ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار
سىلەرنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغانلىقىڭلارغارەھمەت. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ناھىيمىزنىڭ ھەر -ساھە خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. سىلەر ئىنكاس قىلغان بۇ ئەھۋالنى ھەسەنجان ھاكىم ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزاقۇرۇلۇشى ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاساسى قاتلام ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.
ئەھۋالنى بىلىدىغان يولداشلار ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زۇنۇن ئابدۇۋەلىگە ئىنكاس قىلسابولىدۇ،
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13579026886
سىلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە يېقىندىن ماسلىىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولسا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ياكى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىكى ھاكىم خەت ساندۇقىغا بىۋاسىتە ئەھۋال ئىنكاس قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
تور بېكەت ئادرېسى: www.xjqmx.gov.cn
سىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ: چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى 2014-يىل1-ئاينىڭ 3-كۈنى
|