قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1175|ئىنكاس: 11

ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېغا ئىلتىماس قىلىڭ.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24479
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 02:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                    ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېغا ئىلتىماس قىلىڭ.




              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزقىرىنداشلار،
مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋەلى، مەن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېدا ئېلېكترون ئېنژېنىرلىقىدا ئوقۇيمەن.يىقىندا مەن ئوقۇۋاتقان مەزكۇر مەكتەپ ماگېستېرلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغاچقا مەن بۇ ئۇچۇرنى ئىمكان قەدەركۆپرەك قىرىنداشلارغا يەتكۈزۈش نىيىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،يازمىدا بەلكىم ئىملا خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئالدى بىلەن مەكتىپىم توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.

مەكتەپ توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە:
           تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پىيېمونتې رايونىدىكى مەركىزى شەھەر تۇرىنغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرۇپاسانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەكتەپ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇرۇلۇشقاباشلانغان بولۇپ، 1859-يىلى ئەمىلى ئېنژىنىرلىق مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇمەكتەپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 都灵理工大学،ئىنگىلىزچە ئىسمى:
          Polytechnic University of Turin . بۇمەكتەپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرگەن سانائەت مەكتىۋى بولۇپ، بىناكارلىق،ماشىنسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە خەلىقئاراغا داڭلىق.تۇرىنداFerrari, FIAT قاتارلىق ماشىنالاھىلەش ۋە ياساش زاۋۇتى بار، ھەم ئامرىكىنىڭ ھەممىباب ماشىنسازلىق شىركىتىنىڭ دىزىل ماتور تەتقىتات مەركىزى بار. شۇنداقلا تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئېنژىنىرلىق ساھەسىدە ئىتالىيەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى.

ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتىتلار:
         مەكتەپتەجەمئې 7 ئىنىستىتۇت بار يەنى 2 بىناكارلىق ئىنىستىتۇت، 4 سانائەت ئىنىستىتۇت، 1دوكتۇرلۇق ئىنىستىتۇتى، 18 فاكۇلتىت بار. مەكتەپنىڭ تىخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن بىلەلەيسىز: http://www.baike.com/wiki/%E9%83%BD%E7%81%B5%E7%90%86%E5%B7%A5%E5%A4%A7%E5%AD%A6،
مەكتەپنىڭ تور بىتى: http://www.polito.it/index.php?lang=en
تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن بىلەلەيسىز:
ماگىستېرلىق ئوقۇشقا ئائىت كەسىپلەر:
(ئەسكەرتىش: يۇقىرقى توربەتتە ھەر بىر كەسىپنىڭ قايسى تىلدا ئۆتۈلىدىغانلىقى شۇ كەسىپ نامىنىڭ ئارقىسىدا ئەسكەرتىلگەن.)
  ئەگەر سىز يۇقىرىدا دىيىلگەن مەلۇم كەسىپكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىن شۇ كەسىپتە ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز: https://didattica.polito.it/pls/portal30/gap.a_mds.init_new?p_a_acc=2014
بۇتوربەتنى ئاچقاندىن كىيىن Engineering ياكىArchitecture نىڭ ئاستىدىكى
1st level, 2nd level, Master دىگەنلەرنى باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپلەردە نىمە دەرىسلەرنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

ئوقۇش راسخوتى ۋە مۇكاپات پۇلى:
          سىزمەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەكتەپكەتۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتەلەيسىز. ئادەتتە ئوقۇش راسخوتىنى كىمەيتىشتىن بۇرۇن مەكتەپ 1800 ياۋرۇ ئەتراپىدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ،لىكىن ئادەتتە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتىشكەئىلتىماس قىلىدۇ، ھەم ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇش پۇلى كىمەيتىلىدۇ. ئادەتتە بىزگە نىسبەتەن ئوقۇش پۇلىنى كىمەيىتكەندىن كىيىن مەكتەپكە تۆلەيدىغان بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 365 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى 3000يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق چىقىم ياتاقنىڭ چىقىمى بولۇپ، ئادەتتە ئىيىغا كامىدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ، يەنى 1 يىللىق ئومۇمى چىقىمنى ھىساپلىساق نورمال ئەھۋالدا 35000 كويدىن 40000 كويغىچە پۇل كىتىدۇ.
         ئەمدى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، ھازىر پېيېمونتې رايونىدىن بىرىلىدىغان EDISUئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، بۇ مۇكاپات پۇلى 3 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياتاق، نەقپۇل ۋە مەكتەپ تاماق باھاسىدا ئىتىبار بىرىش قاتارلىقلار.  ئۇندىن باشقا يەنە ماركوپولو پىلانى(خەنزۇچىسى 马可波罗项目)دەپ دۆلىتىمىزنىڭ چىقارغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://international.polito.it/zh/node_1106/node_1170/node_1286
        سىز بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا يەنى EDISU غا مەكتەپكە تولۇق تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلالايسىز، ھەم ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلار ھەر بىر ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ، ھەم ياتاق ۋەمۇكاپات پۇلىنى شۇ رەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ تارقىتىدۇ. ھەم كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتقاكۆپرەك ئىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئىمكان قەدەر تۆۋەن يازغان ياخشى. 2-يىلىدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات پۇلى سىزنىڭ مەكتەپتىكى دەرىسلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىڭىزگە ئاساسەن بىرىلىدۇ. ئەگەر سىز1-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسىڭىز، 2-يىلى مەكتەپ بەلگىلىگەن نەتىجەئۆلچىمىگە يەتسىڭىزلا ئەسلىدىكى مۇكاپاتنى داۋاملىق ئالالايسىز.
        بۇ مۇكاپات پۇلى بىرىدىغان نەق پۇل 3300 ياۋرۇئەتراپىدا بولۇپ، ياتاققا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار قايتىدىن ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تىزىلىپ مۇكاپات پۇلى نامزاتىغا تاللىنىدۇ.
        ئادەتتە9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىپ 10-ئاينىڭ بىشىدا ياتاققا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا نەق پۇلغا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      شۇڭا ھەر ئىھتىمالغا قارشى 4000 ياۋرۇ دىن 5000ياۋرۇغىچە نەق پۇل تەييارلاپ چىققان ياخشى.
       بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئېنجېنىرلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قىرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەزكۇرمەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەكتەپنىڭ ئىلتىماس ئاخىرلىشىش چىكى3-ئاينىڭ 20-كۈنى. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي توردىلا بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز. ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تور بىتىدە تىزىمغا ئالدۇرىسىز،ئاندىن شۇ توربەت تەلەپ قىلغان ماتېرياللارنى تورغا چىقارسىڭىز بولىدۇ. بۇماتېرياللارنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى مەكتەپكە كەلگەن چاغدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كۆرسىتىسىز.
  مەكتەپكە توردىن ئىلتىماس قىلىش ئادرىسى: http://apply.polito.it/index_en.html
بۇندىن باشقا، مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توربەتتىن بىلەلەيسىز:
ئەگەرئىلتىماس جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋە ياكى بىلەلمىگەن تەرەپلەر بولساتۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىغا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
s184403@studenti.polito.it (ئابدۇۋەلى)
s192058@studenti.polito.it    (ئاتىكەم)
سالاملاربىلەن:
ئابدۇۋەلى.
2014-1-1

ئالتۇن

31

تېما

2

دوست

5599

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 453
تۆھپە : 1476
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزىگە مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەر بولسا داۋاملىق خەۋەردار قىلغايسىز ۋە يۇقارقى كەسىپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى بۇلدىغان تورداشلار بولسا مۇشۇ خەۋەردىن خەۋەردار قىلىپ قويساق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

1

دوست

1474

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22150
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنى چەتئەلدە ئۇقۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېرەك بولىدۇ؟ تەپسىلاتىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويغان بولساڭلار

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3231
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەكتەپتە ئوقوش ئۈچۈن، دىيارىمىزدىكى قايسى ئوقوش تارىخىنى تەلەپ قىلىدۇ؟

دىيارىمىزدىكى تولۇق ئوتتورىنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ بىۋاستە تىزىملىتىشىغا بولامدۇ؟

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3231
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ تور بىتىنىڭ دىيارىمىزدا ئىچىلىشى بەك ئاستىغۇ؟

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 17:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      سىز قالدۇرغان تىزىملىتىش توربىتى دۆلىتىمىزدە ئېچىلمامدۇ قانداق؟

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24479
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 21:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barimtay يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 17:09
ئالىي مەكتەپنى چەتئەلدە ئۇقۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلە ...

چەتئەلدە ئوقۇشقا ئائىت تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى www.meripet.com دىن تاپالايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )