قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1768|ئىنكاس: 12

مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 14:41:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
قۇربان داۋۇت شاھىدى

          ئەڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىخەلق ئۆزى يارىتىدۇ.                 
  --------------------------ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن                                

   مەكتەپ ئۇ  پەن، ئىجادىيەت ئالىمىدىكى بۈيۈك مۆجىزە، ئادەم تەربىيىلەيدىغان خاسىيەتلىك بۆشۈك،ھەممىگە ئورتاق ۋە باراۋەر بولغان مۇقەددەس قەسىر، ئىنسان بالىسىغا ئىلىم جاۋاھىراتلىرىدىن كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان، قانات-قۇيرۇق يېتىلدۈرىدىغان ئالتۇن ئۇۋا، گۈزەللىك بۇلىقى. ئىنسان بالىسى بۇ مۆجىزە، كارامەتلەردىن زوق ئېلىپ،ئۇنىڭدىن يېتەرلىك ھەم تېگىشلىك دەرىجىدە بەھرە ئېلىپ، بۇ ھايات سەيناسىدا ئۆرەبولىدۇ، تولۇپ كۆكلەيدۇ. ئەگەر مەكتەپ بولمىغاندا ئىدى، كۈنلەر ھازىرقىدەك بۇنچە شاد-خورام، سۆيۈنۈشلۈك بولمىغان بولاتتى. تارىخ داۋام قىلىپ، ئۇنىڭ بەتلىرىگە ئىنساننىڭ ھەرىكەت ۋە بەرىكەتلىرى، مالامەت ھەم كامالەتلىرى يېزىلمىغان بولاتتى.يەنە شۇ قاتاردا ئادەملەرنىڭ ئەقىل- ئىدراكىمۇ بۇنچىلىك ئۆسمىگەن، جاھانمۇ ماناھازىرقىدەك رەڭدارلاشمىغان بولار ئىدى بەلكىم. مانا بۇنداق رەڭدارلىقنى،تەرەققىيات، يۈكسېلىش مەنزىرىسىنى، ئىقبال يورۇقلۇقىنى بىز يەنىلا مەكتەپكە مەنسۇپ دەيمىز ئىپتىخارلانغان ھالدا. شۇنداق دېمەيمۇ تۇرالمايمىز ۋىجدانىمىز ئالدىدا.شۇڭا مەكتەپتىكى ئىشلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، ئانا مەكتەپ كەچۈرمىشىدىن تاتلىق نەرسە يوق بۇ ئالەمدە. ئادەم قېرىغان، ئاجىزلىغان چاغلىرىدا ئۆزى ئوقىغان ئانا مەكتىپىگە پات-پات بېرىپ تۇرسا، ئاشۇ ئۇلۇغ دەرسخانىنى يوقلاپ تۇرسا، بۇنىڭ خاسىيىتى بىلەن كىشى ياشىرىپ قالىدۇ. كۈچ، غەيرەتكە تولىدۇ، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. بەلكىم بۇنداق قىلىشنىڭ، مۇشۇنداق ئادەت بىلەن ياشاشنىڭ پايدىسى،ئەھمىيىتى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىشى مۈمكىن. شۇڭا مەكتەپ ھېچكىمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەيدۇ.
   يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەكتەپلىرىمىز تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتتى. يەنى بۇرۇنقى كېسەك تاملىق، مەيدانلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان، ئورۇندۇق، ئۈستەللىرى ئوڭايلا غىچىرلاپ، مىدىراپ قالىدىغان، ھەتتاكى تۈزۈكرەك دەرىزىلىرىمۇ يوق مەكتەپلەردىن مانا ھازىر ئەسەرمۇ قالمىدى. شەھەرلەردىن تارتىپ، يېزا-قىشلاقلارغىچە بولغان بارلىق جايلاردىكى، خىلۋەت مەھەللە-كويلاردىكى چوڭ-كىچىك مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قايتىدىن سېلىندى. يېڭىلىنىپ ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋى قىياپەتكە كىردى.بۇ ھال بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش باسقۇچىغاكىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئوقۇش ئىشلىرىغا لازىمەتلىك ماتېرىياللار، تەجرىبە، ئۆرنەك، چېنىقىش پائالىيەتلىرىگەمۇناسىۋەتلىك قوراللار، پايدىلىنىش بويۇملىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ھازىرلانغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان ھالەتكە يەتتى. مۇشۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ بىز يەنە مەكتەپ ئىچىنى گۈزەللەشتۈرۈش، تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنى تېخىمۇئەلالاشتۇرۇش جەھەتتىن پائال ئىزدىنىپ، مەكتەپ مەيدانىدىن تارتىپ،بىنا-ئىمارەتلەرنىڭ تام-تورۇسلىرىغا قەدەر بولغان، پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەكتەپ ئىچىنىڭ، جۈملىدىن مەكتەپ مۇھىتىنىڭ تەبىئىي دەرسخانا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى، ئىجتىمائىي ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بۇ جەرياننى، بۇخىل تىرىشچانلىقنى مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دەپ ئاتىدۇق. بۇ نام مەكتەپلىرىمىزگە، جۈملىدىن نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەكتەپلىرىمىزنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال قۇرۇلۇشىغا بەكمۇ ماس كەلدى. بۇنداق ئاتاش ھەقىقەتەنمۇ يارىشىملىق نام بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىمىزگەتېزلا ئۆزلەشتى، تىلىمىزغىمۇ سىڭىپ كەتتى. دېمىسىمۇ بۇ شەك-شۈبھىسىز توغرا سۆز ئىدى. ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىدىن قارىغاندا ئالدى بىلەن جەمئىيەتنى مائارىپلاشتۇرۇش، مائارىپلاشقان جەمئىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى يېتەكلەش، تەربىيىلەش زۆرۈر ئىدى. مائارىپ، تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىدىن باشقا،يەنە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مائارىپ مۇھىتىنى قوييۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، ئادەم تەربىيىلەش ئامىللىرىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇشتەك ئاڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەم ئىشنى ئۆزىدىن، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن، ئوقۇۋاتقان، ئىشلەۋاتقان ئانا مەكتىپىدىن باشلىشى لازىم. ئىرپان يولىغا، پەن قۇرۇلۇشىغا تاشلانغان ھەربىر قەدەم ئەنە شۇنداق دەل جايىغا بېسىلسا، ھەربىر ئېغىز سۆزمۇ يەنە ئۆز جايىغا، ئورامىغا چۈشسە، ئۇ چاغداتەلىم- تەربىيە، ئاقارتىش ئىشلىرى، مەدەنىيلىشىش ئارزۇسى چوقۇمكى، ئوڭۇشلۇق،ئۈنۈملۈك بولغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش خىزمىتىمىزدە سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، ۋاقتىدائايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇتتەك قىلىدۇ.
   ھەممىگە مەلۇم، مەكتەپ ئەزەلدىنلا مەدەنىيەتلىك ئورۇن. شۇنداقلا يەنە مەدەنىيەت تارقىتىدىغان،پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى يېتەكلەيدىغان بۈيۈك ئوقۇشخانا. ئۇيەنە، شۇ بىر جەمئىيەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى. بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ ئاشۇبىر مىللەت توپىنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنىشى، مۇھىم تەركىبلىرى. شۇڭا مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ، مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىر مىللەتكە، شۇمىللەتنىڭ ئەتىسى ھەم كەلگۈسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئېكىلوگىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە،مۇكەممەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا مەدەنىيەت قالايمىقانچىلىقى، مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى يۈز بەرسە، ئۇ ھالدا دۇنيانى ھازىرقىدەك ئاسايىشلىق ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان، ئىپتىخارلاندۇرىدىغان ئۇلۇغ ئەمگەكتۇر.داڭدار پەيلاسوپ سىمارىسمۇ: «ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئەمگەك قىلىشتا، مەدەنىيەت بولسا ئاشۇ ئەمگەكنىڭ مېۋىسىدۇر» دەيدۇ.
   ئەنە، دېمەي بولمايدۇ. بىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىمىز، خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇللىرىمىز ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بەزى ئىشلارغا قاراپ ئادەمنىڭ كۈلگىسى كەلسە، يەنە بەزى ئىشلارغا ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كېلىدۇ. ئاددىيسى مۇشۇ 26 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا مەن چېغىمدا نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەقدارى بولۇپ ئۈلگۈردۈم. ئۆزىمىزنىڭ كەسپىدىن، مۇشۇ مائارىپ ساھەسىدىن قۇلاق ئاڭلىغاننى دېمەي تۇرۇپمۇ، كۆز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز ئارىسىدىكى خېلى جېق ئىشلارنى سۆزلەپ كەلسەكمۇ، ئىختىيارىسىز ھالدا خىيالغا چۆمۈپ كېتىمىز.
   ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك يېڭىلىنىپ سېلىندى، ھەم باغچا تۈسىنى ئالغان گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دەپ ئاتاۋاتىمىز. بۇ خىزمەتنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىلىرىدىن مەكتەپ بىنالىرىنىڭ تام-تورۇسلىرىنى پات-پات سىرلاپ تۇرۇش، دەسسەشكە بولمايدىغان چىم تېرىش، تۇتۇشقا،ئۈزۈشكە بولمايدىغان گۈل قىلىش، ئىلگىرىكى ئېڭىمىزغا تونۇش بولغان يەرلىك دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا فرانسىيىنىڭ توغرىقى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىرنېمىسى دېگەندەكلەرنى قويۇش، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورنىتىش، ھەرخىل شۇئار، ئەقلىيە سۆزلەرنى يوپۇشتۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەنچەبولغاندىمۇ بالىلارنىڭ پائالىيەت بوشلىقىغا تەسىر يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇخىل قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ياخشى ئەھۋال دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەكتەپ ھويلىسىنىڭ ئۆزىمۇ ماھىيەتتە مۇكەممەل بىر دەرسخانىدىن ئىبارەت. مەكتەپ ئىچىدىكى بىرتال گىياھ،بىر ئوچۇم توپىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بالىلار تەربىيىسى ئۈچۈن رول ئوينىشى، بالىلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىغان بولىشى كېرەك. ھالبۇكى، بىرقىسىم يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مەيدانلىرىغابالىلارنىڭ ئېغىل-قوتانلىرىدا بار ھايۋانلارنىڭ ھەيكىلى تىكلىنىپتۇ. بۇنى بىرئازكۈلكىلىك ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. بالىلار ئائىلىسىدە كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى مەكتەپ ئىچىگە ئورنىتىشنىڭ بالىلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئۇنداق نەرسىلەر بالىلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ، ئويلاندۇرالمايدۇ. مۇشۇ خىزمەت جەريانىدا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى يېڭىچە مائارىپنىڭ دىيارىمىزدىكى پېشىۋاسى، ئۇلۇغزات مەمتىلى(تەۋپىق) ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىنى مەكتەپ ئىچىگە ئورناتقۇزۇپتىكەن، بۇمۆھتىرەم ئەزىمەتنىڭ  سېيماسى مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىگە يوچۇن كۆرۈنۈپ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىن ىئالغۇزىۋېتىش بىلەن بىرگە، بۇ ئىستەكلىك مەكتەپ مۇدىرىغىمۇ خېلىلا ئېغىر تەنقىدىي تەربىيە بېرىپتۇ. دەرۋەقە ھازىر بىرقىسىم جايلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تاملىرىغا يۈرەكلىك ئاسالمايدىغان،ناۋادا ئېسىپ قالسا خالىي، ئادەم كۆرمەيدىغانراق جايغا ئاسىدىغان، ئۆزىمىزدىن چىققان ئەللامە، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ نام-شەرىپىگە، ئىسمى-زاتىغا  بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان، چەتئەللىك ئالىملارنىڭ سۈرەت ۋە ھەيكىلىنى بولسا  پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىكلەيدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، ئىلىم- پەننىڭ ۋەتىنى بولمىغان بىلەن ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋەتىنى، يۇرتى، قېرىنداشلىرى بولىدۇ-دە! ئۆز يۇرتىدا،ئۆز ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ نام-نىشانى، بەلگە، سۈرەتلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورۇننى تېپىشى، قەدىرلىنىشكە ئېرىشىشى، ئەجداد، ئەنئەنە تەربىيىسى ۋە غۇرۇر، ئىپتىخار تەربىيىسىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلماي تۇرۇپ، مەدەنىيەت ھەققىدە گەپ سېتىش، قۇرۇق بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ۋىجدان كۆزىمىز بىلەن قاراپ باقايلى، ھازىرقى بالىلار ئىلگىرىكى بالىلارغا ئوخشىمايۋاتىدۇ. شۇڭا بىز كۆپىنچە ھاللاردا: «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بالىلىرى ھازىرقى بالىلارغا قارىغاندا پەزىلەتلىك، قەيسەر، قانائەتچان ھەم ئەقىللىق ئىدى» دەپ،خۇرسىنىمىز. بىز يەنە بالىلىرىمىزغا: «ئاتام 4-سىنىپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا مېڭىپتىكەن، مەن 18 يېشىمدا دارىلمۇئەللىمىننى تاماملاپ، خىزمەتكە چىقىپ بولغان، سەن بولساڭ تورخانىدا يۈرۈيسەن» دەپ تەنبىھ بېرىمىز. دەرۋەقە بۇ راست.60-يىللارنىڭ ساۋاتلىق ئادەملىرى قىلغان مەنىۋى ئەمگەكلەرنى ھازىرقى دەۋردە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ قىلالىشى ناتايىن. بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ چىڭ، پۇختىلىقىدا، تېخىمۇ مۇھىمى روھىيىتىنىڭ پاكىزلىقىدا. ئەينى ۋاقىتتىكى سېرىقتال تۇرمۇش ئاتا- بوۋىلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تاۋلاپ، ھەقىقىي ئىنسانلىق مۇقامىغا يەتكۈزگەن. ھازىر زامان تەرەققىي قىلدى. تۇرمۇش كەچۈرۈش،جاھاندارچىلىق قىلىش بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ قولايلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا بەزى قېرىلار ھازىرقى بالىلارنى: «ھەسەل كورىسىغا تۇغۇلغانلار» دەپ تەرىپلەيدۇ. تازا زېھىن قويۇپ قاراپ باقساق، بۇ گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ «ھەسەل كورىسىغا تۇغۇلغان» ئوماقلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى، ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى ئادەمنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. بىزدىكى ئاجايىپ قىياپەت گۈزەللىكى ، تەن ساپاسى، قىممەتلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئىقلىمغا ئۆرنەك بولغۇدەك خۇلۇق ۋە خاراكتېر،ۋە باشقا مەنىۋى، جىسمانىي كامىللىقلارنىڭ ئىپادىلىرىنى ھازىرقى بالىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىزدەپ كۆرسەك، ئانچە كۆڭۈللۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز. بۇ نۇرانە خىسلەتلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە بىلىنگەن بىخلىرى بولسا، تېزلا يىگلىشىپ، قۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ.شۇڭا مەكتەپلەردە ئومۇمى يۈزلۈك ئىلمىي سۈپەتتە تۆۋەنلەش، ئەخلاقتا چېكىنىش،ئىنتىزامدا چېچىلىش ھادىسىسى خۇددى ئېتىزغا سۇ يېيىلغاندەك كېڭىيىۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئوقۇش نىسبىتىمۇ يەنىلا تۆۋەن.يەنە نۇرغۇن بالىلىرىمىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەت قوينىغاكىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە، مۇقىم كەسىپنىڭ، ساغلام تۇرمۇش يولىنىڭ پېشىنى تۇتۇشقا سەل قاراۋاتىدۇ. قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ كىچىكلىكىگە، يۇمران،ياشلىقىغا قارىماي قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. بىزدە ئەزەلدىن ئىپپىتىنى سېتىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ تىزىلىپ ئولتۇرىدىغان نومۇسسىزلىق يوق ئىدى.مانا ھازىر ئۇمۇ بار بولدى. مۇشۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانىسىنىڭ، جەمەت، ئەجدادىنىڭ ئالدىدا قىلچىمۇ يۈزى قىزارماي، خۇددى بىر ئىستاكان سوغۇق سۇنى ساتقاننىڭ ئورنىدىلا تېنىنى سېتىپ، ئىپپەت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەرمەندە قىزلىرىمىز ساماندەك ئاۋۇپ كەتتى. ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك ئىشلاردىغۇپەرزەنتلىرىمىز ھېچكىمدىن، ھېچنېمىدىن ھېيىقماسلا بولدى. بولۇپمۇ قىمارۋازلىق شۇنداق ئەۋىج ئالدىكى، دېھقانلىرىمىزدىن تارتىپ زىيالىيلىرىمىزغا قەدەر، ھەتتاخەلقنى باشلاپ ماڭىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىدىنمۇ زور بىر تۈركۈم ئادەملەر قىمارغابېشىچىلاپلا كىرىپ كەتتى. دېھقان يىگىتلىرى كېۋەز تېرىپ تاپقان پۇلىنى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق ئىش ھەققىنى، كادىرلار، رەھبەرلەر بېقىنىغا ئۈسۈپ كەتكەن پۇللىرىنى ئېلىكترونلۇق قىمارخانىدا نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا ئۇتتۇرۇپ بولدى.ئۇلار قىمارغا قانچە ئۇتتۇرغانسېرى، شۇنچە كىرىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ قىمارئوينىغان ئەركەكلەرنىڭ بەزىلىرى جىنايەتچىگە، بەزىلىرى خىيانەتچىگە، يەنە بەزىلىرى خوتۇنىنى مېھمانخانىغا كەچتە ئەكىلىپ قويۇپ، ئەتىگىنى كېلىپ ئەكىتىدىغان«تىجارەتچى» گە ئايلاندى. ئۇلار قىمارخانىدا پۇلنى سۇدەك خەجلىگەن بىلەن، خوتۇن-بالىلىرىغا بىر كىلو گۆش، يا بىر تال كىتاب ئېلىب بېرىشكە گىرىلىك قىلدى،يارىمىدى. ئىش قىلىپ، قىمار ئوينىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتۈپ كەتكەن دۆيۈز،خۇمپەر، خۇمسىلارغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن ئۆيلەر بۇزۇلدى. تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار كۆپەيدى. شور پىشانىلەر ئاۋۇپ كەتتى. مانا بۇنداق سالتاڭ،ساياقلار، تىرىك يېتىملار  كۆپىيىپ كەتكەن جەمئىيەت، مەھەللە-كوچىلار يەنە قانداق بولماقچىدى؟! بۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىنى كۆرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەس. مىللەتنىڭ بۇنداق تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرى كوچا-كوچىلاردا، ئۆي-ئۆيلەردە بىزگە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىللىق ئائىلىسىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋەتكەن بىرقىسىم بالىلار، مىللەتنىڭ، ئەجدادنىڭ پەرزەنتى بولمىش بەزى ئاتا- ئانىلار رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ناھايىتى تەمكىن، ئازادە، خاتىرجەم ھالدا، چىرايىدا پۇشايماندىن كۆرە، ھەتتا ھېچقانداق ئۆكۈنۈشمۇ يوق ھالەتتە،ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى جامائەتچىلىككە سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ تۈرمىدە ئوبدان تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆپچىلىككە ئاڭلىتىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنى ئۆسمۈرلەر بولسۇن، ياكى ئادەملىك يېشىغا يەتكەن چوڭلار بولسۇن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ تەربىيىلەپ چىقارغان، يېتىشتۈرگەن، ئاز بولسۇن خاھى كۆپ بولسۇن ئاغزىغا ئىلىم سالغان مەھسۇلاتلىرىدۇر. ئەمما ئۇلاردىن چاتاق چىققاندا بولسا،ئۇلارنىڭ كىمدە ئوقىغانلىقى، قايسى مەكتەپتىن چىققانلىقى، كىمنىڭ بالا-ۋاقىسى ئىكەنلىكى، قايسى كوچىدا ئۆسكەنلىكى بىلەن ھېچقايسىمىزنىڭ كارى بولمىدى. ئۇنداقلاردىن ھەممىمىز ئۆزىمىزنى قاچۇردۇق. كاۋاپنىڭ زىقى توشقاندا پەقەت تۈرمە، زىندانلا ئۇلارغا پاناھ جاي بولدى. بىز لەۋ چىشلەپ تۇرۇپ قالغان ئاشۇ مىنۇتتا، يەنە بىرئۇلۇغ مەدەنىيىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. ئۇ بولسىمۇ چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە، ياشانغانلارنىڭ ياشلارغا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئۆزلىكىدىن، خالىسانە ھالدا، كۈندە بىرەر يېرىم قېتىم، «سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇپ»ئولتۇرۇپ، تەربىيە قىلىدىغان، بالىلارنىڭ نېرى-بېرى قىلىقلىرىنى ئوڭشايدىغان، بىلىپ-بىلمەي«ئەگرى يول» غا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دائىملىق تەربىيىسىدۇر. ماناھازىر شەكىلۋازلىققا، رەسمىيەتۋازلىققا تولغان جەمئىيەت، ئۆزلۈك تەمىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان سۈنئىي تۇرمۇش مەكتەپ سىرتىدىكى بۇنداق تەلىم-تەربىيەنى،ئالامەت كاتتا ئادەتنى تولۇق ئۆلتۈرۈپتۇ. بىزدىكى يەنە ياشانغانلارنى، قېرىلانى ھۆرمەتلەيدىغان، چوڭ كۆرىدىغان مەدەنىيەتكە، «ياش كەلسە ئىشقا، قېرى كەلسە ئاشقا»دەيدىغان مېھرى-مۇھەببەت تامچىلاپ تۇرىدىغان ھېكمەتكىمۇ دەز كېتىپتۇ. دەزكېتىدۇ-دە، ئۇنىڭغىمۇ! ھازىرقى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ تېيىزلاپ كەتكەن تۇرسا، خۇددى ئېرىققا لاي، تومۇرغا ماي ئولتۇرۇۋېلىپ تىنىپ كەتكەندەك. ئىنسان ماھىيىتىدىن ئۇنتۇغاق كېلىدىغان نەرسە بولغاچقا، دېمىسىمۇ بىز تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن قاتتىقچىلىقلارنى، قاباھەت، قارىلىقلارنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتتۇق، ياكى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولىۋاتىمىز. ئۆتمۈش بىزدىن ئەنە شۇنداق ئاددىيلا يىراقلىشىپ كەتتى.ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ، يۈزىنىڭ چوڭلىقى كۇچا نېنىچىلىك كېلىدىغان كەتمەنلەر بىلەن چوڭ دەريانى قانداق چاپقانلىقىنى ئەجەپ ئوڭايلا ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئۆتمۈش ھەققىدىكى ھېكايىلەر، ئۆتمۈش ھەققىدىكى گۈزەل ناخشىلار ئەمدى بالىلارنىڭ قۇلىقىغا ياقماس بولدى. بۇنداق بولۇش كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز ئىدى. ھازىر ئازىنا،پەيشەنبە كۈنلىرى ئاتا- بوۋىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ،ئازدۇر-كۆپتۈر دۇئا-تەگبىر قىلىدىغان، بۇ ئېسىل ئادەتنىڭ، مۇقەددەس يوسۇنىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدىغان بالا-پەرزەنتلەرمۇ ئازلاپ كېتىۋېتىپتۇ. بۇنداق بولىشىدىمۇ يەر شارىدا بىر قىسىم جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇشقا باشلاپ، ھاياتلىق ئېكىلوگىيىسىگەتەسىر يەتكىنىدەك بىر ئىش بولۇپ، بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىكى بىرقىسىم قىممەتلىك خىسلەتلەر يوقىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ۋۇجۇد ئالىمىمىزدا نورمالسىزلىق، بۇزۇلۇش بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قالمىغان بولساق:«بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئەسلەپ كۆرسەك بولىدۇ. بۇ جاھاندا نەدىمۇ قانۇنىيەتسىز نەرسە بولسۇن. ئالەم بىلەن ئادەم ئەسلىدىنلا بىر تەن، بىر ۋۇجۇد تۇرسا. بىزدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىش، ئۆزىمىزگە بىلىنمىگەن ياكى بىز سەل قارىغان زەررىچە سەھۋەنلىكىمىز جاھان تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالارمىدى! شۇڭا ھەر كىم ئىشلىگىنىگە يارىشا ھەق ئالغاندەك، بىزمۇ ياخشى-يامان قىلمىشىمىزغا مۇناسىپ ھالدا تەبىئەت بىلەن روھىيەتتىن تېگىشلىك«ئىنئام» لارنى ئېلىپ تۇرىۋاتىمىز. ۋەھالەنكى، بىزدە شۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ئويلىنىش كەم بولدى. ياخشى تەرەپتىن بولسۇن، ياكى يامان تەرەپتىن بولسۇن بىز مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرمىدۇق. ئويلىنىش دەل مائارىپ دېمەكلىكتۇر.
   ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىز، جۈملىدىن مەكتەپلىرىمىز بالىلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بېرەلمەيۋاتىدۇ. ھەقىقىي رەۋىشتىكى سەرخىل تەلىم-تەربىيە بالىلارغا يەتمەيۋاتىدۇ.بالىلارغا چىن مەنىسى بىلەن ئۆزلىشىدىغان تەلىم- تەربىيە مەزمۇنلىرى كەم بولىۋاتىدۇ. ئاددىيسى بىز بالىلارغا تۇغۇلىشىدىن تارتىپلا ئىشلەيدىغان، مەكتەپكەكىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان، ئەجداد، ئەنئەنەتەربىيىسىدىن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ، نەق ئۆزىمىزنىڭ باتۇرلۇق خىسلىتىنى، مەردلىك،مەردانىلىق خىسلىتىنى، نوچى، گاڭگۇڭلۇق خاراكتېرىنى، ئۆزىمىزنىڭ روھى ھالىتى ۋەكەيپىياتىنى بالىلارغا بېرەلمىدۇق. مۇشۇ كۈنلەردە «باتۇر» دېگەن سۆز بىزگە، بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ئانچە ياراشمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ سۆزمىغۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ نامىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان «باتۇر، ئەمگەكچان، مېھماندوست» دېگەن قاتاردىن چۈشۈپ قالغىلىمۇ ئۇزاق بولدى. بەزىلەر بۇ سۆزنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا دىققەت قىلغان بولىشى مۈمكىن. ئازابلانغان بولىشىمۇ مۈمكىن. يەنە بەزىلەر بولسا، بىزنىڭ نامىمىزنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان مۇشۇنداق بىر سۆزنىڭ بارلىقى بىلەن ھېسابلاشمىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. بۇ سۆز ئۆزىمىزنىڭ بوشاڭ، لايغەزەل، غۇرۇرسىز بولۇپ كەتكەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن چۈشۈپ قالدى. بۇ پەخىرلىك سۆزنى باشقىلار ئەمەس، ئۆزىمىز ئېتىبارسىزقاراپ ئۆچۈرۈپ تاشلىدۇق. ئەمدى بۇ سۆزنىڭ مەنىۋىيەت سەھنىسىدە قايتا نامايان بولۇشى، قايتا چاقنىشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتىدۇ. بىز مائارىپتا نۇرغۇن ئىشلارغاھەقىقىەتەنمۇ سەل قارىدۇق. خۇددى ئەمدى بىزگە باتۇرنىڭ، مەردلەرنىڭ لازىمى يوقتەك،بىزدىن مەرد ئەزىمەتلەر، باتۇرلار چىقمىسىمۇ بولىدىغاندەكلا مىجەزگە چۈشۈپ قالدۇق.«چىڭگىزخان» ناملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىمىدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار.چىڭگىزخان ئالتۇن خانلىقى بىلەن بولىدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ لەشكەرلىرىگە قاراپ، ھەيۋەت بىلەن مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «ئەي، باتۇرلۇرۇم! ئۇلۇغ موڭغۇل ئانىلار باتۇر بالىلارنى تۇغىدۇ. قولۇڭلاردىكى قىلىچ بىلەن ئۇلارنىڭ مەينەت قېنىنى تۆكۈۋېتىڭلار!» دەرۋەقە، مۇشۇ سۆزدىن روھلانغان موڭغۇل باتۇرلىرى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ئالتۇن خانلىقى لەشكەرلىرىنى تىرى پىرەڭ قىلىۋېتىدۇ. جاھان ئەركىسى چىڭگىزخاننىڭ «ئۇلۇغ موڭغۇل ئانىلار باتۇر بالىلارنى تۇغىدۇ!» دەپ توۋلىغان بۇ مەردانە خىتابى ھېلىھەم مۇڭغۇللارنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا جاراڭلاپ تۇرسا كېرەك. ئەگەر تەربىيە دېيىلگەندە چىڭگىزخاننىڭ ھەر بىر ئادەم تۇمار قىلىپ،بوينىغا ئېسىۋالغۇدەك ئاشۇ سۆزىنى، موڭغۇل بالىلىرىنىڭ باتۇرلىقىنى ياد ئەتسەبولىدۇ، تىلغا ئالسا بولىدۇ، شۇ كىنونى كۆرسە بولىدۇ. «ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز»دېگەن سۆز بار بىزدە. بىز شۇ كەمگە كەلگىچە بالىلارغا مەنىۋى جەھەتتىن بىر توقراق ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق. ئىشلىگەن كىنولىرىمىزمۇ تايىنلىق. ئۆيىمىزگە سۈننەتچاي، قاتار چاي، ئادەم زاڭلاشتۇرىدىغان ئىتوت ۋە ناخشا كېچىلىكىنىڭ پىلاستىنكىلىرى توشۇپ كەتتى. بالىلارغا شۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىدۇق. ئادەم نېمىگە يېقىن تۇرسا، نېمىگە دىققەت قىلسا، تەبىئىي ھالدا شۇ نەرسىنىڭ تەسىرىگەئۇچرىماي قالمايدۇ. بۇ دېگەن ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغان خۇسۇسىيەت ۋە ياكى قانۇنىيەت. بىز ئۈلگىدە، تىپ تىكلەشتە ئۇنچىۋالا نامراتمۇ ئەمەس. بەلكىم بىزنىڭ ئىدىيىمىز نامرات بولسا كېرەك. شۇڭا بىز سادىر پالۋاننىڭ، سىيىت نوچىنىڭ، غېنى باتۇرنىڭ نۇزۇگۇمنىڭ، ئازاتلىق جەڭچىسى رىزىۋانگۈلنىڭ ھېكايىلىرىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشكە قېرىقلىق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى مەكتەپ ئىچىگە ئاسالمىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى بولسا ئەسلا تىكلىيەلمىدۇق. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھرىدىكى بىرمەكتەپتە دەرس ئاڭلىدىم. ئوقۇتقۇچى «پالۋان كەلدى» ناملىق تېكىست ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. بىر ئوبدان كېتىۋاتقان دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى توپپىدىلا:«ساۋاقداشلار، ئەسەردە سادىر پالۋاننى جازا مەيدانىغا كىرىپ، ئايالى شەرۋانەمنى بىر قولى بىلەن ئاتنىڭ ئۈستىگە ئالدى دەپتۇ، مۇشۇ گەپكە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىڭلار. سادىر پالۋانمۇ بىر ئادەم، ئۇنى يەنە بىر ئادەمنى بىر قولى بىلەن كۆتىرىپ، ئاتنىڭ ئۈستىگە ئالدى دەپ، ئاشۇرىۋەتكەن» دەپ سۆزلەپ سالدى. مەن دەرس ئاخىرلاشقاندا ئوقۇتقۇچىغا: «مۇئەللىم، سادىر پالۋاننىڭ ئوبرازىغا دەغ تەككۈزدىڭىز»دەپ، كېتىپ قالدىم.  چەتئەل مائارىپىدا بۇنداق ئىشلارغا ئالامەت بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ، رىۋايەت، ئىپوسلىرىدىكى باتۇرلارنىڭ ھەيكەللىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا تىكلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ چىقىدىكەن. يوللارنى، كوچا،مەيدانلارنى ئاشۇنداق مەشھۇر ئادەملىرىنىڭ نامى بىلەن، مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ نامى بىلەن  ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئادەملەرنى تەربىيىلەش، جەمئىيەتتە ئىللىق ھەم بىر ئىسسىق ئېقىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. چۈنكى ئۇلار ئالىم چىقىشتىن باتۇر چىقىش قىيىن دەپ قارىسا كېرەك. ئالىم بولۇش ئۈچۈنمىغۇ باتۇرلۇق، شىجائەت كېتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا ئالىم بولۇش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوبدانراق ئوقىسا، ياكى ئۇزۇنراق ئوقىسا بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ئەمما باتۇرلۇق مەسىلىسىنى بولسا ئۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ دانىشمەن بوۋىلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا ناھايىتى زەردە بىلەن «ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس» دەپ، سۆز قالدۇرغان بىزگە. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئات مىنەلەيدىغان ئەركەكتىن بىر ناھىيىدە ساناقلىقلا ئادەم چىقىشى مۈمكىن. ئۆمرىدە بىر تەرلىگىدەك ئات چاپتۇرۇپ باقماي ئۇ دۇنياغا كېتىدىغان ئەركەكلىرىمىز بولسا ناھايىتى نۇرغۇن. بۇ گەپنىڭ چىقىپ قېلىشىمۇ تەساددىبى ئەمەس.چۈنكى بىز ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى. بىر قىسىم ئادەملەر ھازىر بىرەر ئىش بوپ قالارمىكىن دەپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىمۇ يۈرەكلىك تىلغا ئالالمايدىكەن، ئىشلىتەلمەيدىكەن.بىزنىڭ باتۇر ئەجدادلىرىمىز ئات بىلەن تەقدىرداش بولغان بىر زاماننى، بۈيۈك بىرمەدەنىيەت دەۋرىنى ياراتقان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاتنى يەنى ئارغىماق،تۇلپارلارنى پەقەت باتۇر ئادەملەرلا مىنەلەيدۇ. بىزدە ئات مىنەلەيدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى، بۇ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئانا مەدەنىيەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرخىل مەدەنىيەت، بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى يوقالسا، چوقۇمكى شۇ بىر مىللەتنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسى سۇنغان بولىدۇ. بىر قوۋۇرغىنىڭ سۇنىشى بىزگە «بىر قوۋۇرغىسى كەم» دېگەن زەھەردەك ئاچچىق، كىنايە بىلەن تولغان ئاتىلار سۆزىنى ئەسلىتىدۇ.
   سۆز مۇشۇيەرگە كەلگەندە، نەزەرىمىز يەنە مەكتەپلىرىمىزگە ئاغىدۇ. ئاشۇ ئېغىش بىلەن تەڭ،دىلىمىزدىن نۇرغۇن سۇئاللار سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ. بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز گۈزەللىك،لاتاپەت تەربىيىسىنى، بىلىم، پاراسەت تەربىيىسىنى، باتۇرلۇق، شىجائەت تەربىيىسىنى زادى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ ھەر بىر پەنگە بىر ئوقۇتقۇچى قويۇلغان، پەنلەربويىچە بۆلۈم، ئىشخانىلار تەسىس قىلىنغان، ئەخلاق دەرسى، ئەخلاق ئوقۇتقۇچىسى،ئەخلاقىي تەربىيە بۆلۈمى ھەم مەخسۇس خادىملار سەپلەنگەن تۇرۇقلۇقمۇ نېمىشقا ئىلىم  سۈپىتى، ئەخلاق سۈپىتى، بەدەن سۈپىتى دېگەنلەر يىل سېرى تۆۋەنلەپ، كەينىگە يېنىپ كېتىدۇ؟ مەكتەپلەر نېمىشقا ھەر مەۋسۈمدە ئىككى خىل نەتىجە ئىشلەيدۇ. (بۇنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ راست نەتىجىسى، يەنە بىرى ساختا نەتىجىسى). بۇ خىل ساختا نەتىجىنى مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ بىلىدىكەن، مۇشۇنداق قىلىشقا «يېشىل چىراغ»يېقىپ بېرىدىكەن. مەكتەپلەردىكى بۇ ساختا نەتىجە «جەدۋەللەرنى ئاشتى» غا يوللاشتا،يەنى قاتلاممۇ-قاتلام يۇقىرىغا يوللاشتا، «كۆز بوياش» تا ئىشلىتىلىدىكەن. ھېلىقى راست نەتىجىنى بولسا، يىل بويلاپ ئۆزى بىر سائەتمۇ دەرس ئۆتۈپ باقمايدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى، تۆۋەن بولسىمۇ ئاشۇ ھەقىقىي نەتىجىنى ياراتقان، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنى جازالاش، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.  يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ «ئىككى ئاساسەن» نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا بولۇپ ئۆتكەن بويامچىلىق، دورامچىلىق، يالغانچىلىق ئىشلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە كەڭ كۆلەمدە يۈز بەردى. ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ساختا ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل قويۇپ،مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگەتتى. ئاشۇ يىللىرى «تىكىپ-سۆكىدىغان» ئىشلار تۈگىمەي،كېچىسىمۇ ئۆيىگە قايتماي، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، «خىزمەت ئۈستى» دە جان تەسلىم قىلغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ خېلى بار. راست گەپنى قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتى، يۈزى ئاجايىپ ئېغىر تۆكۈلۈپ كەتتى. نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا، ھەتتا بىر كېچىدىلا مەكتەپلىرىمىز تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ«يېڭىلىنىپ» كەتتى. جەدۋەل ئىشلەش، تازىلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتە-ھەپتىلەپ دەرس ئۆتۈلمىدى. نەچچە يىللاپ پاختا تىرىش جېڭى قىلدۇق. ئوقۇغۇچىلارنى تىراكتۇر، ماشىنىلارغا بېسىپ بېرىپ، مەكتەپنى باي قىلىش ئۈچۈن پاختا تەردۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتى ئاي–ئايلاپ ئېتىزلىقتا ئۆتۈپ كەتتى. داق تۈزدە يېتىپ قوپتۇق. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئوخشىماي قالدۇق. ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلىقتىن ئىبارەت نازۇك مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر يەتتى شۇ چاغدا. مۇشۇ ئەمگەك جەريانىدا ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ بولۇپ قالغان ئەھۋاللارمۇ يۈزبەردى. ئەمما بىز تولا ئۇزاق قالمايلا بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ھايات بارلىرىمىز يەنىلا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئۈمىد بىلەن ياشاۋەردۇق. مائارىپ ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغاتەۋە نەرسە ئەمەس. ئۇ دېگەن يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا مەنسۇپ، يەنى ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى، تۇيغۇنى، تەپەككۇرنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئىدىلوگىيە قۇرۇلۇشى، ئاڭ ئېقىمى ھەرىكىتى. بۇ يەنە ھەرگىزمۇ يوللارنى،مەيدانلارنى قاتتىقلاشتۇرۇپ قويۇش بىلەن، ئېگىز ھەم كۆركەم بىنالارنى  سېلىش، بىر قانچە تۈپ ئورمان قويۇپ قويۇش بىلەنلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. كىشىلەرنىڭ: «مەكتەپلىرىمىزئېگىزلەپ كەتتى، ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ ئەقلى پەسلەپ كەتتى. مەكتەپلىرىمىز چىرايلىقلىشىپ كەتتى، ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ قىلىقى سەتلىشىپ كەتتى» دەپ يۈرگەن گەپلىرىدىمۇ خېلى مۇنتىزىم ئاساس باردەك قىلىدۇ. ئىلگىرىكى زامانلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇپ، تىللاپ تۇرۇپ ئوقۇتىدىكەنتۇق. ھازىر بولساكۆرىۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز، گېزىت- ژورناللاردىن ئوقۇۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يانىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرىدىغان، ھەتتا ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈزبېرىۋاتىدۇ. شاگىرتنىڭ ئۇستازغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى، بولۇپمۇ سەبىي بالىلارنىڭ بۇ دەرىجىدىكى قوپال ھەم ۋەھشىي ھەركىتىنى ھەرقانداق قىلىپمۇ، ئېڭىمىزغا سىغدۇرالمايمىز.مەيلى ياش-ئۆسمۈرلەر بولسۇن، ياكى چوڭلار بولسۇن زۇلۇم-سىتەمگە يېقىن تۇرسا،جىنايەت يولىغا قەدەم تاشلىسا ئۇ كىشى ئادەملىكىدىن يىراقلاشقان بولىدۇ. ئىنسانلىق ماتانەتتىن ئاجراپ كېتىدۇ. ئادەملىرى نىزا، ئۆچ-ئاداۋەتتىن، ئىناقسىزلىق،ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمايدىغان جەمئىيەت ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بولالمايدۇ. ھازىر بەزى رايونلاردا بالىلىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئانا تىلدا ساۋاتسىز ھالەتتە چىقىۋاتىدۇ. خەنزۇتىلىدىكى سەۋىيسىنىڭمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. بۇنىڭدىكى سەۋەب، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپى قوشۇلۇپ، 1-، 2-يىللىقلىرىدا ئانا تىل دەرسى زادىلا ئۆتۈلمىگەنلىكىدە. 3-يىللىقتىن باشلاپ ھەپىتدە بىر-ئىككى سائەت ئانا تىل دەرسى ئۆتۈلگەندەك قىلغان بىلەن، ھەقىقىي كۆيۈنۈپ تۇرۇپ، ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئۆتۈلمىگەنلىكىدە.بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا مۇئىللىم ھەرىپلەرنى ئالامەت تۈجۈبىلەپ، بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىتەتتى. ھېساب دەرسىدە قوشۇش-ئېلىشنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ياغاچتىن 15-20 تال چۇكا ياساپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇراتتى. بىز كىچىك بولغاچقا چۇكاياسىيالماي قىينالساق، مۇئەللىم مېھرىبانلىق بىلەن، بىزگە كۈيۈنۈپ، بىزگە ئىچى ئاغرىپ چۇكىلارنى ياساپ بىرەتتى. بۇ چۇكىلارنى بىز دەرس ۋاقتى پارتىمىزنىڭ ئۈستىگەيېيىپ قويۇپ تۇرۇپ، قوشۇش- ئېلىش ساۋادىنى ئۆگىنەتتۇق.  مانا ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇنداق چۇكا ياساپ بېرىدىغان، بالىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئارتۇقچە «زايا» قىلىدىغان، ئارتۇقچەئىش قىلىپ ئۆزىنى ئۇپرىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار يوقاپ كەتتى. شەخسەن مەن مۇشۇ 26يىلدىن بۇيان مەكتەپتە ئىشلەپ يۈرۈپ، ئوقۇغۇچلارغا چۇكا ياساپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما ھېلىقى ئەينى يىللىرى بىزگە چۇكا ياساپ بەرگەن مۇئەللىمنى بولسا، ھازىرغا قەدەر ئەسلەپ، سېغىنىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يىل قۇربان ھېيىتتا يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بالىلىرى ئوقىسۇن دەپ كىتاب ئالغاچ بارغانىدىم. مەن بۇ ئۆيگە جەم بولغان تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىغا ھېيتلىق ھېسابىدا بىر تالدىن كىتاب تارقىتىپ بەردىم. ئارىدا چوڭلاردىن بىرى: «لېكىن بۇ بايقۇشلار كىتابنى ئوقىيالمايدۇ-دە!» دەپ قالدى. مەن ھەيران بولۇپ: «ئۇنداق ئەمەستۇ؟» دەپ سورىغاچ،بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق بىرىنى تۇتىۋېلىپ گەپ سورىدىم:
-نەچچىدە ئوقۇيسىز؟
-6-سىنىپتا،دېدى، بالا سەل قورۇنۇپ. مەن قولۇمدىكى «سەت ئۆردەك چۆجىسى» دېگەن كىتابتىن بىربەت ئېچىپ، بالىغا مېھرىبانلىق بىلەن: «ماۋۇ يەرنى ئوقۇپ بېقىڭە» دەپ، بەردىم.بالا مەن كۆرسەتكەن بەتنى دۇدۇقلاپ ئوقۇشقا باشلىدى. بالىنىڭ خەت ساۋادى، كىتاب ئوقۇش ساۋادى ھەقىقەتەنمۇ چىقمىغان ئىدى. كىتابنى مۇشۇنداق ئوقىغاندا ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى باشقىلاردىن تۈگۈل ئۇنىڭ ئۆزىمۇ چۈشىنەلمەيتتى. كىتاب دېگەننى راۋان ئوقىمىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ-دە! ئارىدا تاغام يەنەبالىسىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ھازىر مەكتەپلەردە كونسىپىك يازىدىغان ئىشلار يوق بولغاچقا، تاغام ماڭا بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرسەتكەنىدى. مەن دەپتەردىكى خەتنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدىم.دەپتەردىكىسى ھەرگىزمۇ 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خېتى ئەمەس ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندائۇنى خەت دېگىلى بولمايتتى. بالىنىڭ يازغىنى ئىرماش- چىرماش بىر نەرسىلەر بولۇپ،ئۇ خۇددى كۆزۈمگە ئىت باغلايدىغان زەنجىردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن يەنە دەرھال ھېلىقى كىتابنىڭ كەينىدىكى نەشر ھەققىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى بالىغا ئوقۇتۇپ كۆردۈم. بالا بىر-ئىككى تال تاق خەتلەرنى تونىغادەك قىلغان بىلەن بۇ خەنزۇچەخەتلەرنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوقىيالمىدى. مەن بېشىمنى كۆتىرىپ بالىغا قايتىدىن سەپ سالدىم. بالا شۇنچىلىك ساغلام، چىرايى پاكىز، جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ھېچ قانداق كەمتۈكلۈك يوق، بېجىرىم بالا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ئاجايىپ بىر خىل سەمىمىيلىك، بىغۇبارلىق ئۇچقۇنداپ تۇراتتى. ئەسلىدە مەن بۇ يەرگە ھېيتلاپ كېلەرمەن، كۆڭۈل ئېچىپ شادلىنىپ كېلەرمەن دەپ كەلگەنىدىم. بىراق بۇ ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن قىسقىغىنا ھەم تەساددىبى «ئىمتىھان» ماڭا ئازاپ ئېلىپ كەلدى. مەن بۇمەھەللىدىن گويا يىغلاپ قايتقاندەك بولۇپ قالدىم. مەن شۇ چاغدا باشلانغۇچنىڭ4-يىللىقىدا ئوقىۋاتقان ئوغلۇم قۇتيارغا قارىدىم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قۇتيارمۇشەھەردىكى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بىلەن ساۋات ۋە سەۋىيە جەھەتتىن تاغامنىڭ بالىسىدىن پەرقلەنمەيتتى. مانا بۇ بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئادەم تەربىيىلىشى ئىدى. دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىزگە ئوخشاش بالىلىرى ياخشى ئوقىيالمىسىمۇ، بالىلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھەتتا خەت ساۋادى چىقمىسىمۇ خاتىرجەم يۈرەلەيدىغان ئاتا-ئانىلار بولمىسا كېرەك. بىر بالىنىڭ بېشىدا مىڭ ئارمان بار تۇرسا! ئاشۇ بالىمىز دۇنياغا كۆز ئاچقاندا بىز قانچىلىك خۇشھال بولمىدۇق. بالىلىرىمىز ھەققىدە ئەڭ تاتلىق خىياللارنى سۈرۈپ، بالىلىرىمىزنىڭ بىزدىنمۇ كاتتا، بىزدىنمۇ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىدۇقمۇ-ھە؟! بىراق بالىلىرىمىز مەكتەپ يېشىغا يىتىپ، مەكتەپكە كىرىشى بىلەنلا بىز تېڭىرقاپ قالدۇق.جەمئىيەتتە سانسىزلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنىڭ ئوقىشىغا، ئەتىسى-ئاخشىمىدىكى ئۆگىنىشىگە قىلچىلىك ياردەم قىلالماي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدۇق. سەۋەبى،بىزنىڭ سەۋىيىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2- يىللىقىغىمۇ توغرا كەلمىدى.«ئوقۇتقۇچى ياللاش» دېگەن بىر خىيال كېلىدۇ شۇچاغدا كاللىغا. بىراق «كانايغا يوق،سۇنايغا نەدە؟» دېگەندەك، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشقا قۇربىتىمىز يەتمەيدۇ.يەنە بېرىپ يېزا- قىشلاق، كەنت-مەھەللىلەردە «ياللانما ئوقۇتقۇچى» لارنى نەدىن تاپىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر «ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخىم قېچىپتۇ» دېگەندەك،قۇرۇق گەپكە، بېكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان ئادەم قالمىغان تۇرسا! ھەي، ئىسىت! ھازىرقى بولۇۋاتقان بەزى ئىشلاردىن لېي فېڭ روھى، پاۋىل روھى، بېتىيۇن روھى دېگەندەك زامان ھالقىغان روھىي ئۆرنەكلىرىمىزمۇ قۇرۇنۇپ قېلىشى مۈمكىن. بىراق ھازىرقى كىشىلەرنىڭ:« پۇل بولسا مەدەنىيەتلىك بولغىلى بولىدۇ، پۇل بولسا مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپاقىلغىلى بولىدۇ، پۇل بولسا بالىلارنى ياخشى ئوقۇتقىلى، خالىغان يەردە، ئەڭ كاتتامەكتەپلەردە ئوقۇتقىلى، ئۇنۋانلارنىڭ ئەڭ ئالىيسىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەتتا قانۇن،سىياسەتلەرمۇ پۇلى بار ئادەملەرنىڭ گېپىنى قىلىدۇ، شۇنداقلارغا يان باسىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئادەم ئىشەنمەي دېسىمۇ ئىشەنگۈسى كېلىپ قالىدۇ. ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»، «پۇلى بارنىڭ يولى راۋان، پۇلى يوقنىڭ رەڭگى سامان» دېگەندەك  تەۋەررۈك سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ئادەمنى ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ. بايلىق-نامراتلىق پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقەت پەقەت بىرلابولۇپ، يەنە بېرىپ بۇ ھەقىقەت بايلارغا مەنسۇپ ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى «پۇل»دىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن پۇل كىمدە بولسا، ھەقىقەت شۇنىڭدا بولىدۇ دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. مانا شۇ تاپتا جەمئىيەتتىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاڭ-چۇڭلارغا قۇلاق سالساقمۇ،ئەڭ كۆپ بولىۋاتقىنى پۇل ھەققىدىكى پاراڭلاردۇر. تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسىمۇ سۆھبەت تېمىسى ئايلىنىپ بېرىپ، پۇل ئۈستىدە توختايدىغان بولۇپ قالدى. دېمەك، مۇشۇئاي، مۇشۇ كۈنلەردە بىزنىڭ بالىلىرىمىز، يۈرەك پارىلىرىمىز، ئاشۇ سەبىي بوغۇنلارئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان گەپ، پۇلنىڭ گېپىدۇر. ئۆيدىمۇ، تالادىمۇ، مەكتەپ،دەرسخانىلاردىمۇ كۈندە بىرەر قېتىم پۇلنىڭ گېپى بولۇنماي تۇرۇپ، كۈن كەچ بولمايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن دىققەت قىلغاندا، پەرزەنتلىرىمىز ئاتا- ئانىسىنىڭ، قان-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسمىدىن «پۇل» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ چوڭ بولۇۋاتىدۇدېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا قەيت قىلدۇق، ئادەم نېمە بىلەن كۆپ ئۇچراشسا، شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ. نەق گەپنى قىلغاندىمۇ بالىلىرىمىز كىتابنىڭ تەسىرىدىن كوچىنىڭ تەسىرىگە، مەكتەپنىڭ تەسىرىدىن جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدىن ياتلارنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچراۋاتىدۇ. بىر قەدىمىي كىتابتا:«قۇدرەتلىك رىم ئىمپىرىيىسى بالا-پەرزەنتلىرى ياتلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىمىرىلگەن» دەپ يېزىلىپتۇ. بالىلار ئۈچۈن، گۈزەل ھەم ئىللىق جەمئىيەت ئۈچۈن مۇشۇنداق پايدىسىز، سەلبىي تەسىرلەرنى زادى كىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟بالىلار كىمنىڭ، قانداق ئادەملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ؟ مۇشۇ سۇئال قويۇلغاندابىردەم جىم تۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ خەتەرلىك سۇئال، بىز ئۈچۈن قىيىن سۇئال. ئەمما بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرمەي بولمايدۇ. ئەگەر بۇ سۇئالغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشنى خالىساق، ئۇنىڭ جاۋابى بەك تەسمۇ ئەمەس. بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا بالىلار ئۆزىمىزنىڭ تەسىرىگە، بىز چوڭلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بالىلار پۈتۈن ئىشلارنى، بارلىق ياخشى-يامان قىلمىشلارنى بىزچوڭلاردىن، ئاتا-ئانا، ئۇستازلاردىن، كادىر، زىيالىيلاردىن، ئەمەلدار،باي-غوجاملاردىن دوراپ، ئۈلگە ئېلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئەگەر تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى مەينەت يۇندا بولماي، قىپقىزىل قان بولىدىغان ئىش بولسا، بىز بۇ ھەقىقەتكە قايىل بولىمىز. قىلغان، ئەتكەنلىرىمىزگە ئىقرار بولىمىز. شۇنداق ئەمەسمۇ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىزنى دورىماي كىمنى دورايتتى! سەبىيلىرىمىز ئۆزى بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغان،ئۆزى ئىشىنىدىغان، ئۆزى چوقىنىدىغان، بىزنى دوراڭلار، بىزدەك ئادەم بولۇڭلار دەپ غۇلىچىنى كەرگەن، مەيدىسىنى قاققان قېرىنداشلىرىنى، يىگىت-قىزلارنى دورىماي، ئىت-ئېشەك ۋەباشقا جاندا-چارىپايلارنى دوراپ، شۇنداق نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ چوڭ بولسا بولارمىدى؟! بىزدە «چاقنى بۇزغان تانىسى، بالىنى بۇزغان ئاتا-ئانىسى»، «ئاناباشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ، ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىغى چوڭ» دېگەندەك جاھان نەسىھەتلىرى، تۇرمۇش ساۋاقلىرى بار. ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەنە «بېشى يوق يىلان ماڭالماس، قاناتسىز قۇش ئۇچالماس»، «بېشى يوقنىڭ، ئىشى يوق»، «ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ تاپىنىغا سانچىلار» دېگەندەك ئالتۇن سۆزلەرنىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنى ئادەم بولسۇن، ئادەمدەك ياشىسۇن،بالا-پەرزەنتلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەپ، پارلاق كەلگۈسىنى ياراتسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى. ھالبۇكى، بىز قايسى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ «ئاش كەلسە، ئىيمان قېچىپتۇ» دېگەندەك، ماددىئىي مەنپەئەتلەر ئالدىدا، مەنىۋى بوستانلىقلىرىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمىدۇق. خارابلاشقان، چۆلدەرەپ قالغان كۆڭۈل بېغىمىز ئەۋلادلارنىڭ، جۈملىدىن گۈزەل كەلگۈسىنىڭ پاك قەلبىگە ئوتلۇق مۇھەببىتىنى،قىزغىن ھەم ساپ ھېسسىياتىنى تەقدىم ئېتەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، مەكتەپ،باغچىلىرىمىزدا، ئاساسلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ سەينادا «ئۆزىنىڭ بالىسىنى سۆيگەن– ئادەم، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سۆيگەن-پەرىشتە»، «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن»دېگەندەك ناخشىلار ئېيتىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇن بىلەن رېئاللىق، ئىدىيە بىلەن ئەمەلىيەت تولۇق ماس كەلمەسلىكتەك كۆڭۈلسىز كۆرۈنۈشمۇ تەڭلا مەۋجۇت  بولۇپ كەلدى. ئون ئادەم ھەتتا 100 ئادەم ئىشلىگەن مەكتەپلىرىمىز بىر ئادەمنىڭ پىلانى ۋە خىيالى بىلەن باشقۇرۇلۇپ كەلدى.ئارىمىزدا 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنىڭ 27 يىلىنى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بىر سىنىپنى تۈزۈك باشقۇرالماي تۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى بولۇۋېلىپ،كېرىلىپ يۈرگەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بىزدە مۇدىر دېگەن قالپاقنى بىركىيىۋالسا، ئىت يىلدىن ئىشەك يىلىغىچە يەنى تاكى دەم ئېلىشقا چىققۇچە شۇ مۇدىرلىق سالاھىيەت بىلەن ياشايدىغانلىقىنى  ھەممىلائادەم بىلىدۇ. بىر مەكتەپتە ئىشلىيەلمىسە، ياكى بىر ئورۇننى سېسىتىۋەتسە تەشكىل ئۇنى يەنە بىر مەكتەپكە، باشقا بىر ئورۇنغا يەنە شۇ ئاتالمىش ۋەزىپە بىلەن يۆتكەپ قويىدۇ. دېمەك، ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ مۇدىرلىقىنى، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋىرىدۇ. ئۆزۈمنىڭ 26 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا بىرەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. چوڭلاردىن، قېرىلاردىن ئاڭلىشىمچىمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەمەلدارلىق ساھەسىدە تەختكە چىققان بار، چۈشكەننىڭ گېپى يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدار بولغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى، كۈنى ياخشى ئۆتىدىغان بولغاچقا، كىچىك بولسىمۇ ئەمەل تۇتۇشقا قىزىقىش، يا پۇلدار، يا ھوقۇقدار بولۇش ئۈچۈن جان پىدا قىلىش بىزدە ئىلىمگە قىزىقىشتىن نەچچەھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، «ئەمەل سودىسى» دىن ئىبارەت بىرخىل يىرگىنىچلىك تىجارەت تۈرى بۈگۈنگە كەلگەندە پۈتۈن جەمئىيەتكە يامراپ كەتتى. ھوقۇق تۇتقان،تامغا تۇتقان ئادەم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ كەتتى. كەنتنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن(بېسىشقا تېگىشلىك بولغان ئەھۋالدىمۇ) ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ بىر قاچا لەڭمەن چاغلىق نەرسە تامغا تۇتقۇچىنىڭ گېلىدىن ئۆتمىسە، ئۇ تامغىنى باستۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىپ كېتىش باسقۇچىدىن، كۆنۈپ كېتىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كەتتۇق. مانا بۇ بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت. جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىل بولسائادەم. ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھەم مۇھىم بولغىنى ئەخلاق. يەنى بۇ دېگەنلىك ئادەمنىڭ ئادەمگە خاس بولغان مەنىۋى سۈپىتى، ئىنسانىي پەزىلىتى بىر جەمئىيەت ئۈچۈن، مۇئەييەن بىر خەلق توپى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دېگەنلىكتۇر.   
   سابىق سوۋىتئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر مائارىپ ئەمەلىيەتچىسى، پۈتۈن ئۆمرىنى مائارىپ ئىشلىرىغابېغىشلىغان، زور تەسىرگە ئىگە پېداگوك سۇخوملىنىسكىي ئوغلىغا 22 پارچە سالام خەت يازغان. بەلكىم بۇ زات ئوغلى ھېسابىدىكى بارلىق بالىلارغا، ياش-ئۆسمۈرلەرگەقارىتىپ يازغان بولىشى مۈمكىن. ئۇ 19-پارچە خېتىدە ئوغلىغا مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ.
   «ئوغلۇم،سەن مەكتىپىمىزنىڭ شەرەپ تاختىسىغا 18 ياشلىق لېئونىد شۋچېنكونىڭ رەسىمى ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى بىلىسەن. بوز يەر ئاچقان 1-يىلى، يەنى 1956-يىلى فېۋرالنىڭ قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى،  ئۇ يولداشلىرى بىلەن تىراكتۇرنى ھەيدەپ 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايدىن مەھەللىگە ئوت-چۆپ توشۇغىلى بارىدۇ. قايتىش سەپىرىدە ئۇلار شىددەتلىك قار-شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغائۇچرايدۇ. تىراكتۇرچى لېئونىد شۋچېنكو يولداشلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى چارۋىچىلىق فېرمىسىغا بېرىپ پاناھلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تىراكتۇرىنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ.ئۇ يولداشلىرىغا: «سىلەر شىۋىرغان ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار! مەنمۇشۇ يەردە قېپ قېلىپ، ماتۇرنى قىزىتىپ تۇراي، ماتۇرنى توختىتىپ قويساق، ئۇنى بىرسوتكىدىمۇ ئوت ئالدۇرالمايمىز، ئوت-چۆپنى ۋاقتىدا ئاپىرالمىساق، مال-چارۋىلار ئاچ قالىدۇ!» دەپ، توۋلايدۇ. بۇ چاغدا شىۋىرغان تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،يولداشلىرى تىراكتۇرغا يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقاكېتىپ قالىدۇ. بىر كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، شىۋىرغان توختىغاندا يولداشلىرى تىراكتۇرغايېقىنلىشىپ كېلىپ، تىراكتۇردا تولىمۇ خاتىرجەم ھالدا رولنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرغان لېئونىد شۋچېنكونى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە 18 ياشلىق بۇ قەيسەر يىگىت قاتتىق سوغۇقتا ئاللىقاچان توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. كېيىن مەھەللىدىكى كىشىلەر دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا جەڭگىۋار ئىش ئورنىدا قۇربان بولغان لېئونىد شۋچېنكونىڭ رەسىمىنى شۇ مەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويغان. ھەم رەسىمنىڭ ئاستىغا ھىندىستانلىقلارنىڭ «ئادەمنىڭ ھاياتى گويا بىر پارچە تۆمۈر، ئۇ ئىشلەتسەڭ پارقىراپ تۇرىدىغان، ئىشلەتمىسەڭ دات بېسىپ چىرىپ كېتىدىغان نەرسە» دېگەن مەشھۇرئەقلىيە سۆزىنى يېزىپ قويغان. قارا ئوغلۇم، ئەگەر سېنىڭ قەلبىڭ چىرىيدىكەن، سەن ھېچقانداق قىممىتىڭ بولمىغان ھالدا جان تالىشىپ ياشايسەن. لېئونىد شۋچېنكو بولساكۆيۈش بىلەن چىرىش ئارىسىدىن ئالدىنقىسىنى تاللىۋالغان. سېنىڭ قەلبىڭ پارلاق نۇرلارنى چاچسۇن، بۇ نۇرلار ھەم ئۆزۈڭنى يورۇتسۇن ھەم بارلىق بالىلارنىڭ ئالغابېسىش يولىنى يورۇتسۇن. سەن ئېلىڭ ئۈچۈن، خەلقىڭ ئۈچۈن كۆي، يورۇقلۇق چىقار».ئۇستاز سۇخوملىنىسكىي ئوغلىغا ئەنە شۇنداق جانلىق تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە،باشقا بارلىق بالىلارنىڭمۇ قەھرىماندىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سۇخوملىنىسكىينىڭ بۇخىل تەربىيە ئۇسۇلىدا بۈگۈنكى دەۋر مائارىپىنىڭ ئىپادىلىرى تولۇق ئەكس ئەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. مەسلەن: ھازىرقى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ لېئونىد شۋچېنكوغا ئوخشاش قەھرىمالارنىڭ، مەشھۇر زاتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئىبارەت. دەرسلىك كىتابنىڭ بۇنداق شەكىلدە تۈزۈلۈشى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ياكى ئورۇنسىز ئەمەس. بۇنىڭدىكى تۈپكى مەقسەت، يەنىلا شۇبالىلارنى، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەڭ ئاكتىپ ھەم ئىلغار ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، ئەھمىيىتى بار تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرى ئارقىلىق تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ نەچچەمىڭ يىللىق قەدەم ئىزلىرىنى، ئۆتمۈش ھەققىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى، ئەسىرھالقىغان ئەنئەنە، ئۇدۇملارنى، شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى، روھىيەت ئارقىلىق جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. زامان ۋە جاھان ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بۇنداق ئىزگۈمەقسەت، غايە ۋە ئىستەكلەر قانچىكى بالدۇر مېۋە بەرسە، مەيدان، ئىمارەتلىرىمىزدىكى،ساراي، سەينالىرىمىزدىكى مەدەنىيەت نامايەندىلىرى شەكلىي ھەم ئەقلىي جەھەتتىن ئوخشاشلا ئۆز جۇلاسىنى تاپىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئالىي جاناب گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى. مەدەنىيەت ھادىسىسى بولسا پەقەت ئىنسانغىلا تەۋە بولغان، بىباھاخاسلىقتۇر.
   شۇڭا بىزمەدەنىيەتلىك ئائىلە، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش خىزمىتىدە شەكىلگە ئەمەس ماھىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق بىرجەمئىيەتنىڭ، ۋە شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە، مائارىپ تەلىم-تەربىيىسىگە، ئىلمىيلىك سۈپىتىگە باھا بېرىشتىمۇ، تەھقىقكى، شۇ يەردىكى خەلق ئاممىسى، پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالاتى كۆزدە تۇتىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ مەدەنىيەت ئالدى بىلەن قاندا، قەلبتە بىخ سۈرۈپ، پورەكلىسە ئاندىن جەمئىيەت گۈزەللىشىدۇ.مەدەنىيەت يەنە ئالدى بىلەن كەڭ ئاۋامنىڭ ۋۇجۇد ئالىمىدە خۇددى كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك جىمىرلاپ، جىلۋە قىلىپ تۇرسا، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىزدە مۇتلەق ھالدائۆز ئىپادىسىنى تاپسا، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرە رازىمەنلىككە ئىگە بولۇپ،سۆيۈنۈشلۈك تۈس ئالىدۇ. يەنە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق،سەمىمىيەتلىك ۋە  مەسئۇلىيەتچانلىق،باھادىرلىق ۋە مېھرىبانلىقتەك نۇرانە خىسلەتلەر قەلىب دەريالىرىدا ھەر ۋاقىت، ھەرزامان تاشقىنلاپ تۇرسا، نىھايەت، ئەنە شۇ چاغ بولغاندا بىز تەلپۈنىۋاتقان ئانا مەدەنىيەتنىڭ ئاسمىنى ئۆزلىكىدىن سۈزىلىدۇ. «ئىنساننىڭ ئىنساننى ئويغىتىشى  مانا بۇ ۋەھىي» دەيدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت-تارىخ ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەزرەتلىرى بىر سۆزىدە. دېمەك،بىر روھىي سۈزۈلۈش بىزگە يېقىنلاپ كەلمەكتە. بۇ سۈزۈلۈش سۆيۈلۈشتىن ئىبارەتتۇر بەلكىم. ئۈمىدۋارلىق ھەم سەۋرىچانلىقمۇ مەدەنىيەتنىڭ، ئىلىمنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. «بىرمىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئاشۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نەپەس ئالىدىغان ھاۋاسى» دېگەن ئىدى، ياش ئالىم ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى بىر چاغدا. دىللار تۇيۇپ تۇرۇپتۇ، مېھرى- مۇھەببەتكە تولغان، راستچىللىق، لەۋزى ھالاللىق ئەل-ئاۋامنىڭ پەزىلىتىگە، ئىرادىسىگەئايلانغان، جىمىكى مەخلۇقات، جان-جانىۋارلىرى ئويغانغان، ئىلىم سۆيەرلىك،مەرىپەتپەرۋەرلىك چوڭقۇرلىغان، كېڭەيگەن، ئادەملىك، چىن ئىنسانلىقنىڭ باغلىرى ئاينىغان، باراقسان بولغان، تېخىمۇ گۈزەل، ھۆسنىگە تولغان بىر مەدەنىيەتلىك دەۋرنىڭ نەۋ باھاردەك ئىللىق تېڭى چوقۇم يورۇيدۇ.

0

تېما

3

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22651
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 16:06:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يوللىدىم كەچۈرگەيسىلەر . بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۇپ بىر تىما قىلىپ قويسەڭلار  كۆپرەك كىشلەر كۆرسە ئاللا سىلەردىن رازى بولار . خەنچە مۇنبەردىن كۆرۈپ ، ئۆرۈم يوللاپ قوياى دىسەن سەۋيەم چەكلىك بولغانلىقتىن ئىمكان بولمىدى .
http://pan.baidu.com/disk/home#d ... 4%E8%B5%84%E6%BA%90
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

37

دوست

4891

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1539
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 18:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ تارماقلىرى بۇ ماقالىنى كۆرەمدىغاندۇ؟
ئۇلار تەتىللەردە مۇئەللىملەرنى ئاتالمىش سىياسىي ئۆگۈنۈشكە زورلىغاندىن كۆرە مونۇ ماقالىنى بۈتۈن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان - قېنىغا سىڭدۈرىۋىتەلىگەن بولسا - ھە؟

0

تېما

0

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 621
توردىكى ۋاقتى: 316
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 18:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىزنى ھەقىقەتەن دۇرۇس تەھلىل قىپسز،كۆپ قىسىم ئاتا -ئانىلارنىڭ سەبىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغانغا چولىسى يوق، ۋاقتى بولسىمۇ  ساپاسى يوق!ساپاسى بولسىمۇ ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش تەدبىرىنى تۈزىدىغان يۈرەك يوق...

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 19:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە تۈپەيلى، مەكتەپ مەكتەپكە، مائارىپ مائارىپقا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىماي قالدى. بۇ مەسىلە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشمىسا، باشقا ئۇششاق ئاماللار ئەسقاتمايدۇ. يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان يۇقىرى سىياسىتىدىكى يوچۇق ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئەلۋەتتە ئىللەت ۋە مەسىلىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كەتتى.

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 19:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىما ئىگىسى بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپلەردىكى ھازىرقى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى بايان قىپتۇ،ئالتىنچى سىنىپنىڭ بالىسىنىڭ كىتاپنى دۇدۇقلاپ ئوقىيالماسلىقى بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،بىزنىڭ ۋاقىتلاردا ئالتىنچى سىنىپ ئەمەس بىرىنچى سىنىپتىلا ساۋادىمىز چىقىپ كىتاپنى دۇدۇقلىماي ئوقۇيدىغان ھالغا كەلگەن، ئەمدى بۇ پاجىئەنى مەكتەپتىن كۆرىمىزمۇ ياكى ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىدىنمۇ.

5

تېما

11

دوست

3875

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1222
توردىكى ۋاقتى: 483
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 22:51:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akkogil يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 16:06
تىمغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يوللىدىم كەچۈرگەيسىلەر . ب ...

مەن ئاچالمىدىممۇ ياكى نىمە سەۋەپ ،ھىچنىمە يوققۇ؟

1

تېما

0

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8231
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 337
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 13:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە مەدەنىيىتى-- مىللەت مەدەنىيىتى دېسەك ئەڭ توغرا بولارمىكى ...........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )