مۇشۇنداقمۇ ئادەم بوزەك قىلغان بارمۇ ؟
ئوغلانى تەرجىمىسى
لاڭشيەنپىڭ شېن ياڭدا غەزەپلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا مۇنداق دەيدۇ : جۇڭگۇدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يالغان سۆزلەيدۇ ،ھەممە سان –سىفىرلار يالغاندىن توقۇلغان . ھەرقانداق خەۋەردە قىلچىلىك يامان تەسىرى بولسىلا ھېچقايسىنى ئىلان قىلمايدۇ .ھازىر جاھان تىنجىدى دەپ قاراپ قالماڭ ،ئەمەليەتتە ھېچنىمىنى خەۋەر قىلغىلى بولمايدۇ . جۇڭگۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادى ئىسلاھاتنىڭ مىۋىسىدىن جۇڭگۇ پۇقرالىرى بەھىرلىنەلمىدى ،لىكىن ئىقتىسادى كاساتلىشىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئۇلار ئۈستىگە ئالدى ،بۇ زادى قانداق دۆلەت ،قانداق ھاكىميەت باشقۇرۇش ؟
دۆلەت باي بولدى ، سىز پەخىرلەندىڭىز ، لىكىن سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئاشتىمۇ ؟ دۆلەتنىڭ كەينىگە ئەگەشتىڭىزمۇ ؟ ئەگەر سىز دۆلەتنىڭ كەينىگە ئەگەشكەن بولسىڭىز ،قايغۇرماڭ ، ياشمۇ ئېقىتماڭ ، سىزدىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ . بۇنىڭغا قاراڭ :دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى رىقابەتچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆلكىللىرىدىن ئونمىڭ دوللار كۆپ ، لىكىن بۇلارنىڭ ئاران ئوندىن تۆت قىسمى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ... چۈشەندىڭىزمۇ ؟ پۇقرالار ، ئىقتىساد نەتىجىسىنى بەھىرلىنىشتە سىلەرنىڭ ئىرىشكىنىڭلار ئىنتايىن ئاز ، سىلەر كەينىدىن ئەگەشمىدىڭلار ،بەلكى دۆلەت سىلەرنى كەينىڭلەرگە تىپىۋەتتى . جۇڭگۇدا ئىككى خەلق بار : بىرىنجىسى خەلق قۇرۇلتىيىدىن تەشكىللەنگەن خەلق ، ئىككىنجىسى ئادەتتىكى خەلقتىن تەركىب تاپقان خەلق .بىرىنجى خەلق ئىنتايىن رازى ، ئۇلار قانۇن تۈزىدۇ ، بايلىقنى تەقسىم قىلىدۇ ، تۇمۇشتىن ھوزۇرلىنىدۇ ، ھەمدە ئۇلار ئىككىنجى خەلقكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىككىنجى خەلق ۋەكىللىك قىلىنىدۇ ، ئۇلار قانۇن يۈرگۈزلگۈچى ،ئۇلار تەقسىم قىلىنغۇچى ،ۋەكىللىك قىلىنغۇچى .ئۇلارنىڭ ئېغىزى بار مۇنازىرلىشەلمەيدۇ ،گەپ ئاڭلىغاندا خەلق ،ئاڭلىمىغاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئونسۇر . ئۇلار كوچىغا چىقىشقا لازىم بولغاندا خەلق سۆيەر ، لازىم بولمىغاندا باشقىچە پىكىرلىك ئونسۇرلار . يۈز مىليونلۇق ۋاستىچىلارنى دىمەي تۇرايلى ، ئىلىكتىر ھەدە ، سىزنىڭ راستلا پۇلىڭىز بار ، كىيگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى مىليونلۇق كىيىملەر ! سەنشىيانى دەپ باقايلى ، ئەينى يىللاردا ۋەدە بىلەن چوڭ سۆزلەشلەر شۇنچە كۆپ ،لىكىن قايسىسى ئەمەلگە ئاشتى ؟ تەننەرخىنى قايتۇرىۋېلىپ بازارغا پۇل تېپىشقا كەتتى ،تۇتقان توك پۇلى ئىچىدىكى قۇرلۇش فوندىنىڭ تاپاۋەت قىلىش ھوقوقىچۇ ؟ كىم تەرىپىدىن ئوغۇرلۇقچە ئالماشتۇرۇلدى ؟ بىر ۋات توكقا 8پۇڭ دىگەننى كىم كۆردى ؟ لىكىن ئالدىمىزغا كىلىۋاتقىنى شەكلى ئۆزگىرىۋاتقان پەلەمپەيسىمان توك پۇللىرى .سەنشىيا دا يەر تەۋرىسە بىلەمسىز ؟
مەنبە :http://blog.sina.com.cn/s/blog_e0b4752d0101ezfd.html
باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
|