تارىخ يارىتىۋاتقان ئاسپرانت قىزلىرىمىز!
تاھىر ئىمىن
ھاياتىمىز تۈرلۈك كىرزىسلار ئىچىدە،بۇ كىرزىسلار ئاياللىرىمىزغا تىخىمۇ ھەسسىلەپ كىلىۋاتىدۇ.ئەمما شۇ ئاياللىرىمىز ئەڭ زور غەيرەت بىلەن تىرىشپ،بىز ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ،بىزنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ روھى ۋە ئەمەلىيتىگە پەقەت ئاپىرىن ئىيتىش ۋە تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ،مىھرى-مۇھەببەت ۋە قوللاش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش مەسئۇلىيتىمىز بار،شۇندىلا چوڭ كىرزىسنىڭ پەقەت بىر بۆلىكى بولسمۇ ياخشى يۆلىنىشكە يۇزلىنىدۇ.ئالى مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرغۇچىلارنى قوللاش-تىخىمۇ تۈز يولدۇر.
(مۇراسىم نۇتۇقى)
مۇكاپات مۇراسىمى سىن لىنتىسى:
قىينچىلىق،ئىرادە،قوللاش ۋە مۇھەببەت ۋە غەلبە
ئۆزتۈرك شىركىتى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار- بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى قوللىغان ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتىتى ھەمكارلاشقان <<ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>> 2-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق دائىمى ھەيئەت ئەزاسى،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىي دائىمى كومېتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى،ئاپتونوم رايونلۇق كىينكى ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بۆلۇش كومېتىتى سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئسلام ،ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۇسۇپ ئەيسا، پراففىسور ئابدۇكىرىم راھمان، شنجاڭدىكى ئاساسلىق فوندى جەمئىيەتلەر رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ،شىنجاڭ مالىيە ئىقىتساد ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالى مەكتەپ ۋەكىللىرى ۋە 50 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسس،ھەر قايسى تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسلەر ،كارخانىچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 400كىشى قاتناشتى.مۇراسىمغا شنجاڭ تېلېۋزىيە ئستانسسى رىياسەتچىلىرىدىن جۇشقۇن جۈمە ۋە شەمسيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇكاپات تارقېتىشتا،ئالدى بىلەن مۇكاپات لاۋرىيانتىنىڭ ئش-ئىزلىرى شۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئۇستازلار تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلدى.شۇنداقلا ئۇستازلار شۇ ساھە ۋە شۇ ساھەدىكى ئاساسلىق نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقا كۆرۈنۈشى:
خانىم –قىزلىرىمىز ئەزەلدىن مەۋجۈتلۇقىمىزنىڭ روھىي تۈۋرۈكى ، گۈزەللىكنىڭ بەرپاچىسى.بۈگۈنكى دەۋر خانىم –قىزلاردىن بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىنى، دەۋرگە ئەگىشپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىلىم ۋە تەپەككۇرنى ، ئەتراپلىق يېتىشكەن ئۇنۋېرسال ساپانى تەلەپ قىلىدۇ.ئاسپرانت قىزلار-ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتى ۋە روھىغا تايىنىپ ئىلگىرىلىگەن ۋە ئىلىمگە چوڭقۇرلىغان قىزلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.ئۇلارنىڭ تىنىمسز ئۆگىنىش روھى ھەر بىر كىشنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ .«ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيلىسەڭ ، سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىرلا ئادەم بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر قىز بالىنى تەربىيلىسەڭ سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ». ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ مائارىپى تەرەققىى قىلسا، ئىقتىساد ۋە ئاڭ سەۋىيسى ئۆسسە، رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى،مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئشلىرى ئۇچۇن بېسلغان چوڭ قەدەم بولىدىغانلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئۆز تۈرك شىركىتى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىر مىليۇن يۈەن ئاجرىتىپ «ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپات»نى تەسىس قىلدى.ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.
مۇكاپات ئوبېكتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى ، جاپاغا چىداش روھى ،تېنىمىسز تىرىشچانلىقى بىلەن ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىنغان،قىينىچىلىقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ نەتىجە ياراتقان مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت قىزلىرىمىز بولۇپ ، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇش، ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش،نوپۇزۇلۇق گېزىت –ژورناللاردائەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇش قاتارلىق ئالدىنقى شەرتلەر ئاساسىدا مەخسۇس تاللاپ چىقىلىدى. مىللەت چەكلىمىسى ،تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر چەكلىمىسدىن مۇستەسنا بۇ مۇكاپات 2012 -يىلى 6-ئايدا تۇنجى نۆۋەت تارقىتلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىجتىھاتلىق قىزلارنىڭ غەيرىتى، نەتىجىسى، تىرىشچانلىقى جەمئىيەتتە كۇچلۇك ئىنكاس قوزغاپ، بۇلارغا بىرىلگەن ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى ئىلھاممۇ ھەر ساھە كىشلىرىنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.
ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇراسىم :
3 -نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن <<ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>>نىڭ 2-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى بىر قسم ئۇنۋېرستېىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر خەنزۇ،قازاق،شىبە قاتارلىق 4 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 14 نەپەر ئاسپرانت قىز مۇكاپاتلاندى. ئۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا تىلشۇناسلىق،فولكلور، ئىقتسادشۇناسلىق، سياسى-قانۇن، كومپيۇتىېر، فىزىكا، ماتېماتىكا، فارماكولوگىيە، زوئولوگىيە، ئېقتسادشۇناسلىق، خېمىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېرىشىپ ئوقۇپ،نەتىجە ياراتقان قىزلار بولۇپ ھەر قايسى ئۇنۋېرىستىتلاردىن كەلگەن 14 نەپەر مۇتەخەسىس،دوكتۇر يىتەكچىلىرى مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچى قىزلارغا مۇكاپات تارقاتتى ۋە مۇكاپات سۆزى قىلىپ،قىزلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشش سەۋەبىنى ئېنىق چۇشەندۇردى ۋە مۇناسۋەتلىك كەسپلەرنى چۇشەندۇردى.
14 نەپەر ئاسپرانت قىز كۆڭۈل سۆزلىرىنى قسقىچە ئىزھار قىلدى. ئۇلار 5مىڭ يۇەندىن نەقپۇل،مۇكاپات لوڭقىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى
مۇراسىمدا ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى باش كاتىۋى چىن خۇۋا خانىم مۇكاپاتقا ئىرىشكەن قىزلارنىڭ نەتىجىسنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇرۇشىگە،مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇردى.
ئۆز تۈرك شركىتى لىدىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ:
‹‹ئۆز تۈرك كارخانا روھى ئۆز تۇپراق ۋە ئۆز خەلقىدىن كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىسنى يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە قالدۇرۇشتۇر.
ئاسپرانت قىزلار-ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتى ۋە روھىغا تايىنىپ ئىلگىرلىگەن ۋە ئىلىمگە چوڭقۇرلىغان قىزلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.ئۇلارنىڭ تىنىمسز ئۆگىنىش روھى بىزنىڭمۇ ئۆگىنىشمىزگە ئەرزىيدۇ.ئۇلارنى قوللاش بولسا بىزگە ئوخشاش ئاياللار مەھسۇلاتىنى ئاساس قىلىپ تەرەققى قىلغان كارخانا ئۇچۇن تىخىمۇ زۆرۈر ئشتۇر.››
ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنى پىلانلىغۇچى،ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەشەببۇسىچىسى،ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى ئاساسچىسى ئۆز تۈرك شىركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئاسپرانت قىزلارنىڭ ئۆز تۈرك مۇكاپاتىغا ئېرىشش شەرتى ۋە باھالاش جەريانىنى تونۇشتۇردى،قىزلاردىن كۈتىدىغان ئۇمىدلىرىنى بىلدۇردى.ۋە ئۆز تۈرك مۇكاپاتى ئارقىلىق ‹‹ئەڭ قىين كىرزىسلار ئىچىدە ئۆزگىچە نەتىجە يارىتىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ غەيرىتىگە تەشەككۇر ئىيتىش مەسئۇلىيتىمىز بولۇش بىلەن بىرگە،ھەر قانداق ساھەدە نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرنىڭ خۇشاللىقىدىن بىرگە بەھرىمەن بولۇش ،ئىلھام بىرىش ،تەبرىكلەش ئەقەللى ئنسانلىقىمىزدۇر-››دىدى ۋە ئومۇميۇزلۇك ئىلمى كەيپيات يارىتىش ،ئنسانپەرۋەرلىكنى مەقسەت قىلغان ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەل ئۆلچەم ۋە ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن ھەر ساھە بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
ئارقىدىن مۇكاپات تارقىتىش باشلاندى:
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا «دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى»،«دۆلەتلىك رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى»غا ئېرشىكەن، ئاسپرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنپ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماگىستىر ئاسپرانتى مەلىكە سۇلايمان؛
ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،تىرىشچانلىقى ۋە قېينىچلىق ئالدىدا باش ئەگمەسلىك رۇھى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ساۋاقداشلىرى تەسىرلەندۇرگەن شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئۇنۋېرستېتنىڭ ئاسپىرانتى خەنزۇ قىزى گۇسۇنا؛ 2010-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋىرىستتى ماتىماتىكا ئۇچۇر ئىلمىي ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقغا قۇبۇل قىلىنپ ، تەبىئي پەن ساھەسىدە رايونىمىز ۋە مىللىتىمىز ئارىسىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ،ئىلىم پەنگە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ياش ھەم يېڭى بىر نوتا ئىلىمنۇر ئابىلجان؛ھازىر جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميەسى شىنجاڭ فېزىكا-خېمىيە تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىك ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۆزى تىرىشچان ۋە ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشىغا ئىگە قىز ۋەتەنگۈل كامىل؛ بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش مەقسىتىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئارزۇسىدا كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشۋاتقان رىزۋانگۇل ئابدۇغېنى ؛ كۈچلۈك تىرىشىش روھى بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۈگىنىپ ، ئىمتىھانسىز ھالدا فىزىكا ۋە ئىلېكىترۇن قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىغا ماگىستىر ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىنغان. كۆپ خىل تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتىنشىپ ، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورنالدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان مەرىپەت ۋە تىرشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىشقا ئىرادە باغلىغان مۇيەسسەر قەھرىمان؛ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فولىكلور كەسپىگە ماگىسترلىق ئاسپىرانتلىقىغا كىرگەن ھەمدە دوكتۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن جۇڭگو تىل –ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن سۈيۇملۈك قىزىمىز خاسىيەت ئەدەھەم؛ تۇرمۇشىنىڭ ئەگرى-توقاي تالاپەتلىرىگە ، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىغا كۈلۈپ قاراپ ، ئۆز تىرشىچانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنى قايىل قىلغان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماگستىر ئاسپىرانتى شىبە مىللىتىدىن بولغان بەي چېن قاتارلىق ئاسپىرانت قىزلار، ئىلىمگە بولغان چاڭقىغان تەشنالىقى ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىشقا ئىرادە باغلىغان گۈلئايىم ياقۇپ ، ئايتۇرسۇن شەمسى قاتارلىق « شەرەپ مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىلىرى شۇنىڭدەك ئائىلە بەختى ،پەرزەنتىلىرىنىڭ ئىستقبالى ئۈچۈن ياراملىق نۇتىلارنى تەربىيلەپ چىقىۋاتقان « پىداكار ئاسپرانت ئايال مۇكاپاتى» غا ئېرشىكەن رابىگۈل تۇنىياز ، مەريەمگۈك مەمەت قاتارلىق خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ ھەر بىر نەتىجە ،ئۇتۇقلىرى بارلىق سۇرۇن ئەھلى سۆيۈندۈرىدى. گۈزەللىك پەقەت گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلغۇچىغلا مەنسۇپ. مۇشۇنداق ئېسل مەنىۋى گۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە يېتىلىدۇرۈگەن قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىنلا ئاندىن مىللەتىنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ.
1 -ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<تىلشۇناسلىق>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-مەلىكە سۇلايمانغا شنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروففىسورى، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى، ئابدۇكىرىم راھمان مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى.
-
2 -ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<سىياسەت>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى شبە قىزى بەي چىن -غا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى سىياسىي فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئايشەم روزى مۇئەللىم مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
3-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى›2013-يىللىق <<ماتېماتىكا>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-ئىلمىنۇر ئابىلجانغا شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ماتىماتېكا ۋە سىستېما ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتىماتېكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتۇر ئاشتى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، پىروففىسور ئابدۇرىشىت مۇئەللىم مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
4-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<فارمالوگىيە>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-خانزۆھرا غوپۇرغا ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دورا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، پىروففىسور ئىسراپىل ئەبەي مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقتىپ بەردى.
5- ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<ئىقتىسادشۇناسلىق>> مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا جۇڭگۇ مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ نەق مەيدان ئىستاستىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونۋېرىستىتى ئىلمى كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋېرىستىتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، پىروففىسور خۇيى مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
下面邀请,中国教育协会理事,新疆现场统计学会会长,新疆财经大学学术委员会副主任,兼职人民大学博士生
导师胡毅,教授给欧孜特奖经济学专业获奖者发奖并发言。
6-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى›2013-يىللىق <<مىللەتشۇناسلىق>> مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئيەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى، گىرمانىيە خامبولدىت ئىلم-پەن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، دوكتۇر يېتەكچىسى، پىروففسسور دىلمۇرات ئۆمەر مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
.
7-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<فىزىكا >> مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى فىزىكا ۋە ئېلىكتىرون قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئەخمەتجان ئابلىز مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
8-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<ئەدەبىيات>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-خاسيەت ئەدھەم-گە شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسورى، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
9-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<خېمىيە>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-ۋەتەنگۇل كامىلغا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى خېمىيە فاكولتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى ، پىروففىسسور ئىسمائىل نۇرۇللا مۇئەللىم مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
10-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<ئۇچۇر تېخنىكىسى>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ئۇچۇر-پەن تېخىكا قۇرلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پىروففىسورى، دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى سېمباي دالاباي مۇئەللىمنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
11-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<فولكلور>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىز-مىھرىبان نىيازغا شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروففىسورى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان مۇئەللىم سۆز قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
12- ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<كومپىيوتېر>> مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، پروفېسسور تۈرگۈن ئېبراھىم مۇئەللىم سۆز قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
13-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<جۇغراپىيە>> مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ ئونۋېرستېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى، فىرانسىيە «تۇلۇز» 2-ئونۋېرستېتىنىڭ دوكتۇرى زىبىبۇللا ئىسمائىل مۇئەللىم سۆز قىلدى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
14-ئاسپرانت قىزلار ‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى› 2013-يىللىق <<بىئولوگىيە>>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى قىزغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلىمى ئىنىستىتوتى بىئولوگىيە تېخنىكىسى فاكولتىتىنىڭ پىروففىسورى، ماگىستىر ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى دىلبەر توختى مۇئەللىم مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى، مۇكاپات تارقتىپ بەردى.
پىداكار ئاسپرانت خانىملار كۆپچىلىكنى تەسرلەندۇردى.
شۇنداق خانىم-قىزلىرىمىز باركى،ئۇلار سەھنىلەردە كۆرۈنمەيدۇ،بازارلاردا قاينىيالمايدۇ،پەقەت ئۆز ھەمراھى ئۈچۈن ياخشى غەمگۈزار، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆيۈمچان ئانا،ئۆز غايىسى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەنگۈچى ،ھايات سرىنى ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئاساسىدا يەشكۈچى سۈپىتىدە تۇرمۇشىنى داۋام قىلىدۇ .مانا بۈگۈن مۇراسىمىمىزغا ئۆزى ئاسپرانتلىققىچە ھەتتا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ، يەنىلا ئۆمۈرلۇك جۈپتى ۋە پەرزەنىتلىرىنڭ بەختى ئۈچۈن ئۇن-تىنسز جاپا چىكىۋاتقان پىداكار ئاسپرانت ۋە دوكتۇر ئاياللاردۇر. ئۇلار ۋە نامى تىلغا ئىلىنمىغان ئۇلارغا ئوخشاش سانسزلىغان خانىم-قىزلىرىمىز ئەتراپىمىزنى نۇرغا چۆمۈلدۈرگۈسى.
ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن مەريەمگۈل ئەمەت ۋە رابىگۇل تۇنىياز .ئۇلار ئىلمى نەتىجىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىدىغان ئاسپرانتلاردىن ئىدى،ئەمما ئۇلار...ئۆگىنىش،نەتىجە يارىتىشتىن باشقا قىممەت يارىتىش يولىنى تاللىدى.ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يىتىلدۇرۇش ۋەلاياقەتلىك جەمىيەت ئەزاسى بولۇش ،ئائىلىنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرى ئاسان يەردىن كەلمەيدۇ.ئۇلارغا بارىكاللا ئىيتىمىز.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قوللىغان ئورگانلار،ئاخبارات ۋاستىلىرى،شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمىز.
|