2ياشلىق بالا يىقىلىپ يارىلانسا كەنتتىن ئىسپات ئېلىش كېرەكمۇ؟!
بىرسىنىڭ 2 ياشلىق ئوغلى ئۆيىدىكى پەلەمپەيدىن يىقىلىپ كېتىپ يارىلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئېلىپ بارغان، ناھىيىلىك دوختۇرخانا «يېزىلىق شىپاخانىدىن يۆتكەش ئىسپاتى ئېلىپ كېلىڭ» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى يېزىلىق شىپاخانىغا كىرسە «بىز ئىسپات قىلىپ بېرەلمەيمىز، كەنتتىن ئىسپات ئېلىپ شۇنى ئاپارسىڭىز بولىدۇ» دەپ يولغا سالغان.
شۇنىڭ بىلەن كەنت كومىتېتى تەرىپىدىن بالىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىسپات قىلىپ بېرىلگەن:
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا: ئىسپات تەۋەيىمىزxx بازىرى xx كەنت 2- مەھەللىدىن xx نىڭ ئوغلى xx xxئېھتىياتسىزلىقتىن ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆزى پەلەمپەيگە تېگىپ كېتىپ يارىلانغانلىقى راست. مەزكۇر xx ىنىڭ تېرىلغۇ يىرى ئاز، ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەزكۇرنىڭ بالىسىنى داۋالىتىش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەنئەھۋال ئاستىدا مۇناسىپ ئېتىبار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاھىدەئىسپات قىلىپ بېرىلدى.
xx يېزا xx كەنت كومىتېتى 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر پارتىيە مەركىزى كومىتېتى پۇقرالارغا قارىتىلغان بىرقىسىم ئارتۇق رەسمىيەتلەرنى ئازايتىپ، قولايلىق يارىتىش، خىزمەت ئىستىلىنى توغرىلاش توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۋاتىدۇ. دىيارىمىزدىكى كەڭ دېھقان- چارۋىچى ئامما مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش داۋالاش، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق تۈرلۈك پاراۋانلىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مېھرى- شەپقىتىگە يۈز مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمما مەلۇم ئورۇنلار (مەلۇم كىشىلەر) يەنىلا بۇرۇنقى سەنەمگە دەسسەپ، ئاۋام پۇقرانى ئارتۇقتىن- ئارتۇق يول ماڭدۇرۇپ، تۈرلۈك چىقىملارنى ئورۇنسىز تارتقۇزۇپ، مانا يوقۇرقىدەك تۇتامىغا چىقمايدىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئارتۇق ئىشلاردا ئاۋارە قىلىپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋام خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىغا داغ تەككۈزمەكتە.
يوقۇرقى ئىشتا ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ دېگىنىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى يېزىلاردىكى دېھقان- چارۋىچى ئامىسىنىڭ قولىدا ھازىر ھەمكارلىشىپ داۋالاش كارتىسى بار، ئۇلار ئالدى بىلەن كەنت- يېزا- بازار دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىشنى ئاساس قىلىشى، ئۇلار ساقايتىشقا مۇمكىن بولمىغان بىرقىسىم كېسەللەرنى ئاندىن يوقۇرغا يوللاش كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە بولغاچقا مۇشۇ ئەھۋال كېلىپ چىققان. ئەمدى شۇنداق تۇرۇقلۇق يېزىلىق شىپاخانىنىڭ «بىز ئىسپات قىلىپ بېرەلمەيمىز، كەنت كومىتېتىدىن ئىسپات ئېلىپ كېلىڭ» دەپ بۇ دېھقاننى ئورۇنسىز يول ماڭدۇرغان. بۇ ئىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ بىر بالا يىقىلىپ يارىلانسا، ئۇنى يېزىلىق دوختۇرخانا داۋالىيالمىغان ئەھۋالدا ناھىيىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يوقۇرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئېلىپ بارسا، ئۇ يەردىن ئىسپات تەلەپ قىلسا، داۋالىيالمىغان ئورۇن ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلسا، يەنە كېلىپ، داۋالاش بىلەن ھىچبىر ئالاقىسى يوق كەنت كومىتېتىدىن ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بۇ قانداق بولغىنى؟! ناۋادا بۇ دېھقان كەنت كومىتېتىدىكى «ئەمەلدار» نى ئىزدەپ، ئالتە ئىشخانىغا كىرىپ يۈرۈپ ئالغان ئىسپاتىنى ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئېتراپ قىلمىسىچۇ؟ (ئەلۋەتتە مەن بولساممۇ ئېتراپ قىلماسلىقىم مۇمكىن، چۈنكى كەنت كومىتېتى دېگەن مەمۇرى ئورۇن تۇرسا). بۇ بىچارە دېھقان يەنە قايتا يول ماڭارمۇ؟ ئەشۇ بىچارە بالا ئاغرىق ئازابىنى يەنە قانچە ۋاقىت تارتار؟
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، بۇ ئىش ماڭا بىرقانچە قېتىم ئۇچرىغان، قانچە قېتىملاپ مۇنبەردە بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يازاي دەپ، يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ئىدىم. ئەپسۇس، سەۋر- تاقەتنىڭمۇ چېكى بار، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. چۈنكى مېنىڭمۇ بالام بار، مۇشۇنداق بىرقىسىم قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىشقا ۋىجدانىم بارماي بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ تېمام ئارقىلىق بەلكىم ئەشۇ ئورۇنلاردىكى ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئازىيىشىغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولغان بولسا ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ھېس قىلغان بولاتتىم.
|