- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12574
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
ئۆسۈش
100%
|
ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس، ئاتاقلىق يازغۇچى،شائىر ،جامائەت ئەربابى،ئابدۇرىھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر ئەپەندى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق ھۆرمەت ساھىبى،ئۆتكۈر ئەپەندى <ئىز>،<ئويغانغان زېمىن>دەك ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى يارىتىپ ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيەت ئاسمىنىدانۇرلۇق ئابىدە تىكلىدى. بۇ نادىر ئەسەرلەر يىللاردىن بۇيان ئەۋلادلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنپ قەدىرلىنىپ كەلمەكتە ھەم مەڭگۈ قەدىرلەنگۈسى .
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى قومۇلدا تۇغۇلۇپ1995-يىلى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن يۇرت ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . بىز ھەر قېتىم مەدەنىيەت-ئەدەبىيات ئاسمىنىدا چاقنىغان بۇ ئالىمىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىپتىخارلىق ھېسلارغا تولىمىز ،ۋە ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىمىز .
بۇ ئالىمنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باغداش تور بېكىتىمىز قومۇل تىلىۋىزىيە ئىستانىسسى قومۇل خاتىرىسى پىروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە<ئۆتكۈر ئەپەندىم تەۋەللۇتىنىڭ 85يىللىقىنى خاتىرىلەش توردا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش>پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇردۇق. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ پائالىيەتنىڭ خۇلاسىلەش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تىرىشچانلىقى ساخاۋەتچى ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن قومۇل دىيارىدىكى ئىۋىرغول رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ ئالىمغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈردۇق .
بىز ھەر دائىم بۇ ئۇلۇغ ئالىمىنى ئەسلەيمىز ،بىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قۇرداشلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ سابىق سېكىرتارى ،مەدەنىيەت -سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئابلېز ئىسمايىل،پىشقەدەم تىل-تەرجىمە تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت يۈسۈپ قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ مەسلىھىتىنى ئالغاندىن كېيىن باغداش تور بېكىتىمىز باغداش مۇنبىرىدە <ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز >مەخسوس سەھىپىسى قۇرۇپ ئۆتكۈر ئەپەندىمىنڭ ھەر قايسى شېئىرلارتوپلاملىرىنى شۇنداقلا ئا.ئۆتكۈرنىڭ زامانداشلىرىدىن بولغان،ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل ئەپەندى تۈزگەن <ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى >توپلامدىكى مەرسىيەلەرنى شۇ سەھىپىگە يوللاپ تورداشلارنىڭ ھۇزىرىغا سۇنماقچى . شۇنداقلا تورداشلاردا ئالىم .ئا.ئۆتكۈرگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر بولسا ئۇشبۇ سەھىپىگە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! |
|