- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35258
- نادىر
- 19
- يازما
- 1758
ئۆسۈش
63.15%
|
بىز ئۇيغۇرمۇ ياكى مىللىيمۇ؟!
ئەركىم
ئەتىراپىمىزدا مىللىي نان، مىللىي ماركا، مىللىي خېمىر، مىللىي كىيىم، مىللىي قېتىق ھەتتا مىللىي توخو دېگەن ناملارنى ئاڭلاپ ياشاپ كېلىۋاتقىلىمۇ خىېلى بىر يىللار بولۇپ قالدى. مۇشۇ مىللىي دېگەن گەپ چىقسىلا بىر قىزىق ئىشنى ئەسلەپ قالىمەن، بىزنىڭ قومۇل مۇقامىرىنىڭ ۋارىسى، دۆلەت دەرىجىلىك داستانچى ئىبراھىمگاڭ بىر قانچە تونۇشلىرى بىلەن مەلۇم بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ، ئىبراھىمگاڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر تونۇشىنى ئالدىراش چاقىرىپ: ئاداش مىللىي تاكسى توسىسىلا جۇمۇ! گەپ قىلساقمۇ، ئىزدىگەن يېرىمىزنى شۇلار بىلىدۇ...دەپتىكەن ئەتىراپتىكىلەر ئۆچەيلىرى ئۈزۈلگىدەك كۈلىشىپتىكەن. شۇنداق، مىللىي دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قاراقويۇق ئىشلىتىدىغان ئىشلار بەكلا ئاۋۇپ كەتتى. مۇشۇنداق يول قويىۋەرسەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىللىي ھاراق،مىللىي تاماكا، مىللىي خوتۇن، مىللىي ئەرلەر روياپقا چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
قايسى بىر يىلى قەشقەرلىك بىر تاشچى كىشى ماڭا بېشىنى يېقىن تۇتۇپ:- ئۇكام، سىلىدىن سوراپ باقاي، نىمە ئۇ مىللىي دېگەن؟ دېدى، مەن دەماللىقتا بىر نەرسە دىيەلمەي تۇرۇپ قالسام، ئۇ ئادەم مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ تۈرۇپ باش بارمىقى بىلەن چىمچىلاق بارمىقىنى جۈپلەپ كۆزۈمنىڭ ئالدىغا ئەكىۋېلىپ كىلومېتىرنى بىلەملا؟ مېتىرنى بىلەملا، سانتىمېترنىچا؟! ھە، بىلمىسىلىرى ماڭا قايلىسلا، مانا بۇ مىللىي دېگەن دەپ باش بارماق بىلەن چىچىلاق بارمىقىنىڭ ئارىسىدىكى قىل ئۆتكۈدەك ئارلىقنى كۆرسەتكەنتى، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم. بۇغۇ بىر چاقچاق، ئەمما بۇ چاغچاققا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار. ئۆپچۆرىمىزدە بىز مىللىيلار تۈگەشتۇق، بۇزۇلدۇق، پالان-پۆكۈن بولۇشۇپ كەتتۇق، دەپ ۋايسايدىغانلار كۈرمىڭ. مېنىڭچە ئاشۇلار ئەنە ئاشۇنداق مىللىيلاردۇر.
مىللىي- دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ لۇغەت مەنىسى: ① مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان: مىللىي ئەنئەنە. مىللىي خۇسۇسىيەت. مىللىي كۈي. ② يەرلىك مىللەتكە تەۋە، ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان: مىللىي كادىر. // مىللىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈش. ③ مەلۇم بىر دۆلەتكە، مەملىكەتكە تەۋە: مىللىي دارامەت. مىللىي مەجلىس ...دەپ ئىزاھلىنىدۇ.
بۇ مىللىي ئاتالغۇسى تۇرمۇشىمىزدىمۇ قىسمەن ئۆز ئورنىنى ئېلىپ ئىشلىتىلمەكتە. بىراق، بولۇپمۇ كادىرلىرىمىز ئۆزىنىڭ مىللەتچى ئاتىلىپ قېلىشىدىن قورقامدۇ قانداق پوقتىن-سۈيدۈككىچە مىللىي ئاتالغۇسىنى قوشۇۋېلىشقا ئامراق. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي يىمەكلىكلىرى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى بىر ئۇيغۇرغىلا خاس نەرسىلەرنىڭ گېپى بولۇنغاندىمۇ تىلى كالىۋالىشىپ ئۇيغۇر دېگەن مۇبارەك مىللەت نامىمىزنىڭ ئورنىغا مىللىي ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشنى تاللايدۇ. مەسلەن: ئۇيغۇر كاۋاپلىرىنى مىللىي كاۋاپ دەپ ئاتىساق توغرىمۇ ئۇيغۇر كاۋاپى دېسەك توغرىمۇ؟ ئۇيغۇر دوپپىسىنى، ئەتلىسىنى، مۇقامىنى مىللىي ئاتالغۇسىنى قوشۇپ مەجبۇرىي ئاتىشىمىز كېرەكمۇ؟! يەنە مەسلەن: ۋىلايىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىرمۇ باشقا مىللىيغا ياتىدىغان باشقا مىللەت يوق، سېپى ئۆزىدىن ساپ ئۇيغۇر مەكتىپى بولسىمۇ مۇدىرلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەكتىپى دەپ ئاتاشقا يۈزلىنەلمەي، مىللىي دەپ ئاتاشقا مەرەزدەك چاپلاشتى. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بىز ئالدى بىلەن ئۆز قەدىرقىممىتىمىزنى ئىپادە قىلىدىغان، مەڭگۈلۈك كىملىكىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان مىللەت نامىمىزنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ مېھرى-مۇھەببەت، غۇرۇر-ۋىجدانىمىز بىلەن ئاتاشقا كۆنەيلى. بۇ يەردە ھەم مىللىي ئاتالغۇسىمۇ ئۆز رولىنى جارىي قىلىدىغان ئورۇنلارغا بايقاپ ئىشلىتىلسە بولىۋېرىدۇ. كۈنلەرنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ ئۇيغۇر دەپ ئېلىنىشقا تېگىشلىك ئورۇنلار مىللىي بولۇپ كەتسە چوڭ خالىققا يول قويغان بولىمىز، خۇددى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مىللىي ئاپتونوم رايونى دېگىلى بولمىغاندەكلا بىر ھەقىقەت چۈشىنىۋالساق شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
|
|