسۇسلىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ئىستىگىنىمىزنى بىر شەرت بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي سۆزلەش. ئۇنىڭ شەرتى مۇنداق؛ پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن، دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە ئالىملاردىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يىتەرلىك پۇل-مالنىڭ بولىشى، مەملىكىتىدە كىچىكرەك بولسىمۇ ئۆزىگە بىر بەگلىكنىڭ قۇرۇلۇپ بېرىلىشى. بىز بۇنى قوبۇل قىلدۇق دىدى. بۇنى ئاڭلاپ خوشاللىغىمدىن ئۇچقىدەك بۇلۇپ كەتتىم. مەسئۇلىمدىن  ئەمدى نەجىدلىكنى نىمە ئىش قىلدۇرىمەن دەپ سورىدىم. ئۇ بىزنىڭ پىلانىمىزنى ئېيتتى:
1- پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ماللىرىنى تارتىۋىلىش، نومۇسلىرىغاتىگىش، ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى چۆرە قىلىپ قۇل بازارلىرىدا سېتىشنى ھالال دەپ ئېلان قىلدۇرىسەن.
2- مۇمكىن بولسا كەبىنى بىر بۇت ساناپ ئۆرۈشكە پەتىۋا چىقارغۇزىسەن. ھەج ئىبادىتىنى يوقاتماقنى، ھاجىلارنى قىيناپ ماللىرىنى تارتىش، ئۆلتۈرۈشنى تەشۋىق قىلىسەن.
3- مۇسۇلمانلارنى خەلىپىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتقۇزىسەن.
4- مەككە، مەدىنە ۋە باشقا جايلاردىكى مازار، مۇقەددەس جايلاردىكى ئىنشالارنى بۇت شېرك سانىتىپچېقىلىشىغا پەتىۋا چىقارغۇزىسەن. مەزھەپ بۈيۈكلىرىگە ھەتتا چارىيارلارغا مۇمكىن بولسا رەسۇلىللاغا ھاقارەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدىغان قىلىسەن.
5- زۇلۇمنى يايىسەن.
6- مۆتىۋەر كىتاپلاردا نوقسان بار دەپ ئايرىم كىتاپ ھەتتا قۇرئان نەشىر قىلىنىشغا كۈچەيسەن.
        مەن بۇ ئالتە ۋەزىپىنى ئېلىپ بەسرەگە كەلدىم. ئابدۇرىزانىڭ ئۆيىگە باردىم ئۇنىڭدىن نەجىدلىكنىڭ ئادرىسىنى ئېلىپ نەجىدكە ماڭدىم. نەجىدلىكنىڭ ئۆيىگە چۈشتۈم. ئۇ جىق چۆككەن ئىدى. ئۆيلەنگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن پىروگىرامما ھازىرلىدۇق. » دەۋەت « يېنىدا ئىككى يىل تۇردۇم، بۇ جەرياندائاخىرى 1730 -يىلى يېقىنلىرىغا ئۇنى ئېلان قىلدى. ئۇنى قوغدىماق ئۈچۈن ئەتراپىغا مۇھاپىزەتچى قويدۇم. ئۇئالتە ئىشنىڭ ھەممىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى. بىراق كەبىنى ئۆرۈش بەك قىيىن بولغاچقا ئۇنى بۇت دەپ چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كەچتى. قوبۇل كۆردۇق. بىرقانچە يىلدىن كىيىن دەرىييە ئەمىرى مۇھەممەد بىن سەئىد سېپىمىزگە قوشۇلدى. دەرىييە شەھرىنى مەركەز قىلدۇق. ۋاھابىيلىك دىنىنى تەسىس قىلدۇق.

2

تېما

0

دوست

678

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22846
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 22:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى 9170- يىلى دىگەننى 1730 يىلى دەپ چۈشەنگەيسىلەر
قۇتلان تېلفۇنلىرى

9

تېما

0

دوست

2165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11467
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 258
تۆھپە : 503
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى كالتە ئشتان ،ساقاللىقلارلار چۇ؟

0

تېما

0

دوست

1534

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12337
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 18:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىگە نىمە دەپ ئىنكاس يىزىشنىمۇ بىلمەي قالدىم دىسە،،،،،،دەسلەپتە ۋاھابى ئىدىيىسىگە قارشى تۇرايلى دىدۇق،ئاندىن خاتا بوپ قاپتۇ دەپ ۋاھابى ئەسەبى ئىدىيىسىگە قارشى تۇرايلى دىدۇق،،ئۇمۇ بولماي ۋاھابى رادىكال ئىدىيىسىگە قارشى تۇرايلى دىدۇق،،،،،بۇ ئىشلارغا  قۇرئان ساۋادى مۇكەممەل،دىنى سەۋىيىسى يۇقىرى ئالىملىرىمىز بىر نىمە دەپ باقسۇن قىنى ،،،قالايمىقان سۆزلەشكە ھەرگىز بولمايدۇ ،،

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18341
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 18:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق گەپ ئۆزى؟

2

تېما

0

دوست

486

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23782
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 18:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھابىنى ھەقىقي چۈشىندىغانلار بارمۇ ؟

0

تېما

1

دوست

2224

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 496
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 18:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى كىتابىنى تولۇق ئوقۇپ باقساق بولغىدەك؟

0

تېما

3

دوست

1850

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 20:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھابىينى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار بارمۇ؟ دىمەي، ۋاھابىي دىگەن سۆز ئەسلى قانداق پەيدا بولغان دەپ سورايلى. خۇداغا شۈكرى بىز ھىلىمۇ «ھەنىپىي»، ياكى «مالىكىي» دەپ قالپاق كەيدۈرۈلۈپ رادىكاللىققا چىقىپ قالماپتىمىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )